​ئىككى خىل ئادەم

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-10 16:12:06

مەن بىزار ئىككى خىل ئادەم: ھەر قانداق ئىشقا ساختىلىق قىلىدىغانلار بىلەن جاھاندارچىلىقنى ھىيلە-نەيرەڭ ئۈستىگە قويۇپ، سەمىمىيلىكتىن ياتلاشقانلار.

    ئىككى خىل ئادەم
    مويەن
    زۇبەيدە ئەنەيتۇللا تەرجىمىسى

    مەن مەڭگۈ مەسئۇل بولىدىغان ئىككى خىل ئادەم: مېنى تۇغقانلار بىلەن مەن تۇغقانلار.
    مەن مەڭگۈ سېغىنىدىغان ئىككى خىل ئادەم: مۈشكۈلات ئىچرە ئۈمىد ئىزدەپ مېنى سۆيگەنلەر بىلەن ھەرقاچان مېنى ياد ئەتكەن ۋە ماڭا ئۈلگە بولغانلار.
    مەن بىزار ئىككى خىل ئادەم: ھەر قانداق ئىشقا ساختىلىق قىلىدىغانلار بىلەن جاھاندارچىلىقنى ھىيلە-نەيرەڭ ئۈستىگە قويۇپ، سەمىمىيلىكتىن ياتلاشقانلار.
    مەن قەدىرلەيدىغان ئىككى خىل ئادەم: ھەرقانداق چاغدا ماڭا قەرز بېرىشكە جۈرئەت قىلغانلار بىلەن ھەقىقىي نىيەتتە مېنى قەلبىگە زىننەت قىلغانلار.
    مەن ھەر قاچان يىراق تۇرىدىغان ئىككى خىل ئادەم: ياخشى ئىشقا دۇچ كەلگەن ھامان قولىنى ھىجاراپ سۇنغانلار بىلەن مەن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە مىڭ يالغان سۆزلەپ ئۆزىنى چەتكە تارتقانلار.
    مەن قايىل بولىدىغان ئىككى خىل ئادەم: ياشلىقىدا يىگىتىگە ئەگىشىپ جاپالىق كۈنلەرنى تەڭ ئۆتكۈزگەن ئايال بىلەن باي بولغاندا خوتۇنىنى قەدىرلەپ ياخشى كۈنلەرنىڭ مېغىزىنى چاققان ئەرلەر!
    مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مويەن