سۇلتان ئابدۇرىشىتخان

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-28 19:13:00

مىرزا ھەيدەر كورەگانىنىڭ «تارىخى رەشىدى» ئەسىرىدە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ: سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئادالەتلىك مۇسۇلمان بولسىمۇ خۇنخور ۋە رەھىمسىز ئىدى. ئەمما بەدەن قۇۋۋىتى ۋە تەن سالامەتلىك...

        مىرزا ھەيدەر كورەگانىنىڭ «تارىخى رەشىدى» ئەسىرىدە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ:
       سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئادالەتلىك مۇسۇلمان بولسىمۇ خۇنخور ۋە رەھىمسىز ئىدى. ئەمما بەدەن قۇۋۋىتى ۋە تەن سالامەتلىكى، خۇش قامەت ۋە خۇش مۇئامىلىلىكى بىلەن يېقىنلىرى ۋە مەن كۆرگەنلەر ئارىسىدا تەڭدىشى يوقتۇر. ئوق ئېتىشتا ئاتىسى سۇلتان سەئىدخاندىن قالسا ئابدۇرەشىدخانغا تەڭ كېلىدىغان كىشى كەمرەكتۇر. پالۋانلىقتا لەھەڭ ۋە ئەجدىھا كەبىدۇر. سۆزگە ئۇستىلىقتا لەتاپەت دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ ، خۇسۇسەن روھنى كۆتۈرگۈچى ھەر قانداق سازنى شۇ قەدەر ماھىرلىق بىلەن چالىدۇكى ئۇنىڭ ئالدىدا زوھرە يۇلتۇز نەغمىسىز، بۇلبۇل ناۋاسىز قالۇر. مۇبارەك ئىستىداتى شۇ قەدەركى نەسىر تەرتىپلىرىنى نەزىم تەرەپكە تارتىدۇ، پەم-پاراسىتى ۋە گۈزەللىك ، نازۇكلۇق ھالاۋىتىنىڭ تەمىنى تاپقان ئىدى. ئېرسىيىتى پاك بولغانلىقتىن ھەممە ھۈنەرگە كامىل ئىدى. جۈملىدىن بىرى شۇكى ئابدۇرەشىدخان ئۇلۇغلاردىن بىرىگە قەغەزدىن بىر دەرەخ ياساپ ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇ دەرەخنىڭ شاخ ۋە يۇپۇرماقلىرى، گەۋدە ۋە شاخلىرى ئالامەت ياسالغان بولۇپ ھۈنەرۋەنلەر ئۇنىڭ ئاجايىپ -غارايىپلىقىغا ھەيران قالغان ئىدى. ئابدۇرەشىدخان مۇزىكىدىن باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى مەندىن ئۆگەنگەن ئىدى، بىز ئايرىلغاندىن بېرى كۆپ ھۈنەر-بىلىملەرنى ئۆگەنگەن بولۇشى كېرەك، چۈنكى تەبىئى قابىلىيەتلىك ئىدى، نىيەت قىلسا ھىچ ئىش قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى...
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تارىخى رەشىدى