ئىنتىزام -كەسىپنى قەدىرلەشنىڭ ئاساسىدۇر

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-21 21:40:22

ئىنتىزام -كەسىپنى قەدىرلەشنىڭ ئاساسىدۇر كارخاناڭ ۋە خادىملىرىڭنىڭ ئىنتىزام ئېڭى كۈچلۈك بولسا، تېگىشسىز مۇرەسسە ۋە باھانە – سەۋەبلەرگە ھەرگىز يول قويمايسەن. سۈپەت، خىزمەت پوزىتسىيىسى قاتارلى...

    ئىنتىزام -كەسىپنى قەدىرلەشنىڭ ئاساسىدۇر


       كارخاناڭ ۋە خادىملىرىڭنىڭ ئىنتىزام ئېڭى كۈچلۈك بولسا، تېگىشسىز مۇرەسسە ۋە باھانە – سەۋەبلەرگە ھەرگىز يول قويمايسەن. سۈپەت، خىزمەت پوزىتسىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى شۇ ھامان بايقىيالايسەن، بۇ ھالدا سېنىڭ خىزمەتلىرىڭدە يېڭى يۈكسىلىش كۆرۈلمەي قالمايدۇ.ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى، جەڭگىۋارلىقى ۋە ئىلگىرىلەشچانلىقى كۈچلۈك توپنىڭ ئىنتىزامچان توپ بولۇشى؛ شۇنىڭدەك تەشەببۇسكار، ساداقەتمەن، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان خادىمنىڭ ئىنتىزامچانلىقى كۈچلۈك خادىم بولۇشى ناتايىن. ئىنتىزام مەڭگۈ ھالدا ساداقەتمەنلىكنىڭ، كەسىپنى قەدىرلەشنىڭ، ئىجادچانلىقنىڭ، ئومۇمىيلىقنىڭ ئاساسىدۇر. بىر كارخانىغا نىسبەتەن ئىنتىزام بولمىسا، ئۇنىڭ ھېچنېمىسى بولمىغانغا باراۋەردۇر. غەربىي پوينتتا كۇرسانتلارنىڭ ئىنتىزام جەھەتتىكى چېنىقىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. چېنىقىشنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش تەپسىلى قائىدە – تۈزۈملەر ۋە جازالاش چارىلىرى تۇرغۇزۇلغان. مەسىلەن: كۇرسانتلار ھەربىي ئىنتىزام ياكى ھەربىي قىياپەتكە خىلاپلىق قىلىپ قالسا، يۈرگۈزۈلىدىغان جازا تۆپىسىدە ھەربىي فورما، مۈرىسىدە مىلتىق بولغان ھالدا مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى بىر قورۇنى ھۆرمەت قەدىمىدە ئايلاندۇرۇش بولۇپ، بۇ ئايلاندۇرۇش كۆپ بولغاندا نەچچە ئون سائەت، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر قانچە سائەت داۋاملىشىدۇ. بۇ جەھەتتە خاتىرىگە ئېلىنمىغان ئاجايىپ ئىشلار سان -ساناقسىزدۇر. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئېزنخاۋېر غەربىي پوينتقا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تەنھەرىكەت مەيدانىدىكى چۈجە دېگەن ئۈنۋانغا ئېرىشىپتىكەن. ئۇ بەك ئىختىيارىي بولغاچقا، ھە دېسىلا جازاغا قېلىپ، قاچانلا قارىسا خۇددى ئېتىز – ئېرىقلاردا ئۇيان مېڭىپ، بۇ يان مېڭىپ دانلاپ يۈرگەن چۈجىدەك مەيداندا ئالدىغا مېڭىپ، ئارقىغا يېنىپ يۈرگەچكە بۇ مۇبارەك نامغا قالغانىكەن. ئىنتىزام جەھەتتىكى چېنىقىش تۇنجى يىلى تاماملىنىدۇ. غەربىي پوينتنىڭ قارىشىدا، بىر ئادەمنى ئىنتىزام جەھەتتىكى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق جاپالىق شارائىتتا قانداق خىزمەت قىلىش ۋە قانداق ياشاشقا كۆندۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: كۈندىكى فورمىلىق چېنىقىشقا يۇقىرى يىللىقنىڭ كۇرسانتلىرى مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ھېلى يىغىلىپ سەپلىنىشىمىزگە بۇيرۇق بەرسە، ھېلى ياتىقىمىزغا كىرىپ ئاق – كۈل رەڭ يۈرۈشتۈرۈلگەن فورمىمىزنى يەڭگۈشلەپ بەش مىنۇت ئىچىدە قايتىپ چىقىشىمىزنى ھەمدە تەكشۈرۈشكە ھازىرلىنىپ بولدۇمدەپ دوكلات قىلىشىمىزنى بۇيرىسا، ئارقىدىنلا سىنىپ باشلىقىمىز كۈل رەڭ فورمىمىزنى يەڭگۈشلەپ چىقىشىمىزغا بۇيرۇيتتى. پۈتكۈل جەرياندا بۇيرۇققا شەرتسىز ئەمەل قىلىش كېرەككى، باھانە كۆرسىتىشكە قىلچە بولمايتتى. بۇنداق چېنىقىش توپتوغرا بىر يىل داۋاملىشىدۇ، ئىنتىزام قارىشى ھەر بىر كۇرسانتنىڭ قەلبىگە مىختەك ئورۇنلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق چېنىقىش ھەر بىر كۇرسانتقا ئادەم ئۈچۈن ئومۈر بويى قەدىر – قىممەت كەلتۈرىدىغان غۇرۇر، ئىشەنچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن ئىبارەت مەنىۋى خىسلەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ. مەن غەربىي پوينتتا ئىنتىزام جەھەتتىكى چېنىقىشتىن ئۆتمىگەن بولسام، بىر لاياقەتلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىرى بولالمىغان بولاتتىم. مەن كېيىنكى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت كەسپىي ھاياتىمدا قول ئاستىمدىكى ھەر بىر خادىمغا غەربىي پوينتتا ئۆزلەشتۈرگەن ئىنتىزام قارىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىڭدۈرۈپ، كارامەت مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتىم. نەتىجىدە ئىنتىزامنىڭ رولى ۋە مۇھىملىقىنىڭ، كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدىنمۇ زور بولىدىغانلىقىنى بايقاپ يەتتىم. كارخانىمىز ۋە خادىملىرىمىزنىڭ ئىنتىزام ئېڭى كۈچلۈك بولسا، تېگىشسىز مۇرەسسە، باھانە -سەۋەبلەرگە ھەرگىز يول قويمايمىز. سۈپەت، خىزمەت پوزىتسىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى شۇ ھامان بايقىيالايمىز، بۇ ھالدا خىزمەتلىرىمىزدە يېڭى يۈكسىلىش كۆرۈلمەي قالمايدۇ. بۇ جەھەتتە بۈيۈك گېنېرال بادوننىڭ ئېيتقانلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى: بىز ئىنتىزامچانلىق جەھەتتىكى چېنىقىشنى 2018 – يىلىغا بارغاندا ئاندىن باشلىشىمىز كېرەكمۇ، گېرمانىيىلىكلەر بۇ ئىشنى تاماملاپ بولغانغا نەۋاق. سەن ھەر قاچان ھەرىكىتىڭ تېز، روھىڭ جۇشقۇن، ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان مۇشۇنداق چېچەن ئادەم بولۇشۇڭ كېرەك. شۇندىلا ئۇرۇشقا ئاز قالغاندا ھاياتىڭدىن خەۋپسىرەيدىغان ئاشۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالمايسەن. سەن ئويلىنىشتىن كېيىن ھەرىكەتلىنىدىغان ئىشنى قىلماسلىقىڭ، بەلكى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئاۋۋال ھەرىكەتلىنىپ ئاندىن ئويلىنىشىڭ، جەڭدىن كېيىن ئويلىنىشىڭ كېرەك. ئىنتىزام بولغاندىلا سېنىڭ تىرىشچانلىقىڭ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتىڭ بىكار كەتمەيدۇ. ئىنتىزام بولمىسا قەھرىمانلىق بولمايدۇ، بۇ ھالدا سەن ھاڭگىرت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز ھالدا ئۆلۈپ كېتىسەن. ئىنتىزام بولغاندىلا يىمىرىلمەس ئورۇنغا ئۆتەلەيسەن. كارخانا ۋە كارخانا خادىملىرى ئۈچۈن كەسىپنى قەدىرلەش، بويسۇنۇش، ھەمكارلىق قاتارلىق مەنىۋى ئامىللارنىڭ ئورنىنى ھەر قاچان ھەر قانداق نەرسە ئالالمايدۇ. بىراق ھەر قانداق خادىمدا بۇ پەزىلەتلەر تۇغۇلىشىدىنلا بولمايدۇ، ھېچكىممۇ تۇغۇلىشىدىنلا باھانە كۆرسەتمەيدىغان ياراملىق خادىم ئەمەستۇر. شۇڭا ئۇلارنى تەربىيىلەش، ئۇلارغا بۇ پەزىلەتلەرنى سىڭدۈرۈش تولىمۇ مۇھىمدۇر، خۇددى غەربىي پوينت بىزدىن كىيىنىشىمىز ۋە تۇرقىمىزنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز تەلەپ قىلىپ ھەممىمىزنى بىر تۈرلۈكلا