غەم قىلماڭدىن بىر پەسىل: يا ﷲ

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-18 17:18:54

啊,真主يا ﷲئابدۇللا ئائىز قەرنىيتەرجىمە قىلغۇچى: زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى凡在天地间的都仰求他;他时时都在处理事务。古兰经55:28ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن (مەدەت ۋە رىزىق) تىلەيدۇ. (يەنى ھەممە ئاللاھقا...



      

    啊,真主

    يا  ﷲ

    ئابدۇللا ئائىز قەرنىي

    تەرجىمە قىلغۇچى: زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    “凡在天地间的都仰求他;他时时都在处理事务。”“古兰经55:28

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن (مەدەت ۋە رىزىق) تىلەيدۇ. (يەنى ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر)، ﷲ ھەر كۈنى بىر ھالدىدۇر. (يەنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۇلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ، ئەھۋاللارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ، مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ.)«-55سۈرە ئەررەھمان 28-ئايەت»)

     

    当飓风刮起,波浪起伏,大海波涛汹涌时,船员们呼唤:啊,安拉!

    بوران چىقىپ، دېڭىز بىھەد ئەزۋەيلىسە، دېڭىزچىلار نىدا قىلۇر: يا ئاللاھ!

     

    当道路迷失,误入歧途,大漠遥无边际时,旅客们呼唤:啊,安拉!

    چۆلدە يولدىن ئاداشقاندا، ئېزىققاندا، مۇساپىرلار نىدا قىلۇر: يا ئاللاھ!

     

    当不测降临,灾难突发,浩劫重重压来时,蒙难者呼唤:啊,安拉!

    بالا-قازا دەۋرەپ، ئاپەت يامرىغاندا، بەختسىزلەر نىدا قىلۇر: يا ئاللاھ!

     

    当求助无门,恳求遭拒,受尽人间冷漠时,无奈者呼唤:啊,安拉!

    پاناھى يوق، قالسا تىلەك ئىجابەتسىز ، بىئىلاجلار نىدا قىلۇر: يا ئاللاھ!

     

    当脑汁绞尽,计谋用罄,希望再次破灭时,智者们呼唤:啊,安拉!

    باش قاتۇرۇپ، ھېچ تەدبىرى قالمىغاندا، ئەقىللىكلەر نىدا قىلۇر: يا ئاللاھ!

     

    大地虽宽,却无容身之地,虽然忍辱负重,最终走投无路时,胸怀大志者呼唤:啊,安拉!

    يەر يۈزىدە پۇت تىققۇدەك يەر قالمىسا، ئاھانەتكە چىدىسىمۇ يول قالمىسا، غايىلىكلەر نىدا قىلۇر: يا ئاللاھ!

     

    美好的语言,虔诚的祈祷,真诚的呼唤,纯洁的眼泪,痛苦的哀求,只能呈现给他。

    ئالىي سۆزلەر، خالىس تىلەكلەر، سەمىمىي ئاۋازلار، ساپ ۋە سۈزۈك كۆز ياشلار، دەرتلىك ئىلتىجالار ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراپ ئۆرلەيدۇ.

     

    深夜,伸起双手,向他祈祷;

    难中,干枯的眼睛,期望着他。

    دۇئا ئۈچۈن كېچىدە كۆتۈرۈلسە بىر جۇپ قول،

    قۇرۇغان كۆز باقار ھەم تىلەپ ئۇندىن نىشان-يول.

     

    千万个生灵,歌颂他的美名,呼唤着他,向他求救;因为记念他,而心静神宁,意志坚定。“安拉对众仆是特慈的。”“古兰经42:19”

    ئۇ(ﷲ)نىڭ ئىسمى بىلەن تىللار سايرايدۇ، پەرياد چىكىدۇ، خۇمار بولىدۇ ۋە نىدا قىلىدۇ. ئۇ(ﷲ)نىڭ زىكرى بىلەن كۆڭۈللەر ئارام تاپىدۇ، روھلار قىنىغا چۈشىدۇ. ھېسلار تىنىچلىنىدۇ، نېرىپلار سۇۋۇيدۇ؛ سىزىملار تاپقا چۈشۈپ، ئىشەنچ مۇقۇملىشىدۇ. «ﷲ بەندىلىرىگە تولىمۇ مىھرىباندۇر...»(سۈرە شۇرا 19- ئايەت بېشى)

     

    安拉,是最完美的名称,最漂亮的字母,最真实的语句,最富有的言辞。“难道还有谁和安拉同名?”“古兰经19:65”

    ﷲ دىگەن بۇ سۆز ئىسىملارنىڭ ئەڭ كاتتىسى، ھەربلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى، سۆزلەرنىڭ ئەڭ راستچىلى، جۈملىلەرنىڭ ئەڭ بىباھاسىدۇر. «ئۇ (ﷲ)نىڭ ئىسىمدېشى بارلىقىنى بىلەمسەن؟» (سۈرە مەريەم 65- ئايەت)

     

    提及安拉,那就是富裕、永存、力量、胜利、尊严、能力和智慧。“今天权力属于谁?属于独一、强胜的安拉” “古兰经40:16”

    ﷲ دېمەك بىھاجەت دېمەك، باقىي دېمەك، قۇۋۋەت دېمەك،  نۇسرەت دېمەك،  ئىززەت دېمەك، قۇدرەت دېمەك،  ھېكمەت دېمەكتۇر. «بۈگۈن(يەنى، قىيامەت كۈنى) پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ قەھرى-غەزەپ قىلغۇچى، غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر» (سۈرە غافىر 16- ئايەت)

     

    提及安拉,就会联想到恩情、关爱、解救、襄助、友情和善待。“你们所享有的所有恩典,都来自安拉。”“古兰经16:53”

    ﷲ دىمەك كۆيۈنۈش دېمەك، ئىنايەت دېمەك، ياردەم دېمەك، مەدەت دېمەك، دوستلۇق دېمەك، ئىھسان دېمەكتۇر. «سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نىئمەتلەرنىڭ ھەممىسى ﷲدىندۇر»(سۈرە نەھل 53-ئايەت)

     

    安拉,是伟大的,尊严的。

    ﷲھۆرمەت، كاتتىلىق، ھەيۋەت ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئىگىسىدۇر.

     

    安拉啊!请将忧愁转化为快乐,将恐惧转化为安宁。

    ئى ئاللاھىم! پەرىشانلىق ئورنىغا كۆڭۈل خۇشلىقىنى، غەم-غۇسسە ئورنىغا ئازادىلىكنى، قورقۇنچ ئورنىغا ئەمىنلىكنى ئاتا قىلغىن.

     

    请用信念之雪溶化焦灼的心灵,请用信仰之水平息燃烧的灵魂。

    ئى ئاللاھىم! كۆڭۈللەر تەپتىنى ئىشەنچ مۇزى بىلەن سۇۋۇتقىن، روھلار قېتىغا چۈشكەن چوغنى ئىمان سۈيى بىلەن ئۆچۈرگىن.

     

    安拉啊!请让漫漫长夜中煎熬的双眼安然入睡,让焦虑不安的内心趋于平静,见到黎明的曙光

           يا رەببىم! سەگەك كۆزلەرگە سەندىن بولغان ئامانلىق ئۇيقۇسىنى، تىنىچسىز كۆڭۈللەرگە خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلغىن ۋە ئۇنى تاڭ نۇرىغا ئۇلاشتۇرغىن. 

    安拉啊!请让迷茫者走向你的光明,使彷徨者步入你的正轨,使偏离者回归你的坦途。

    يا رەببىم! تىڭىرقىغان كۆزلەرنى ئۆز نۇرىڭغا يىتەكلىگىن، ئازغۇنلارنى ئۆز يولۇڭغا باشلىغىن، يولدىن تايغانلارنى ھىدايىتىڭگە باشلىغىن.

     

    安拉啊!请使恶魔的教唆在黎明的曙光中破灭,让邪恶在真理的铁骑利剑前瓦解,让恶魔在天使的打击下溃败

    ئى ئاللاھىم! شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسنى سۇبھى سادىق بىلەن يوق قىلغىن، باتىلنى ھەقىقەت شەمشىرىڭ بىلەن كەسكىن، شەيتاننىڭ ھىيلە –مىكرىنى سەن بەلگىلىگەن پەرىشتىلەرنىڭ ياردىمىدە قايتۇرغىن.

     

    安拉啊!请消除我们的忧愁,解除我们的焦虑。

    ئى ئاللاھىم! بىزدىن غەم ئەندىشىنى كەتكۈزگىن، روھىي سىقىلىشنى يوق قىلغىن.

     

    安拉啊!求你使我们除了你别无所惧,除了你别无所依,除了你别无所靠,除了你别无所求。你是我们的保佑者,保佑者多么卓越,襄助者多么优秀啊!

    پەرۋەردىگارىم، سەندىن باشقىدىن قورقۇشتىن، سەندىن باشقىغا تايىنىشتىن، سەندىن باشقىغا تەۋەككۇل قىلىشتىن، سەندىن باشقىدىن سوراشتىن پاناھ ئىزدەيمىز. سەن نىمە دىگەن ياخشى ئىگە، نىمە دىگەن ياخشى ياردەمچى-ھە!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئائىز قەرنىي _