لېفىتتىكى كۆرۈنىشلەر

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-05 23:57:37

لېفىت كىچىككىنە بىر ئاممىۋى سورۇن، شۇنداقلا جاھاندىكى كىشىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك.

     
    لېفىتتىكى كۆرۈنىشلەر
     
    1
     
      16 ئادەم بىر لېفىتقا چىقتى، ئەمما لېفىت 15 ئادەمنىلا كۆتۈرەلەيتتى، چوقۇم بىر ئادەم چۈشۈپ كەتمىسە بولمايتتى. شۇنچە ئادەم گويا ھەممىسىنىڭلا جىددى ئىشى باردەك، ئۈلگۈرمىسە بولمايدىغاندەك چۈشكىلى ئۇنىماي، جاھىللىق بىلەن تۇرىۋالدى، ئۇلار دومسايغىنىچە بىر-بىرىگە ئالىيىشىپ تۇراتتى. ۋاقىت مىنۇت-سېكۇنتلاپ ئۆتۈۋەردى، ئارىدا بىرسىنىڭ تەرىتى بەك قىستاپ كېتىپ، ئىلاجسىز چۈشۈپ كەتكەندىلا لىفىت قوزغالدى.
      بۇ پەقەت بىر لېفتتىكىلا ئىش ئەمەس، بۇ دەل جەمئيەتنىڭ يۈزەكى كۆرىنىشى؛ بۇ پەقەت ئاددىيلا لېفىتقا چىقىش ئىشى ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ساپا ئىنسانىيلىقنىڭ كۆرگەزمىسى.
    2
      ئىككى كىشى لېفىتقا تەڭلا چىقىپ، ئىشىك تار بولغاچقا قىسىلىپ قالدى، چوقۇم بىرسى لىفىتقا ئاۋۋال كىرگەندە ياكى كەينىگە يېنىپ تۇرغاندىلا مەسىلە ھەل بولاتتى. «نېمىشقا مەن يول قويغىدەكمەن؟ مۇنداق مەجبۇرىيىتىم ھەم مەسئۇلىيىتىم يوق مېنىڭ» ھەپ ئويلىدى بىرسى. «مۇنداق ساپاسىز ئادەم يول قويۇشقا ئەرزىمدۇ؟ ئىشىنى قىلسۇن» دەپ ئويلىدى يەنە بىرسى.
      شۇنىڭ بىلەن لېفتنىڭ ئىشىكى يېپىلمىدى. بۇ قىسىلىپ قالغىنى يالغۇز لېفىت ئىشىكىلا ئەمەس، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىشىك.
    3
      بىرسى بىر خالتا ئەخلەتنى كۆتۈرۈپ لېفىتقا چىقىپلا بىر بۇلۇڭغا قويدى، ئەمما لېفتتىن چۈشىدىغان چاغدا يادىدا يوق ئالمايلا چۈشۈپ كەتتى، ئەخلەت لېفىتنىڭ ئىچىدە قالدى.
      ئا: «ئەخلەتنى لېفىتنىڭ ئىچىگىلا تاشلاپ قويغىنىنى، نېمىدېگەن ساپاسىز!» دەپ ئويلىدى.
      ب: «ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ، يادىغا كەلگەندە تاشلىۋېتەر» دەپ ئويلىدى.
      س مىيىقىدا كۈلۈپ:«ئەسلىدە ماڭا ئوخشاش ئەخلەتنى لېىتقىلا تاشلاپ قويىدىغاندىن يەنە بىرى بار ئىكەن-دە، يارايسەن!» دەپ ئويلىدى.
      د: «ئالدىراشلىقىمدا سەندەك ساپاسىزلارنىڭ ئىشلىرىغا باش قاتۇرىدىغانغا نەدىكى چولام» دەپ ئويلىدى.
      ئې:«بۇنى باشقۇرىدىغانغا ئادەم چىقمىغانمىدۇ، خوجىلىق بۆلۈمىدىكىلەر پۇل ئېلىشنىلا بىلىپ، ئىشلەشنى بىلمەمدىكىنە!» دەپ ئويلىدى.
    شۇنداق قىلىپ ئۇ ئەخلەت لېفىتتا تۇرىۋېرىپ سېسىپ، پۇراپ كەتتى. لېفىتتا كىرىپ-چىققۇچىلار بۇرۇنلىرىنى ئېتىۋېلىشتى-يۇ، بىرەسى ئاچىقىپ تاشلىۋېتەي دېمىدى.
    4
      لېفىتتا لىققىدە ئادەم، ھاۋاسى بۇزۇلغاننىڭ ئۈستىگە، بىرسى يەنەتاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ چەككىلى تۇردى.
      سول تەرەپتىكىسى: «ئوڭ تەرەپتىكىلەرمۇ ئوخشاش بىئارام بولۇشۇۋاتقانسەن، سەن گەپ قىلىشمىساڭ، مەن جوۋاپ نېمە قىلاي!» دەپ ئويلىدى.
      ئوڭ تەرەپتىكىسى سول تەرەپكە قاراپ قويۇپ: «بۇ ئىس ھەرقايسىڭ تەرەپكىمۇ بارار، زەھەرلەنسەك ھەممىمىز تەڭ زەھەرلىنىمىز» دەپ ئويلىدى.
      تاماكا چەككۈچىگە يىراقراقتىكىسى: «.ەن ئوتتۇرغا چۈشۈپ گەپ قىلسام، پايدىسىنى ھەممىسى كۆرىشىدۇ، ناۋادا ئاچچىقىدا مۇشت كۆتۈرىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، مەن زىيان تارتمامدىم؟» دەپ ئويلىدى.
      شۇنداق قىلىپ، تاماكا ئىسى لېفىتنى بىر ئالدى. بەزىلەر ئىستا قېقىلىپ كېتىۋاتسىمۇ، يەنە كېلىپ لېفىتتا تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ دەپ يېزىقلىق بولسىمۇ، گەپ قىلىدىغان بىر ئادەم چىقمىدى.
    5
    لىفىت كىچىككىنە بىر ئاممىۋى سورۇن، شۇنداقلا جاھاندىكى كىشىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك.
     
     
     
     مەنبە: «تەرمىلەر» 2012-يىللىق 11-سان
     
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر لېفىت ئادەم