ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بەختلىك قىز

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-17 16:31:48

ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بەختلىك قىز غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى  ئاۋستىرىيىلىك قىزچاق ۋېگېر تۇغۇلۇشىدىنلا گۈزەل، ئەقىللىق ئىكەن. ئۇ بىر ئالىي مەكتەپتە ماي بوياق رەسىم سىزىشنى مەخسۇس ئۆگىنىپتۇ، ئۇنى...

    ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بەختلىك قىز
    غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى



        ئاۋستىرىيىلىك قىزچاق ۋېگېر تۇغۇلۇشىدىنلا گۈزەل، ئەقىللىق ئىكەن. ئۇ بىر ئالىي مەكتەپتە ماي بوياق رەسىم سىزىشنى مەخسۇس ئۆگىنىپتۇ، ئۇنىڭ قولىدا پۇل قىس چاغلاردا يىگىتى ئۇنى دۇنيا گۈزەللىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپتۇ، چۈنكى دەسلەپكى مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات سوممىسى بەش مىڭ دوللارغا يېتىدىكەن. ئۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئاخىر 1998-يىللىق دۇنيا گۈزىلى بولۇپ قاپتۇ.
        دۇنيادىكى قىزلار ۋېگىرنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتى، گۈزەللىكىگە ھەۋەس قىلىپ ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئە بەختلىك قىز ئىكەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇشقىنىدەك، ۋېگىرنىڭ دوستلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپتۇ . ئۇ ھەممەيلەن ھەۋەس قىلىدىغان بەختلىك قىزغا ئايلىنىپتۇ.
       ۋېگېر ئەسلىدە رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ، رەسىمنىمۇ خېلى ئوبدانلا سىزىدىكەن، ئازراق پۇل تاپسا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچماقچىمۇ بولغانىكەن، ئەمدى ئۇ بىراقلا پۇلغا كۆمۈلۈپ كەتكەچكە رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئېھتىياجى چۈشمىگەچكە رەسى سىزىشنى تاشلىۋېتىپتۇ.
        ۋېگېر يىگىتى بىلەن رومانتىكىلىق كەيپىيات ئىچىدە توي قىلىپ شىرىن ئاي ئۆتكۈزۈشكە بېرىپ ئىرمىشىپ - چىرمىشىپ يۈرمەكچى بولغانىكەن، ئەمدى ئۇنىڭدا رومانتىكىمۇ كەملەپ قالماپتۇ. ئۇ دۇنيا گۈزىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىراقلا شان - شەرەپ ۋە بايلىقنىڭ پەللىسىگە چىقىپ قالغاچقا دوستلىرى ۋە يىگىتىدىن بارا- بارا ئايرىلىپ قاپتۇ. ئىلگىرى قىزنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىپلا تۇرىدىغان يىگىتمۇ قىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كۆتىرەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. نەتىجىدە ئۇلار ئاسانلا ئايرىلىپ كېتىپتۇ.
       ئۇنىڭ ئىشلىرى گۈل - گۈلىگە كېلىۋاتقاندا، ئۆزى كرمانت ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ، مۇنداق كېسەلنىڭ ئەڭ چوڭ خەتىرى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ پەيدىنپەي ئاجىزلاپ كېتىشىدە، ھەتتا كور بولۇپ قېلىشتا كۆرۈلىدىكەن، ۋېگېر ئۈمىدسىزلىنىپ تۇرغاندا، جەنۇبىي ئافرىقىلىق بىر ئوغۇل بالا ئۇنىڭغا بىر بولاق توپا ئەۋەتىپ بېرىپ، شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن كېسىلىنى داۋالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ۋېگېر بۇ توپىنىڭ ئۈنۈمىگە ئىشەنمەپتۇ، ئەمما «بىر سىناپ باقمايمەنمۇ» دېگەن نىيەتتە يەنىلا ئۇنى ئىشلىتىپتۇ، مۆجىزە يۈز بېرىپتۇ: ئۇ دېگەندەكلا ساقىيىپ كېتىپتۇ.
        دۇنياغا مەشھۇر مودېل بولۇپ قالغان ۋېگېر كېيىن ئامېرىكىلىق بىر بايۋەتچىگە تېگىپتۇ.
       ئۇ ئىلگىرى - كېيىن ئالتە قېتىم ياتلىق بوپتۇ، ئەمما بىرمۇ ئەر كىشىگە كۆڭلى چۈشمەپتۇ، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى 30ياشقا كىرگەن ۋېگىر  ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋاپتۇ.
      بۇ ھېكايە توغرىسىدا يۈز ئادەم يۈز خىل تەبىر بېرىشى مۇمكىن، ئەمما سىز مۇنداق بىر قائىدىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلىشىڭىز كېرەك: «سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان ئۇسۇل بىلەن بايلىققا ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۆزىڭىز ئىشەنمەيدىغان دورا بىلەن كېسىلىڭىزنى داۋالىۋېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن، ئەمما ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدىن بەختكە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس».

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر غۇپۇر قادىر