ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-18 01:47:32

ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوقنۆۋەتتە ئالىي مەكتەپ سەبىي, پاك -غۇبارسىز ، گۈزەل ياشلىق باھارنى خاراپ قىلىپ ، روھىي ئىنىرگىيەنى خورىتىپ قان چىقارماي جان ئالىدىغان مەنىۋىي قاپقانغا ئايلانغان .ئىلىم ...



    ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق

    نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپ سەبىي, پاك  -غۇبارسىز ، گۈزەل ياشلىق باھارنى خاراپ قىلىپ ، روھىي ئىنىرگىيەنى خورىتىپ قان چىقارماي جان ئالىدىغان مەنىۋىي قاپقانغا ئايلانغان .
    ئىلىم خۇسۇسىي ھايات تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىغان ، ئالىي مەكتەپ ئەمەلدارلىق سورۇنىغا ، بازارغا ، ئىشقىي مۇھەببەت ، نام- مەنپەت سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغان .
    جۇڭگۇلۇقلارنىڭ مەنىۋىي ھايات تۇپرىقىنى پەرۋىش قىلىدىغان ئۇرۇن تۈرلۈك ساختىلىقلارنىڭ تەسىرىدە قورقۇنۇچلۇق بىر ئورۇنغان ئايلىپ قالغان .
    مۇدىر ئەمەلدارلاشقان ،مەمۇرىي خادىملار دوسىت تارتىشقان ، باھالاش ماغزاپلاشقان ، قۇرلۇشلار مۇبالىغىلاشقان ،كىشىلىك مۇناسىۋەت قارىداپ كەتكەن ، نام- ئاتاق دەرىجىلەر چىرىكلەشكەن ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بازارلاشقان ، كىڭەيتىش قارىغۇلارچە ئېلىپ بېرىلغان ،دىپلوم پاخاللاشقان، مالىيە چىرىكلەشكەن ، نازارەت ئۈنۈمسىزلەشكەن ، دەرىس ئۈتۈش شەكىللەشكەن ، ئىلىم دوگمىلاشقان ، ئىلىم تەتقىقاتى بىرتەرەپلىمىلەشكەن ، ساختىلاشقان ، مەنىۋىيەت پۈچەكلەشكەن ،ئەركەكلىك سۇسلاشقان ، مەدەنىيەت رىياكارلاشقان ، ئىتىقاد زەئىپلەشكەن ، پىلان قېلىپلاشقان ، دەرىسلىك تەسسىس قىلىش يۈزەكى ، ئوقۇتۇش ئويۇن- تاماشىغا ، ئىلىمگەر زاھىتقا ،ئوقۇتقۇچى سېھرىگەرگە ئايلىنىپ ئوقۇغۇچىلار چۈشكۈنلىشىپ ، مەكتەپ مۇھىيتى بازارلىشىپ كۈچۈرمىكەشلىك ئادەتلىشىپ ، مۇھەببەت ئويۇنچۇقلىشىپ ، پارىتلاش دائىملىشىپ ، پىسخىكا كىرزىسلىشىپ ...
    ئومۇمەن يىغىنچاقلىغاندا جامائەتنىڭ نەزەرىدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ 30 خىل ئىللىتىنى يەكۈنلەشكە بولىدۇ .
    سەنشى ئۆلكىسى لىن شىيەن ناھىيسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە تورخانىلار مەجبۇرىي تاقالغان ، تورخانىلار قىچىشقا جاي تاپالمىغان . خاڭجۇدىكى بىر ئانا ئوغلىنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن مىڭ يۈەن ئىش ھەققى بەلگىلىگەن ،ئوخشاشلا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئۈچۈن چىقىرىلىدىغان ھەپتىلىك ژورنالدا «ياخشى ئوقۇش مىنىڭ بېيىش يولۇم» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلىنغان .
    «ئالىي مەكتەپكە كىرىش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ، ھاللىق- باياشات تۇرمۇشقا ئىرىشىشتىكى بىردىن بىر چىقىش يولى » ...دىگەندەك لوزۇنكىلار كىچىك شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىنالىرىغا چاپلانغان .
    خۇددى جەمئيەت سىز ئۈچۈن قۇرۇلغان قىمارخانىدەك .
    سىز خۇشاللىقىڭىزنى ، ئەركىنلىكىڭىزنى ، ئارزۇ- غايىللىرىڭىزنى ، ساپ- ھالال تەرىڭىزنى سەرىپ قىلغان تەقدىردىمۇ ئىرىشىدىغىنىڭىز بېيجىڭ ئونۋىرىستىتى ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ كۈرسى چۈشۈپ ، چوشقا گۆشى سېتىشىدەك ئېچىنىشلىق يەكۈنىدۇر .
    جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇنداق بىر قارا يۇمۇر تارقالغان  :
    كىشىلىك ھاياتتىكى ئەگرى توقايلىقلاردا ئادەم چىدامچان  بولغانسىرى ھاياتنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ ، ئەگرى توقايلىقلار بىلىنگەنسىرى ئۇنىڭدا ماڭىدىغانلار كۆپىيىدۇ ، سىز بۇئەگرى توقايلىقلارنىڭ خەتىرىنى چۈشەنگەنسىرى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىسىز .
    ھەممە بىردەك بۇ ئەگرى توقايلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى ، قاتناشقۇچىسى،زىيانلانغۇچىسى بولغاچقا «ھەر كاللىغا بىر خىيال » دەپ ئېيتىلغان .
    ئالىي مەكتەپ نام – مەنپەت ، شان شۆھرەت ئۇۋىسىغا ئايلانغان ، چۈنكى بىز ھەممە ئارزۇ – ئۈمىدلىرىمىزنى ئۇنىڭغا باغلىغان . 

