ھەزرىتى مەۋلانە جەلالىدىن رۇمى

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-23 02:17:58

قېرىندىشىمقېرىندىشىم سەنئوي-خىيالدىن ئىبارەتسەن،قالغانلىرى گۆش ۋە ئۇستىخاندىن سەن.گۈل پېشىگە چۈشسەڭ گۈلۈستان بولارسىنسەن،تىكەن خىيالىغا چۈشسەڭ تىكەنلىك .قانچىلىغان ئىنسانلار كۆردۈمقانچىلىغا...



     قېرىندىشىم

    قېرىندىشىم سەن ئوي-خىيالدىن ئىبارەتسەن،

    قالغانلىرى گۆش ۋە ئۇستىخاندىن سەن.

    گۈل پېشىگە چۈشسەڭ گۈلۈستان بولارسىنسەن،

    تىكەن خىيالىغا چۈشسەڭ تىكەنلىك .

     

    قانچىلىغان ئىنسانلار كۆردۈم

    قانچىلىغان ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۈستىدە كىيىم يوق،

    قانچىلىغان كىمخابلارنى كۆردۈم ئىچىدە ئىنسان يوق.

     

    بولغىنىڭ كەبى كۆرۈن ياكى كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول

    قۇياش كەبى بول شەپقەتتە، مەرھەمەتتە،

    كېچە كەبى بول ئەيىبلەرنى ياپماقتا.

    ئاقارسۇ كەبى بول كەرەمدە، مەرتلىكتە،

    ئۆلۈك كەبى بول ئاچچىقتا، ئەسەبىيەتتە.

    تۇپراق كەبى بول كەمتەرلىك ۋە ئاددى-ساددىلىقتا،

    يا  بولغىنىڭ كەبى كۆرۈن ياكى كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول

     

    شەھۋەتنىڭ ئېتىنى ئاشىق قويدىلار

    شەھۋەتنىڭ ئېتىنى ئاشىق قويدىلار،

    ئەگەر شەھۋەت ئاشىق بولغان بولسىدى

    ئېشەكلەر ئاشىقنىڭ شاھى بولاردىلەر.

      -ھەزرىتى مەۋلانە جەلالىدىن رۇمى

         زەيتۇنشېخى‹ئاشىق›تەرجىمىسى

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قېرىندىشىم