دېڭ شىياۋپېڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان ئون تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇش

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-30 01:41:23

دېڭ شىياۋپېڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان ئون تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇش1. مىللىي دارامەت تەقسىماتىدىن ھەممەيلەن مەنپەئەتلەنسۇن .2. جۇڭگودا ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ئەدەپ كەتسە، ئىنقىلاپ قوزغىلىدۇ.3. ئىككى ق...

    دېڭ شىياۋپېڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان ئون تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇش
    1. مىللىي دارامەت تەقسىماتىدىن ھەممەيلەن مەنپەئەتلەنسۇن .
    2. جۇڭگودا ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ئەدەپ كەتسە، ئىنقىلاپ قوزغىلىدۇ.
    3. ئىككى قۇتۇپ بۆلۈنۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلامىساق، ئىسلاھاتتا مەغلۇپ بولغان بولىمىز.
    4. 20  ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي بولمايدۇ.
    5. شەھەرلەرنى ھەرقانچە چىرايلىق ياسىۋالغان بىلەن يېزىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى مۇقىملاشتۇرالمىساق بەرىبىر.
    6. ئىدىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە تارماقلىرى ھەممىدە  ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىشى لازىم.
    7. مائارىپ مەسلىسىنى ياخشى ھەل قىلالمىساق، چوڭ ئىشقا سەل قارىغان بولىمىز ـ دە، ئاخىرقى ھېسابتا تارىخىي جاۋاپكارلىققا تارتىپ قالىمىز.
    8. جۇڭگودا مەسىلە چىقىدۇ دېيىلسە، ئۇ يەنىلا كومپارتىيەدىن چىقىدۇ.
    9.ھەر قانداق ئىسلاھاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ـ بولماسلىقى، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىشىغا باغلىق.
    10. سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كۆپنىڭ مەنپەئەتىگە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، دوقال ـ كاشىلىلارغا ئۇچرىماي قالمايدۇ.

    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
      ۋاڭ جىگي ئىمزاسىدىكى بۇ يازما «فېليەتونلار گېزىتى»نىڭ 2009 ـ يىل 8 ـ دېكابىر سانىنىڭ 1 ـ بېتىگە بېسىلغان. سۇلتانىي تەرجىمىسى. تىلماچ: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رادىيو ـ تېلېۋىزىيە مەكتىپى پەيزاۋات شۆبىسىنىڭ پېنسىيونېرى
     

     

    [admin تەستىقلىدى . 2010-9-30 13:56:13]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.