بىلنىڭ كىچىك قىزى

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-04 00:00:00

بىلنىڭ كىچىك قىزى | Bill's Little GirlZona GaleئىنگلىزچىدىنHechkim تەرجىمىسىئايالى ئۆلۈپ كەتكەندە بىل 30 ياشتا، كىچىككىنە مىنا بولسا تۆت ياشتا ئىدى. بىل ياغاچچىلىق دۇكىنىنى ھويلىسىغىلا قۇرۇۋالغانىدى، شۇند...

    بىلنىڭ كىچىك قىزى | Bill's Little Girl

    Zona Gale

     

    ئىنگلىزچىدىن Hechkim تەرجىمىسى

     

    ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندە بىل 30 ياشتا، كىچىككىنە مىنا بولسا تۆت ياشتا ئىدى. بىل ياغاچچىلىق دۇكىنىنى ھويلىسىغىلا قۇرۇۋالغانىدى، شۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆيىدىن، دۇكىنىدىن ھەم قىزىدىن بىراقلا خەۋەر ئالالايتتى: قىزى دائىم ھويلىدا ئوينايتتى. بىل بىر ئىش بىلەن بىردەملىك سىرتقا چىقماقچى بولغاندا، قىزىدىن ئايال قوشنىسى خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى.

     

    بىل قازان بېشىغىمۇ خېلى پىششىق ئىدى: ياڭيۇ قورۇمىسى، قەھۋە، قازان نېنى، سۈرلەنگەن گۆش... لەرنى قىلالايتتى. ئايال قوشنىسى ئۇنىڭغا بۇ تاماقلارنىڭ ھەرگىزمۇ تۆت ياشلىق كىچىك قىزنىڭ تامىقى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەندىلا، ئۇ قوشنىسىدىن ئۇن ۋە كۆكتات تائاملىرىنىڭ ئېتىشنى ئۆگىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى، ۋە تېزلا ئۆگىنىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ تاماقلارنى - گەرچە دائىم كۆيدۈرىۋەتسىمۇ - ھەر كۈنى ئېتىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ ئۆيلەرنى تولۇق، زېھىن قويۇپ سۈپۈرەتتى، لېكىن دائىم بۇلۇڭلارنى ئۇنتۇپ قالاتتى، ۋە سۈپۈرگىنى قويۇپلا ئۆيدىكى ھەممە نەرسىنى سۈرتۈشكە مەجبۇر بولاتتى؛ ئۇ دائىم «مەن دېرىزە سۈرتسەم، سۈرتۈشتىن بۇرۇن سىرتتا كۆرگەن نەرسىلەرنى سۈرتكەندىن كېيىن كۆرەلمەيمەن» دەيتتى. ئۇ مىنانىڭ كىچىككىنە كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ياماپ بېرەتتى، ئۇنىڭغا قونچاق تىكىپمۇ بېرەتتى. بىر كۈنى ئۇ مىناغا كىچىك بىر مۈشۈكمۇ تېپىپ بەردى.

     

    مىنا مەكتەپكە بارغۇدەك بولغاندا، بىل قىزىنى ھەر كۈنى سەھەر مەكتەپكە ئاپىرىپ چۈشتىن كېيىن ياندۇرۇپ كەلدى. بىر كۈنى ئۇ ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۇنىڭ سىنىپىغا باردى. بىراق ئۇ رەڭلىك قەغەزلەر، ھەر خىل كورۇپكىلار بىلەن ئوينىلىدىغان ئويۇنلارنى قەتئىي چۈشىنەلمەي قايتىپ كەلدى، ئاندىن ئىككىنچى بارمىدى.

     

    مىنا ئالتە ياشقا كىرگەندە بىل ئۆزىنىڭ كېسەللىكىنى ھېس قىلدى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ دوختۇرخانىغا باردى. قايتىپ كېلىپلا دۇكىنىغا كىرىپ ناھايتى ئۇزۇن تۇردى، ئەمما ھېچنېمە قىلمىدى. قۇياش نۇرى ئۆينى يوپيورۇق قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ ساقىيالمايدۇ، دوختۇر ئۇنىڭغا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئالتە ئاي ئۆمرى بارلىقىنى ئېيتقانىدى...

     

    ئۇ مىناغا قارىدى، قىزچاق دادىسى تىكىپ بەرگەن قونچاققا ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىتىۋاتاتتى.

     

    شۇ ئاخشىمى يېتىشتىن بۇرۇن قىزچاق ھەر كۈندىكىدەك ئۇنى سۆيۈپ قويماقچى بولغاندا، بىل باھانە كۆرسەتتى، ئۇ ئەمدى قىزىنى ھەرگىز سۆيەلمەيدۇ! ئۇ قىزىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ: «مىنا چوڭ بولدى، ئۇ ئەمدى دادىسىنى سۆيمەيدۇ» دېدى. قىزچاقنىڭ ئۈمچەيگەن چىرايىنى كۆرگەن بىل قاتتىق ئازابلاندى ۋە ئەتىسىلا باشقا بىر دوختۇرغا كۆرۈندى، دوختۇر ئوخشاش نەتىجە چىقاردى.

     

    ئۇ قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ناھايتى ئۇزۇن ئويلىدى. ئۇ نېبراسكىدىكى سىڭلىسىنى ئويلاپ باقتى، لېكىن ئۇ ناھايتى جاپاكەش بىر ئايال. بىلنىڭ ئايالىنىڭ بىر ئىنىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر ئالىقاپ. يەنە كىچىك مىنا، ئۇنىڭ كىتابلىرى، رەسىملىرى ۋە ناخشىلىرى... بىل قىزىنى چۈشىنەلەيدىغان ئىشەنچلىك بىرەيلەننى تېپىشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ ئارانلا ئالتە ئاي ۋاقتى بار... قوشنىسى ئۇنىڭغا قىزچاق بىلەن بىللە تۇرىۋېرىشى ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتقاندا، ئۇ كېسەل ئازابىدىن دەھشەتلىك يۆتىلىپ تۇراتتى. ئۇ قارار چىقىرىدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى.

     

    ئۇ كۈنى ئۇ دۇكىندا بولدى. قىزى ھويلىدا ئويناۋاتاتتى. ئۇ قىزىنىڭ ناخشىسىنى ھوزۇرلىنىپ ئاڭلىدى. شۇ كېچىسى ئۇ كەچلىق تاماق تەييارلىدى ۋە قىزى يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ ناھايتى ئۇزۇن تۇردى. ئۇ قىزىنى كۆتۈرۈپ كارىۋېتىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ كەينىگە يانغاندا، قاراڭغۇلۇقتا قىزىنىڭ پىچىرلىشىنى ئاڭلىدى: «بۈگۈن مەن كىچىك قىز، مېنى سۆيۈپ قويۇڭچۇ دادا...» بىل بېشىنى كەسكىن چايقىدى: «ياق، چوڭ قىز، مېنىڭ قىزىم چوڭ بولدى»

    پۈتۈن بىر كېچە ئويلاندى. ئاندىن گېزىتكە ئېلان بەردى.


    «قىسقىلا ئۆمرى قالغان بىر دادا، قىزىنى بېقىۋالىدىغان ياخشى ئادەم ئىزدەيدۇ. ئالتە ياش، كۆزلىرى كۆك. تەپسىيلى ئەھۋالىڭىز تەلەپ قىلىنىدۇ.»

     

    _________________________

    ئاپتور ھەققىدە:
    ئاپتور Zona Gale ئامېرىكا يازغۇچىسى ۋە درامماتورگى. 1874-يىلى تۇغۇلۇپ، 1938-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ 1920-يىلى ۋەكىللىك ئەسىرى "لۇلۇ بېت خانقىز | Miss Lulu Bett" رومانىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۆزى بۇ روماننى سەھنىلەشتۈرۈپ، كېيىنكى يىلى، يەنى 1921-يىلى مۇشۇ ئەسىرى ئۈچۈن پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇشۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ئايال يازغۇچى بولۇپ قالدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.