سۇدان نېمە ئۈچۈن پارچىلاندى؟

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-12 21:11:17

سۇدان نېمە ئۈچۈن پارچىلاندى؟پارچىلىنىپ كەتكەن باشقا ئەللەرگە ئوخشاش، سۇداننىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى بىرمۇنچە ئېزىتقۇ نەزىرىيە، رېئال ۋە سىياسىي سەۋەبلەردىن بولغان.سۇداننىڭ جەنۇبىدا ئومۇمىي خەلق...

     

    سۇدان نېمە ئۈچۈن پارچىلاندى؟ 

     

    پارچىلىنىپ كەتكەن باشقا ئەللەرگە ئوخشاش، سۇداننىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى بىرمۇنچە ئېزىتقۇ نەزىرىيە، رېئال ۋە سىياسىي سەۋەبلەردىن بولغان.

     

    سۇداننىڭ جەنۇبىدا ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى «تونۇردىن چىقتى». ٪99 تىن ئارتۇق ئاۋاز بەرگۈچى جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىل بولۇشى قىل سىغمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. ( بۇ ماقالە ئىلگىرى يېزىلغان. جەنۇبىي سۇدان 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىدى- تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى). كۈزەتكۈچىلەر: ئافرېقا قىتئەسىدىكى زېمىنى ئەڭ چوڭ بولغان دۆلەت سۇداننىڭ ئىككىگە پارچىلىنىشى سۇدان دۆلىتىنىڭ يەر سىياسەتچىلىكىنىڭ تراگېدىيىسى، شۇنداقلا دۇنيا يەر سىياسىيتېررىتورىيەسىنىڭ پارچىلىنىش يۈزلىنىشىنىڭ يېڭى كارتىنىسى دېيىشمەكتە.

     

    ئۆتكەن ئەسىردە 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندا، دۇنيادا 30 نەچچە دۆلەت بار ئىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندا، دۇنيادىكى دۆلەت سانى 50 دىن ئاشتى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىدە يەنە يېڭىدىن 100 نەچچە دۆلەت كۆپەيدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى، شەرقىي ياۋرۇپانىڭ پارچىلىنىشى بىلەن، 20دىن ئارتۇق يېڭى دۆلەت كۆپىيىپ، دۆلەت سانى 200گە يېقىنلاشتى. 2011-يىلى سۇداننىڭ پارچىلىنىشى بىلەن بۇ يۈزلىنىش يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.

     

    2008-يىلىدىكى كوسوۋو ئەندىزىسىگە ئوخشاش، غەرپتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، جەنۇبىي سۇدان ۋە شىمالىي سۇدان 2005-يىلى  ئومۇمىيۈزلۈك تېنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. مەركىزىي ھۆكۈمەت جەنۇبلۇقلارنىڭ ئالتە يىلدىن كېيىن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش بىلەن مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىقنى ئۆزى قارار قىلىشىغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. كەڭ دائىرىدىن قارايدىغان بولساق، دۇنيادىكى ٪90 تىن كۆپرەك دۆلەت كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەردۇر. مىللەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى ۋەزىيىتى ھازىرغىچە پەسەيگىنى يوق. ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىتىن ئىبارەت سۇدان ئەندىزىسى  بۆلگۈنچىلىك تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن خەتەرلىك ئۆرنەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل پارچىلىنىش ئەندىزىسى كېڭىيىپ كەتسە، يەر سىياسىيتېررىتورىيەسىنىڭ پارچىلىنىش يۈزلىنىشى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

     

    بىر مۇنچە كۈزەتكۈچى ئەربابلار سۇداننىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سەۋەبلەردىن يەنى ئىرق، دىن مسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى، جەنۇب بىلەن شىمال تەرەپ ھۆكۈمىتىنىڭ تىلى بىر، دىلى باشقا بولغانلىقى، مەزكىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى قاتارلىقلاردىن كۆرۈشتى. بۇ ئامىللارنىڭ تەسىرى بولغانلىقى راست، لېكىن، چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، پارچىلىنىپ كەتكەن باشقا ئەللەرگە ئوخشاش، سۇداننىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى بىرمۇنچە ئېزىتقۇ نەزىرىيە، رېئال ۋە سىياسىي سەۋەبلەردىن بولغان.

     

    بىرىنچى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش نەزىرىيىسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى. ئاتالمىش «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى» دېگەنلىك، بىر مىللەتنىڭ يات مىللەت كوللېكتىپىدىن ئايرىلىپ دۆلەتنى پارچىلىشى، مۇستەقىل بولغان مىللىي دۆلەت بولۇشى، ھەرقانداق مىللەت ئۆزىگە كىمنىڭ ۋەكىللىك قىلىشىنى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، دېگەنلىكتۇر. ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى نەزىرىيە مەنبەسى بار: بىرى، ياۋرۇپادا پەيدا بولغان «قەۋم ئەۋلادىنىڭ مىللىي مەسلەك» نەزىرىيىسى. 18-ئەسىردىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە فرانسىيە ئىنقىلابى ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋىلسون «14 تۈلۈك پىلان»دا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنىسىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئىككىنچىسى، لېنىن رەھبەرلىكىدىكى بولشىۋىكلەر چارپادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، چېگرا ئىچىدىكى مىللەتلەرگە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى بەرگەن.

     

    2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى خەلقئارا قانۇنلارنىڭ مۇھىم پىرىنسىپلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش نامىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى پارچىلاش كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەر تاقابىل تۇرۇش ئەڭ قىيىن بولغان، شۇنداقلا نەزىرىيە جەھەتتە ئەڭ تىڭىرقاپ قالغان ئىش ھېسابلىنىدۇ.

     

    تارىخىي مەنبەسىدىن قارىغاندا، بىر مىللەت بىر دۆلەت بولۇش ئەندىزىسى ئەڭ دەسلەپ غەربىي ياۋرۇپادىن باشلانغان. 3-ئەسىردە رىم ئىمپىرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ياۋرۇپادا كىچىك دۆلەتلەر كۆپىيىتپ كەتكەن. بۇ خىل پەۋقۇلئاددە يەر سىياسىيتېررىتورىيەسىدە مىللەتلەر كۆپەيگەن ۋە كۈچەيگەن. بىر مىللەت بىر دۆلەت بولۇشتىن ئىبارەت مىللىي مەسلەك مانا شۇنداق پارچە-پارچە سىياسىيتېررىتورىيەدە ئۆسۈپ چىققان ئەپيۈنگۈلگە ئوخشايدۇ. يېقىنقى زاماندا، ياۋرۇپا گىنى بولغان بۇ خىل مىللەت نەزىرىيىسى بارچە كىسەلنىڭ شىپالىق دورىسى سۈپىتىدە شەرق ئەللىرىگە ئېلىپ كېلىندى. ياقا يۇرتتىن كەلگەن بۇ خىل سىياسىي پىكىر ئېقىمى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا شەرقتىكى دۆلەتلەرگە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۆچمەنلىك، ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىق پەيدا قىلدى. مىللەتلەر تەركىۋى ئەڭ مۇرەككەپ بولغان بالقان رايونىدا بىردىنلا ياۋرۇپادىكى پۇرۇخ تۇڭىغا ئايلىنىپ، قىسقىغىنا ۋاقتتا ئۈچ قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىنى پەيدا قىلدى، ھەمدە 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا سەۋەب بولدى.  كىچىك دۆلەتلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە بالقانلاشتۇرۇش ھازىرغا قەدەر سەلبىي مەنىدە قوللىنىلماقتا.

     

    ئىككىنچى، غەرب دۆلەتلىرى باشقا دۆلەتلەرنى پارچىلاشنى رەقىبىنى باپلاشنىڭ ستىراتىگىيىلىك ۋاستىسى قىلىۋالدى. خەلقئارا سىياسى پىرى مورگانسو «رەقىبىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى ئاجىز ھالەتتە قالدۇرۇشتا رەقىبىنى پارچىلاش ياكى پارچىلانغان ھالەتتە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. مانا بۇنىڭدىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمدا بىرلىشىش ۋە بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەردە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىگە بار كۈچى بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس.

     

    2008-يىلى مۇستەقىل بولغان كوسوۋونى ئېلىپ ئېيتساق، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا كوسوۋونى مۇستەقىل بولۇشقا قۇترىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ترورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىكى «كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيىسى» نى تىزىملىكتىن ئۆچۈرىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ تەشكىلات ئەركىنلىك جەڭگىۋارلىرى سۈپىتىدە سىرۋىيە ئارمىيىسى ۋە خەلقىگە زورلۇق بىلەن تاقابىل تۇردى. سىرۋىيە ھۆكۈمىتى قايتارما زەربە بەرگەندە ئامېرىكا، ياۋرۇپا كوسوۋو ئۇرۇشىنى قوزغاپ، كوسوۋونىڭ ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىپ مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەم بەردى.

     

    غەرب دۆلەتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى پارچىلاشقا خۇشتار بولۇشىدىكى سەۋەب، دۆلەتلەر قانچە كىچىك بولسا، ئۇلار خالىغانچە ئوينايدىغان پىچكىغا ئايلىنىدۇ.  كوسوۋونىڭ ئىلگىرى يۈگۈسلاۋىيەنىڭ كەمبىغەللەر مەھەللىسى دەيدىغان نامى بار ئىدى. ھازىرمۇ ياۋرۇپادىكى ئەڭ نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. دۇنيا بانكىسىنىڭ 2005-يىللىق ستاتستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كوسوۋونىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ٪44 كە يەتكەن، ٪37 ئاھالە نامراتلىق سىزىقىدىن تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەن. مەركىزى شەھەردە ئېلكتىر كۈچى يېتىشمەيدىكەن. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى باقالماي، ياۋرۇپا، ئامىرىكاغا يۆلىنىشكە مەجبۇر بولغان. 

     

    ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان سۇدانغا ئۆچمەنلىك قىلىپ كەلدى، سۇداننى ترورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، سۇدانغا ئوپىراتسىيە شەكلىدە زەربە بەردى، دارىفور مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ، سودىيە پرېزىدېنتى باشىرنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى سۇداننىڭ جەنۇبىنى پارچىلاشنى پىلانلاش بولدى. 2005-يىلى غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە مەجبۇرلىشى بىلەن، سۇدان شىمال ھۆكۈمىتى ۋە جەنۇب ئاپتۇنۇمىيە ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك تېنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئالتە يىلدىن كېيىن، جەنۇبنىڭ ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىقنى قارار قىلىشقا پۈتۈشتى. ئەينى ۋاقتتىكى جەنۇب ئاپتۇنومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى جالان دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوللاپ، ئىچكى قىسىمدا ئاپتۇنۇمىيەنى يولغا قويۇش تەرەپدارى ئىدى. ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، يېرىم يىل بولا-بولماي، ئۇ ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى بىلەن قازا قىلدى، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان رەھبەر غەرب  دۆلەتلىرىگە مايىل شۇنداقلا مۇستەقىللىقنى ياقلايتتى. سۇداننىڭ پارچىلىنىش يولى ئاساسەن غەرب دۆلەتلىرى سىزغان سىزىق بويىچە بولدى. سۇداننىڭ جەنۇبى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، كوسوۋونىڭ ئىزىنى بېىسپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشى تۇرغانلا گەپ. شىمال ھۆكۈمىتى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن، ئامېرىكا بىلەن تەڭ تۇرمىقى بەسى مۈشكۈل.

     

    تارىخىي تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلىكى دۆلەت مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىدۇر. تېررىتورىيەنىڭ پارچىلىنىشى سىياسىي جەھەتتە مالىمانچىلىق ھەتتا دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، گېرمانىيە تارقاق –پارچە ھالەتتىن مىللەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. ئامېرىكا جەنۇبىي قىسىمدىكىلەرنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى قۇراللىق باستۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشىغا تېررىتورىيە ۋە سىياسىي ئۇل سالغان. بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش نەتىجىسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىدىن مەھرۇم قالدى.

    (ماقالىنى يازغان ئاپتۇرنىڭ خىزمەت ئورنى: جۇڭگۇ ھازىرقى  زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات يۇرتى غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا تەتقىقات ئورنى)

     تەرجىمە قىلغۇچى: نوشىرۋان

    شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. تور ئادرېسى:

    http://news.xinhuanet.com/mil/2011-02/14/c_121077075.htm

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.