تەنھا تېۋىش

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-15 08:49:57

تەنھا تېۋىشھاياتلىغىىنىڭ خوشاللىق ئۈستىگە تەۋەللۇت بۇلىشىنى ئىستىگۈچىلەر ئارسىدا سېنىڭمۇ نىسىۋە تەلەپ قىلىشقا ھەققىڭ بار ئىدى . ئارمانلىرىڭدا مۈدۈرۈپ چۇقۇرۇپ كېتىۋاتقان ئىستەكلىرىڭ بوينىغا ...

    تەنھا  تېۋىش


    ھاياتلىغىىنىڭ  خوشاللىق ئۈستىگە  تەۋەللۇت بۇلىشىنى  ئىستىگۈچىلەر ئارسىدا سېنىڭمۇ  نىسىۋە تەلەپ قىلىشقا ھەققىڭ بار ئىدى .  ئارمانلىرىڭدا    مۈدۈرۈپ چۇقۇرۇپ  كېتىۋاتقان  ئىستەكلىرىڭ  بوينىغا  سەن ئاخىرقى مادارىڭدىن  تىل تۇمار ئېسىپ قويدۇڭ .
    ئۇزۇنغا سۇزۇلغان  بوشلۇقتا  ئازاپلىق  كەچمىچ سېنى بۇرۇختۇملۇق ھۈكۈم سۈرگەن  قارا ئۆڭكۈرگە سۆرەپ مېڭىشقا ئۇرىناتتى . ساڭا  قىسمەت  قامچىللىرى  لەۋ سۇزىۋاتىدۇ  .  ئۇنىڭ رەھىمسىز  نەشتەرلىرى  سېنىڭ  نازۇك دىلىڭغا پاتقىچە ، سېنىڭ  سەزگۈڭنى  غۇۋا  تۇمانغا ئوراپ ، جىسمىڭنى تىترىتىۋاتقان  پىنھانىڭدىكى سىمانى ،  قەيسەر  پەرمانىڭ ،  دەبدەبە بىلەن جاكالىغان غەيرىتىڭ  ئەكىس ئەتكەن كۆزلىرىڭگە ،  ئارمانىڭغا مادار جۇغلاۋاتقان  تېنىقلىرىڭغا يۇشۇرۇپ قوي ، چۈنكى سەن  ئۇنىڭغا  مەغلۇبىيتىڭنى ئەمەس ، غەلىبە  شاتلىقىڭدىن  داستان  پۈتۈپ بېرشىڭ كېرەك .  قەلبىڭدە  خىرە ئىز سالغان  ئازاپلار  سېنىڭ  ئارقاڭدىن ئىتەرسۇن ،    خىياللىرڭنىڭ مېغىزسىز  قىسىسىنى تاشلاپ كەت ، بولسا تۈكۈلگەن چېچەكلەرنىڭ ئاداققى  ھىدلىرى ، باھارنىڭ  ئىللىق قوينىغا ئەبىدىلىك دەپىنە قىلىنغاندەك .
    تەنھا تىۋىشىڭنىڭ مىسكىن شىۋىرلاشلىرىدىن  يىغلامسىراپ قالغىنىڭ نىمىسى ، ئادەم ئۇ  بۇ دۇياغا تەنھا كەلگىنىدەك ،  پېلسىراتتىنمۇ  تەنھا ئۈتۈشى كېرەك . 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر