مۇھەببەتنىڭ جاۋابى

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-06 23:36:00

بىر جۈپ ياش ئەر - ئايال ئاپتوبۇسقا چىقىپ، ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن باشقا - باشقا يەردە تۇرۇپ قاپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، كىشىلەر ئارىسىدىن كىچىككىنە بىر يۇمشاق قول سوزۇلۇپ كېلىپ، ياش ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇ...

        بىر جۈپ ياش ئەر - ئايال ئاپتوبۇسقا چىقىپ، ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن باشقا - باشقا يەردە تۇرۇپ قاپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، كىشىلەر ئارىسىدىن كىچىككىنە بىر يۇمشاق قول سوزۇلۇپ كېلىپ، ياش ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇۋاپتۇ. ئەرنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى بىر خىل شېرىن ھېسسىيات چىرماپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قاپتۇ. ئاپتوبۇس بېكەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئۇ يۇمشاق قولنى پەقەتلا قويۇۋەتكۈسى كەلمەپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتۇشكىسىنى چىقىرىپ، قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئۇقولغا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. ئاپتۇبۇستىن چۈشۈۋاتقان چاغدا، بىر يۈك ماشىنىسى شىددەت بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىپ كەپتۇ. كەينىدىن چۈشۈۋاتقان ئايالى دەرھال ئېرىنى نېرىغا ئىتتىرىۋېتىپتۇ، ئەمما ئۆزى قانغا بويىلىپ يەرگە يىقىلىپتۇ. ياش ئەر ئۆزىنى قۇتقۇزىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان بۇ ۋاپادار ئايالىنى شۇنداق كۆتۈرۈشىگە، ئۇنىڭ قولىدا ئۆزى بايا بەرگەن ئىسىم كارتۇشكىسىنىڭ چىڭ سىقىمداقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شەك - شۈبھىسىز كى، بۇ بىر ئېچىنىشلىق ھېكايە، تۇرمۇشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ. زېرىكىش تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز بەزى چاغلاردا، ئەسلىدىكى ئىللىقلىقىدىن چەتلەپ كېتىپ قالىدۇ. قىزىقىش تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ سەپىرىمىز مەلۇم ئاچالغا كەلگەندە، بىلىپ - بىلمەيلا باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. سەن كەينىمگەن قايرىلايچۇ دەپ تۇرغان چېغىڭدا، مۇھەببەتنىڭ ئۇ يەردە ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىسەن. بىز نىڭ ياشاۋاتقىنىمىز رېئال تۇرمۇش، دېمەكچىمەنكى، ھەممىمىز ئادەتتىكى ئادەم. شۇڭا، تۇرمۇشىمىزدا ھەمىشە بەزى ئۇششاق - چۈششەك تاسادىپىيلىقلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇ خۇددى بىر تۇپ دەرەختە زۆرۈ بولمىغان شاخ - پۇتاقلارنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىدەكلا بىر ئىش. شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، مۇھەببەت ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى، تۇرمۇشىمىز شۇنىڭ بىلەن مەزمۇن تاپىدۇ. سەنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز سۆيگىنىڭنى قولىدىن يېتىلەپ ماڭىسەن، كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقنى چوقۇم قەدىرلىگىن ھەم ئاسرىغىن. «ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكمەن» دىن ئېلىندى ئاپتور: ئاممېل بېكېرت (ئامېرىكا) تەرخىمە قىلغۇچى: ئالىمخان ئازات
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق