ۋاپادارلىقنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ

يوللىغۇچى : Gulnar يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-05 08:54:07

ۋاپادارلىقنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى تەكلىپ بويىچە بىر شىركەتكە ئىشقا چۈشمەكچى بوپتۇ.دىرېكتور بۇ ياشقا سەپسېلىپ قاراپ چىقىپتۇ-دە، كۈتمىگەن يەردىن: -س...

    ۋاپادارلىقنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ

       داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى تەكلىپ بويىچە بىر شىركەتكە ئىشقا چۈشمەكچى بوپتۇ.دىرېكتور بۇ ياشقا سەپسېلىپ قاراپ چىقىپتۇ-دە، كۈتمىگەن يەردىن:
    -سەن ئاتا-ئاناڭنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۈرتۈپ باققانمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
    -ئەزەلدىن ئۇنداق قىلمىغان، -دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ يىگىت سەمىمىيلىك بىلەن.
    -ئۇنداقتا سەن ئاتا-ئاناڭنىڭ غوللىرىنى تۇتۇپ قويغانمۇ؟
    -شۇنداق، تۇتۇپ قويغان ئۇ چاغلار باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم، ئاپام تېخى ماڭا ئون سوم پۇلمۇ بەرگەن، -جاۋاپ بېرىپتۇ يىگىت سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن.ئەنە شۇنداق سۆھبەتتىن كېيىن دىرېكتور بۇ ياشقا روھلۇق،  ئۈمىدۋار بولۇشنى ئېيتىپ تەسەللىي بېرىپتۇ.مېڭىش ئالدىدا دىرېكتور ئۇنىڭغا:
    -ئەتە مۇشۇ چاغدا كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشكىن، بىراق بىر تەلىپىم، ئەتىگىچە چوقۇم ئاتا-ئاناڭنىڭ بەدىنىنى سۈرتۈپ قوي، -دەپتۇ.يىگىت دەرھال ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ قايتىپتۇ.گەرچە ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسى نامرات ئىكەن، تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي دادىسى تۈگەپ كەتكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئاپىسى خەققە مالاي بولۇپ ئىشلەپ، ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي پۇل تېپىپ ئوغلىنى ئوقۇتقان.يىگىت ئوقۇش پۇلى يۇقىرى ئۇنۋېرسىتىقا قۇبۇل قىلىنغان.ئاپىسى ئۇنىڭ ئۇقۇشىنى قوللاپ ھازىرغا قەدەر خەققە ياللىنىپ ئىشلىمەكتە ئىكەن.
    يىگىت ئۆيگە كەلسە، ئاپىسى تېخى كەلمەپتۇ.ئۇ ئاپام سىرتلاردا يۈرۈپ پۇتلىرى مەينەت بولۇپ كەتكەندۇ، دېگەننى ئويلاپتۇ-دە، ئاپىسىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويماقچى بوپتۇ، ئاپىسى كېلىپ ئوغلىنىڭ قىلىقىدىن ھەيران قاپتۇ.ئوغلىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپتۇ، ئۇ ئوغلىنىڭ دېگىنى بويىچە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپتۇ، يىگىت ئوڭ قولىدا لۆڭگىنى تۇتۇپ، سول قولىدا ئاپىسىنىڭ پۇتىنى ئۇۋلاۋېتىپ ئاپىسىنىڭ پۇتىنىڭ خۇددى ياغاچتەك قېتىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنى تۇتالماي ئاپىسىنىڭ پۇتىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ.ئاپىسىنى ئۆزىنى مۇشۇنچە قىلغۇچە قانچىلىك قان-تەر ئاققۇزغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىپتۇ.
    -ئەتىسى يىگىت دېيىشكەن ۋاقىتتا دىرېكتور بىلەن كۆرۈشۈپتۇ-دە،
    -مەكتەپتە ئۆگەنمىگەن قائىدىنى ماڭا ئۆگەتتىڭىز، ئاپامنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى ئەمدى بىلدىم، سىزنىڭ تۈرتكىڭىزدە ئاپامنىڭ پۇتىنى سىيلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ئاپام مېنىڭ بىردىن-بىر يېقىن ئادىمىم، ئەمدى ئاپامغا ياخشى قارايمەن، ئۇنى ھەرگىز جاپا تارتقۇزمايمەن، -دەپتۇ.دىرېكتور مەمنۇنىيەتلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ:
    -ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا چۈش-دەپتۇ.
    بۇ ياش دېرىكتورنىڭ ئويغىتىشى بىلەن ئانا مېھرىنى چۈشەندى، ئانىسىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق تەربىيىلىنىپ ئۆسكەنلىكىنى چۈشەندى.بىر ئادەم جەمئىيەتنى، ھاياتلىقنى چۈشىنىشى كېرەك، ئاتا-ئانىسنىىڭ ئۆزىگە قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى، ئۆزىدىن نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئۆزىنى ھەقىقىي قەدىرلەيدۇ، تۇرمۇشنى سۆيىدۇ، خىزمەتكە تىرىشىدۇ.چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش ياشلارنىڭ تېگىشلىك بۇرچى بولۇپ قالماستىن، بەلكى بىر  ئىنساننىڭ ۋىجدان ۋە ئەخلاقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمى.
    زامان تەرەققىي قىلماقتا.لېكىن تۇغۇلۇش، قېرىش، ئاغرىش، ئۆلۈش كىشىلىك ھاياتتىكى قارشى تۇرۇپ بولمايدىغان بىر خىل تەبئىي قانۇنىيەتتۇر، شۇڭا پەرزەنتىنى، تۇرمۇشنى سۆيىدىغان، تۇرمۇشنى قەدىرلەيدىغان، ئاساسلىقى ئەجداتلارغا،  ئاتا-ئانىلارغا ۋاپادار ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.