ئىنتىزام بار، ئۇ بولىسمۇ مۇكەممەللەشكەن ئىنتىزامدۇر دېگەن ئۇقۇمغا كەلتۈرگەنگە ئوخشاش. بۇ جەھەتتىمۇ يەنىلا بادون گېنېرالغا مۇراجىئەت قىلايلى. جورجى فۇدنىڭ جورجى بادوننىڭ گۇرۇپپىۋاي ئارمىيىسى دېگەن كىتابىدا مۇنداق يېزىلغان: 1943-يىلى 3 -ئاينىڭ 6 -كۈنى، بادون خەتەرلىك بىر پەيتتە 2-ئارمىيىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ 2-ئارمىيىگە پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئۇ ماشىنىسى بىلەن ھەر بىر قىسىم، ھەر بىر گازارما رايونىغىچە باراتتى. ھەر بىر قىسىمغا بارغاندا گالىستۇك، پاچاقلىق، پولات قالپاق، يان قورال، بۇرۇت-ساقاللارنى كۈندە قىرىشقىچە بولغان كىچىك ئىشلار ھەققىدىمۇ ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەكىتلەپ ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي تەنبىھ بېرەتتى. بادون مۇشۇ تۈپەيلى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنمايدىغان گېنېرال دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق 2 -ئارمىيىدە تېز ئارىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلدى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا شەرەپ تۇيغۇسىغا، جەڭگىۋارلىققا ئىگە، مۇستەھكەم بىر قوشۇنغا ئايلاندى…  بادوننى ئامېرىكا تارىخىدىكى خاراكتېرى ئەڭ كۈچلۈك تۆت يۇلتۇزلۇق گېنېرال دېيىشكە بولسىمۇ، بىراق ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، يۇقىرىغا بويسۇنۇش جەھەتتە قىلچە ئېزىمايدۇ. ئارمىيىگە نىسبەتەن ئىنتىزامنىڭ ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىملىقى، ھەربىي بولغۇچىلارنىڭ بويسۇنۇشى كەسىپنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ئىكەنلىكى ئۇنىڭغا چوڭقۇر ئايان بولغاچقا، ئىنتىزام قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، ئەسكەرلەرنىڭ ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى تۈپ كاپالەت. شۇڭا ھەربىر ئەسكەرنىڭ قېنىغا شۇنداق سىڭىپ كەتسۇنكى، ئۇنىڭدىكى تەخىرسىزلىك، ھەتتا جەڭدىكى جىددىيلىكتىن، ئۆلۈمدىكى ۋەھىمىدىن كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. پەقەت بىر تۈرلۈكلا ئىنتىزام بار. ئۇ بولسىمۇ مۇكەممەللەشكەن ئىنتىزام. سەن ئىنتىزامنى ئىجرا قىلمىساڭ، ئۇنى قوغدىمىساڭ، ئۇ ھالدا سەن يوشۇرۇن قاتىلغا ئايلىنىپ قالىسەن دەپ قارايدۇ. بادوننىڭ ئىنتىزامنى شۇ دەرىجىدە تونۇشى، شۇ دەرىجىدە ئىجرا قىلىشى، قول ئاستىدىكىلەرگىمۇ شۇ تەلەپنى قويۇشى - ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.بەزىلەر قوپالراق بادوننى ھەرگىزمۇ كەسكىن، سالاپەتلىك پەرمانچى ئەمەس، دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە بۇ لىللا ئەمەس. بادون ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ قويۇش ۋە بۇيرۇقنى چۈشۈرۈپ قويۇش بىلەن بولدى قىلمايدۇ، بەلكى ئاساسىي قاتلامغا، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ كۆزىتىدۇ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پىكىرىنى ئالىدۇ، ھەتتا ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قوماندانلىق قىلىپ قوشۇندىكىلەرگە گېنېرالنىڭ ئۆز ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بولغان ساداقىتى ۋە پىداكارلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىنتىزام