ئوبامانىڭ غەلبە نوتۇقى(تولۇق ئۇيغۇرچە نۇسخسى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-10 04:35:14

ئوبامانىڭ غەلبە نوتۇقى باراك ئوباما ئامىرىكا يەرلىك ۋاقتى بىلەن 4-نۇيابىر كەچتە ئامىرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن،چىكاكو شەھىرىنىڭ گىلاند باغچىسىدا ئامىرىكا خەلقىگە نوتۇق سۆ...



    ئوبامانىڭ غەلبە نوتۇقى

     


    باراك ئوباما ئامىرىكا  يەرلىك ۋاقتى بىلەن 4-نۇيابىر كەچتە  ئامىرىكىنىڭ يېڭى  زۇڭتۇڭى  بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن،چىكاكو شەھىرىنىڭ گىلاند باغچىسىدا ئامىرىكا خەلقىگە نوتۇق سۆزلىدى. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ  غەلبە نوتۇقى:

     

    ياخشىمۇ سەن،چىكاكو.
    ئامىرىكا  ھەر قانداق ئىش  يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى  بولغان جاي، ئەگەر بۇنىڭدىن  يەنە گۇمانلىنىدىغانلار بولسا، ئەگەر  ئامىرىكىنى  بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى  بىزنىڭ  دەۋرىمىزدە يەنىلا ھاياتى  كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلار بولسا،بىزنىڭ دىموكراتىك تۈزۈمىمىزدىن  يەنە  گۇمانلىنىدىغانلار  بولسا، بۈگۈن كەچ ئۇلار جاۋاپ تاپالايدۇ.
    مەكتەپ ۋە چىركاۋلاردا ئىلگىرى  كۆرۈلۈپ باقمىغان  بىلەت  تاشلاش  ئۇزۇن قوشۇنى ئۇلارغا جاۋاپ بىرىدۇ، بۇ دۆلەتتە  ھىچقاچان بۇنداق كۆپ  كىشى  بىلەت تاشلاشقا  قاتنىشىپ باقمىغان، كىشىلەر 3-4سائەت رەتتە  تۇرۇپ بىلەت تاشلىدى، چۈنكى ئۇلار بۇ قېتىمقى   ئاۋاز بىرىشنىڭ ئىلگىركىگە ئوخشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

     


    بۇ ياشلار بىلەن ياشانغانلار، بايلار بىلەن كەمبەغەللەر، دىموكراتلار  پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەر، قارا تەنلىكلەر بىلەن ئاق تەنلىكلەر، ئىسپانىيە پۇشتىن بولغانلار، ئاسىيالىقلار  پۇشتىدىن بولغانلار،ھىندىئانلار، مىيپلار ۋە بىجىرىم  كىشىلەر  بەرگەن جاۋاپ. ئامىرىكىلىقلار دۇنياغا ئۇچۇر  چىقاردى: بىز  قىزىل شىتات بىلەن كۆك شىتاتنىڭ ئاددىن يىغىندىسى ئەمەس،بىز مەڭگۈ  ئامىرىكا فىدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتى.
    بۇ كىشلەرنى  يىتەكلەيدىغان جاۋاپ. نۇرغۇن كىشىلەر خىلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە بىزگە بۇ جاۋاپنى ئىيتقان. بۈگۈن كەچتە بىز سايلامدا ھەركەت  قوللاندۇق،ئۆزگىرىش- ئامىرىكىغا يېتىپ كەلدى.
    (ئوباما سايلامغا ياردەم بەرگەن، قوللىغان كىشىلەرنى  بىر-بىرلەپ تىلغا ئىلىپ  تەشەككۇر بىلدۈرى، بۇ قىسمى قىسقارتىلدى)
    لىكىن ھەممىدىن  موھىمى، مەن بۇ قېتىمقى  غەلبىنىڭ كىمگە  مەنسۇپ  ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن، ئۇ سىلەرگە  مەنسۈپ.
    مەن بۇ ئۇرۇنغا ئىگە بولۇش ئىشەنچىسى ئەڭ چوڭ  نامزات ئەمەس ئىدىم. بىزنىڭ سايلام  پائالىيىتىمىز  ۋاشىنگىتوندا  باشلانغان ئەمەس، بەلكى دىمىئىن، كاڭكىد،چارىستون قاتارلىق  جايلاردىكى  ئادەتتىكى  كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە باشلانغان. ئۇ يەردىكى جاپاكەش ئىشچىلار ئۆزىنىڭ ئازغىنە ئامانەت  پۇلىدىن 5ئامىرىكا دوللىرى، 10ئامىرىكا  دوللىرى،20ئامىرىكا  دوللىرى ئىئانە قىلدى. بىزنىڭ سايلام پائالىيىتىمىز  ياشلارنىڭ  قوللىشى بىلەن تېخىمۇ زورايدى. ياشلار  ياشانغانلارنىڭ< ياشلار  سىياسىيغا قىزىقمايدۇ> دىگەن سۆزىنى رەت قىلدى. ئۇلار ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ  مائاش ئاز ھەمدە جاپالىق ئىشلارنى قىلىدۇ. سايلام پائالىيىتىنىڭ كۆلىمى  يەنە   ياشىنىپ قالغانلاردىنمۇ كەلگەن،ئۇلار  سوغۇققا قارىماي، ناتونوش كىشىلەرنىڭ  ئىشىكىنى چىكىپ   سايلام تەشۋىقاتى ئىلىپ بارغان؛ سايلام پائالىيىتىنىڭ كۆلىمى يەنە  نەچچە مىليۇن ئامىرىكا خەلقىدىن كەلگەن، ئۇلار  سايلامدا پىدائى ۋە تەشكىللىگۈچىلەر بولدى. ئۇلار 200يىلدىن كىيىن خەلق ئىگە بولغان، خەلق ئىدارە قىلىدىغان، خەلق بەھرىمان بولىدىغان  ھۆكۈمەتنىڭ  يەر شارىدىن  غايىپ بولمىغانلىقىنى  ئىسپاتلىدى، بۇ سىلەرنىڭ  غەلبەڭلار.
    مەن سىلەرنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىڭلارنىڭ پەقەت  سايلام غەلبىسىگە ئىرىشىش ئۈچۈنلا ئەمەسلىكىنى  بىلىمەن، مەن سىلەر قىلغان بارلىق ئىشلىرىڭلارنىڭ پەقەت مەن ئۈچۈن ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىمەن.سىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىڭلار  ئالدىڭلاردىكى  ۋەزىپىنىڭ نەقەدەر مۇشكۇل ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكلار.

     


    ئالدىمىزدىكى  يول ئۇزۇن ۋە مۇشكۇل.بىز نىشانىمىزنى  بىر يىل ھەتتا  مەن زۇڭتۇڭ بولغان 4يىلدا  ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن،ئەمما مەن ھىچقاچان بۈگۈنكىدەك زور ئۈمۈدكە تولغان ئەمەس،بىز نىشانىمىزنى  چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز. مەن سىلەرگە  ۋەدە بىرىمەن: بىز بىر پۈتۈنلىك  بولۇش سۈپىتىمىز  بىلەن  نىشانىمىزغا چوقۇم يېتىمىز.
    بىز ئىشنى ئوڭۇشسىزلىق ۋە  مەغلۇبىيەتتىن باشلايمىز.زۇڭتۇڭ  بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن چىقارغان ھەربىر قارار  ياكى تەدبىرگە  نۇرغۇن كىشىلەر باشقا قاراشتا بولىشى مۇمكىن، بىزگە ئايان ھۆكۈمەت  ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىپ كىتەلمەيدۇ. ئەمما مەن بىز يولۇققان  رىقابەتلەرنى چوقۇم سىلەرگە ئەينەن ئېيتىمەن، مەن سىلەرنىڭ پىكىرىڭلارنى ئالىمەن، بولۇپمۇ  ئوخشىمىغان پىكىردە بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىمەن. ئەڭ موھىمى مەن سىلەردىن  بۇ دۆلەتنى  قايتا قۇرۇشقا  قاتنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن-خۇددى ئامىرىكىنىڭ 221يىللىق تارىخىدا قىلچە ئۆزگىرىش  بولمىغان شەكىلدە:ھەممە بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ تېرىشىش.

     


    بىز ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز ،بارلىق كىشىلەر  بۇنىڭغا قەتئى  قاتنىشىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلىشى كېرەك، بۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن شۇنداقلا باشقىلار ئۈچۈن. بىز بۇ نوقتىنى ئەستە ساقلىشىمىز  كېرەك.
    بۇ دۆلەتتە بىز جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولىمىز. بىز  كونا يولدا قايتا  مىڭىشنىڭ ئىزىقتۇرۇشىغا قارشى  تۇرايلى...
    سايلامدا  ماڭا  بىلەت تاشلىمىغان ئامىرىكىلىقلارغا شۇنى دىمەكچى:مەن سىلەرنىڭ   بىلىتىڭلارغا ئىرىشەلمىگەن  بولىشىم مۇمكىن، ئەمما مەن سىلەرنىڭ سادايىڭلارنى ئاڭلىدىم، مەن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلەرگە مۇھتاج، مەنمۇ سىلەرنىڭ زۇڭتۇڭىڭلار.
    كىچىچە  ئامىرىكا  سايلىمغا  دىققەت قىلغان چەتئەلدىكى كىشىلەر شۇنداقلا كىشىلار  تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كىتىلگەن بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا رادىئو تىڭشاپ ئولتۇرغان كىشىلەرگە شۇنى دىمەكچى  گەرچە  بىزنىڭ بىشىمىزدىن ئۆتكەن  ئىش ئوخشاش بولمىسىمۇ ئەمما بىزنىڭ تەقدىرىمىز ئوخشاش، ئامىرىكىنىڭ يېڭى  رەھبەرلىك قاتلىمى  بارلىققا كەلدى.
    بۇ دۇنيانى  ئاستىن-ئۈستۈن قىلماقچى بولغانلارغا شۇنى دىمەكچى بىز سىلەرنى مەغلۇپ قىلىمىز.تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەرگە شۇنى دىمەكچى بىز سىلەرنى قوللايمىز. ئامىرىكىنىڭ مەشئىلى  بۇرۇنقىدەك يورۇماي قالارمۇ دەپ گۇمان قىلغان كىشىلەرگە شۇنى دىمەكچى بىز بۈگۈن كۈچتە يەنە بىر قىتىم شۇنى  ئىسپاتلىدۇقكى:بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھەقىقى  كۈچ قۇدرىتى بىزنىڭ قۇرالىمىز ياكى  بايلىق كۆلىمىمىز ئەمەس بەلكى بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈچكە ئىگە ئارزۇيىمىزدۇر، ئۇ بولسىمۇ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، پۇرسەت، تېز پۈكمەس ئۈمۈد.
    بۇ ئامىرىكىنىڭ ھەقىقى جەۋھىرى. بىزنىڭ ئامىرىكا كۈنسىرى مۇكەممەللەشمەكتە.

     


    بۈگۈن كىچە ئەستە ئۇنۇتمىغىم تەس بولغان بىر ئىش- ئاتلانتىدا  بىلەت تاشلىغان بىر ئايال بولدى. ئۇ ئەن.نىكسون.كوبور. ئۇ   بىلەت تاشلاش ئۈچۈن  ئۆچرەتتە تۇرغان نەچچە مىليۇن ئامىرىكا خەلقى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، ئەمما بىر پەرق ئۇ بۇيىل 106ياشتا.
    ئۇ تۇغۇلغان شۇ دەۋردە قۇللۇق تۈزۈم ئەمدىلا ئاياغلاشقان بولۇپ، كوچىلاردا ماشىنا، ئاسماندا  ئايرۇپىلان يوق ئىدى. ئەينى چاغدا  ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ  ئىككى سەۋەپتىن  بىلەت تاشلاش ھوقۇقى  يوق ئىدى.ئۇ ئايال ئىدى، ئۇ  قارا تەنلىك ئىدى.
    بۈگۈن كەچتە،مەن ئۇنىڭ ئۆتكەن 100يىلدا باشتىن كەچۈرگەن تۈرلۈك كەچۈرمىشىلىرىنى ئويلاپ قالدىم:ئازاپ ۋە ئۈمۈد،كۆرەش ۋە ئالغا بېسىش،ئۇ دەۋردە  بىزنىڭ بەزى ئىشلارنى قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى، لىكىن بەزى كىشىلەر ئامىرىكىنىڭ ئەقىدىسىدەيەنىلا  چىڭ تۇردى- شۇنداق،بىز  قىلالايمىز.
    ئەينى چاغدا ئاياللارنىڭ بىلەت تاشلاش ھوقۇقى يوق ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۈمۈدى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، ئەمما ئەن.نكسون.كوبۇر ئاياللارنىڭ دەس تۇرغىنىنى  كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى،ئۇ ئاياللارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز كۆزقارىشىنى  بايان قىلغىنىنى كۆردى،ئۇلارنىڭ  زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بىلەت  تاشلىغىنىنى كۆردى-شۇنداق، بىز قىلالايمىز.
    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30يىللىرىدىكى  قۇم بوران ۋە ئىقتىسادى  زاۋاللىق كىشىلەرنى ئۈمۈدسىزلەندۈردى. ئەمما ئۇ  دۆلەتنىڭ يېڭى سىياسەت، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە يېڭى نىشان بىلەن ۋەھىمىنى بىرلىكتە يەڭگەنلىكىنى كۆردى- شۇنداق، بىز قىلالايمىز.

     


    بومبا بىزنىڭ پورتلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمەت دۇنياغا تەھدىد سالغاندا،ئۇ بىر ئەۋلاد ئامىرىكىقلارنىڭ ئۇلۇغ باش كۆتۈرىشىنى كۆردى، بىر دېموكراتىك  دۆلەتنىڭ قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقىنىڭ شاھىدى بولدى- شۇنداق،بىز قىلالايمىز.
    ئۇ كوچىلاردا ماشىنا قاتنىغانلىقىنى، شەھەرلەرگە سۇ تۇرۇبىسى ئورنىتىلغانلىقىنى،كۆۋرۈك سىلىنغانلىقىنى كۆردى. ئاتلانتىدىن كەلگەن بىر دىن تارقاتقۇچى كىشىلەرگە:بىز قېيىنچىلىقلارنى  يىڭەلەيمىز، دىدى-شۇنداق، بىز قىلالايمىز.
    ئىنسانلار  ئاي شارىغا  چىقتى، بىرلىن تېمى ئاغدۇرۇلدى، دۇنيا بىزنىڭ پەن-تىخىنىكىمىز ۋە تەسەۋۋۇرىمىزئارقىلىق باغلىنىشچان بولدى. بۇيىل ئۇ كومپىيۇتىر ئارقىلىق  زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بىلەت تاشلىدى.ئۇ ئامىرىكىدا 106يىل ياشىغاندىن كىيىن،ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ قاباھەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ئۇ ئامىرىكىدا قانداق  قىلغاندا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى- شۇنداق بىز قىلالايمىز.

     


    ئامىرىكا، بىز ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئۆتتۇق. بىز نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۇق. ئەمما بىزنىڭ يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار. بۈگۈن كەچتە مەن ئۆزۈمدىن مۇنداق سۇئالنى سورىدىم: ئەگەر بىزنىڭ  بالىمىز  كېيىنكى  يېرىم ئەسىرگىچە ياشىيالىسا، ئەگەر  مىنىڭ قىزىم  ئەندەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىسە ئۇلار قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ شاھىدى بولار؟ بىز شۇ چاغداقانداق ئىلگىرلەشلەرنى  قولغا  كەلتۈرەرمىز؟
    ھازىر بىزنىڭ بۇ سۇئالغا  جاۋاپ بىرىدىغان پۇرسىتىمىز كەلدى، بۇ بىزنىڭ  ۋاقتىمىز.

     


    بۇ بىزنىڭ دەۋرىمىز- خەلقىمىز قايتا  ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان، ئەۋلادلىرىمىزغا  پۇرسەت ئىشىكى  ئىچىلغان،قايتا  گۈللىنىدىغان، تېنىچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئامىرىكا  چۈشىنى قايتا   بىكىتىدىغان ۋاقىت. بۇ بىر  ئاددى ھەقىقەتنى  يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى: بىز بىر ئائىلە  كىشىلىرى، بىزدە ئاخىرقى  نەپەس بولسىلا ئۈمۈد بار،باشقىلار بىزنى مەسخىرە قىلغاندا، بىزدىن گۇمانلانغاندا،بىزنى قىلالمايسىلەر دىگەندە بىز قەتئى ئەقىدە بىلەن ئۇلارغا جاۋاپ بىرىشىمىز كېرەك:
    شۇنداق، بىز قىلالايمىز.

     


    سىلەرگە رەھمەت، تەڭرى  سىلەرنى ئامان قىلسۇن، تەڭرى ئامىرىكا فىدىراتسىيە  جۇمھۇرىيىتىنى ئامان قىلسۇن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.