تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -11

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-27 10:47:12

تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -11«باتتال غازى» داستانى ھەققىىدە قىسقىچە مەلۇمات.... ‹تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى› ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە ئانادولۇ تۈركلىرى ئارى...



    تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -11 

     

     

     

    «باتتال غازى» داستانى ھەققىىدە قىسقىچە مەلۇمات....

     

        ‹تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى› ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە ئانادولۇ تۈركلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان سەييىد باتتال غازى داستانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتىمىز.

       13- ئەسىردىن ئېتىبارەن تۈرك ئەدەبىياتىدىن ئورۇن ئالغان، شۇنداقلا يازما ۋە ئېغىزاكى شەكىلدە زامانىمىزغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن سەييىد باتتال غازى داستانىنىڭ تېمىسى تۈرك – ۋىزانتىيە ئۇرۇشلىرىنى مەركەز قىلىدۇ.

       داستان، پەيغەمبەر نەسلىدىن بولۇپ مالاتياغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ھۇسەيىن غازىنىڭ ئوغلى جەئفەرنىڭ ئانادولۇدا ئىسلامىيەتنى تارقىتىش ئۈچۈن ۋىزانتىيە بەگلىرى ۋە ھۆكۈمرانلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۈركىلىشلىرىنى مەزمۇن قىلىدۇ. داستاندا ئاساسەن، رۇم دىيارىنىڭ مۇسۇلمانلاشتۇرۇلۇشى ۋە ۋىزانتىيەنىڭ مۇستەھكەم قەلئەسى بولغان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى يولىدا سەرپ قىلىنغان كۈچ تەسۋىر قىلىنىدۇ. بۇ يولدا كېيىنچە باتتال غازى دەپ ئاتىلدىغان جەئفەر قوماندانلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئەھلى سەلپ قوشۇنىغا قارشى قىلغان ناھايىتى كۆپ ئۇشلىرى بايان قىلىنىدۇ.

       داستاننىڭ مەركىزى نۇقتىسىدىكى سەييىد باتتال غازى ئىمان، بىلەك ۋە ئەقىل كۈچى بىلەن كۆپلىگەن مۇشەققەتلەرنى يەڭگەن، ھەرزىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بېرىلگەن «رىم دىيارىغا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش» ۋەزىپىسىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئادا قىلغان ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر قەھرىماندۇر. ئاتىسى ھۇسەيىن غازىنىڭ ئوۋ ئەسناسىدا غەيىبتىن ئاۋازلارنى ئاڭلىشى، نەسەبىنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا باغلىنىشى، غازات قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ جىبرىئىلنىڭ ۋەھيى قىلىشى بىلەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بېرىلىشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئابدۇلۋاھھاب غازىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يەتكۈزۈلۈشى سەييىد باتتال غازىغا ئۇممەتى مۇھەممەدنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن قەھرىمان بولۇش ئالاھىدىلىكىنى بېغىشلىغان بولۇپ، بۇ ئامىل داستاندا كۆپلەپ تەكرارلىنىدۇ.

    .......................................................................................

        ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر! تۆۋەندە سەييىد باتتال غازى داستانىنىڭ قىسقىچە تېكىستىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز:

       «باتتال غازىنىڭ ئەسلى ئىسمى جەئفەر بولۇپ، ھۇسەيىن غازىنىڭ ئوغلىدۇر. ھۇسەيىن غازى رىم بەگلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، باتتال غازى ئاتىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن رىملارغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇرۇشتىكى جاسارەتلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن مالاتيا بېگىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. “قەيسەرى رۇم” دەپمۇ ئاتىلىدىغان ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشلىرىدا ئىزچىل شەكىلدە غەلىبە قازانغان جەئفەرگە كېيىنچە مۇسۇلمان بولغان بىرى تەرىپىدىن باتتال دەپ نام بېرىلىدۇ. شۇندىن كېيىن باتتال غازى بولغان جەئفەر پات – پات تۇتۇلۇپ قېلىپ، زىندانلارغا تاشلىنىدۇ، ئۆلدى دەپ تاشلاپ قويۇلىدۇ. لېكىن ئۇ يا ئۇنىڭغا ئاشىق بىر قىزنىڭ ياكى خىزىرنىڭ ياردىمى بىلەن بارلىق مۇشەققەتلەرنى يېڭىدۇ. ئۇرۇشلىرىدا تەڭرىنىڭ ياردىمى بىلەن غەلىبە قىلىدۇ، پات – پات ئىستانبۇلغىمۇ يۈرۈش قىلىدۇ.

        بىر كۈنى ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئولتۇرغان بىر يەردە ئۇخلاپ قالغان باتتال غازى، قەيسەرى رىمنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرمەيدۇ. قەيسەرى رىمنىڭ قىزى باتتال غازىغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر تاش ئاتىدۇ، لېكىن تاش قازارا ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولىدۇ. قىز قەھرىمانىمىزنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، خەنجىرىنى قەلبىگە تىقىپ ئۆلىۋالىدۇ. بىر بوران كېلىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ جەسەتلىرىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.»

       يۇقىرىدىكى تېكىستلەر باتتال غازىنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى بايان قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ھېكايىلەر بولسا، باتتال غازىنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان پەرقلىق ھېكايىلەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن شەكلىدۇر.

      سەييىد چاقىردى، مەيدانغا يىگىت تەلەپ قىلدى. ھېچكىمنىڭ مەيدانغا كىرگۈدەك جاسارىتى يوق ئىدى.

      بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنىڭ مەيدانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى سەييىد ھەزرەتلىرى بىلدى. ئېتىدىن پەسكە چۈشتى. بەلبېغىنى چىڭىتىپ، يەنە مىندى. قىلىچىنى ئوينىپ سول تەرەپكە ئېتىلدى. يەتمىش، سەكسەن كىشىنى ئۆلتۈردى. بىر كىشىمۇ سەييىدنىڭ ئالدىغا چۈشەلمىدى. يەنە مەيدانغا قايتىپ كەلدى، چاقىرىق قىلىپ: «ئەي ئاسىيلار، دىن دۈشمەنلىرى! مەيدانغا چۈشمەمسىلەر؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن قەيسەر غەزەبلەندى. ئېيتتىكى: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ ئاراڭلاردا بۇ نابەكارغا جاۋاب بېرىپ، يۈزىنى يەرگە چايلايدىغان بىر ئەر كىشى يوقمۇ؟» دېدى. دەل شۇ چاغدا دەل ئالدىدىن چاڭ – تۇزان كۆتۈرۈلدى، كۈن يۈزى تۇتۇلدى. چاڭ- تۇزاننىڭ ئىچىدىن يۈز مىڭ ئادەم چىقتى. ئۇ ئىسمائىل سەمەرقەندى ئىدى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى قارشى ئالدى، قوچاقلىشىپ كۆرۈشتى. خەلىپىنى سوراشتى...

       قەيسەر بۇنى كۆردى، قورقتى... گويا بەزگەك تۇتىۋالدەك تىتىرەپ كەتتى. سەييىد مەيداننىڭ ئىچىدە ئېتىنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىۋاتاتتى. خەلىپە ئەسكەرلەرنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىۋېتىپ كۆزى سەييىدكە چۈشۈپ قېلىپ: مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان كىشى كىم؟- دەپ سورىدى. «ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۇ بىر يىگىتتۇركى، ئاجايىب قەھرىماندۇر. ھېچكىم ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىزنى ئۇ مۇھاپىزەت قىلدى. ئەكسىچە بولغاندا، قەيسەر بىزنى قىرىپ تاشلىغان ۋە كۈلىمىزنى كۆككە سورىغان بولاتتى. ھۆكۈمدارغا بويى، بوينى ۋە قول قانىتى، سۆز قىلىشى، يۈز ـ كۆزى، قاش ۋە چىشلىرى، يۈرۈش – تۇرۇش ۋە قىلىچ چېپىشلىرى... ھەممە ئىشى بىر – بىرىگە ئوخشايدۇ. باتتال غازى سېراق چىراي ئىدى، بۇ بۇغداي ئۆڭلۈكتۇر. مىنگەن ئېتىمۇ ئەشقەرگە ئوخشايدۇ، بىراق ئۇ سېرىق ئىدى، بۇ قارا... ئۇ قارشى تەرەپتىكى تاغدىن چۈشىدۇ، قەھرىمانلىقىنى نامايان قىلىدۇ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى قىلىش ئۈچۈن مىڭلارچە رۇستەمى داستانلار بولۇشى كېرەك. كەچ بولغاندا ئۇ يەنە تاغقا قايتىپ كېتىدۇ» دېيىشتى. خەلىپە بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىدى. قولىنى ئېچىپ سەييىد ئۈچۈن دۇئا قىلدى. مۇسۇلمانلاردىن بىرى سەييىدنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئەي غازىلار سەردارى! خەلىپە سېنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلدى» دېدى. سەييىد بۇنى ئاڭلاپ، ئېتىدىن چۈشتى، خەلىپە تەرەپكە قاراپ يۈزىنى يەرگە ياقتى. يەنە ئېتىغا مىندى ۋە قورال ئويناتتى...

        سەييىد مەيداندا تۇرۇپ قەيسەرگە قارىدى، بىرىنىڭ مەيدانغا چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. قەيسەرنىڭ ئەسكەرلىرى ئىچىدە كەركەن لەۋى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەھرىمان بار ئىدى. سەييىدكە ھۇجۇم قىلدى. نەيزىسىنى ئاتتى، سەييىد ئۇنىڭ نەيزىسىدىن قۇتۇلدى، كېلىپ ئۇنى ئېتىدىن قاماللاپلا ئېلىپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە ئايلاندۇرۇپ يەرگە ئۇردى، ئۇنى جەھەننەمگە يوللىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قەشەرنەك كەشمىرى ئىسىملىك بىر پالۋان مەيدانغا چۈشتى. ئۇنىمۇ ئالما ئۈزگەندەك ئېتىدىن يولۇپلا ئالدى، ئىككى قولىنى باغلاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قېشىغا يوللىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قانۇنى سىنانى چۈشتى. ئۇنىمۇ يىقىتىپ باغلىدى، يەرنىڭ ئاستىغا يوللىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ تەكبىر سادالىرى يەتتە قات ئاسمانغا يەتتى. ئۇ كۈنى يەتتە دانە مەشھۇر پالۋاننى ئوخشاش بولمىغان ھۆنەرلەر بىلەن يەرگە يىقىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەتمىش، سەكسەن كاپىرنىڭ ھەر بىرىنى بىرلا ئۇرۇش بىلەن يەر چىشلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم مەيدانغا چۈشمىدى. سەييىد ئېتىدىن چۈشۈپ، ئۈچ يەردىن بەلبېغىنى چېڭىتتى. ئېتىغا سەكرەپلا مىندى... ئۆتكۈر قىلىچىنى قولىغا ئالدى. بىر نەرە تارتتىكى، زېمىن تىترەپ كەتتى...

    .......................................................................................

      داستاننىڭ يۇقىرىدىكى قىسقىچە مەزمۇنىدىن شۇنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇكى، ۋىزانتىيەلىكلەرگە قارشى داۋاملىق مۇجادىلە قىلىپ كەلگەن سەييىد باتتال غازى، خەلقنىڭ ئارىسىدا شەكىللەنگەن، سەلجۇقلار دەۋرىدە ئانادولۇنى يۇرت قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بىر قەھرىمانلىق ھېكايىسىدۇر.

     

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.