بىنادىن سەكرىگۈچىنىڭ كۆرگەنلىرى

يوللىغۇچى : qunduz يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-22 23:51:00

بىر قىز تۇرمۇشىنىڭ بەك مەنىسىزلىگىنى ھېس قىلىپ، ئۆلۈۋالماقچى بولۇپ، 10 قەۋەتلىك بىر بىنادىن سەكرەپتۇ، ھەمدە پەسكە چۈشكىچە مونۇلارنى كۆرۈپتۇ.10- قەۋەتتە: ئىناقلىقتا داڭقى چىققان ئەر- خوتۇن ھەدە...

    بىر قىز تۇرمۇشىنىڭ بەك مەنىسىزلىگىنى ھېس قىلىپ، ئۆلۈۋالماقچى بولۇپ، 10 قەۋەتلىك بىر بىنادىن سەكرەپتۇ، ھەمدە پەسكە چۈشكىچە مونۇلارنى كۆرۈپتۇ.

    10- قەۋەتتە: ئىناقلىقتا داڭقى چىققان ئەر- خوتۇن ھەدەپ مۇشتلىشىۋاتقانىكەن.
    9- قەۋەتتە: تولىمۇ قەيسەر كۆرۈنىدىغان xxx كارىۋاتتا دۈم يېتىپ يىغلاۋاتقانىكەن.
    8- قەۋەتتە: xxx بولغۇسى ئىرىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بىلەن ناشايىن ئىش قىلىۋاتقاندا تۇتۇۋالغانىكەن.
    7- قەۋەتتە: xxx چۈشكۈنلۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى يەۋاتقانىكەن.
    6- قەۋەتتە: ئىشسىز يۈرگىنىگە ئۇزۇن بولغان xxx كۈندۈلۈك ئادىتى بويىچە يەتتە يۈرۈش گېزىت سېتىۋىلىپ، خىزمەت ئېلانى كۆرۈۋاتقانىكەن.
    5- قەۋەتتە: ھۆرمەتكە سازاۋەر xxx مۇئەللىم ئايالچە كىيىم كىيىپ، غەلىتە ئىشلارنى قىلىپ تۇرغۇدەك.
    4- قەۋەتتە: xxx يەنە يىگىتى بىلەن ئايرىلىپ كىتىش غەۋغاسىدىكەن.
    3- قەۋەتتە: xxx بوۋاي تېخىچە باشقىلارنىڭ ئۆزىنى يوقلاپ كىلىش خىيالىدا ئولتۇرغانىكەن.
    2- قەۋەتتە: xxx تېخىچە يوقاپ كەتكىنىگە يېرىم يىل بولغان ئىرىنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئولتۇرغىدەك.
    .......................................

    يەرگە چۈشۈشتىن بۇرۇن بۇ قىز ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بىتەلەي كىشى دەپ ئويلاتتىكەن، ھازىر ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق غېمى بارلىغىنى بىلىپتۇ، ئەپسۇس ئۇ تولىمۇ كىچىككەنىدى ......

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 0:38:29]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق