قۇلچىلىق

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-01 16:26:28

قۇلچىلىق-ئىنساننىڭ كۈندۈزىنى خورلۇق ۋە پەسكەشلىككە تولدۇرسا، كېچىسىنى قان بىلەن كۆز ياشقا تولدۇرىدۇ. مەن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن بۇيان يەتمىش يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇ ئۆمرۈمدە ھاقارەتلىك قۇللۇق ۋە پۇت قولىغا كىشەن سېلىنغا مەھبۇسلارنى ئەڭ كۆپ كۆرۈپتىمەن.

     
    قۇلچىلىق
     
    جىبران خىلىل جىبران (لىۋان)
    نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسى

     
    ئادەم-تۇرمۇشنىڭ قۇلى.
    قۇلچىلىق-ئىنساننىڭ كۈندۈزىنى خورلۇق ۋە پەسكەشلىككە تولدۇرسا، كېچىسىنى قان بىلەن كۆز ياشقا تولدۇرىدۇ.
    مەن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن بۇيان يەتمىش يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
    بۇ ئۆمرۈمدە ھاقارەتلىك قۇللۇق ۋە پۇت قولىغا كىشەن سېلىنغا مەھبۇسلارنى ئەڭ كۆپ كۆرۈپتىمەن.
    ھاياتىمدا دۇنيانىڭ مەغرىب-مەشرىقىنى تولۇق بىر ئايلىنىپ چىقتىم. تۇرمۇشنىڭ يورۇق تەرىپىنىمۇ، زۇلمەت تەرىپىنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم.
    مىللەتلەرنىڭ ۋە خەلقنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەردىن سەپ تارتىپ چىقىپ، خان سارايلىرىغا كېتىپ بارغىنىنى كۆردۈم.
    لېكىن، ھازىرغىچە مەن ئۇچراتقان جىمى ئادەمنىڭ ئېغىر بېسىمدىن قەددى پۈكۈلگەن، ئۇلارنىڭ قول-پۇتلىرى كويزا-كىشەن بىلەن مەھكەم كىشەنلەنگەن ھالدا مەبۇد ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالەتتە.
    مەن بابىلوندىن پارىژغىچە، نىنۋىخدىن نىيۇيوركقىچە باردىم.
    ئۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنسانىيەتنىڭ كىشەنلەنگەن قەدەم ئىزىنىڭ ئۇلارغا يانداش ماڭغان قۇملۇقلاردىكى ئىزلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
    تاغ-دەريالاردىن، ئورمان دالالاردىن ئىنسانلارنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىۋاتقان ئازابلىق نالە زارىنىڭ ئەكىس ساداسى ھېلىھەم ياڭراپ تۇرىدۇ.
    خان سارايلىرى، ئىلىم-مەرىپەت ماكانلىرى، مەسچىتلەرگە كىرگىنىمدە، ئالتۇن تەخت، لېكسىيە مۇنبىرى، نەزىر-چىراغ سۇپىسى ئالدىدا تۇرغىنىمدا، ھەمىشە ئىشچىلار سودىگەرلەرنىڭ قۇلى، سودىگەرلەر ئەسكەرلەرنىڭ قۇلى، ئەسكەرلەر بولسا ئەمەلدارلارنىڭ قۇلى، ئەمەلدار بولسا پادىشاھلارنىڭ قۇلى، پادىشاھ بولسا كاھىنلارنىڭ قۇلى، كائىنلار بولسا مەبۇدنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى بايقايمەن.
    مەبۇدنى بولسا جىن-شاياتۇنلار لايدىن ياساپ، ئىسكىلىت سۆڭەكلەرنىڭ ئۈستىگە تىكلەپ قويغان خالاس.
    مەن ھەشەمەتلىك داچىلارغىمۇ، نامراتلارنىڭ بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان كەپىلىرىگىمۇ كىرىپ باقتىم.
    ئالتۇن ھەل يالاتقان پىل چىشىدىن ياسالغان ئېسىل كارۋاتتىمۇ، دىمىق، ئەرۋاھنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان كونا ئۆيلەردىمۇ ئۇخلاپ باقتىم.
    ئاخىرى شۇنى بايقىدىمكى، قۇلچىلىقنى بوۋاقلار ئانا سۈتى بىلەن بىللە ئېمىپ چوڭ بولىدىكەن.
    بالىلار ئېلىپبە ھەرىپلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە خورلىنىشنىمۇ تەڭ ئۆگىنىدىكەن؛ قىزلار ئۇچىسىغا بويسۇنغۇچىدىن قىلىنغان كىيىم كىيسە، ئاياللار ئىتائەت كۆرپىسىدە ئۇخلايدىكەن.
    مەن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىشىلەرگە ئەگىشىپ گانگا دەرياسى بويلىرىدىن ئىفرات دەريا قىرغاقلىرىغىچە، نىل دەريا ھاۋزىسى، مونىت موسىس تېغى، ئافىنا مەيدانى، رىم چىركاۋى، كونىستانتىلپول كوچىلىرى، لوندوننىڭ بەدھەيۋەت ئېگىز بىنالىرىغىچە باردىم.
    ھەممىلا يەردە قۇلچىلىق ئەۋج ئالغانىكەن.
    كىشىلەر ئېسىل شاراپ، خۇش پۇراق ئەتىرلەرنى قۇلچىلىقنىڭ ئاياغلىرىغا چېچىپ، ئۇنىڭ بەتبۇي پۇراقلىرىنى پادىشاھلارنىڭ دىماقلىرىغا زىنھار پۇراتمايدىكەن.
    كىشىلەر قۇلپەرەس مەبۇدنىڭ ئالدىدا كۈجە كۆيدۈرۈپ، ئىسرىق سېلىپ، ئۇلارنى دانىشمەن ئەۋلىيا دەپ بىلىدىكەن.
    كىشىلەر قۇلپەرەسلەرنىڭ ئالدىغا يىقىلپ تەزىم قىلىشنى قانۇ-تۈزۈم دىيىشىدىكەن.
    كىشىلەر قۇلچىلىقنىڭ جىنايىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلىشىدىكەن، ئۆزىچە بۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىك دېيىشىۋالىدىكەن. كىشىلەر قۇلچىلىققا تىزلىنىپ تەسلىم بولىدىكەن. تېخى ئۇنى ياراتقۇچىنىڭ سايىسى دېيىشىدىكەن.
    كىشىلەر قۇلچىلىقنى ئىرادىسى بويىچە ئۆي ماكانلىرىنى كۆيدۈرۈپ، قۇرۇلۇش-ئىمارەتلەرنى ۋەيران قىلىشىدىكەن، تېخى بۇنى ئۆزىچە دوستلۇق، باراۋەرلىك دەپ ئاتىۋالىدىكەن.
    كىشىلەر قۇلچىلىق ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىكەن، تېخى بۇنى پۇل تېپىش، سودا قىلىش ئۈچۈن دەپ ئاتىۋالىدىكەن. قىسقىسى قۇلچىلىقنىڭ ئىسمى بەكلا كۆپ، لېكىن ھەممىسىنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش، شەكلى ھەرخىل، مېغىزى بىر خىل، قۇلچىلىق مەڭگۈلۈك ئاپەت، ئۇ كىشىلەرگە سان-ساناقسىز بالا-قازا ۋە دەرت-ئەلەم  ئېلىپ كېلىدۇ.
    قۇلچىلىق خۇددى ھاياتلىق ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مىراس قېلىپ داۋاملاشقانغا ئوخشاش، ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدۇ. ئەتىيازدا تېرىلغان ئۇرۇقتىن كۈز پەسلىدە ھوسۇل ئالغاندەك، بىز سازىرقى دەۋردە ئۇنىڭ ئۇرىقىنى تېرىپ قويساق، ئۇ نۇرغۇن دەۋرلەرنىڭ ئۇرۇقىدا بىخلىنىپ، ئۆسۈپ، يەنە باشقا بىر دەۋردە مېۋىسى پىشىپ، ئاقىۋىتىنى كۆرىدۇ.
    مەن خىلمۇ-خىل قۇللۇقنى كۆرگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالاھىدىسى شۇكى، كىشىلەرنىڭ ھازىرى بىلەن ئاتا-بوۋىسىنىڭ ئۆتمىشىنى قول تۇتاشتۇرۇپ، ئۆز-روھىنى ئاتا-بوۋىسىنىڭ ئەنئەنىسى ئالدىدا تىزلاندۇرۇش، چىرىك ئىدىيەگە يېڭى قاپ كىيدۈرۈپ، بىر دۆۋە قۇرۇق سۆڭەككە يېڭى قەبرە قاتۇرۇشتۇر.
    قۇللۇق-ئەركەكلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان خوتۇننىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈپ ئۆتۈشكە؛ ئايال زاتىنى بولسا، ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان ئەرنىڭ يوتقىنىدا بىر ئۆمۈر يېتىشقا مەجبۇرلايدۇ.
    ئەر بىلەن خوتۇن ئاياغ بىلەن پۇتتەك مۇناسىۋەتتە ياشايدۇ.
    گاسلارچە قۇللۇق-كىشىلەرنى شارائىتقا بوي سۇنۇشقا، نېمىنى كۆرسە شۇنى دوراشقا، باشقىلارنىڭ كىيگەن كىيمىگە قاراپ كىيىم كىيىشكە، باشقىلارنىڭ مۇقامىغا توۋلاشقا، باشقىلارنىڭ سايىسىدا كۈن ئېلىشقا مەجبۇرلايدۇ.
    توكۇرلارچە قۇللۇق-كىشىنىڭ بوينىنى سۇيقەستچىلەرنىڭ ئارغامچىسىدا باغلىتىپ، قابىلىيەتلىكلەرنى چېرىكلەرنىڭ ئولجىسىغا، ئۇلارنىڭ قول چوماقچىسىغا ئايلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى خالىغانچە جېنىدىن جۇدا قىلىدۇ.
    بالدۇر ھالاك بولۇش تىپىدىكى قۇللۇق-بالىلارنى روھىنى كائىناتتىن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھويلىسىغا تاشلايدۇ، ئاچارچىلىققا نادانلىقنى قوشىدۇ. خورلۇق ئۈستىگە غەزەپ قوشىدۇ. بالىلارنى جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە چوڭ بولۇشقا، تىرىكلىكىدە جىنايەتچى، ئۆلگەندە تاشلاندۇق بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ.
    نىقابلانغان قۇللۇق- سودا-سېتىقتا راست باھا ئېيتماسلىققا، ھىيلە-مىكىر، نەيراڭۋازلىقنى ئەقىل-پاراسەت دەپ ئاتاشقا، چۈپرەندىلىكنى بىلىملىك، ئاجىزلىقنى تېتىكلىك، قورقۇنچاقلىقنى ئېھتىياتچانلىق دەپ ئاتاشتۇر.
    تۈگۈلۈۋېلىش تىپىدىكى قۇللۇق-قورقۇنچاقلارنىڭ تىلىنى پوپوزا قىلىپ توختىتىپ قويىدۇ، چۈنكى توخۇ يۈرەكلەرنىڭ سۆزى بىلەن دىلى، ئىچى بىلەن تېشى ئەزەلدىن بىردەك بولغان ئەمەس. ئۇنداقلار خۇددى لاتىغا ئوخشايدۇ. ئائىلە خوتۇنلىرى قولىدا خالىغانچە يۇيۇلۇپ، تانىلارغا يېيىلىپ،  قاتلىنىدۇ.
    دوكلارچە قۇللۇق-باشقا دۆلەتنىڭ قانۇنى ئۆز مىللىتىنى ئىدارە قىلماقچى بولغانلاردۇر.
    قۇۋلارچە قۇللۇق-شاھزادىگە پادىشاھنىڭ خان تاجىنى كىيدۈرۈشتۇر.
    زۇلمەتلەرچە قۇللۇق-شەرمەندىچىلىكنىڭ  گۇناھكار ۋاپاسىز ئەركە ئوغلىغا ئوخشايدۇ.
    بۇ قۇللۇقلارنىڭ ھەممىسى قۇلچىلىققا تەۋە.
    قۇللۇق بىر خىل ئېنىرتسىيەلىك كۈچتۇر.
    مەنمۇ بىر قۇل!
    مەن ھېرىپ كەتتىم!
    مەن قۇللۇقتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندىم.
    مەن قۇللۇقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلماقچى، تۈنجى ئىنسان كەبى ئەركىن بولماقچى! تۈنجى ئىنساندەك ئەركىن نەپەس ئالماقچى!
    مەن زامانلاردىن زامانلارغىچە، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ، ئاخىر ھارغىنلىق يېتىپ، سايە چۈشۈپ تۇرغان دەريا بويىدا مىلللەتلەرنىڭ ئالغا ماڭغان قەدەملىرىنى كۆزىتىپ تەنھا ئولتۇردۇم.
    ئۇ يەرگە ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ چۈشى يوشۇرۇنغان، ئۇ يەرگە كەلگۈسىنىڭ روھى تېرىلغان، ئۇ يەردە مەن تولىمۇ ئاۋاق بىر كىشىنى ئۇچراتتىم.
    ئۇ قۇياشقا قاراپ يالغۇز كېتىپ بارغانىكەن.
    مەن ئۇنىڭدىن:
    -سىز كىم؟ ئىسمىڭىز نېمە؟-دەپ سورىدىم.
    -مېنىڭ ئىسمىم ئەركىنلىك،-دېدى ئۇ كىشى.
    مەن يەنە ئۇنىڭدىن:
    -سىزنىڭ پەرزەنتلىرىڭىز بارمۇ؟- دەپ سورىدىم.
    -يوق.
    -سىزنىڭ مال-مۈلكىڭىز بارمۇ؟
    -يوق.
    -ئۇنداقتا سىزدە نېمە بار؟
    مېھىر ۋە شەپقەت!
    -يەنىچۇ؟
    -ئەركىنلىك!-ئۇ شۇنداق دەپلا كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئارىسىدا غايىب بولدى.
     
    (خەنزۇچە «جىبران نەسىرلىرى توپلىمى» دىن تەرجىمە قىلىندى.)
    مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 5-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.