تۇرمۇش تەسراتلىرى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-26 11:57:53

تۇرمۇشتىن ئېلىنغان 10 تەسىرات بىرىنجى: مۇھەببەت ۋاقىت ئەمەس ، ۋاقىت مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ،مۇھەببەتتىن تەسىرات ئالغىلى بولىدۇ ، ئەمما تەسىراتتىن مۇھەببەت ئالغىلى بولمايدۇ. ئىككىنجى : چ...

    تۇرمۇشتىن ئېلىنغان 10 تەسىرات

     

      بىرىنجى مۇھەببەت ۋاقىت ئەمەس ، ۋاقىت مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ،مۇھەببەتتىن تەسىرات ئالغىلى بولىدۇ ، ئەمما تەسىراتتىن مۇھەببەت ئالغىلى بولمايدۇ.

      ئىككىنجى : چەكسىز بوشلۇقتىكى قۇشنىڭ قەپەستىكى قۇشتىن تالىشىدىغان نېمىسى بار ، بوشلۇقتىكى قۇشنىڭ ھېچ بولمىغاندا ، ئۆزىنىڭ ئۇچۇش بوشلىقى بار ئەمەسمۇ ؟  

      ئۈچىنجى : كىشىلىك ھايات بىر ئىستاكان چايغا ئوخشايدۇ . ئادەم بىر ئۆمۈر جاپادا ئۆتمەيدۇ ، ئەمما جاپالىق كۈنلەرنىمۇ ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى بولىدۇ .  

    تۆتىنجى : باشقىلارنى چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا كۆرگىنىڭىزنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي بولىشى ، ئويلىغانلىرىڭىزىنىڭ ھەمىسىنىڭ توغرا بولىشى ناتايىن .  

    بەشىنجى : نامراتلىق ھېچنىمە ئەمەس ، ئۇ بىر خىل شەرەپمۇ ئەمەس ، نومۇسمۇ ئەمەس . ئۇ دېگەن بىر خىل تۇرمۇش ھالىتى ، شۇنداقلا تونۇپ يېتىشكە ۋە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك تۇرمۇش ھالىتى . ئۇنى مەينەت كىيىم دەپ قارىساق ، يۇيۇۋەتسەكلا بولىدۇ . مەينەت كىيىم ھەرگىز قەلب كۆزىمىزىنى ئېتىۋالماسلىقى كېرەك .  

    ئالتىنجى : خاتىرجەم بولالايدىغان ئادەم ئازادىلىككە ئېرىشەلەيدۇ ، ئۇنتۇپ كېتىشىنى بىلىدىغان ئادەم ئەركىن ياشىيالايدۇ ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم سادىق دوست تاپالايدۇ .

     يەتتىنجى : بىرسىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان - كۆرمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغىنىڭىزدا ، ئۇ سىزدىنمۇ بەك ئىشەنچ قىلالمايدۇ .

     سەككىزىنجى : ئازابلىنىش ، ئۈمۈدسىزلىنىش بولۇپ تۇرىدىغان ئىش ، بۇلارغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك . باشقىلار ئازابلىرىڭىزنى تارتىشىپ بېرەلمەيدۇ . بارلىق ئازابلىرىڭىزنى ۋاقىتقا تاپشۇرۇڭ ، ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ . ئەمەلىيەتتە،  ھەممە ئىش پەقەت بىر جەريان ، خالاس .  

     توققۇزىنچى : يىغلىيالمىسىڭىز ، ئۇنداقتا كۈلۈمسىرەڭ .  

     ئونىنجىسى : بالىلىق ۋاقىتتىكى بەخت ماددىي بۇيۇم ، چوڭ بولغاندىكى كېيىنكى بەخت بىر خىل ھالەت . ئەمما مەلۇم بىر كۈنىگە كەلگەندە ، بەختنىڭ ماددىي بۇيۇممۇ ، ھالەتمۇ ئەمەسلىكىنى ، بەختنىڭ بىر خىل تەسىرات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز .

     

               قاشتېشى بلوگىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.