گايتىس زىياپەت قىلسا، جۇڭگو بايلىرى نىمىشقا بېرىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ؟

يوللىغۇچى : lezine يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-08 17:03:42

گايتىس ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن نەسىھەت قىلسا، بەزى جۇڭگو بايلىرى نىمىشقا زىياپەتكە بېرىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ پۇل ئىئانە قىلىشتا ئۈنۈمنى ئويلاش كېرەك، بۇ جۇڭگو بايلىرىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا ئاكت...

    گايتىس ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن نەسىھەت قىلسا، بەزى جۇڭگو بايلىرى نىمىشقا زىياپەتكە بېرىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ

    پۇل ئىئانە قىلىشتا ئۈنۈمنى ئويلاش كېرەك، بۇ جۇڭگو بايلىرىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا ئاكتىپ بولماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئۆزلىرى بەزىبىر ئاپپاراتلارغا ئىئانە قىلغان پۇللارنىڭ ياخشى ئىشلىتىلمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، بۇ خىل ئەندىشىنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ، خەير-ساخاۋەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىغىمۇ پايدىلىق، ئەمما خەير-ساخاۋەتتىن ئىئانە قىلغۇچىلار «مەنپەئەتلەنمەسلىكى» كېرەك، «پايدا» ئالسا تېخىمۇ بولمايدۇ، پۇل ئادەملەرگە ياردەم قىلىشىمۇ مۇمكىن، ئەخلاقنىڭ تەھدىتى كىشىلەرنى رەنجىتىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن، گايتىس بىلەن بۇففېت بۇ سەپىرىدە «ئىئانە قىلىشقا نەسىھەت» قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى، ئۇنداقتا جۇڭگو بايلىرىغا  قانداق ئاق كۆڭۈللۈك قىلىشنى ئۆگىتىشكە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ (جىڭ يىشەن)
    مۇبادا «گايتىس بىلەن بوففېت» جۇڭگوغا  كېلىپ پۇل تېپىش سىرىنى ئۈگەتسىچۇ!
    بۇففېت بىلەن بىل گايتىس (قىسقارتىپ، بوف، بىل دەپ ئاتالدى) جۇڭگوغا كېلىپ خەير-ساخاۋەت كېچىلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 50نەپەر جۇڭگولۇق باينى تەكلىپ قىلماقچى، بەزىلەر «ئىئانە قىلىش»تىن ئەنسىرەپ كېچىلىك زىياپەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلسا، بەزىلەر دەرھال ئاۋاز قوشۇشتى، «بايلارنىڭ ھەر خىل قىياپەت» جانلىق كارتىنلىرى كۆرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئومۇمەن جۇڭگو بايلىرىنىڭ «ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ قانداق» ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ھەمدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئۇلارنىڭ بايلىق پەزىلىتىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ. «بۇففېت بىلەن گايتىس» ئىككىيلەننىڭ جۇڭگوغا كېلىشى سوغاق ئوسال ئەھۋالغا ئۇچرىمايدۇ، يېقىنقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، قىسمەن «يولى ئوخشىمايدىغان، كۆزلەيدىغىنى ئۆزئارا ئوخشىمايدىغان» جۇڭگو بايلىرى راستىنلا «بۇففېت بىلەن گايتىس»قا يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن.

     شىنخۇا تورىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر