سىز مودىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىمۇ
ئايچېچەك ئەنۋەر تەرجىمىسى
ئايچېچەك ئەنۋەر تەرجىمىسى
18-ئەسىردىكى فرانسىيەلىك ئاياللار مودىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردۇر. ئاشۇ تەلۋىلەرچە مودا ئېقىمىنى قوغلاشقان بەزى ئاياللار قار-مۇز قاپلىغان زىمىستان قىشتا بېشىغا نېپىز ياغلىق ئارتىۋالغان، ھەتتا يالاڭباش يۈرگەن. نەتىجىدە بىر قىسىملىرى زۇكام بولۇپ جېنىدىن ئايرىلغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ماڭغان.
بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزىڭىزنىڭ مودىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى ئەمەسلىكىڭىزگە ھۆكۈم قىلالامسىز؟ ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكىلەرگە قاراڭ:
1.ماركا سىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. سىز بىر ئايلىق مائاشىڭىزنى داڭلىق ماركىلىق سومكا ئېلىشقا ئىشلىتىسىز، ئاندىن يېنىڭىزدا بىر تىيىن قالمىغان ھالدا بىر ئاينى ئۆتكۈزىسىز.
2.ئەڭ يېڭى پاسوندىكى مودا كىيىم سىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ.
3.داڭلىق مودا كىيىم چولپانلىرىنىڭ كىيىم كىيىش ئۇسلۇبىنى قارىغۇلارچە دورايسىز.
4.سىز تەبىئىي گۈزەللىكنى ھېس قىلالمايسىز.
5.سىز مال سېتىۋېلىشقا بەك ئامراق، كۈندە دېگۈدەك بازار ئارىلايسىز.
6.سىز گىرىم بۇيۇملىرى ياخشى كۆرىسىز، سىزنىڭ يالغان كىرپىكىڭىز بار، چېچىڭىزنى بويايسىز ياكى چاچ ئۇلايسىز.
7.سىزنىڭ سۇس قوڭۇر رەڭلىك تېرىڭىز تەبىئىي ئەمەس، سىزنىڭ كۈن نۇرى ۋاننىسىغا چۈشۈشىڭىز ئەمەلىي ئېھتىياجىڭىزدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.
8.سىز كىيگەن كىيىم راھەت بولمىسىمۇ، چوقۇم چىرايلىق ۋە مودا بولۇشى كېرەك، دەپ قارايسىز.
9.سىز تاماقنى دائىم ئاز يەيسىز.
10.سىز ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلغان ياكى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز.
11.سىز كۈندە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىسىز.
ئەگەر سىزدە يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ئاز دېگەندە ئۈچى بولسا، ئۇنداقتا سىز چوقۇم مودىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ىسز چوقۇم بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللىنىشىڭىز كېرەك، چۈنكى مودىغا بولغان قىزغىنلىق چوقۇم ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەن بۇ ماقالەم ئارقىلىق سىزگە مودىنىڭ ھەممە نەرسىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن نىشانلارنىڭ قوغلىشىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 11-سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.