دۇربۇندىكى مۇھەببەت

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-26 06:10:16

دۇربۇندىكى مۇھەببەت تەرجىمە قىلغۇچى:ئەرتاش ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋاتقىلى خېلى زامانلار بولغان ئىدى. يىگىت ئىنتايىن قورقۇنچاق بولۇپ، ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن ئاۋال قىزدىن مەسلىھەت سورايتتى. بۇ...

    دۇربۇندىكى مۇھەببەت

    تەرجىمە قىلغۇچى:ئەرتاش

     

    ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋاتقىلى خېلى زامانلار بولغان ئىدى. يىگىت ئىنتايىن قورقۇنچاق بولۇپ، ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن ئاۋال قىزدىن مەسلىھەت سورايتتى. بۇنىڭدىن قىز بەكلا بىزار ئىدى.
    بىر قېتىم ئۇلار ئىككىيلەن دېڭىزغا ساياھەتكە چىقتى. ساياھەتتىن قايتىپ كېلىش جەريانىدا، كۈچلۈك بوران ئۇلار ئولتۇرغان كىچىك كېمىنى ئۆرىۋەتتى. كېمىنى بوران ۋەيران قىلىۋەتكەچكە، ئۇلار بىر پارچە تاختايغا ئېسىلىۋالدى. قىز يىگىتتىن:
    _قورقتىڭىزمۇ؟_ دەپ سورىدى. يىگىت يېنىدىن بىر كىچىك مېۋە ئاقلاش پىچىقىنى چىقىرىپ:
    _ قورقتۇم، ناۋادا لەھەڭ كېلىپ قالسا، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىمەن،_ دىدى. قىزچاق يىگىتكە قاراپ ئاچچىق كۈلۈپ قويدى.
    ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر يۈك پاراخوتى ئۇلارنى بايقاپ قالدى. قىز - يىگىت خوشاللىققىنى باسالماي تۇرغان پەيتتە، بىر توپ لەھەڭلەر ئۇلار تەرەپكە قاراپ ئۈزۈپ كەلدى. قىزچاق:
    _بىز كۈچەپ ئۈزسەك، چوقۇم ئامان قالىمىز!_ دەپ يىگىتكە قاراپ توۋلىدى.
    ئەمما يىگىت قىزچاقنى تۇيۇقسىز تاختاي ئۈستىدىن ئىتتىرىپ دېڭىزغا چۈشىرىۋەتتى ھەمدە تاختايغا ئېسىلىپ تۇرۇپ:
    _بۇ قېتىم مەن ئۆزەم قارار چىقىرىپ باقاي._ دەپ يۈك پاراخوتىغا قاراپ ۋارقىرىدى.
    قىزچاق ھەيرانلىقتىن داڭ قېتىپ قالدى. ئۇ ئۆزىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان يىگىتكە قارىغىنىچە چەكسىز ئۈمىدسىزلەندى. لەھەڭلەر يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، قىزچاققا ئانچە پەرۋا قىلمىغاندەك، يىگىت تەرەپكە قاراپ ئۇزۇپ كەتتى. ئۇزۇنغا قالماي يىگىت لەھەڭلەر تەرىپىدىن پارچە– پارچە قىلىۋېتىلدى. يىگىت ئەڭ ئاخىرقى نەپسىگىچە، قىزچاق تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ:
    _مەن سىزنى سۆيىمەن،_ دەپ توختىماي توۋلىدى.
    قىزچاق قۇتۇلدۇرۇۋېلىندى. پالوبا ئۈستىدىكى كىشىلەر باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ، ماتەمگە چۆمگەن ئىدى. پاراخوت باشلىقى قىزچاقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە ھاياجانلانغان ھالدا:
    _يىگىتىڭىز بەك قەيسەركەن، مەن مۇشۇ كەمگىچە بۇنداق قەيسەر ئادەمنى يولۇقتۇرۇپ باقمىغان، بىز بىرلىكتە دۇئا قىلايلى._ دىدى.
    - ياق، ئۇ بىر توخۇ يۈرەك،- دىدى قىزچاق كەسكىن قىلىپلا سوغۇق ھالدا.
    -بۇ نىمە دېگىنىڭىز،- دىدى كاپىتان ،_مەن بايا دۇربۇن ئارقىلىق ھەممە ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇردۇم، يىگىتىڭىز سىزنى ئىتتىرىپ، دېڭىزغا چۈشىرىۋەتكەندىن كېيىن، پىچاق بىلەن ئۆزىنىڭ بېغىشىنى كېسىۋالدى، لەھەڭلەر قان ھىدىغا بەك سەزگۇر بولغاچقا، سىزنىڭ ھايات قېلىشىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت يارىتىلدى. مۇبادا يىگىت شۇنداق قىلمىغان بولسا، سىز ھەرگىزمۇ بۇ پاراخوتتا بولمىغان بولاتتىڭىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇھەببەت