ۋاقىت __ ئادىل باھالىغۇچىدۇر

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 18:35:28

ۋاقىت __ ئەڭ ئادىل باھالىغۇچىدۇر ۋاقىت بارلىق تەنقىتچىلەر ئىچىدە ئەڭ ئىقتىدارلىق، ئەڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرىدىغان تەنقىدچى . كىشلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ تەنقىدىنى قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى ۋاقىت ئادىل ...

    ۋاقىت __ ئەڭ ئادىل باھالىغۇچىدۇر

    ۋاقىت بارلىق تەنقىتچىلەر ئىچىدە ئەڭ ئىقتىدارلىق، ئەڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرىدىغان تەنقىدچى . كىشلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ تەنقىدىنى قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى ۋاقىت ئادىل باھالىغۇچىدۇر.
        چىنلىق ۋە ساختىلىق، ياخشىلىق ۋە يامانلىق، گۈزەللىك ۋە يىرگىنىشلىك كۆرۈنۈش، ئالىجاناپلىق ۋە پەسكەشلىكلەرگە ۋاقىتنىڭ مۇئەييەن باھاسى بولىدۇ. ۋاقىت ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىپ مەڭگۈلۈك ھايات قىلالايدۇ. ۋاقىت يەنە ھاياتىنى قىسقارتىپ بۇرۇن دەپىن قىلىۋىتەلەيدۇ. بىر شائىرنىڭ "بەزى كىشلەر" ناملىق شئېىرىدا : "بەزى كىشلەر ھايات، بىراق ئۇ ئۆلگەن ؛ بەزى كىشلەر ئۆلگەن، بىراق يەنلا ھايات "دەپ يازغان . بۇنىڭدىن بىز ۋاقىتنىڭ بەزىلەرنىڭ ھاياتىنى قىسقا قىلىدىغانلىقىنى، يەنە بەزىلەرگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

        گىرىك پەيلاسوپى ئېپكوروس :"دانىشمەن ئادەم ھاياتقا نىسبەتەن ،ئوزۇقلۇققا مۇئامىلە قىلغاندەك كۆپ تاللاشنى ئەمەس ،بەلكى جەۋھىرىنى تاللىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوخشاشلا ھاياتتىن بەھرىمەن بولغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى ئەمەس، شۇ ۋاقىتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكەن ئۆتمىگەنلىكى بىلەن ئۆلچەم قىلىدۇ "دىگەن ئىدى . ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياخشى ئىش ئەلۋەتتە . بىراق ئۆمۈرنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش بۇ ھاياتنىڭ قىمىتى مەسىلىسى . ۋاقىتىنىڭ تەنقىدى ئادەم ھاياتىنىڭ قىمىتىگە بولغان تەنقىد بۇلۇپ ئۇ "نامدىكى ھايات"نىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ. بەلكى ئادەمنىڭ "رىيال ھاياتىغا" قارىتىلغان. كىشلىك تۇرمۇش قارىشى بىلەن ۋاقىت قارىشى ئۆزئارا باغلىنىشلىق .كىشلىك تۇرمۇش قارىشى ۋاقىتقا نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيىدە بۇلۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ ئادەملەرنىڭ ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . دىمەك كىشلىك ھاياتقا ،ۋاقىتقا توغرا پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن توغرا كىشلىك تۇرمۇش قارىشى تۇرغۇزۇش لازىم .توغرا مۇددىئاغا يىتىش ئۈچۈن توغرا ھەرىكەت قوللىنىش ۋە توغرا نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش لازىم ، شۇنداق بولغاندا، ھاياتنىڭ قىممىتىنى توغرا تونۇپ، ئەھمىيەتلىك ياشاشقا ئاساس سالغىلى، ۋاقىتتىن ئىبارەت ئادىل ھۆكۈمدار ئالدىدا ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن ھاياتىمىزدىن جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر