سەت قىزنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-20 17:00:12

كىچىكىمدىن تارتىپ چوڭ بولغۇچە مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم بىر چىرايلىق قىز بولۇش ئەمەس، چۈنكى مەن چىرايلىق قىز بولۇشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن. مەن، ئادەتتىكىدەك، چىرايى ئىنتايىن ئاددىيلا بىر قىز بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، پەقەت مۇشۇنىلا. مەن «ئادەتتىكىدەك»


    سەت قىزنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى

    \

    كىچىكىمدىن تارتىپلا مەن بىر سەت قىز. پاناق بۇرۇن، ياپىلاق يۈز، 163 سانتېمىتېرلىق بويۇمغا چۈشكەن 60 كىلوگراملىق ئېغىرلىق، مانا بۇ مەن. ئەزەلدىن بىرەرسى مېنى چىرايلىق دەپ ماختاپ باقمىغان. مەن ئۆزۈمنى بەك تۆۋەن كۆرگەچكە، ئىنتايىن ئاز گەپ قىلىمەن. بىرەرى مېنى ئوماق دەپ باقمىغان،  مەن ئىنتايىن كىچىك چاغلىرىمدىن تارتىپلا ئاپامنى خاپا قىلىپ چىرايلىق كۆينەك ئېلىپ بەر، چېچىمنى چىرايلىق تاراپ قوي، كېپىنەك چاچ قىسقۇچ ئېلىپ بەر، دەپ خاپا قىلمايتتىم. چۈنكى ماڭا، مۇبادا مەن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قالسام، باشقىلارنىڭ مېنىڭ سەتلىكىمنى تېخىمۇ ئېنىق بايقاپ قالىدىغانلىقى ئىنتايىن ئايان ئىدى.

    كىچىكىمدىن تارتىپ چوڭ بولغۇچە مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم بىر چىرايلىق قىز بولۇش ئەمەس، چۈنكى مەن چىرايلىق قىز بولۇشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن. مەن، ئادەتتىكىدەك، چىرايى ئىنتايىن ئاددىيلا بىر قىز بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، پەقەت مۇشۇنىلا. مەن «ئادەتتىكىدەك» بىلەن «چىرايلىق ئەمەس» دېگەننى بەك ئېنىق ئايرىيمەن. مەن بىلىمەن، مەن ئاشۇ «چىرايلىق ئەمەس» ياكى «سەت»لەرنىڭ قاتارىغا كىرىمەن.

    سەت قىزنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان ئوغۇل بالىدىن بىرىمۇ يوق. مەن بىلىمەن، دۇنيادىكى بارلىق ھېكايە، چۆچەكلەردە ئايال پېرسوناژلار بەلكىم نامرات، بەلكىم ئەسكى. ئەمما ئۇ چوقۇم چىرايلىق، گۈزەل. شۇڭا مەن ئۆزۈمنى ئەزەلدىن ئىنتايىن سوراپ كەلگەن. مەن ئوغۇللار بىلەن پاراڭ قىلغاندا ھەرگىز ئۇلارغا تىكىلىپ قارىمايمەن. ئالدىمدىكى سېكىلەك چاچلىرىم يۈزۈمنىڭ يېرىمىنى توساپ تۇرىدۇ، بەزى چاغلاردا شۇ قاپقارا يىرىك چاچلىرىم  بىلەن يۈزۈمنىڭ ھەممە يېرىنى ئېتىۋالغۇم كېلىپ كېتىدڭ. ئۆزۈم سەت بولغاچقا، مەن ھەردائىم قىزلارنىڭ ھەمراھى بولۇپلا ئوتتۇرىغا چىقىمەن، ھەرگىز باش پېرسوناژ ئەماس. ئوغۇللار دائىم مېنى ئىزدەپ چىرايلىق قىزلارغا بېرىدىغان مەكتۇپلىرىنى قولۇمغا تۇتقۇزىشىدۇ، ھېچقانداق بىر ئوغۇل بالا ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەبىئىي تاللاشلىرىنى مېنىڭ خاتا چۈشىنىۋېلىشىمدىن ئەنسىرىمەيدۇ، چۈنكى مەن ئۆزۈممۇ بۇنداق ئىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.

    سەت چىرايىمنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن بىردىنبىر ياخشى تەرىپى شۇكى، مەن چىرايلىق قىز ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش، كۆڭلۈمنى باشقا ئىشلارغا، گىرىم قىلىش، مۇھەببەتلىشىش، پۇت تېپىشىش قاتارلىق ئىشلارغا چاچمايمەن. مەن قىزلار ئارىسىدا ھېچكىمگە خەۋپ ئېلىپ كېلەلمىگەچكە، باشلانغۇچتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە كىشىلىك مۇناسىۋېتىم ئىنتايىن ياخشى بولۇپ كەلدى. ئۆگىنىشلىرىممۇ ئىنتايىن ئەلا بولدى، شۇڭلاشقا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، بىر تۈركۈم چىرايلىق قىز ئوقۇغۇچىلار نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر تەرىپىدىن شاللىنىۋېتىلگەندە، مەن ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىندىم، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، يەنە بەزى چىرايلىق قىزلار & ئالىي مەكتىپىگە ئۆتەلمەي كۆز ياشلىرىنى ئېقىتقاندا، مەن دادىل قەدەملەر بىلەن & ئالىي مەكتىپىنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلىدىم.

    17 ياشقا كىرگەن مۇشۇ چاغدىلا، مەن كەينىمگە قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن 17 يىللىق ھايات مۇساپەمگە كۆز تىكىپ، ئۆزۈمنىڭ يەنىلا يامان ئەمەس بەختلىك ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم، چۈنكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، نەتىجىسى ياخشى بولسىلا ئەلا ئوقۇغۇچى ھېسابلىناتتى. بۇنداق ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار ھەرقانداق نەرسىدىن، ھەتتا جىنسىي ئايرىمىدىنمۇ ئۈشتۈن بولۇپ، سىز پەقەت ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولسىڭىزلا، سىز شۇنداق بىر شەكىلسىز ھۆرمەتكە ئېرىشىسىز، مەيلى سەت بولۇڭ ۋە ياكى چىرايلىق. سىز ھامان ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا قىز ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن شۇنداق بىر كۆرگىلى بولمايدىغان مۇھەببەتكە ئېرىشىسىز.

    ************************************

    \

    مەن ئىلگىرى ئىزچىل تۈردە & ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرەلىگەن قىزلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم مەندەك سەت قىزلار دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم. چۈنكى چىرايلىق قىزلارنىڭ دەرسىنى تىرىشىپ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنگۈدەك ئۇنداق كۆپ ۋاقتى يوق. ئەمما مەن ئۆيۈمدىن ئايرىلىپ بۇ داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتقا كەلگىنىمدە، ئۆزۈمنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ مەكتەپتە چىرايلىق ھەم ئەقىللىق قىزلار ساماندەك كۆپ ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز، شۇنچە تۇيۇقسىز، شۇنداق بىر پەيت ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ ھېچنىمىسى يوقتەك، ئۆزۈمنى ھېچنىمىگە ھېساب ئەمەستەك ھېس قىلىپ قالدىم.

    ئوغۇللارنىڭ سۆزلىرى زەھەردىنمۇ ئۆتە زەھەرلىك. بۇ مەن ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن تۇنجى ھېس قىلغان ھەقىقەت. ئوقۇش باشلاپ تۇنجى ئېيى، ئوغۇللار فاكولتېتتىكى ئۈچ چىرايلىق قىز ھەمدە ئۈچ سەت قىزنى باھالاپ چىقىپ بوپتىمىش. تەبىئىيكى مەن ئۈچ سەتنىڭ ئىچىدىكى مۇقىم سان ئىدىم. بۇ خەۋەرنى ياتاقتىكى قىزلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان شۇ كۈنى كەچقۇرۇن، مەن ئۆزۈم يالغۇز شەھىرىمىزنىڭ سىرتقى ئايلانما يولىدا، ئۇياق-بۇياققا مەقسەتسىز ماڭدىم، خېلى ماڭغاندىن كېيىن، چارچاپ يولدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم. بۇ چاغدىكى مەن بەكمۇ گاڭگىراش ھېس قىلىپ قالغانىدىم.

    ئىلگىرىمۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ سەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ بىلىپ كەلگەنىدىم. شۇڭلاشقا مەن باشقىلارنىڭ دىققىرىنى تارتىپ قويۇشتىن بەكمۇ ئېھتىيات قىلاتتىم. مەن تىرىشىپ دەرس ئۆگىنىششكە، باشقىلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشىپ، باشقا ھەرقانداق ئۇسۇل ئارقىلىق تەبىئي كەمچىلىكىمنى تولدۇرماقچى بولاتتى، ئوقۇتقۇچىلىرىم تەرىپىدىن قەدىرلەشكە ئېرىشكىنىمدە، مەن ئۆزۈمنى يەڭدىم دەپ ئويلىغان ئىدىم. دۇنيا ئادىل دەپ بىلگەنىدىم. گەرچە تەقدىر ماڭا چىرايلىق گۈزەل بىر چىراي ئاتا قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ماڭا ئەقىل-پاراسەت، شان-شەرەپ، ئىنتايىن كۆپ يېقىن دوستلارنى ئاتا قىلدى دەپ ئويلىغانىدىم، مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ سەت چىرايى سەۋەبلىك ھېچكىمدىن، ئاتا-ئانامدىن، تەقدىر-قىسمەتتىن ئاغرىنىپ باقمىغان ئىدىم. ئىلگىرى مەن بۇ ئەمەلىيەتكە دادىل يۈزلىنىپ تۇرۇپ، باشقا نەرسىلەر بىلەن بۇ كامچىلىقىمنى تولۇقلىيالايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. مەن ئىلگىرى ئۆزۈمنى دەل مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن يەڭدىم دەپ ئويلىغان ئىدىم.

    ئەمما مەن تۇيۇقسىزلا، ئۆزۈمنىڭ پۈتۈنلەي خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەكتەپ ھويلىلىرىدا، مەكتەپ مۇنبەرلىرىدە، يىللىقلار ئارا پائالىيەتلەردە، يوللاردا، تۇرمۇشتىكى ھەربىر  بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا.... چىرايلىق قىزلار بىلەن بولغان پەرقىمنى ھەرۋاقىت ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتاتتىم. مەن ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزۈم بەلگىلىيەلەيمەن، پەقەت تىرىشساملا مەن قىلالمايدىغان ئىش يوق، مەن چوقۇم ئۆزۈمدىكى ئەيىبنى ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن يېپىپ كېتەلەيمەن دەپ ئويلايتتىم. مانا ئەمدى ئۆزۈمنىڭ خاتالشقانلىقىنى ھېس قىلدىم.

    شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن دۇنيانىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن ئاغرىنىشقا باشلىدىم. سەت بولۇش مېنىڭ خاتالىقىم ئەمەس، راستلا مېنىڭ خاتالىقىم ئەمەس. مەن ئىزچىل ھالدا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا، ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىپ كەلدىم، ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشقا تىرىشتىم. باشقىلارغىمۇ ئاقكۆڭۈل بولدۇم، ئۆزۈمگىمۇ ھەم. مەن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىدىم. مەن ھەممە ئادەملەرنىڭ ياخشى، خۇشال ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلدىم. مەن ئەزەلدىن ئوغۇللارنى باھالاپ باقمىدىم، ھەم ئۇنداق قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم، ئەمما مەن نېمە چوقۇم مۇشۇنداق مۇئامىلىگە دۇچار بولىمەن؟ بۇنى ئاتا-ئانامدىن كۆرمەيمەن، بۇ ئۇلارنىڭ تاللىيالىشىدىكى مەسىلە ئەمەس. مەن بۇنى پەقەت تەقدىرنىڭ ئادالەتسىزلىكىگىلا يىغىنچاقلىيالايمەن. مەن مانا مۇشۇ دەملەردىلا دۇنيانىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى، ھەم مەڭگۈ ئادىل بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.

     بىزنىڭ ياتاقتا ئىنتايىن چىرايلىق قىز بار، ئۇ قىز ئىنتايىن شەخسىيەتچى، ياتاقداشلىرىغا نىسبەتەنمۇ بەك زومىگەر ئىدى. شۇڭا ياتاقتىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدۇق. ئەمما ئۇ يەنىلا شۇنداق گۈزەل ئىدى. شۇ ڭا مۇنداقلا قىلىپ، سىنىپتىكى، فاكولتېتتىكى ھەتتا بىز تونۇمايدىغان بىر ئوغۇللارنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ يۈرەلەيتتى. ئۇ بىرلا ۋاقىتتا نەچچە ئوغۇل  بالا بىلەن مۇھەببەتلىشەتتى. گەرچە ئۇ مۇشۇنداق قىلسىمۇ ئۇنى قوغلىشىدىغان ئوغۇل بالىلار كۈنسېرى ئېشىپ باراتتى. ھېچكىممۇ ئۇنى، مىجەزى ئەسكى، قىلمىشى ئەخلاقسىز دەپ ئەيىبلىمەيتتى. ئۇنىڭ سىنىپتىكى قىزلار بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. ئەمما ئوغۇللار بۇنى باشقا قىزلار ئۇ قىزنى كۆرەلمەي شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ چۈشىنەتتى. دۇنيا مانا مۇشۇنداق ئادالەتسىز ئىدى.

    شۇڭلاشقا مەن ئالىي مەكتەپكە قەدەم باسقاندىن باشلاپ، ئۆزۈمنىڭ كېيىنكى كەلگۈسىدە بىرەر ئوغۇل بالىغا كۆڭلۈم چۈشۈپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىدىم، ھەمدە بىرەر ئوغۇل بالىنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىدىنمۇ ئۈمىد كۈتمىدىم. مەن كۈندىلىك خاتىرە يازاتتى،. بىر قېتىم مەن مۇنداق دەپ يازدىم: «راستلا بەك غەلىتە، دۇنيادىكى ئاشۇ مەندەك سەت قىزلار ئاخىرىدا قانداق قىلىپ جۆرە تېپىپ توي قىلالايدىغاندۇ؟ مەن بۇلارنى ئويلاپ يېتەلمەيتتىم. مەن ئۆزىمنىڭ كېلەچەكتىكى شۇ مۇھەببەتلىك قىسمىتىگە بەكمۇ قىزىقاتتىم، خۇددى ئاخىر زامانغا قىزىققاندەك.

    مەن ئەزەلدىن ماڭا ئوخشاش سەت قىزنىڭ ھاياتىدا مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاندىن نىكاھ بوسۇغۇسىغا قەدەم قويالايدىغانلىقىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم.

    ئۇنداق ۋاقىتلاردا، مۇھەببەتلىشىش ۋە سۆيگۈ، مېنىڭ قەلبىمدە بەكلا سېھرىي كۈچكە ئىگە مۇقەددەس بىر گۈزەللىككە ئوخشاش نەرسە ئىدى. مەن، بىر ئوغۇل بالىنىڭ چاقناپ تۇرىدىغان قارا كۆزلىرىنى، قارىغۇدەك يېرىنىڭ تايىنى يوق چىرايىمغا تىكىپ تۇرۇپ،  بۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم، بۇ توغۇرلۇق مۇنداقلا ئويلاپ قالساممۇ، دەرھال كاللامنى يىغىۋالاتتىم. ئۇنداق ئويلاشنى بىمەنىلىك دەپ بىلەتتىم.

    بەزى چاغلاردا كۈندىلىك خاتىرەمدە، نۇرغۇن نۇرغۇن تەسەۋۋۇرلانى يازاتتىم. مۇبادا، دۇنيادا مېنى ھەقىقىي چوڭقۇر سۆيىدىغان بىر ئادەم بولسا، مەن چوقۇم ئۇنىڭغا بەك ياخشى، بەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتىم. راست مەن ئۇنىڭغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتىم. مەيلى ئۇ باي-كەمبەغەل بولسۇن، مەيلى ئۇ قانداقلا تاللاش ئېلىپ بارغان بولسۇن، پەقەت ئۇ خالىسىلا، مەن ئۇنىڭ بىلەن قەيەرگە بولسا بىللە كېتىشنى خالايتتىم. مەيلى چۆل، مەيل چەت بولسۇن. كېيىن مەن ئۇنىڭغا نۇرغۇن ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بېرەتتىم، كىيىملىرىنى پاكىز يۇيۇپ بېرەتتىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشاتتىم. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياخشى قارايتتىم. بىر ئۆمۈر ئىنتايىن ئاددىي، ئەمما ئۆز-ئارا يار-يۆلەك بولىدىغان تۇرمۇش كەچۈرەتتىم. بىز مۇشۇنداق بىللە بولۇپ 10 يىلنى، 20 يىلنى، 30 يىلنى ئۆتكۈزەتتۇق، تاكى ئۆلۈك كەتكۈچە، ئەبەدىي-ئەبەد.

    ئەمما ماڭا ئايان، بۇ بىر خىيال خالاس. قانداق بولۇپ بىرەر بالىنىڭ ماڭا كۆڭلى چۈشۈپ قالغۇدەك؟ بەلكىم مېنى ياقتۇرىدىغان ئوغۇل بالىلارمۇ باردۇر، خۇددى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغدەك ئوغۇل جىنىسلىق يېقىن دوستلىرىم مېنى ياقتۇرغاندەك. ئەمما ئۇلار مېنى ھەرگىزمۇ مۇھەببەتلىك ياخشى كۆرمەيدۇ. مۇھەببەت دېگەن قەلبنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن سىرغىپ چىقىدىغان تەۋرىنىش ۋە سۆيۈپ، ياخشى كۆرۈپ، ئامراق بولۇش تۇرسا! مۇھەببەت خۇددى ئىنتايىن گۈزەل بىر پارچە رەسىمدىن ھوزۇرلانغاندەك ئىش. مەندە بۇ ئىشلارنىڭ بولۇشى قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ بولۇپمۇ ھازىرقىدەك جەمئىيەتتە، ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى قىزلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەگەر بىر قىز يېتەرلىك دەرىجىدە چىرايلىق بولسىلا، ئۇ قىز تولدۇرغىلى بولمايدىغان خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ ئۇغۇللار ئۇ قىزنى ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ. خۇددى قەدىمىي گىرىتسىيە فىلىمىدىكى ھەيلۇنغا ئخشاش. ئۇ تىرويا شەھىرىنىڭ ئوردىسىغا قەدەم باسقاندا، ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى ئەيىبلەۋاتقان بىر قوماندان: «بۇنداق گۈزەل ئايال، مەيلى قانداقلا خاتالىق ئۆتكۈزسۇن، كەچۈرۋېتىشكە بولىدۇ.» دېگەنگە ئوخشاش. «گۈزەللىكنى سۆيۈش ئىنسان تەبىئىيتى» مەيلى بۇ گۈزەللىك تاشقى گۈزەللىك بولسۇن ۋە مەيلى ئىچكى گۈزەللىك بولسۇن، ئىچكى گۈزەللىكنى دەماللىققا ئىپادىلاپ ياك ھېس قىلىپ ئىگىلىگىلى بولمايدۇ، ئەمما تاشقى گۈزەللىك شۇ زاماتلا مۇئەييەنلەشكەن بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوغۇللار شۇ پەقەت چىرايلىق قىزلارنىلا ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭ ئەيىبلىگۈدەك ھېچ يېرى يوق. ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتى دەل مانا مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا كېرەك.

    مەن ئىنتايىن ياش ھەم گۆدەك بولغاچقا، ھەر قانداق ئىش، مەسىلىلەرگە قاراشتا ئىنتايىن مۇتلەق ئىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ تەقدىرىنى مۇنداق مۇتلەقلەشتۈرەتتىم. مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىم مۇشۇنداق، ھەركۈنى سىنىپقا چىقىش، ئاشخانىغا بېرىش، ياتاققا قايتىش ئارىسىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئاندىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چەتكە چىقىمەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دۆلەتكە قايتىمەن، ئاندىن بىرەر خىزمەت ئىشلەيمەن. 30 ياشلاردىن ئاشقان چېغىمدا ئۆزۈمنىڭ مەسۇم چاغلىرى، ياشلىق چاغلىرىنىڭ ئاق قەغەزدەك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئەلەم بىلەن ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بەلكىم ئاتا-ئانام ياكى يېقىن دوستلىرىمنىڭ مەن ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان لايىق كۆرۈشۈشلىرىگە چىقىمەن. توي قىلىپ ئاجراشقان ۋە ياكى بىرەر جەھەتتە چوڭراق ئەيىبى بار ئەركىشىدىن بىرەرىنى تېپىپ مۇنداقلا تويۇمنى قىلىمەن. ئاندىن ئاستا-ئاستا قېرىيمەن، شۇ چاغدىمۇ يەنە كۈندىلىك خاتىرەمگە: «مۇبادا دۇنيادا بىرەر ئادەم مېنى شۇنداق  ......» دەپ يازىمەن.

    بەزىدە يولدا كېتىۋېتىپ ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان چىرايلىق بىر قىزنى كۆرگىنىمدە، مەن تەقدىرنىڭ ماڭا يەنىلا ئادەتتىكىدەك بىر چىراي ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئاتالمىش ئەقىل-پارسەتلەرنى تاشلاشقا رازى ئىدىم. مۇنداقلا بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇساممۇ مەيلى، ھەتتا ھازىر ئۆزۈمدە بار بولغان ھەممىنى شۇ بىر چىرايغا تېگىشىشنى خالايتتىم. بۇ چاغلاردا كاللامغا ئادەم سىياقىغا كىرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىككەن ئادەمسىمان بېلىقنى ئېسىمگە ئالاتتىم.

    گەرچە، ئىلگىرى مەن ئۆزۈمنىڭ ھايات مۇساپىسىدە سۆيگۈ بابىنىڭ بولۇشىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، ئەمما مۇھەببەت يېتىپ كەلگەندە بۇ خىياللارنىڭ ھەممىدى ئۆرۈپ تاشلاندى. ئەمەلىيەتتىغۇ ئۇ مۇھەببەتنىڭ ئېغىز ئاچقۇدەك يېرىمۇ يوق، چۈنكى بۇ مۇھەببەت ئۆزۈمنىڭلا مۇھەببىتى، ھەرگىزمۇ مۇھەببەتلىشىش ئەمەس. ئىنتايىن قىسقا مۇددەتلىك يوشۇرۇن سۆيۈش.

    ئۇ مېنىڭ يېقىن دوستۇمنىڭ تونۇشى بولۇپ، بىزدىن بىر يىللىق يۇقىرى ئىدى. كومپىيوتېرىم بۇزۇلۇپ قالغاچقا دوستۇم ئۇ تونۇشىنى چاقىرىپ كەلدى. شۇ بىر مەزگىل كومپىيوتېرىمدىن ھە دېسىلا چاتاق چىقىپ، ئۇ بالىمۇ تولا كېتىپ-كېلىپ يۈردى، ئاخىرى بىز تونۇشلاردىن بولۇپ كەتتۇق. ئۇ ئىنتايىن ياخشى بالا. بەك قاملاشقان ەمەس ئەمما بەك سالاپەتلىك. مېنىڭ يېقىن دوستۇممۇ ئىنتايىن ياخشى قىز، ئۇ مېنىڭ ھېسسىياتىمنى سېزىپ قالغاندىن كېيىن، دائىم ھەرخىل  باھانە-سەۋەبلەرنى تېپىپ بىللە تاماققا چىقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

    بىر قېتىم تېخى، شۇ يېقىن دوستۇم، دوستۇمنىڭ ئوغۇل دوستى مەن ۋە ئۇ تۆتىمىز قىسقىغىنا ساياھەتكىمۇ چىقتۇق، ساياھەت چىقىمىنى تېجەش ئۈچۈن، بىز بىرلا ياتاق ئېلىپ تۇردۇق. كېچىچە قارت ئويناپ، بىر كېچىنى مۇنداقلا ئۆتكۈزۈۋالىمىز دەپ ئويلىغان بولساقمۇ، ئەمما يېرىم كېچە بولغاندا ھېچقايسىمىز كۆزىمىزنى ئاچالماي قالدۇق، شۇنىڭ بىلەن مەن دوستۇم بىلەن بىر كارىۋاتتا، ئۇنىڭ بىلەن دوستۇمنىڭ ئوغۇل دوستى ئىككىسى يەنە بىر كارىۋاتتا ياتتى. بىر ۋاقىتتا بەكلا ئۇسساپ كەتتىم، ياتاقتىكى تېرمۇستا قايناقسۇمۇ يوق ئىدى. بايا كىرگىچە كارىدورنىڭ بۇلۇڭىدا سۇ ماشىنىسى كۆرگەندەك قىلغانىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئىستاكاننى ئېلىپ ئاستا سىرتقا چىقتىم. بايا كۆرگەن ھېلىقى سۇ ماشىنىسىنى ئىزدەشكە باشلىدىم، ئەسلىدىنلا يۆنىلىشنى پەرق ئېتىشچانلىقىم تۆۋەن بولغاچقىمۇ، ياكى ماۋۇ كارىدورنىڭ غۇۋا چىرىغىدا ئېنىق كۆرەلمىدىممۇ ئىشقىلىپ ئۇياق-بۇياققا نەچچە مېڭىپمۇ سۇ ماشىنىسىنى تاپالمىدىم.  ئەمدى ھاجەتخانىنىڭ تۇربىسىدىكى سوغۇق سۇنىلا ئىچەي دەپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ قاراڭغۇ ئۇزۇن كارىدورغا قاراپ قورقۇنچ باستى، بەدىنىم شۈركەنگەندەك بولدى. مۇشۇ ۋاقىتتا كارىدورنىڭ يەنە بىر بېشىدىن ئۇ چىقتى-دە، ئىتتىك مېڭىپ يېنىمغا كەلدى، مەنمۇ خۇددى  قۇتقۇزغۇچى ئىلاھنى كۆرگەندەك ئاجايىپ خوش بولۇپ كەتتىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە بايا مەن ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ ماڭغاندىلا ئۇ ئويغىنىپ كېتىپتىكەن، شۇڭا مېنى كىرگەندە ئىشىكنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن دەپ قارىسا، خېلى ۋاقىت ئۆتۈپمۇ كىرمىگەن، شۇنىڭ بىلەن مەندىن ئەنسىرەپ چىقىشى ئىكەن.

    ئۇ كۈندىكى ھەرقانداق بىر ئىنچىكە تەپسىلاتلارمۇ شۇنچىلىك ئېنىق. ئاي ئىنتايىن يورۇق، ئاي نۇرى يىراقتىن، كارىدوردىكى دېرىزىدىن ئاستا كىرىپ كەلگەن؛ كارىدوردىكى چىراغ نۇرى ئىنتايىن غوۋا، پۈتۈن جاھان ئىنتايىن تېنچ ئىدى، خۇددى ئىككىمىزنىڭلا يۈرىكى ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك. بىز ئۇزۇن قاراڭغۇ كارىدورنى بويلاپ ماڭدۇق، ئۇ ماڭا سۇ ماشىنىسىدىن سۇ ئېلىپ بەردى، ئەمدى قولۇمغا ئالاي دېيىشىمگە، ئۇ: «بەك قىززىق، تۆكۈۋالىسىز، مەن ئالاي.» دېدى. قەلبىم ئىللىق تۇيغۇغا چۆمدى. بىرەر ئوغۇل بالا ماڭا ئەزەلدىن بۇنداق مۇلايىملىق بىلەن گەپ قىلىپ باقمىغان. بۇمۇ بەلكىم مېنىڭ خاتا تۇيغۇمدۇر، ياكى جىمجىت ئۇزۇن كارىدوردا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئەكىس سادا يېنىپ شۇنداق تەسىرچان ئاڭلانغاندۇر. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ئاۋازى بۇلۇتلار توپىدەك مېنى قوينىغا ئېلىۋالغانىدى.

    ياتاققا كىرگۈچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق، ياتاققا قايتىپ كىرىپ ئورنىمىزغا قايتىپ ياتقۇچىمۇ جىمجىت. دېرىزىدىن دەرەخ شاخلىرىنىڭ سايىلىرى چۈشۈپ تۇراتتى، ئۇ كۈنى ئانچە سوغ بولمىسىمۇ، مەن ئىنتايىن مۇزلاپ تۇراتتىم، چىشلىرىم كاسىلداپ كەتتى. ئۇ كۈنى ئىنتايىن ياخشى ئۇخلاپتىمەن. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە تۇرغاندا، ھاياتلىق قايتىدىن ئويغانغاندەك ھېسسىياتتا بولۇپ قالدىم.

    شۇ بەلكىم مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈم بولغان بولسا كېرەك. شۇ، شۇنچىلىكلا، كېيىنى يوق. داۋامى يوق. بۇنى ئارزۇ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم، ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ مەكتەپتىن چېكىنىپ، چەتكە چىقىپ كەتتى. بىزنىڭ ئالاقىمىزمۇ ئۈزۈلدى. مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭغا بۇ توغۇرلۇق ئېغىز ئېچىپ باقمىدىم ھەم جۈرئەتمۇ قىلالمايتتىم. گەرچە مەن ئۇنىڭغا ھېسسىياتىمنى شۇندا ئېنىق قىلىپ ئېيتقۇم كەلسىمۇ، ئۇنداق قىلمىدىم. مەندە ئۇنچىلىك جۈرئەت يوق، مەن ھاقارەتكە ئۇچراشتىن قورقىمەن. خېلى يىللاردىن كېيىن مەن چوقۇم مۇشۇنداق قىلغىنىم ئۈچۈن خوش بولىمەن. ئۇنىڭ قەلبىدە شۇ ئوبرازىم  بىلەنلا قالاي، ئۇمۇ شۇنداق بولسۇن. مەنچە ئۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ھېسسىياتتا ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، مەن دېمىسەم، ئۇمۇ ئېغىز ئاچمىدى، ئۇ بىلىپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچمىدى، مەن چۈشەندىم. ئۇ بەك ئاقكۆڭۈل، مۇبادا مەن ئېغىز ئېچىپ قالسام ئۇ قانداق رەت قىلىشنى بىلەلمەي، چوقۇم بەك قىينىلىلپ كېتىدۇ.

    كېيىنكى ئىككى يىل جەريانىدا، مەن ئىزچىل ئۇنى ئەسلەپ تۇردۇم. ئۇنىڭ ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، قانداقراق ئۆتىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ تۇردۇم. بۇ خىل ھېسسىيات لەگلەكنىڭ يىپىغا ئوخشاش بولۇپ، ھاۋا بوشلۇقىدا توختىماي ئۇياق-بۇياققا تەۋرىنىپ تۇرىدۇ. بەزىدە كىتاب كۆرۈپ بەك كەچ  بولۇپ كەتكەندە، سىرتتىكى ئاي نۇرىغا قاراپ، ساياھەتكە چىققان شۇ كۈننى، ھېلىقى كېچىنى ئەسلەيمەن. سىرتتىكى ئورمانزارلىقتىن دەرەخ شاخلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ، قەلبىم يەنە بىر قېتىم ئىللىقلىققا تولىدۇ. كۆڭلۈمدە: سىزنىڭ بىر ئاقكۆڭۈل، چىرايلىق قىز بىلەن مەڭگۈ بەختلىك، خۇشال ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، دەپ دۇئا قىلىمەن.

    بەلكىم ئۇ شۇ چاغدا ھېچنىمىنى ئويلىمىغان بولغۇيتتى، مەيلى قانداقلا بولسۇن، مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئادەم مانا مۇشۇنچىلىكلا. سىزنىڭ ئېرىشكىنىڭىز ئىنتايىن ئاز، ئىنتايىن ئاز. ئەمما شۇنداق بىر پۇرسەتتە ناھايىتى كىچىك بىر جاۋابقا ئېرىشىپ قالسىڭىزلا، خېلى ئۇزۇنغىچە ئاجايىپ خوشال بولۇپ كېتىسىز. بەزى تەسىرلەرگە مەن ئۆزۈم ئېرىشتىم، چۈشەندىم، مۇشۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك. مەن بۇنىڭدىنمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى خالىمايمەن.

    **********************************

    \

    پىشانەمگە پۈتۈلگەن مۇھەببەت ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاخىرى باشلاندى. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن فوتوگرافلىقنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتىم ـــــــ بۇمۇ بەلكىم ئۆزۈمدە گۈزەللىكنىڭ كامچىل بولۇشىدىن بولسا كېرەك. شۇڭا مەن گۈزەللىك تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان جەلپ قىلىش كۈچىگە باي نەرسىلەرگە ئىنتايىن قىزىقاتتىم، ئۇلارنى ساقلاپ قالغۇم كېلەتتى. ـــــ مەن ئۇنىڭ بىلەن فوتوگرافلارنىڭ بىر مۇنبىرىدە تونۇشۇپ قالغان. ئەمما ھېكايە-رومانلاردا ئېيتىلغاندەك ئۇنداق رومانتىك ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىمىزنىڭ ئەسىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىمىزدىن ئۆزئارا تونۇشۇش ئىستىكى بولغان. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ مۇنبەردە ئادەم ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە دىققەت قىلىشقىمۇ پۇرسەت يوق ئىدى. بېشىدا بىر مەكتەپتىكىلەر توپىدا ئۇنى كۆرۈپ قالدىم. كېيىنچە ئىككىلىمىزنىڭ ئەسىرى بىر-بىرىمىزنى جەلپ قىلىپ، ئېلخەت يېزىشقا، ھەرخىل ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىمىزنى قالدۇرۇشتۇق.

    بىز ئىنتايىن ئاستا تەرەققىي قىلدۇق. چۈنكى، مەن ئىزچىل تۈردە ئۆزۈمنى ئارتۇقچە ئويلىماسلىققا، بەك ئۈمىدۋار بولۇپ كەتمەسلىككە ئەسكەرتىپ تۇردۇم. بىزنىڭ مۇناسىۋېتىمىز خۇددى توردىكىلا مۇناسىۋەتتەك، قۇياش نۇرىنى كۆرسىلا ئۆلىدىغاندەك بىلىنەتتى. مېنىڭمۇ ئۆزۈمنىڭ غورۇرى بار. مەن، مۇبادا ئىككىمىز مۇشۇنداق ئالاقە قىلىپ يۈرۈپ، بىر-بىرىمىزنى راستلا ياقتۇرۇپ قالساق ھەمدە كۆرۈشسەك. ئاندىن ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۇ مەڭگۈلۈك غايىپ بولۇپ كېتەتتى. خۇددى تور دۇنياسىدىكى نۇرغۇن نۇرغۇن ھېكايىلەرگە ئوخشاش. مەن ئۇنداق باشقىلارنى قورقىتىپ قاچۇرۇۋېتىدىغانلاردىن بولۇشنى خالىمايتتىم. راستلا خالىمايتتىم. بىر كۈنلەردە ئۇنىڭ مېنى ئەسلىگىنىدە: «مەن بىر قورقۇنچلۇق مەخلۇقتەكلا بىر قىزنى كۆردۈم..» دېيىشىنى خالىمايتتىم. ھېلىھەم مېنىڭ ئۇچرىغان زەربىلىرىم ئاز ئەمەس. ماڭا ئايان، مەن بىرەر يەردە تۈگۈلۈپ تۇرۇۋالساممۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىنى تارتقۇدەك دەرىجىدە ئالاھىدە. مېنىڭ قىلالايدىغىنىم بولسا، ئۆزۈمنى بىرەر نەرسىنىڭ دالدىسىغا ئېلىپ، ئەتراپىمدىكى گۈزەللىككە تەسىر كۆرسەتمىسەملا بولدى.

    «سەت تۇغۇلۇپ قالغىنىڭ سەندىكى خاتالىق ئەمەس، ئەمما ئۇ چىرايىڭ بىلەن باشقىلارنى قورقاتقىنىڭ توغرا ئەمەس» دېگەندەك، مەن ھەرقانچە ياسانساممۇ كىشىلەرنىڭ غەلىتە قارىشىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتەتتىم. چىرايلىق كىيىملەر، گىرىملار چىرايلىق قىزلارنىڭ ئۇچىسىغا چىقسا ئۇ تېخىمۇ چىرايلىق، ئەمما ئۇنداق نەرسىلەرنى بىرەر سەت قىز ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى يېپىشقا ئىشلىتىپ قالىدىغان بولسا، ئۇ چوقۇملا بىر مەخلۇقنىڭ ئۆزى بولىدۇ. راست مۇشۇنداق، چىرايلىق قىزلار تىلەمچىدەك كىيىنىپ چىقسىمۇ، ئۇ مودا. ئەمما سەت قىزلار شۇنچە چىرايلىق كىيىملەرنى كىيسە، كىيىمنىڭ چىرايلىقلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ سەتلىكى روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ كېتىدىكەن. توۋا دېمىسە!

    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېسسىيات دېگەن پىلانلىغىلى بولمايدىغان نەرسە. كېيىنچە ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە بەك قويۇڭلىشىپ كەتتى. بولۇپمۇ قىسقا ئۇچۇر ئالاقىسى. ھەركۈنى كەچ ئۇ ماڭا ئۇچۇر قىلىپ: «خەيرلىك كەچ!» دەيدۇ، مەن قايتۇرۇپ: «سىزمۇ» دەيمەن، بىز ھەركۈنى مۇشۇنداق. ئىنتايىن ئاددى، ھېچقانداق بىر ئالاھىدىلىك يوق. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «نېمىشقا؟ مۇمكىن ئەمەس!» مەن بۇنىڭغا جاۋابەن: «راست، سىز مېنى كۆرسىڭىزلا پۇشايمان قىلىسىز!» دەيمەن. ئۇ قايتۇرۇپ دەيدۇ: «ئەمما مەن سىزگە ئامراق.»

    بۇ مەن چىشىم چىقىپ تۇنجى قېتىم بىر ئوغۇل بالىنىڭ ماڭا سىزنى ياقتۇرىمەن، دېيىشى. مەن ئۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ خوشال بوپ كەتمىدىم. ئەكسىچە تۇيۇقسىزلا شۇنچە ئازاب ھېس قىلدىم. مېنىڭ نەزىرىمدە بارلىق نەرسىلەر شۇنچە ئاجىز ئىدى. بىلىمىم، ئاقكۆڭللۈكۈم، خۇشئاۋازلىقىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە چىراينىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. چىرايلىق چىراي بولمىسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينەك ئىدى. قولىڭىز سەللا تېگىپ كەتسە كۇكۇم-تالقان بولاتتى.

    مەن ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ بەختىنى قولدا تۇتۇپ تۇرۇشنى نەقەدەر ئۈمىد قىلاتتىم. مېنىڭ باشقىلارغا مۇھەببەت بەرگۈم، باشقىلاردىنمۇ مۇھەببەت ئالغۇم كېلەتتى. ھەركۈنى ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا تۇرغان شۇ بىر جۈپلەردەك، ئۆزۈمنىڭ قايغۇسىنى، خۇشاللىقىنى بىرسى بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلاشقۇم كېلەتتى. بىللە ماڭغۇم، بىلەل يۈرگۈم كېلەتتى.

    ئەمما مەن سەت قىز بولغاچقا، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كەلگەن تەقدىردىمۇ ئۇچۇپ كېتەتتى.

    بىز تۇنجى قېتىم، مەكتەپ سىرتىدىكى بىر غەربچە تېز تاماقخانىدا ئۇچراشتۇق، ئادەتتە مەن كۆينەكنى بەك ئاز كىيەتتىم، ئۇ كۈنى مەن  بىر قارا كۆينەك كىيدىم. مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭغا چىرايى توغرىسىدا سۆز ئېچىپ باقمىغانىدىم. چۈنكى مەن ئىككىمىز بىر كۆرۈشسەكلا، بىربىرىمىزنىڭ دۇنياسىدىن پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەتتىم. ئەمما شۇ كۈننىڭ ئۆزىگە كەلگەندە مەن تۇيۇقسىز پۇشايمان قىلدىم، ئۆزۈمنى، ئۆزىنى چاغلىمايدىغان دەپ ئەيىبلىدىم. قېچىپ كېتىشنىمۇ ئويلىدىم، ئەمما ئەمدى ئۈلگۈرەلمەيتتىم، ئۇ ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغانىدى.

    ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا مېنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىدى، مەنمۇ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن مېنى بىر كۆرۈپلا ئۆزى ئىزدەيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىۋالغانلىقى ئىنتايىن ئايدىڭ ئىدى. ئۇ كېلىپ ئولتۇردى، ئاندىن ماڭا، بەك ساقلىتىپ قويدۇممۇ، دېدى. مەن ياق دېدىم. مەن پەقەت كىشىلەرنى ساقلىتىپ ئادەتلەنمىگەنىدىم. ئۇ بويلىرى ئېگىز، ئىنتايىن نۇرلۇق قارا كۆزلىرى بار بالا ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ، تېخىمۇ خۇدۈكسىرىدىم. تېخىمۇ پۇشايمان قىلدىم. بىز تاماق بۇيرۇتقىلى باردۇق، ئۇ مەن ھېساۋات قىلىمەن دەپ تۇرۇۋالغاچقا، مەن ئاران بىر ئىستاكان ئىچىملىكلا ئالدىم.

    بىز بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئاستا مېڭىپ مەكتەپكە قايتتۇق. بىز قىزلار ياتاق بىناسى ئالدىدا خوشلاشتۇق. ياتاققا قايتىپ كىرىپ، كارىۋاتتا سوزۇلۇپ ياتتىم. يانفونومدىكى تونۇش نومۇرغا قاراپ، ئۇھسىندىم، كۆڭلۈمنى ئاجايىپ بىر ئۈمىدسىزلىك قاپلىۋالدى.

    ئۇ كۈنى كەچتە، ئۇ مەن بىلەن ئالاقىلاشمىدى، ئۇچۇرمۇ قىلمىدى. كۆڭلۈمدە، ھامان مۇشۇنداق بولاتتى، دەپ ئويلىدىم.

    بۇ نەتىجە مېنىڭ پەرىزىم ئىچىدە ئىدى. شۇڭلاشقا ئۆزۈمنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىپمۇ قالدىم. شۇڭا سومكامنى ئېلىپ مۇزاكىرە قىلغىلى ماڭدىم. كەچتە تاللا بازىرىدىن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ تازا مەززە قىلىپ يىدىم. ياتاقداشلىرىم بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ دېيىشتى: «ۋاي ئاللاھ، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ بۇنچە جىق يەپ ئېتىلىپ كەتمە يەنە!» مەن ئۇلارغا قاراپ بېشىمنى چايقاپ قويدۇم.

    ئۇ كۈنى كەچتە مەن كارىۋېتىمدا ياتقاچ، ئاي نۇرىنىڭ يوتقىنىم ئۈستىگە چۈشكەن شولىسىغا قارىدىم. يوتقىنىم سەللا  مىدىرلىسا، ئىنچىكە ئاجىز شولىلار خۇددى سانسىزلىغان كىچىك زېرەكچاقلار سەكرەۋاتقاندەك بولاتتى. سىرتتا شامال چىقىۋاتاتتى، دەرەخ شاخلىرى شىرىلدىشاتتى. خۇددى دېڭىز سۈيىدەك. ئۇيقۇم پەقەتلا كەلمىدى. ساناق ساناپ باقتىم. سانا-سانا بىر ۋاقىتتا ياستۇقۇمنىڭ ھۆل بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ قارىدىم. ئەسلىدە مەن يىغلاۋاتاتتىم. ئەسلىدە مەن ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلاۋاتاتتىم: «خەيرلىك كەچ»

    ئەتىسى ئەتىگەندە، ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقىمدىنمۇ ئىشقىلىپ بېشىم قىيىپ تۇراتتى. يانفونۇم سايرىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى قۇلىقىم يېنىدا ياڭرىدى: «كەچتە بىللە تاماق يەمدۇق؟» مەن گاڭگىراپلا ماقۇل دېدىم، ئاندىن تېلىفوننى قويدۇم. ئۇ كۈنى بىز بىر ئېسىل تېز تاماقخانىدا تاماق يىدۇق. ئۇ قولىدا بىر قەغەز بولاق كۆتۈرۈۋالغان ئىدى. ئۇ بىر چاغدا قولىدىكى قەغەز بولاقتىن بىر دەستە ئەتىرگۈل ئېلىپ، ماڭا سۇندى: «سىزگە سوۋغام»

    ئوتقاشتەك قىپقىزىل ئەتىرگۈل، 20 دانە. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدا تۇنجى بولۇپ تاپشۇرۇۋالغان گۈل. مەن ئۆزۈممۇ بىلەلمەيلا ئۇنىڭدىن: «تۈنۈگۈن نېمە دەپ ماڭا ئۇچۇر قىلمىدىڭىز؟» دەپ سورىدىم. ئۇ: «ئاخشام تېلىفونۇمنىڭ باتارىيىسى تۈگىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن سىز بىلەن كۆرۈشۈپ تاماق يەيمەن دەپ ئويلاپ.....» دەپ بېشىنى تۇتۇپ قويدى.

    مۇھەببەت ئەڭ تەييارلىقىم يوق ۋاقىتتا تۇيۇقسىزلا ئاسماندىن چۈشتى.

    مانا بۈگۈن ئىككىمىز تونۇشقانلىقىمىزنىڭ تۆت يىللىقى. مۇھەببەت تولىمۇ قەيسەر بىر ئىش ئىكەن. شۇ يىلى يازدا مەن ئۆزۈمگە يەنە، بۇ دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق دېدى. بىر ياز، مەن ئىزچىل قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمەلىيلەشتۈردۈم. بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئورۇقلاش. ئۈچ ئاي ئىچىدە، نەدىن كەلگەن ئۇنچىۋالا ئىرادە ئۆزۈممۇ بىلمىدىم. مەن 15 كېلوگرام ئورۇقلىدىم. ئۇ ياز ئۆتۈپ كەتكەندە ئەينەككە قاراپ شۇنى بايقىدىم. ئەسلىدە ئەينەكتىكى بۇ قىزنىڭ چىرايلىق ئېڭىكى، سۈزۈك تېرىسى بار ئىكەن. كۆزلىرى چوڭ، بۇرنى پاناق بولسىمۇ ئۆزىگە ياراشقان ئىكەن.

    مەنچە مەن ھېلىھەم چىرايلىق قىزلاردىن ھېسابلانمايمەن. ئەمما ھېچ بولمىغاندا مەن ھازىر بىر ئادەتتىكىچە بىر قىز. ئەمدى مېنى ھېچكىممۇ سەتلەر قاتارىغا تىزمايدۇ، مېنى ئەڭ خوش قىلىدىغىنى، ئۇ ماڭا ئىنتايىن كۆيۈنىدۇ، مېنى ئەتىۋارلايدۇ، مەنمۇ بۇ سىياقىم بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى تۆكمەيمەن. ھى ھى..

    تۆت يىل قىسقا ۋاقىت بولمىسىمۇ، ئىنتايىن تېز ئۆتتى. بۇ تۆت يىلدا ئىنتايىن كۆپ ئىش يۈز بەردى. بۇ ئىشلار بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى سىناشقا يېتىپ ئاشىدۇ.... مەن بەزىدە ئىلگىرىكى سۈرەت ۋە كۈندىلىك خاتىرىلىرىمنى كۆرۈپ، بۇرۇنقى ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ قالاي دېگەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن. نۇرغۇنلىغان چاغلاردا مەن مۇنداق ئويلاپ قالىمەن. ھاياتلىقنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا بارماي تۇرۇپ، تەقدىرنىڭ تەڭلىك ياكى تەڭسىزلىكىگە بەلكىم بىزنىڭ باھا بېرىشىقا ئاساسىمىز ئاجىز كېلىشى مۇمكىن.

    چىرايلىق چىراي ئۇ تەڭرىنىڭ ساڭا بەرگەن سوۋغىتى. ئەمما بۇ دۇنيا ئادىل. ھېچكىم تۇغۇلۇشىدىنلا تەلەيلىك بولمايدۇ.... ھەرقانداق قىز چىرايلىق مەلىكىگە ئايلىنالىشى مۇمكىن. ئەمما بىر سەت دېدەكنىڭ چىرايلىق مەلىكىگە ئايلىنىشىغا بىر مەزگىل ۋاقىت ۋە پۇرسەت كېتىدۇ.... شۇڭا ئەزىزلىرىم، سىزنى مەلىكىگە ئايلاندۇرىدىغان شاھزادىنى چىڭ تۇتالىسىڭىزلا، سىز چوقۇم چىرايلىق مەلىكىگە ئايلىنالايسىز!

    \

    (گۈليارە تۇرسۇن خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلدى)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.