ئەلاچى ئوقۇغۇچىنىڭ نۇتقى

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-21 11:45:35

ئەلاچى ئوقۇغۇچىنىڭ نۇتقى[فىليەتون]ھۆرمەتلىك دوستلار، ئوقۇتقۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر!بۇ يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەن 670نومۇر ئېلىپ تەبىئى پەندە شەھىرىمىز بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشتىم. ھەرقاي...



    ئەلاچى ئوقۇغۇچىنىڭ نۇتقى
     

    [فىليەتون]


    ھۆرمەتلىك دوستلار، ئوقۇتقۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر!
    بۇ يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەن 670نومۇر ئېلىپ تەبىئى پەندە شەھىرىمىز بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشتىم. ھەرقايسىڭلارنىڭ مېنىڭ نۇتقىمنى ئاڭلاشقا كەلگىنىڭلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
    ئالدى بىلەن مەن ئاتا- ئانامغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئۇلار ,"ياراملىق مايسا يېتىشتۈرۈش" ئۈچۈن" بالدۇر ئەجىر قىلىش يېتەكچى ئىدىيىسى" ئاستىدا، ئانام ماڭا ھامىلدار بولغان كۈندىن باشلاپ، مېنى كېچە- كۈندۈزلەپ ئېنگىلىز تىلى ئاڭلاش بىلەن مەشىقلەندۈردى، يەسلى يىشىغا يەتكەن كۈنۈمدىن باشلاپ پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي تۈرلۈك كۇرسلارغا ئۈزۈلدۈرمەي قاتناشتۇرۇپ كەلدى. گەرچە بالىلىقتىكى خوشالىققىمدىن مەھرۇم بولغان بولساممۇ، , بىلىم تۇڭى, دىن ئىبارەت چىرايلىق نامغا ئېرىشتىم!
    ئاندىن ئوقۇتقۇچىلىرىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئۇلار " ساپا مائارىپى بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئىمتىھان مائارىپى يولىدا مېڭىش" يېتەكچى ئىدىيىسى ئاستىدا، مېنى نۇرغۇن جىددى ئىمتىھان مەيدانلىرىدا ئۈزلۈكسىز چىنىقتۇرۇپ، قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان تېمىلار ھەققىدە كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەچكە، مەن بۇ زور ھەم كۈچلۈك قوشۇن ئىچىدە ئوزۇپ چىقالىدىم. گەرچە خاس خارەكتىرىم ۋە ئىجاتچانلىق روھىمدىن مەھرۇم بولغان بولساممۇ،, ئىمتىھان ماشىنىسى, دىن ئىبارەت نامغا ئېرىشتىم!
    ئۈچىنچىدىن، مەن ساختا كىتاپ سودىگەرلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئۇلار ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئاتا- ئانىلارنىڭ غېمىنى يەپ، بىزگە كېرەكلىك « تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى »،« سۇئاللار قامۇسى» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەرزان باھالىق كىتاپلارنى بازارغا سېلىپ، بىزدەك نامرات ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ھەر مەۋسۇمدە نەچچە ئون يۈرۈش مەسىلىلەرنى ئىشلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. گەرچە بىزنىڭ ,تىرىشچان, لىقىمىز كىتاپ سودىگەرلىرىنى پۇلدارلارغا ئايلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۇلار بىزنى كىتاپ ئوقۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان, كىتاپ خالتىسى , غا ئايلاندۇرغان بولسىمۇ،"ئىمتىھان پادىشاھى "دىن ئىبارەت نامغا ئېرىشتىم !
    ئەڭ ئاخىرىدا، ئىمتىھان باھالاش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىققان ئەمەلدارلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. " نومۇر ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر" دىن ئىبارەت قۇبۇل قىلىش پىرىنسىپى مەندەك ئىمتىھاندىن باشقىنى بىلمەيدىغان، يادلاشنىلا بىلىپ ھەزىم قىلىشنى بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى، مەكتەپتىكى" راكىتا سىنىپى"،" نۇقتىلىق سىنىپ" قاتارلىقلار مەندەك پەقەت ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىدىن چىقمايدىغان ئوقۇغۇچىنى ئىزچىل بوشلۇق بىلەن تەمىنلەپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن يەنە كۆزەينەك سېتىش شېركەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇلارنىڭ ,بىر گىرادۇس بىر نومۇر, دىگەن شۇئارى بەك توغرا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەن 670 گىرادۇسلۇق كۆزەينەك تاقىغاچقا ئىمتىھاندا 670 نومۇر ئالدىم !

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەلا ئوقۇغۇچى نۇتۇق _