جوڭگونىڭ بۈگۈنكى كۈنى

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-26 22:39:00

ئۈچىنچى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ گىرۋەكلىشىش، خاتا چۈشەنچ پەيدا قىلىش ئەمەلىيىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۈچۈن كە...

     

         ئۈچىنچى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ گىرۋەكلىشىش، خاتا چۈشەنچ پەيدا قىلىش ئەمەلىيىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۈچۈن كەڭ تاشا مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن. ئەمما، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گىرۋەكلىشىشى يەنە بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىكىدە دەرقەمسىزلىكى ۋە گىرۋەكلىشىشىنى بەلگىلىگەن. نۆۋەتتىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ساداسىنى كەمدىن كەم ئاڭلايمىز، روشەن مىللىي مەدەنىيەت مەۋقەسى ۋە مىللىي كىملىكنى ئىنتايىن ئاز ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن: يېڭى دەۋردە مەيدانغا كەلگەن زور بىر تۈركۈم يازغۇچىلار ئىچىدە جاڭ چىڭجى، ئۇرېرتۇ، جاشى داۋا، ئەلي، بورجى يۈەنيې، مېي جو، شياڭ بېنگۈي قاتارلىق يازغۇچىلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىپتىخارى دېيىشكە بولىدۇ، ئەمم اقىزىق يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە بېرىلگەن باھالارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ئاساسىي ئېقىمدىن كەلگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ يازغۇچىلارغا ئەدەبىي ۋە مدەنىيەت مەنىسىدىن قىلىنغان باھا ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتدىن كەلگەن. بولۇپمۇ بۇ ئەدەبىي تەنقىدلەردىن ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ تۆۋەنگە بولغان شەرھىسىنى ھېس قىلپلا قالماستىن يەنە ئاساسىي ئېقىمنىڭ كۈچلۈك سۆز ئىبارىسىدىن بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسىرىدىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەھمىيىتىگە ئېتىبارسىز قاراۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلالايمىز. مەسىلەن: ئالەينىڭ رومانى «چاڭ توزان بېسىققاندا» گە ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىلەردە، شۇنى بايقايمىزكى، كۆپىنچە ماقالىلاردا روماندىكى ناتونۇش بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئۆزگىچە بولغان بىرىنچى شەخستىن باشقا نۇقتىدا تۇرۇپ بايان قىلىش ئۇسۇلىغا زور قىزىقىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما روماندىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە تەسۋىرلەنگەن يۈزەكى ھادىسە ئاستىىدكى چۇڭقۇر قاتلاملىق مىللىي مەدەنىيەت قىممىتىگە بولسا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ سىستېمىلىق تەتقىق ۋە مۇھاكىمە قىلىنمىغان.

           مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇھاكىمە قىلغۇچى پەقەت روماندىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسىگىلا دىققەت قىلغان، نېمىشقا مۇشۇنداق ئىپادىلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلمىغان، يەنى زاڭزۇ مەدەنىيىتى سىستېمىسىغا ھەقىقى ئىچكىرلەپ كىرمىگەن، روماندىكى پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرى ۋە قىلمىشلىرىنى زاڭزۇ مدەنىيىتى پىسخىكىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ شەرھىلىمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رومان گەرچە گىرۋەكلىشىش تېمىسىدا يېزىلغىنى ئۈچۈن مۇاكاپاتلانغىنى بىلەن، بۇ روماننىڭ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات تارىخى ۋە جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا پەيدا قىلغان ئەھمىيىتىنى تەتقىق قىلىش تېخى باشلانغىنى يوق. يەنە مىسالغا ئالساق، گو شۆبونىڭ قۇملۇق تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش رومانلىرىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر بولىشى، ئۇنىڭدىكى مەدەنىيەت مەزمۇنى يەنى رومانغا سىڭدۈرۈلگەن موڭغۇل مىللىتىنىڭ تەبىئەت قارىشى ۋە تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بولماستىن بەلكى ئۇنىڭدىكى ئېكېلوگىيىلىك ئەھمىيىتى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېكولوگىيىلىك رېئاللىقىنىڭ مەنپەتىگە بولغان غەمخورلىقىغا ماسلاشقانلىقىدىن بولغان. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، باشقا بىر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئاساستىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتىغا بولغان خاتا چۈشەنچ ۋە تەنقىد بەزىدە بىر مىللى يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت يۆنۈلىشى ۋە تاللىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزنىڭ مىللى كىملىكى ۋە مىللى مەدەنىيەت مەۋقەسىنى يوقىتىدۇ.
        ئىلگىرى «قۇياش قەبىلىسى» دېگەن ئەسىرى بىلەن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ”تۇلپار مۇكاتى“غا ئېرىشكەن زاڭزۇ ئايال يازغۇچى مېي جو ئىجادىيەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن ناھايىتى مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن تەۋە بولغان يازغۇچىلار توپى بۇرۇن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى قاتارىغا چىقرىۋېتىلگەن ئىدى. ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىدا ئەدەبىياتنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان چۈشەنچ يېتەرلىك ئەمەس، باشقىلارمۇ ئۇلارنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ. مەسىلەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ئەسلىدە بىر مىللىي ئەسەر يازىمەن دەپ ئويلىمىغانىدىم، ئەمما ئەسەر پۈتۈپ چىققاندىن كېيىن مىللىي ئەسەر دەپ بېكىتىلدى، ئەدەبىي ئەھمىيىتىگە سەل قارالدى، يېپىۋەتتى.

         مېي جو بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئېقىمغا يېقىنلىشى ئىستىكى ھەم مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي مەدەنىيەت مەۋقەسەنى ئۆزگەرتىشكە بولغان تەخىرسىز كەيپىياتىنى پۈتۈنلەي ئاشكارىلغان. مېنىڭچە گەرچە ئۇنىڭ زاڭزۇ مەدەنىيىتىگە چۇڭقۇر مۇھەببىتى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل نىيىتى ئۇنىڭ ئىجادىيەت نىشانىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. يەنە گو شۆبونىڭ كېيىنكى مەزگىللەردىكى بىر يۈرۈش قۇملۇق تېمىسىدىكى رومانلىرى يايلاق مەدەنىيىتىنى ئىپادىلىگەندىكى مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشتەك روشەن بولغان مەنپەئەت پۇرىقى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يايلاق مەدەنىيىتى گەۋدىسىدىن پۈتۈنلەي ئاجراپ، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە ماسلاشقان ھۇزۇرلىنىش خاراكتىرىدىكى مەسەل ياكى چۆچەككە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەليلى گو شۆبو بولسۇن ياكى مېي جو بولسۇن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبنى ئىگەللىشى ۋە جار سېلىشىدا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ روامنىدا ئىپادىلەنگەن مىللىي پۇراق ئىكەنلىكىنى تېخى چۈشۈنۈپ يەتمىگەن بولىشى مۇمكىن، مۇبادا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللى مەدەنىيەت بىلەن بولغان قانداشلىقىنى ئۈزۈپ تاشلىسا ئۇلارنىڭ ئىجاىديەت ھاياتىمۇ شۇ ھامان جەھەننەمگە يول ئالىدۇ.

          بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ دەرقەمسىزلىكى ۋە ئاساسىي ئېقىمنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا بولغان تەنقىدىدىكى خاتا چۈشەنچلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدىچىلىكىنىڭ كۈچى ئاز سانلىق مىللەتلەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى كۈچىدىن ئاجىز، ھازىرغىچە تېخى ئۆزىنىڭ بىر بۆلۈك تەنقىدچىلەر قوشۇنى ۋە تەنقىدچىلەر توپىغا ئىگە بولغىنى يوق. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىن ئارقىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمۇ تارقاق ھالەتتە بولۇپ، ھەقىقى مەنىدىكى بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكىنىڭ تەنقىد قارىشى كەمچىل، بۇ ئالدى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئۇقۇمىنىڭ چېگرىسى ۋە مەزمۇنىغا باھا بېرىشتە ئىپادىلىنىدۇ.

         بىلىشىمىز كېرەككى، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئاساسىي گەۋدە مىللەت(خەنزۇ مىللىتى) تىن باشقا جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ يىغىندىسى بولۇشى كېرەك. مەلۇم بىر يەككە مىللەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۈچ قاتلام مەنىگە ئىگە بولىدۇ، بىرى، ئۆز مىللىتى ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىچكى قانۇنىيىتىگە قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ يەككە مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكى؛ ئىككىنچى، پۈتۈن جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۈچىنچىسى بولسا جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى گەۋدىسىدە ۋەكىللىك قىلغان جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ بىر پۈتۈن قىممىتى ۋە تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.

          ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسىرىگە بولغان تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە چوۇقۇم مۇشۇ ئۈچ خىل مەنە ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. يەنى، بىر ئاز سانلىق ئەدەبىي ئەسىرىنى باھالىغاندا، ئۇنىڭ ئۆزگىچە مىللى خاسلىقىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئۆز مىللىتى ئەدەبىياتى تەرەقىياتىدىكى ئورنى ۋە قىممىتىگە باھا بېرىش، ھەمدە ئۇنى پۈتۈن جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئاراق كۆرۈنۈشىگە قويۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ پۈتۈن جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ بىر پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى تەسىرىگە باھا بېرىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى جڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان ئۆزگىچە ئىجادىيىتى سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۇنىڭ جۇڭگو ۋە دۇنيا ئەدبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ تقىممىتىنى دەل، توغرا ئىگەللىگىلى بولىدۇ. بىراق ھازىرقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە ھەمىشە بىر يەككە ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتى ئۇقۇمى بىر پۈتۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا قويۇۋېلىنماقتا. مەسىلەن: موڭغۇل ئەدەبىياتى، زاڭزۇ ئەدەبىياتى، جۇاڭزۇ ئەدەبىياتى، بەيزۇ ئەدەبىياتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى ئېلىپ ئېيتقىنىمىزدا، يەككە ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بىر پۈتۈن گەۋدە نۇتقسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەپسىلىي كۈزىتىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

         بۇ خېلى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسىرىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ ۋە سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇندىن باشقا، بۈگنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە سەگەك تۇرۇپ تەنقىد قىلىش ئېڭى كەمچىل، بەزى تەنقىدچىلەرنىڭ مىللى مەدەنىيەت جۈملىدىن تەنقىد ئوبيېكتىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى ۋە چۈشىنشى كەمچىل بولغاچقا، مىللى ئەدەبىياتتىكى ئايرىم مىساللارغا نىسبەتەن ئىچكىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت تەھلىلى ئېلىپ بارالمايدۇ ۋە بەدئىي باھا بېرەلمەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى ئەسەرلەردىكى مىللى پۇراق، مىللى تەسۋىر بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ جېنى بولغان مىللىي روھنىڭ غەليانلىرى ۋە ئۇنىڭ قايتا تىكىلىنىشىدەك ھالىقىلىق ۋە ئورتاق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئېتىبارى يېتەرلىك ئەمەس.

          يەر شارى خاراكتىرلىق نەزەر بىلەن مىللى مەدەنىيەتكە، مىللى مەدەنىيەت ۋە تەنقىد قىلىنىۋاتقان ئوبېيكىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ يەر شارى مەدەنىيەت ۋەزىيىتىىدكى ئورنىغا ئەسلا باھا بېرەلمەيدۇ. ھەمىشە ئەس بىلەنلا، ئاپتور بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ، يۈزەكى ۋە ئادەتتىكىچە شەرھى ھالىتىدىلا تۇرۇپ قالىدۇ، يازغۇچىنى نىشانلىق يېتەكلىيەلمەيدۇ، بىرەر ئەسەر ياكى بىرەر يازغۇچى ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان نەزەرىيىۋى كۈچى كەم. شۇڭلاشقا يازغۇچىلار ئوبزوردىن ئىلھام ئالالمايدۇ. جۈملىدىن بەزى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسىنىڭ ئىجادىيىتى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يازغۇچىلاردا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىكى سەۋەبىگە ئىنتايىن سەگەك تونۇشى يېتەرلىك بولماي، مىللى مەدەنىيەتتىن چەتنەش خاھىشى كۆرۈلگەن چاغدا، ياكى بولمىسا، يازغۇچى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك ھالدىكى باھاسىغا ۋە يېتەكلىشىگە تازا ئېھتىياجلىق چاغدا، ئەدەبىي تەنقىد ھەمىشە زۇۋانسىز، دەرقەمسىز ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ(مەسىلەن: ئالەي، مېي جو تۈرىدىكى يازغۇچىلاغا نىسبەتەن). بۇ جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى تېگىشلىك رولى ۋە جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىد ساھەسىدىكى تەسىرىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

      (داۋامى بار)

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:01:54]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق