مېغىزلىق ھىكايەتلەر

يوللىغۇچى : yultuzay يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-19 19:45:57

مېغىزلىق ھىكايەتلەرغوپۇر قادىر تەرجىمىسى تەپسىلات ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتكەندە مۇنداق بىر ھېكايە ئېيتتى: ئۈچ تايغان بىر سۇغۇرنى قوغلاپتۇ، سۇغۇر دەرەخنىڭ تۆشۈكىگە كىرىۋاپتۇ. بۇ دەرەخ تۆشۈكىنىڭ ب...

    مېغىزلىق ھىكايەتلەر
    غوپۇر قادىر تەرجىمىسى

     

                          تەپسىلات

        ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتكەندە مۇنداق بىر ھېكايە ئېيتتى: ئۈچ تايغان بىر سۇغۇرنى قوغلاپتۇ، سۇغۇر دەرەخنىڭ تۆشۈكىگە كىرىۋاپتۇ. بۇ دەرەخ تۆشۈكىنىڭ بىرلا چىقىش ئېغىزى بار ئىكەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا دەرەخ تۆشۈكىدىن بىر توشقان سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئالدىغا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپتۇ ھەمدە يەنە بىر يوغان دەرەخكە چىقىۋاپتۇ. ئۇ ئالاقزادىلىك ئىچىدە چىڭ تۇرالماي، دەرەختىن يىقىلىپ چۈشۈپتۇ - دە، يۇقىرىغا قاراۋاتقان ئۈچ تايغاننى بېسىۋېلىپ، ھوشىدىن كەتكۈزۈۋېتىپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئاخىر قېچىپ كېتىپتۇ.
    ئوقۇتقۇچى ھېكايىنى ئېيتىپ بولۇپ، بىزدىن بۇ ھېكايىگە قارىتا سوئال سوراشنى تەلەپ قىلدى.
    بىز توشقان دەرەخكە چىقالامدۇ؟ بىر توشقان قانداقسىگە ئۈچ تايغاننى بېسىۋېلىپ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋېتەلەيدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورىدۇق.
     بۇ سوئاللارنى سورىغىنىڭلار توغرا بولدى، ھېكايىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرىنى تېپىۋالدىڭلار، دېدى ئوقۇتقۇچى، ئەمما يەنە بىر سوئالنى ھېچقايسىڭلار سورىمىدىڭلار، دېمەكچىمەنكى، سۇغۇر نەگە كەتتى؟
    يەكۈنگە ئەھمىيەت بېرىپ، تەپسىلاتقا سەل قارايدىغان مۇنداق پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بەزىدە شەيئىلەرنى ئەتراپلىق تونۇشۇشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.


    ***
    گۈلسامساق

        يېزىلىق بىر كىشى باھار بايرىمىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئىشىكنى ئېچىپ ئىشىك ئالدىدا جەسەت كۈلى سېلىنغان بىر تەشتەكنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇ بۇنىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان قارغىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ، ئەسلىدە ئىككى ئائىلە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۆچمەنلىشىپ كەلگەنىكەن. ئۇ تەشتەكنى كۆتۈرگىنىچە ئېتىزلىققا بېرىپ ئۇنىڭغا توپا قاچىلاپتۇ ۋە بىر تال گۈلسامساق كۆچۈرۈپ قويۇپتۇ...
    بىر كۈنى بۇ گۈل ئېچىلىپتۇ، ئۇ تەشتەكنى جىممىدىلا رەقىبىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قويۇپ قويۇپتۇ، شۇ كۈنى بۇ كەڭ قورساق كىشىنىڭ رەقىبى خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئۇنىڭكىگە كىرىپ ئەپۇ سوراپتۇ.
        ئىنسان ئاسان تەسىرلىنىدۇ، ئۇنى قانداق تەسىرلەندۈرۈشنى بىلسىڭىز، قارغىۋەتكەن تۇپراقتىمۇ گۈلسامساق ئېچىلدۇرغىلى بولىدۇ.

    ****
    پەۋقۇلئاددە پرىكازچىك

       تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئۆزىنىڭ يېڭى پرىكازچىكىنى تەكشۈرۈپ كەپتۇ:
     سىز بۈگۈن قانچىلىك خېرىدارغا مۇلازىملىق قىلدىڭىز؟
     بىرگە، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت.
     بىرگىلىما؟ دەپتۇ خوجايىن، تىجارەت سوممىڭىز قانچە بولدى؟
     58334 دوللار، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پرىكازچىك.
    خوجايىن قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىپتۇ.
     مەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا بىر قارماق ساتتىم، ئاندىن قارماق دەستىسى بىلەن قارماق شوينىسى ساتتىم، ئارقىدىن ئۇنىڭدىن قەيەردە بېلىق تۇتىدىغانلىقىنى سورىۋېدىم، ئۇ دېڭىز بويىدا تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ماتورلۇق كېمىدىن بىرنى ھازىرلاش تەكلىپىنى بەردىم، شۇڭا ئۇ ماتورلۇق كېمىدىن بىرنى سېتىۋالدى. ئۇ ماتورلۇق كېمىنى ئېلىپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىۋېدى، مەن يەنە ئۇنى ماشىنا بۆلۈمىگە باشلاپ كىرىپ «فورت» ماركىلىق كىچىك يۈك ماشىنىسىدىن بىرنى ساتتىم.
    خوجايىن ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:
     سىز بىر تال قارماق سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا كەلگەن خېرىدارغا مۇشۇنچىۋالا جىق نەرسە ساتتىڭىزما؟
     ياق، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پرىكازچىك، ئۇ خوتۇنىنىڭ باش ئاغرىقىنى داۋالاش مەقسىتىدە بىر قۇتا ئاسپىرىن سېتىۋېلىشقىلا كەپتىكەن. مەن ئۇنىڭغا: «خانىمنىڭ باش ئاغرىقىغا دورا بەرگەندىن باشقا، ئۇنى ئارام ئالغۇزۇش تېخىمۇ مۇھىمدەك قىلىدۇ. ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قالدى، سىز بېلىق تۇتۇشقا بېرىشنى ئويلاشسىڭىز بولغۇدەك» دېدىم.
    مەسىلىگە باشقىلارنىڭ نۇقتىنەزىرىدىن قارىسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ خىيالىڭىزغا كەلتۈرمىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن.



    *****

    لېفىت ئىلھامى

        كوت مېھمانخانىسى كالفورنىيە شتاتىنىڭ سانتىياگو شەھىرىدىكى كونا ۋە كاتتا مېھمانخانىكەن. لېكىن ئەسلىدە لايىھىلىنىپ سەپلەنگەن لېفىت ھەددىدىن زىيادە تار كېلىپ قالغاچقا ۋە كونىراپ كەتكەچكە، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان مېھمانلارغا ماسلىشالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مېھمانخانا خوجايىنى يېڭى تىپلىق بىر لېفىت ئورناتماقچى بوپتۇ. ئۇ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارخىتېكتور ۋە ئىنژېنېرلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلاردىن بۇ لېفىتنى قانداق كېڭەيتىش ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىپتۇ.
    ئارخىتېكتور ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ تەجرىبىسى بەك مول ئىكەن، ئۇلار تولۇق يېرىم كۈن مۇزاكىرە قىلىپ، ئاخىر: «مېھمانخانا يېرىم يىل تىجارەت توختىتىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھەربىر قەۋەتتىن تۆشۈك ئاچقىلى ھەمدە يېڭى لېفىتنى ئورناتقىلى بولىدۇ» دېگەن خۇلاسىگە كېلىشىپتۇ.
     بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوقما! دەپتۇ خوجايىن قوشۇمىسىنى تۇرۇپ، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئۇنداق قىلساق ھەددى - ھېسابسىز زىيان تارتىمىز.
    ئەمما، ئارخىتېكتور ۋە ئىنژېنېرلار بۇنى ئەڭ ياخشى لايىھە دەپ تۇرۇۋاپتۇ.
    شۇ چاغدا، مېھمانخانىدىكى بىر تازىلىق ئىشچىسى يەرنى سۈرتۈپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ قاپتۇ - دە، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قاپتۇ، ئۇ بېلىنى رۇسلاپ:
     سىلەرنىڭ ئورنىڭلاردا مەن بولسام، لېفىتنى بىنانىڭ سىرتىغا ئورناتقان بولاتتىم، دەپتۇ.
    ھەممەيلەن گەپ قىلالمايلا قاپتۇ.
    ئەتىسى، مېھمانخانىدىكىلەر بىنانىڭ سىرتىغا لېفىت ئورنىتىشقا كىرىشىپتۇ. بۇ قۇرۇلۇش تارىخىدا لېفىتنىڭ تۇنجى قېتىم بىنانىڭ سىرتىغا ئورنىتىلىشى ئىكەن.
    تەجرىبە مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما تەجرىبىگە مەھكەم ئېسىلىۋالمىساقلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت بىزگە كۆپرەك نېسىپ بولىدۇ.

    **************

    تۇتامغا چىقمايدىغان ئىش

    بۈيۈك پەيلاسوپ پلاتون بىر قېتىم كىچىككىنە بىر ئىش توغرىسىدا بىر ئوغۇل بالىنى قىلچە يۈز - خاتىرە قىلماي ئەيىبلەپتۇ، چۈنكى بۇ بالا ھەمىشە ناھايىتى ئەخمىقانە ئويۇننى ئوينايدىكەن.
    ئوغۇل بالا بۇنىڭغا قايىل بولماپتۇ:
     سىز مېنى تۇتامغا چىقمايدىغان كىچىككىنە بىر ئىش ئۈچۈن ئەيىبلىدىڭىز.
     ئەمما، سەن دائىم مۇشۇنداق قىلساڭ، بۇ تۇتامغا چىقمايدىغان كىچىك ئىش بولماي قالىدۇ، دەپتۇ پلاتون جاۋابەن، ئۆمۈرۋايەت زىيان تارتىدىغان ناچار ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالىسەن.

     

    ***

    قورقۇنچ

    بىر قېتىملىق ھۆكۈمەت يىغىنىدا خرۇششېۋ تەرىنى بۇزۇپ ستالىننىڭ خاتالىقىنى ئەيىبلەپتۇ. توساتتىن تىڭشىغۇچىلار ئورنىدىكى بىرەيلەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋېتىپتۇ.
     سىزمۇ ستالىننىڭ خىزمەتدىشىغۇ، دەپ ۋارقىراپتۇ سوئال سورىغۇچى، نېمىشقا شۇ چاغدا ئۇنى توسىمىدىڭىز؟
     مۇندق سوراۋاتقان كىم؟ دەپ غەزەپ بىلەن ھۆركىرەپتۇ خرۇششېۋ.
    يىغىن زالىدا قاتتىق ئەنسىزلىك ھۆكۈم سۈرۈپ، ھېچكىم مىدىر - سىدىر قىلىشقا پېتىنالماپتۇ. ئاخىر خرۇششېۋ مۇنداق شىۋىرلاپتۇ:
     ئەمدىغۇ نېمىشلىقىنى چۈشەنگەنسەن؟

    *********

    گېنېرالنىڭ پولكوۋنىكقا ئۆزگىرىپ قېلىشى

        2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەمدىلا بېرلىندىن موسكۋاغا قايتىپ كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى گېنىرالى ستالىنغا خىزمىتىنى دوكلات قىپتۇ. ستالىن ناھايىتى رازى بولۇپ، ئۇنى ماختاپتۇ.
    دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گېنىرال يەنىلا خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. ستالىن كۆيۈنگىنىچە سوراپتۇ:
       -  يولداش گېنىرال، يەنە نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟
       -  مېنىڭ بىر خۇسۇسىي ئىشىم بار ئىدى، ئەمما سىزگە قانداق دېيىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن...
     دەۋېرىڭ!
       گېنىرال سەل ئىككىلىنىپ قېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
       - مەن گېرمانىيىدىن ياخشى كۆرىدىغان بەزى نەرسىلەرنى ئالغاچ كەلگەنىدىم، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكىلەر تۇتۇپ قالدى. مۇمكىن بولسا ئۇلار شۇ نەرسىلەرنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرسە.
       - بولىدۇ، تىزىملىكىنى يېزىپ بېرىڭ.
    گېنىرال شۇئانلا يانچۇقىدىن تۇتۇپ قېلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئاللىقاچان تەييارلىۋالغان تىزىملىكىنى چىقىرىپتۇ. ستالىن دەرھال بۇ نەرسىلەرنى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىشكە تەستىق ساپتۇ.
    گېنىرال ئارقا - ئارقىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ، ستالىن:
       -  ئەرزىمەيدۇ، دەپتۇ.
    گېنىرال تەستىقىي يوليۇرۇققا زەن سېلىپ قاراپ، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ «گېنىرال» ئەمەس، بەلكى «پولكوۋنىك» دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ - دە، ئىختىيارسىزلا سوراپتۇ:
       - يولداش ستالىن، بۇ يەرنى خاتا يېزىپ قويدىڭىزمۇ قانداق؟
     ياق، پۈتۈنلەي توغرا، بىز تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇردۇق، يولداش پولكوۋنىك!

     

    *********

    بايقاش

         2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇش رايونىنىڭ بىر قوماندانى بىر قېتىملىق خەتەرلىك ۋە جىددىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا چاقىرتىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال قول ئاستىدىكى ئوفىتسېر - جەڭچىلەرنى يىغىپتۇ.
    قوماندان تىزىلىپ تۇرغان ئوفىتسېر - جەڭچىلەرگە:
     بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلار ئالدىغا ئىككى قەدەم مېڭىڭلار! دەپتۇ.
    شۇ گەپ تۈگىشى بىلەنلا بىر شتاب ئوفىتسېرى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭغا ھازىرلا ئىمزا قويۇپ تارقىتىشقا تېگىشلىك بىر تېلېگراممىنى سۇنۇپتۇ ھەمدە شىۋىرلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن نېمىلەرنىدۇ سوراپتۇ. قوماندان بۇ ئىشلارنى تۈگىتىپ بولۇپ، تىزىلىپ تۇرغان ئوفىتسېر - جەڭچىلەرگە قايتا قارىغىنىدا بايىقى قوشۇننىڭ يەنىلا تۈپتۈز تۇرغانلىقىنى، بىرمۇ كىشىنىڭ ئالدىغا سىلجىمىغانلىقىنى بايقاپتۇ.
    قوماندان ئۆزىنى زادىلا بېسىۋالالماپتۇ:
     ھازىر دۆلىتىمىز خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتسا، سىلەرنىڭ بىرىڭلارمۇ...
    شۇ چاغدا ئەڭ ئالدىنقى رەتتە تۇرغان بىر جەڭچى مۇنداق دەپتۇ:
     ھەممىمىز ئالدىمىزغا ئىككى قەدەم ماڭدۇق، شۇڭا...
    بىز ھاياتتا ھەمىشە ئاق - قارىنى سۈرۈشتۈرمەيلا باشقىلارنى تەنقىد قىلىشقا ئالدىرايمىز، ئەمما باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقانلىقىمىزنى بايقىغىنىمىزدا كېچىككەن بولىمىز...

    ******

    بەختلىك ئىش

        بىر كۈنى ئەتىگىنى بىر ئاپتوبۇس كىشى ئىشقا كېتىۋاتاتتى. ئۇشتۇمتۇتلا ياندىكى يولدىن بىر ماشىنا چىقتى، ئاپتوبۇس جىددىي تورمۇز قىلىپ توختىۋىدى، ئۇنىڭ توينى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ماشىنا ئىكەنلىكى، كەينىدىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان توي كۆچۈرۈش ماشىنا ئەترىتىنىڭ ئاستاغىنە كېلىۋاتقانلىقى كۆرۈندى، يولۇچىلار ئىشقا كېچىكىدىغان بولدۇق دەپ ئاغرىنىشقا باشلىدى. ئاپتوبۇس شوپۇرى پات - پات سىگنال بېرىپ قويدى.
    بىرەيلەن شوپۇرغا:
     سىگنال بەرگىنىڭىز بىلەنلا ئۇلارنىڭ سىزگە يول بوشىتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭدىن كۆرە ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكىنىڭىز تۈزۈك، دېدى.
    شوپۇر كەينىگە بۇرۇلۇپ، كۈلۈپ قويدى - دە:
     مېنىڭ سىگنال بېرىشىم ئۇلارنى ماڭا يول بوشات دەپ سۈيلىگەنلىكىم ئەمەس، مەن ئۇلارغا بەخت تىلەۋاتىمەن! دېدى، ئاندىن بىردەم تۇرۇۋېلىپ يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى، باشقىلارنىڭ توي قىلىشى بەختلىك ئىش، بىز باشقىلارنىڭ بەختىگە بىر قېتىم يول بوشىتىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بوپتۇق، بۇمۇ بىر بەختلىك ئىش ئەمەسمۇ؟
    ئاپتوبۇستىكى پۈتۈن يولۇچىلار بىردىنلا شۈكلەپ قالدى.
    باشقىلارنىڭ بەختىگە يول بوشىتىپ بېرىش بەختلىك ئىش، مۇشۇنداق كەيپىياتتىكى ئادەممۇ مۇقەررەر بەختلىك ئادەم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.