نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنى سۆيىمەن

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-17 19:38:07

چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە ئۆيگە كىرىپلا ئۈستەلگە سېلىنغان چىرايلىق ھەم نەپىس ئىشلەنگەن داستىخانغا، خوتۇنى ئاياپ ئىشلىتىدىغان فارفۇر قاچىلارغا، يېنىپ تۇرغان قىزىل شامغا كۆزى چۈشتى. نېمە دېگەن چىرايلىق، نېمە دېگەن رومانتىك مەنزىرە-ھە! يەنە تېخى ئاشخانىدىن ئال

    نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنى سۆيىمەن
    جو خاردىڭ [ئامېرىكا]
    ئىززەت ئابدۇراخمان تەرجىمىسى
    جۈمە كۈنى سەھەردە ئەر قاتتىق غەيرەتكە كېلىپ، غوجايىنغا ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش تەلىپىنى قويماقچى بولدى، ئۇ بۇ خىيالىنى خوتۇنىغىمۇ ئېيتقانىدى.
    ئۇ پۈتۈن- بىر كېچە دەككە-دۈككە ئىچىدە يۈردى. ئىشتىن چۈشەي دېگەندە غەيرەتكە كېلىپ غوجايىننىڭ ئىشخانىسىغا كىردى-دە، بۇ ئارزۇسىنى غوجايىنغا دېدى. ئويلىمىغان يەردىن غوجايىنى ئۇنىڭ تەلىپىنى شۇنداق تېز ھەم رازىمەنلىك بىلەن قاندۇردى، ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ شادلاندى.
    ئۇ چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە ئۆيگە كىرىپلا ئۈستەلگە سېلىنغان چىرايلىق ھەم نەپىس ئىشلەنگەن داستىخانغا، خوتۇنى ئاياپ ئىشلىتىدىغان فارفۇر قاچىلارغا، يېنىپ تۇرغان قىزىل شامغا كۆزى چۈشتى. نېمە دېگەن چىرايلىق، نېمە دېگەن رومانتىك مەنزىرە-ھە! يەنە تېخى ئاشخانىدىن ئالاھىدە خۇشاللىق كۈنلەر ۋە بايراملاردىلا ئېتىلىدىغان تائاملارنىڭ مەززىلىك پۇرىقى تاراۋاتاتتى...ئۇ شىركەتتىكى خىزمەتدىشىم مائاشىم ئۆسكەنلىك خۇش خەۋىرىنى تېلېفوندا خوتۇنۇمغا يەتكۈزگەن گەپ، دەپ ئويلىدى. ئۇ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ يېمەكلىك تەييارلاۋاتقان خوتۇنىغا بۇ خۇش خەۋەرنى ئېيتتى، ئۇلار چەكسىز خۇشاللىق ئىلكىدە لەرزان تانسا ئويناشتى، خوتۇنى تۈجۈپلەپ تەييارلىغان مەززىلىك تائاملاردىن بەھۇزۇر لەززەتلەندى. ئۇ غىزالىنىۋېتىپ تەخسىسى ئاستىغا قىستۇرۇپ قويۇلغان «سۆيۈملۈكۈم، مۇبارەك بولسۇن، سىزنىڭ مائاشىڭىز چوقۇم ئۆستى، بۇ كەچلىك غىزا سىزگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەيدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىقلىق كارتىنى كۆرۈپ، قەلبى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدى.
    ئەر غىزالىنىپ بولۇپ خوتۇنىغا ياردەملىشىپ قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇۋاتقاندا، خوتۇنىنىڭ پەرتۇقىنىڭ يانچۇقىدىن چۈشۈپ قالغان يەنە بىر كارتىغا كۆزى چۈشتى. كارتىغا:«سۆيۈملۈكۈم، مائاشىڭىزنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ھەرگىز قايغۇرماڭ، مائاشىڭىز ئۆسسۇن ياكى ئۆسمىسۇن، سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن، بۇ كەچلىك غىزا ئارقىلىق سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىقىنى ئىپادىلىمەكچىمەن» دەپ يېزىلغانىدى.
    تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 10-سانىدىن ئېلىندى.
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نېمە