سىز ئاناممۇ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-04 19:17:06

2005-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچقۇرۇن، يالغۇز چىراغ نۇرى ئاستىدا دەرس تەييارلاۋاتاتتىم، توساتتىن تېلېفون جىددىي جىرىڭلاپ كەتتى.

     
     
    سىز ئاناممۇ
     
    (ھېكايە)
     جاڭ خۇي
     
    2005-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچقۇرۇن، يالغۇز چىراغ نۇرى ئاستىدا دەرس تەييارلاۋاتاتتىم، توساتتىن تېلېفون جىددىي جىرىڭلاپ كەتتى. مەن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ «ۋەي» دېيىشىمگە قارشى تەرەپتىن سەل تارتىنغان ھالدا، «سىز ئاناممۇ؟» دېگەن بىر قىزچاقنىڭ گۈدەكلەرچە سىپايە ئاۋاز كەلدى.
    -سىز كىمنى ئىزدەيسىز؟- مەن قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسام كېرەك، ياكى بۇ گۆدەك قىزنى قورقۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇممۇ قانداق، ئىنتايىن بوش ئاۋازدا سورىدىم. -مەن ئانامنى ئىزدەيمەن، سىز ئاناممۇ؟- ئۇنىڭ ئاۋازىدا بىر خىل سۇباتلىق، تولۇپ تاشقان ئۈمىدۋارلىق، چوڭقۇر تەلپۈنۈش ھېسياتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. 
          مەن ئۇنىڭ ئانىسىنى ئىزدەۋاتقان قىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن قەستەن ۋاقىتنى ئۇزۇنغا سوزۇش ئۈچۈن: -سىز كىم بولىسىز؟- دەپ سورىدىم قىزچاقتىن.
    - مەن چى چىغۇ! -قاراشتا قىزچاقتا ھېچقانداق قورقۇش يوقتەك، تېلېفۇندا مېنى قورقۇتماقچى بولغاندەك، ئاۋازىنى تېخىمۇ قاتتىقراق چىقىرىۋاتاتتى. 
        مەن قارشى تەرەپنىڭ «ھا-ھا» دەپ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، قىزچاق ھېچنىمىگە پەرۋا قىلمىغان ھالدا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى. مەن يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىدىم:  - قىزچاق ئانىڭىزنى دەرھال ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ، سىز قەيەردە؟ قىزچاق بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ يىغلاپ تۇرۇپ: - ئانا، مەن يالغۇز ئۆيدە، مەن بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن. مەن تېخى تاماقمۇ يېمىدىم، داداممۇ قايتىپ كەلمىدى. ئانا سەن نېمىشقا تېخىچە قايتىپ كەلمەيسەن؟ دادام سېنى ناھايىتىمۇ يىراق جايغا كەتتى، سەن ئەقلىڭگە كەلگەندە، قايتىپ كېلىدۇ دېگەن،-دېدى.
    يۈرەك باغرىم ئىرىپ ئېقىپ كەتتى. قىزچاقنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مېنى بىرخىل ئاچچىق ئازاب ۋە بىئاراملىق ھېسياتى چىرمىۋالدى. مەن ئانىلارچە مېھرىبانلىق بىلەن قارشى تەرەپكە:
    - ئوبدان قىزىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر سەن ئاناڭنى سېغىنىپ كەتسەڭ ماڭا تېلېفون قىلغىن بولامدۇ،-دېدىم. 
         ئۇ خۇشال بولغان ھالدا، تېلېفون دەپتىرىدىن مېنىڭ ئىسمىمنى تېپىپ، تېلېفونۇمنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ ئىنتايىن مەمنۇن بولغان ھالدا:-ئانا، سىزنى تولىمۇ تەستە تاپتىم، بەزىدە سىزنى ئىزدەپ تېلېفون قىلغاندا ئاڭلىغىنىم قېرى موماينىڭ ئاۋازى بولدى، مەن تېلېفۇننى دەرھال قويۇۋەتتىم. يەنە بەزىدە بىر تاغامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، مەن ئانامنى ئىزدەيمەن دېسەم، ئۇنىڭ شۇم نىيەت بىلەن سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلاپ يىغلاپ تاشلىغىلى تاس قالدىم. بىراق مەن قورقمىدىم، سىزنى توققۇزىنچى قېتىم تېلېفون قىلىپ، ئاندىن تاپتىم. مەن راستىنلا تولىمۇ خۇشال،-دېدى.
          ئەمەلىيەتتە مەن ئەمدى قىزچاقنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلىپ بولالمايۋاتاتتىم، بۇ نېمە دېگەن بىتەلەي قىز-ھە؟ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا بىرنەچچە كۈنگىچە ئۆينىڭ تېلېفۇنى جىرىڭلاپ تۇردى، تېلېفون جىرىڭلىغان ھامان، مەن ئېتىلىپ بېرىپ تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئالىدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ بارا-بارا قىزچاقنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىپ يەتتىم. ئۇ چۇڭچىڭدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن، يەنى مېنىڭ قىزىم بىلەن تەڭتۇش كېلىدىكەن. ئۇ سىنىپىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىكەن. مەن يەنە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ جاڭ بېيچى، ئەركىلەتمە ئىسمىنىڭ چى چى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. 
      8-ئاي، مەكتەپ تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كېيىن مەن يولدىشىم بىلەن قىزىمىزنى ئېلىپ بېيجىڭغا بېرىپ، توپتوغرا بىر ئاي ساياھەت قىلدۇق.
         ساياھەتتىن قايتىپ كەلگەن كۈنى ئاخشىمى تېلېفون جىرىڭلىدى، تېلېفۇننى چى چى ئۇرغان ئىدى! قارىغاندا ئۇ ئىنتايىن ئازابلانغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ھەر كۈنى كەچتە ئۆيگە تېلېفون ئۇرۇپتۇ، ئەمما تېلېفۇننى ئالغىلى ئادەم چىقماپتۇ.
    -ئانا، سەن نەگە كەتتىڭ؟ مەن ھەمىشە ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ بەك زېرىكىپ كەتتىم. ئانا مەن سېنىڭ مېنى ئويناتقىلى ئاپىرىشىڭنى تولىمۇ سېغىنىپ كەتتىم.
        يۈرۈكۈم پىچاق تىققاندەك ئاچچىق ئېچىشىپ كەتتى. بىچارە بالام، مەن ساڭا، مەن قىزىمنى بېيجىڭغا ئويناتقىلى ئاپاردىم دېيەلەمدىم؟ مەن ساڭا يالغان سۆزلەشكە باشلىدىم:
    - ئاناڭ تەتىلدە كاماندروپكىغا چىقتى، كېيىن چوقۇم سېنى ئېلىپ خالىغان يەرلىرىڭگە ئويناتقىلى ئاپىرىدۇ.
        چارەكلىك ئىمتىھان ئاياغلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، چى چىدىن نەتىجە تېلېگراممىسى كەلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا 99 نومۇر ئېلىپ، پۈتۈن سىنىپ بويىچە بىرىنچى بوپتۇ. ئىككىنچى بولغان ساۋاقدىشىنىڭ ئىسمى يې لىلى بولۇپ  98 نومۇر ئاپتۇ، تېخى ئاپىسى ئۇنى يەنە بىر چوڭ شاكىلات بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ. ئۇنىڭ پارتىدىشى جاڭ خۇاسەي 72 نومۇر ئالغان ئىكەن دادىسى ئۇنى ئۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن:
     - دادىڭىز سىزنى قانداق مۇكاپاتلىدى؟-دەپ سورىدىم. خىلى ئۇزۇندىن كېيىن ئۇنىڭدىن جاۋاب كەلدى:
     -دادامنىڭ ئەزەلدىن مەن بىلەن كارى يوق، نەچچە قېتىم مۇئەللىم تاپشۇرۇق دەپتەرگە ئائىلە باشلىقىنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇپ كېلىڭلار دېگەندە، مەن دادامنىڭ ئىمزاسىغا ئوخشىتىپ ئۆزۈم ئىمزا قويۇپ ئاپارغان ئىدىم ، نەتىجىدە مۇئەللىم مېنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، سەمىمىيەتسىز بالا دېدى. ئانا سەن قاچان قايتىپ كېلەلەيسەن؟ سەن قايتىپ كەلسەڭلا تاپشۇرۇق دەپتىرىمگە ئىمزا قويىدىغان ئادەم بار بولىدۇ.  مەن كۆز ياشلىرىمنى توختىتىۋالالمىدىم: -چى چى، ياخشى ئوقۇڭ، ئانىڭىزنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈڭ، ئۇ قايتىپ كېلىپ چوقۇم سىزگە ئىمزا قويۇپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە نەتىجىڭىز ياخشى بولماي قالسا، ئانىڭىزمۇ كاسسىڭىزغا ئۇرۇپ جازالايدۇ. قارشى تەرەپتىن بىر ھازا ئالقىش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ گەپنى تارتىۋېلىپ، تاتلىق ئاۋازى بىلەن:
    -ئانا، خوش!- دېدى.
         ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، چى چىدىن يەنە تېلېفون كەلدى. ئۇ خۇشال ھالدا ماڭا:
     - ئانا، ماتېماتىكا ئىمتىھان قەغىزىمىزنى تارقىتىپ بەردى. مەن ئاران 72نومۇر ئاپتىمەن. راست دەۋاتىمەن ئانا، سىز دەرھال كېلىپ مېنىڭ كاسامغا ئۇرىڭە! ! مەن بۇ خۇشاللىقتىن ھاياجاندا تىترەپ كەتتىم. مەن بۇنىڭ چى چى كاسىسىغا ئۇرۇپ جازالىتىش ئۈچۈن مىڭ بىر جاپادا ئويلاپ تاپقان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. نېمە دېگەن ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان غۇبارسىز قەلب-ھە! كۆڭۈلدىكىدەك چۈش كۆرۈۋېلىشى ئۈچۈن قىلىنغان، تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدىغان «ئۇلۇغ جاسارەت!»
         مەن چى چىنى ئىنتايىن قاتتىق تەنقىد قىلىدىم. ئۇ مىشىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ:
    - مەن يەنە سىزگە يالغان ئېيتتىم، ئەمەلىيەتتە، مەن 97 نومۇر ئالدىم. مەن پەقەت يالغان ئېيتىش ئارقىلىق سىزنى كۆرۈۋېلىشنى ئويلىغان،-دېدى.
          ئۇدا بەش كۈن ھەر كۈنى كەچ مەن چى چىنىڭ تېلېفونىنى ساقلىدىم، 6-كۈنى يېرىم كېچە سائەت ئىككى بولغاندا تېلېفون تۇيۇقسىز جىددىي جىرىڭلاپ كەتتى. تېلېفۇننى بىر ئەر كىشى ئالغان بولۇپ، ئىنتايىن ئوڭايسىزلانغان، ئىككىلەنگەن ھالدا:
     -سىلى... كەچۈرۈڭ، مەن چى چىنىڭ دادىسى. بالا بەك قىززىرىپ، جۆيلۈپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇ سەل ماغدۇرۇمغا كېلىۋالسام ئانامغا تېلېفون قىلىمەن. ئۇ ماڭا، يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن يەنى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دېگەن، مەن ئانامنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن...... دەيدۇ،- دېدى. 
        بىردىنلا يۈرىكىمنى بىرسى سۇغۇرۇۋالغاندەك بولۇپ كەتتىم.
    - چى چى ، ئۇ نېمە بولدى؟ نېمىشقا ئانىسى ئۇنىڭ يېنىدا يوق؟ 
    قارشى تەرەپ تۇيۇقسىز ئاۋازىنى پەسەيتىپ: -سىز ئۇنچە جىددىيلەشمەڭ، چى چىنىڭ ئۆپكىسى ياللۇغلىنىپ قالغان ئىكەن، ئەھۋالى ئاللىقاچان ياخشىلىنىپ كەتتى. بىزنىڭ ئىشىمىزنى كېيىن يەنە سىزگە دەپ بېرىمەن،-دېدى. مەن: -بولدىلا، تېلېفۇننى چى چىغا بېرىڭ،-دېدىم.
     -ئانا...ئانا...!-دېگەن ئۇزاقتىن بېرى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغان بىر ئاۋاز يۈرەكلىرىمنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى.
    -ئانا مەن ئاغرىپ قالدىم، ھازىر دوختۇرخانىدا، باشقا ھەممە بالىلارنىڭ ئانىسى بار، يىڭنە سانجىغاندا ئۇلار يەنىلا يىغلايدۇ. مەن ئىنتايىن قەيسەر، مەن پەقەت سىزنىڭ قېشىمغا كېلىپ ماڭا ھەمراھ بولۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن. ئانا سىز قايتىپ كېلىپ مېنى كۆرگىلى كېلەمسىز؟ 
         مەن بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك تۇرۇپلا قالدىم. خېلى ئۇزۇندىن كېيىن پەقەت بىر جۈملىلا گەپنى قىلالىدىم: -ئوبدان بالام، ئاناڭ چوقۇم قايتىپ كېلىپ سېنى كۆرگىلى بارىدۇ.
    11-ئاينىڭ 10-كۈنى، پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن، مەن بىر چوڭ شاكىلات سېتىۋېلىپ، ئۇنى چىرايلىق قەغەز بىلەن ئوراپ، ئۈستىگە: مېنىڭ يۈرەك پارەم چى چى، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! دەپ يازدۇردۇم ۋە چى چى ئوقۇغان مەكتەپكە بېرىپ، ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرى ياڭ يۈشيا مۇئەللىمنى تاپتىم. ياڭ مۇئەللىم ماڭا: ساۋاقداش جاڭ بېيچى ئىنتايىن سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچى. تەقدىرنىڭ كاجلىقى ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ ئانىسى بىر تۇققىنى بىلەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن، ئاڭلىسام ئەسلىدە ئۇ بىر يىلدىن كېيىنلا يولدىشى ۋە قىزىنى يۆتكەپ چىقىپ كەتمەكچى بوپتىكەن، بىراق ئوقۇشقا چىقىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە ئۇ يولدىشىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. جاڭ بېيچى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قەتئىي تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئوقۇيدۇ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كام ئۇچرايدىغان قىز. ياڭ مۇئەللىم سۆزلىگەچ بىر تاپشۇرۇق دەپتەرنى ماڭا سۇندى. بۇ بىر چىرايلىق پوچېركا بىلەن يېزىلغان تاپشۇرۇق بولۇپ، تېمىسى «مېنىڭ ئانام» بولۇپ، ماقالە مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
    »مەن ئانامنى كۆرۈپ باقمىغان، دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ تولىمۇ يىراق جايغا كەتكەن ئىكەن. بىراق مەن داۋاملىق تېلېفۇندا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق، مېنى باقىدىغان پىڭ ھەدەمنىڭ ئاۋازىدىنمۇ يېقىملىق. ئۇ مېنى ناھايىتىمۇ يىراق يەردىن كۆرگىلى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار، ئۇ بولسىمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانام مېنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىمگە ئىمزا قويۇپ بەرسە....  »
         يېنىشلاپ-يېنىشلاپ ئوقۇپ كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. مەن ياڭ مۇئەللىمگە:
    - چى چىنىڭ بارلىق تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنى ئېلىپ بېرىڭ، مەن ھەممىسىگە ئىمزا قويۇپ بېرەي، دېدىم. مەن ھېلىقى ماقالە تاپشۇرۇقىنىڭ ئاخىرىغا بىر ئابزاس باھا يېزىپ قويدۇم: «قىزىم، ماقالىنى قالتىس ياخشى يېزىپسەن، ئاناڭ كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى. سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭدە ئاناڭ ساڭا بىر قاپ شاكىلات ئەۋەتتى، بۇ ساڭا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى مۇكاپات. كېلەر يىلى تۇغۇلغان كۈنۈڭدە ئاناڭ سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ.»
         مەن بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بالىغا ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي بېرەلەيمەنمۇ بۇنى بىلمەيمەن، بىراق مەن كېيىنكى كۈنلىرىمدە، مۇمكىن قەدەر بالامنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئانا بولۇش ئۈچۈن بالامنىڭ قەلبىگە بىرتامچە بىر تامچىدىن سىڭىپ كېتىشكە قەسەميات قىلدىم.
     
    «ياشلار كۆزنىكى» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 6-ئايلىق سانىدىن
     
     مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانا تېلېفون