    نىمىشقا ئالىي مەكتەپ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمىدى ؟
    «ھەممەيلەن ئىلىم – بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ دەيمىز؛ مەن كۆپ ئوقۇغان، ئەمما  تەقدىرىم ھېچبىر ئۆزگەرمىدى . »
    بۇ سۆزنى  2009– يىلى شاڭخەي دېڭىز ئىشلىرى ئونۋىستىتى قانۇن فاكولتىتنىڭ ئاسپىرانتى يۈەن يۈەن ئۆلۈۋېلىش ئالدىدا ئېيتقان .

    «يالى تەقدىرىمنى ئۆزگەرتتى »
    بۇ سۆزنى 2009- يىلى يالىنى پۈتتۈرگەن جۇڭگۇلۇق جاڭ لىينىڭ ئۇچۇق – ئاشكارە ئېيتقان .
    ئۇ يالىغا 888.888 تۈمەن ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلماقچى بولغان .
    ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ يالىي ئونۋىرىستىتى باشقۇرۇش ئىنىستوتىغا ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان كىشى ئىكەن .
    ئومۇمەن ؛ يۇقارقى ئىككى ئىش بىر خىل تەقدىر قىسمەت .
    يۈەن يۈەننىڭ سۆزى ئاممىنىڭ دىققىتىنى مائارىپقا بۇرىدى .
    جاڭ لىي نېمىشقا جۇڭگۇدىكى ئانا مەكتىۋىگە پۇل ئىنانە قىلمايدۇ ؟
    بىر تورداش ئۇنىڭ ئورنىدا بۇ مەسىلىنى مۇنداق چۈشەندۈردى :
    يالىغا ئىئانە بىرىش مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدىغان بىرخىل قىممەتنى گەۋدىلەندۈرىدۇ ، ئەمما دۆلەت ئىچىدە ئىئانە بىرىش مۇئەييەنلەشتۈرىلىدىغان بىرخىل مەنىسىز قىممەتنى گەۋدىلەندۈرىدۇ .

    2009- يىلى چۇڭچىڭدا بىرمۇنچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان .
    خۇبېي ئۆلكىسىدە 26 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بىرىشتىن ۋاز كەچكەن .
    2010- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار 2009- يىلىدىكىگە قارىغاندا 65 مىڭ نەپەر ئازلىغان .
    يېڭىچە «ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق نەزىرىيىسى » باش كۆتۈرۈۋاتقان پەيىتتە جۇڭگۇ ياشلار گېزىتىدە بىر كىچىك ھېكايە ئېلان قىلىندى .
    ھېكايىدە بىر نەۋرە ئاكا – ئۇكىلار تىلغا ئېلىنغان ، ئۇكىسى رىمۇنىتچىلىق  قىلىپ ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2500 يۈەن كىرىم قىلغان ، ئاكىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى بىر يىل بولغان بولسىمۇ تېخىچە خىزمەت تاپالمىغان .
    رىمۇنىتچى ئىنىسىغا بۇ ئىش بەكمۇ ھار كىلىپ «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ قالمىغىنىمغا يۈزمىڭ شۈكرى » دىگەن .
    نىمىشقا ئالىي مەكتەپ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمىدى ؟
    ئېھتىمال ، بىز بىلەن ئالىي مەكتەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك .
    قەدىمقى زاماندا  ئارىدىكىسى ئائېلىۋىي مۇناسىۋەت بولۇپ ، «بېقىپ تەربىيلىمىسە ئاتىدىن ، تەربىيلىيەلمىسە ئۇستازدىن »ئىدى  .
    1919- يىلدىن كېيىن ، سەي يۈەن مەدرىسلەرنى ئۆزگەرتىپ ھازىرقى زامانغا لايىق ئونۋېرسىتىتقا ئايلاندۇرغاندا ، مەكتەپ ئىختىيارى باشقۇرۇلاتتى ، ئوقۇغۇچىلار ئەركىن – ئازادە بولۇپ ،ئارىدىكىسى دوستلۇق مۇناسىۋەت ئىدى .
    1952-يىلدىن كېيىن جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپلەر سىتالىن ئەندىزىسى بويىچە يول تۇتتى ، بۇ مەكتەپلەر ئەمەلىيەتتە كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى بولۇپ ،جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋىنتىنى شەكىللەندۇردى ، ئارىدىكىسى خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتى ئىدى .
    1977-يىلى تاقالقىنىغا 11 يىل بولغان ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسى قايتىدىن ئېچىلدى ، ئالىي مەكتەپلەر ئەڭ غايىلىك ئىخلاسمەنلەرگە ئېرىشتى، ئارىدىكىسى مېھرى – مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئىدى .
    2010- يىلىغا كەلگەندە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا  GDP ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ، مەكتەپ ئۇل مۇئەسسەسسە قۇرلۇشلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى ، ئارىدا ئاللىبۇرۇن سودا مۇناسىۋىتى شەكىللىنىپ بولغان ئىدى .
    نۆۋەتتە بىز بىلەن ئالىي مەكتەپ ئارىسىدىكى ئاتا- بالىلارچە يېقىن مەنىۋىيەت چەمبىرىكى يۇقالغان بۇلۇپ ، ئارىدىكىسى قىسقا مەزگىللىك ئىھتىياجنى قاندۇرۇش مۇناسىۋىتى ئىدى .
    جىياڭسۇ ئۆلكىسى ئون يىلدا ئالىي مەكتەپ ئىمتھان لايھىسىنى بەش قېتىم ئالماشتۇردى ، 500 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرى بەش قېتىم سىناققا دۇچ كەلدى .
    «2010- يىللىق ئىشقا ئۇرۇنلىشىش » ناملىق كۆك تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2-3 يىل ئىلگىرى قىزىق نوقتا بولۇپ قالغان كەسىپلەر كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقىچە ئىشسىزلىق قىزىق نوقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان، بولۇپمۇ قانۇن ، كومپيۇتېر،ئېنگىلىز تىلى ، خەلىقئارا سودا ،سودا – سانائەتنى باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەر 2007- يىلدىن 2009-يىلغىچە ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىشسىزلار سانى ئەڭ كۆپ كەسىپلەر بولۇپ قالغان .
    بەلكىم بۇ پۈتۈنلەي مەملىكىتىمىزدىكى «مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان زىيالىلار قاتلىمى»نىڭ ناھايىتى كەمچىللىكدىن بولسا كېرەك .
    بېجىڭ ئونۋېرىستىتى ، چىڭخۇا ئونۋېرىستىتىلىرى ئاسىيادىكى ئون داڭلىق ئونۋېرىستىتى قاتارىغا كىرەلمىدى ، سىتانفۇرد ئونۋېرىستىتى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قارىشىچە ، جۇڭگۇ دۇنياۋىي ئىلغار سەۋىيدىكى ئونۋېرىستىت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەڭ تىز بولغاندىمۇ 20 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن ، بۇتېخى سەل تەكەللۇپ بىلەن ئېيتىلغان گەپ .
    يالى ئونۋېرىستىتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى شېمدت  يالى ئونۋېرىستىت گېزىتىدە جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئاشكارە تەنقىد قىلىپ «ئۇلارنىڭ نەزىرىدە جەمئيەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى پەقەتلا دەرىسلىك كۆپ بۇلۇش، ئوقۇتقۇچى كۆپ بۇلۇش، ئوقۇغۇچى كۆپ بۇلۇش،ياتاق كۆپ بۇلۇش ئىكەن » دەپ يازغان .
    ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئالىي مەكتەپ ئەسلىدە « ئەركىن پىكىر- تەپەككۇر قىلىدىغان، شۇنداقلا ئۇنى ئاخىرىغىچە ئىپادىلەيدىغان غايىلىكلەرنى ئاپىرىدە قىلىشى كىرەك ئىدى، ئەڭ يامان بولغىنى جۇڭگۇدا غايە قىلىنغىنى-ئارزۇ قىلىنغىنى ئەنە شۇنداق ماكان . »
    نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپتە غايە – ئىتىقاد ، مۇستەقىل روھ يۇقالغان ، پىداكارلىق روھىنى يىتىلدۇرۇش ئىقتىدارىمۇ يۇقالغان بۇلۇپ بېيجىڭدا ئەسەبىيلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 10 تۈمەندىن ئاز ئەمەس ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، چۈشكۈنلىشىپ ، ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ ، ئاتا-ئانىغا تېخى يۈز كىلەلمەي ...
    «جۇڭگۇ ياشلار گېزىتى »نىڭ ئون مىڭ كىشى قاتناشقان بىرقىتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، %34  كىشى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇغانغا پۇشايمان قىلغان ، %51  كىشى «ئالىي مەكتەپتە پايدىلانغىدەك نەرسىدىن ھېچنىمىنى ئۆگىنەلمىدىم . » دەپ قارىغان .
    ئېھتىمال ، ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرى سۇ يۈزىدىكى ماغزاپتەك بىر خىل مەھسۇلات بۇلۇشى مۇمكىن ، ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلىدە ئۇلار ئالىي مەكتەپكە كىردى ، ئىمتىھان بىرىشنى ئۆگەندى ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، خىزمەت تېپىش ئۈچۈن دىپلوم كۆتۈرۈپ قاتراپ يۈردى ...
    ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىشىپ بىرخىل ئاقما قۇرالنى بەرپا قىلدى ،ئەڭ ئاخىرىدا بۇ قۇرال ئۆزىنىڭ 18 يىل ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ پۈتۈنلەي كىرەكسىز نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى بايقىدى .
    نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپ ئىقتىساسلىقلار مائارىپىنى سېفىرلاشتۇرغان ، تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتەك سېھرىي كۈچىنى يۇقاتقان ---- بىلىم ئىقتىدارنى نۇمۇرلاشتۇرۇپ ، كىشىلىك سالاھىيەتنىمۇ ، ئەخلاقنىمۇ گۇۋاھنامىلەشتۇرگەن .
    شاڭخەي قاتناش ئونۋىرىستىتى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرگە كەسىپىي نەتىجە تىزىملىكى ، ئىقتىدار گۇۋاھنامىسى ، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئۈچ خىل گۇۋاھنامە تارقاتقان بولۇپ ....

     

    داۋامى بار 

     

      مەنبەسى  : «مەشھۇر فىليەتۇنلار»  ژوزرنىلى  ، 2010-يىلى ئاخىرقى سان .

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇش _