ئاپتۇبۇستا خوشلىشىش

يوللىغۇچى : kurbanismail يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-18 23:30:00

ئاپتۇبۇستا خوشلىشىش ئاپتۇبۇستا خوشلىشىش خوش دەپ تىترەپ پۇلاڭلىسا قول ئۆمچىيەر سۈيۈلگەن نازۇك لەۋمۇ ھەم. يىغلىما تۈگىدى دەپ مۇھەببەتنى سەن ئەمدى ئۇ ئۆزگىچۈن يەپ يۈرمەيدۇ غەم. يۆگىلىپ چاقلار...

                                                                                                  ئاپتۇبۇستا خوشلىشىش


         ئاپتۇبۇستا خوشلىشىش خوش دەپ تىترەپ پۇلاڭلىسا قول ئۆمچىيەر سۈيۈلگەن نازۇك لەۋمۇ ھەم. يىغلىما تۈگىدى دەپ مۇھەببەتنى سەن ئەمدى ئۇ ئۆزگىچۈن يەپ يۈرمەيدۇ غەم. يۆگىلىپ چاقلارغا ئۈمۈت يىپلىرى ئىككىمىزدىن ئالدىراپ كەتتى يىراقلاپ. نەم لېۋىڭنى ياقساڭ سوغ ئەينەككە نە ئۈچۈن يېرىلماس دەرىتتە چاراقلاپ. تىزلىنىپ چوڭ يولدا ئولتۇرغان ئىدىم ئۇچقاندەك كېتۋاتقان جىسمىڭغا قاراپ. ئېھتىمال ياش چىقماس كۆزۈندىن شۇدەم ياشلىرىم يۈزۈمگە كەتكەندۇ يامراپ. ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ئايرىلغىنىمىزغا شۇ ئىللىق تەنلىرىڭ يىنىمدا يەنە. كەچلىرى ئىچىمگە كىرسەن ئاستا ئەركىلەپ يۈزۈڭنى يېقىپ مەيدەمگە. ئارىمىزنى يوللار ئايرىپ تۇرسىمۇ بىلىمىز ئۆتمۈش ئۇنتۇلماس ھامان. ھېجراندا سېغىنىپ يۈرسەكمۇ گەرچە ئۆزگەرمەس ئىككىمىزگە تەۋە شۇ جاھان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق