ئالتۇن سائەت ھەققىدە ھېكايە

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-28 13:02:00

1941-يىلى ،ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سېتارشى لېيتېنىتاتى تىدى باكون خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسى(چېكىندۇرۇش)ناملىق ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا.شۇ چاغدا،،ئۇ پاراخوتتا گىبرالتار،پورىغا توختىتالغ...

            1941-يىلى ،ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سېتارشى لېيتېنىتاتى تىدى باكون خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسى(چېكىندۇرۇش)ناملىق ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا.شۇ چاغدا،،ئۇ پاراخوتتا گىبرالتار،پورىغا توختىتالغانىدى.،بىر كۈنى ئۇ پاراخوت لەڭگەرنى قىرغاققا قارىتىپ ئاتقانىكەن،قولىدىكى داڭلىق ئالتۇن سائەت دېڭىزغا پولتۇڭ قىلىپ چۆكۈپ كېتىپتۇ،ئۇ سائىتىنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن ،يەرلىك ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرۇپ،ئەنگىلىيىدىكى ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ،،كېيىن ئۇ ھەربىي سەپتىن قايتىپ كېلىپ ئەنگىلىيىگە كۆچۈپ كېتىدۇ،،ئۇ بۇ دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن سائىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدىنى پۈتۈنلەيلا كېسىدۇ،. ھالبۇكى كىم ئويلىغان دەيسىز ،2007 -يىلى دېڭىزئاستىدا 10 نەچچە يىل ياتقان سائەتنى گىبراتال بوغۇزىدا بىر لاي قېزىش ئىشچىسى سۈزۈۋالىدۇ.ئادەمنى تېخىمۇ تاڭ قالدۇرۇدىغىنى،سائەت داتلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن تېخى مىنۇت- سېكىنۇتى،توپتوغرا ئىكەن،ئەينى چاغدا تېدى سائەتنى تىزىملىتىپ قويغاچقا ،سائەت سۈزۈۋېلىنغان ھامان گېبراتال ھۆكۈمىتى سائەتنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى ناھايىتىتېز تېپىۋالغانىدى،ۋە سائەتنى قالدۇرۇپ قويغان يەرگە ئەۋەتىدۇ،جاھاننىڭ ئىشلىرى مىڭ خىل ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،ئۇ نەچچە ئون يىلدا نەچچە قېتىم كۆچۈپ بولغانىدى،سائەتمۇ شۇ خىلمۇىىل ئۆزگەرگەن ئادىرىسلار ئارقىلىق ئاخىرى بېرىپ يېشى توقسانغا بېرى قالغان ئۆز ئىگىسىگە تېگىدۇ. سائەت سۇغا چۈشۈپ كېتىپ نەق 66يىلدىن كېيىن ئىگىسىنىڭ قولىغا تېگىپ قېلىشىدىن ھەيران قالماي تۇرالمىدىم.مۇشۇ سائەتنىڭ ئىشىدىن مەن بىر كارامەتلىك مۇساپىنى كۆرۈپ يەتتىم،بۇ كارامەتنى كىم ياراتتى. بۇنى سورىمىساقمۇ ھەممەيلەنگە مەلۇم ئالدى بىلەن تۇنجى قەدەمنى لاي قېزىش ئىشچىسى تاماملىغان ،دېڭىز ئاستىدا نەچچە ئون يىل يېتىپ يەنە توپتوغرا مېڭىۋاتقان سائەتىنىڭ قىمىمىتى ھەقىقەتەن مۆلچەرلىگۈسىز .ناۋادا لاي قېزىش ئىشچىسى نىيىتىنىئازراقلا بۇزغان بولسا سائەت ئىگىسىنىڭ قولىغا قايتمىغان بولاتتى،بىراق نيىتىنى دۇرۇس قىلىپ سائەتنى تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ،سائەت كارامەت يولغا قەدەم تاشلىيالىدى،كېيىىكى گېبراتال ھۆكۈمىتىدىكى خادىملىرىمۇ بار ،ئەسلىدە(ئىگىسى يوق)دېگەن پوچتا يوللانمىسىنى ئەۋەتىلگەن ئورنىغا قايتۇرۋەتسىمۇ بولاتتى،بىراق ئۇ يېڭى ئۇلار تاپشۇرۋالغىچىلار يېڭى ئادېرسىنى قەدەممۇقەدەم تېىپ ،قولىغا تاشۇرۇپ بەرمىگۈچە بوشاپ قالمىدى،ناۋادا شۇ كىشىلەرنىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بولمىغان بولسا ،مال ئىگىسىگە قانداقمۇ قايتار ئىدى؟دەل شۇ كىشىلەر سائەتنىڭ كارامەتلىك مۇساپىسىنى غەلبىلىك تاماملىغان. ياخشىلىق ئادەمنىڭ زىننىتى (يۈسۈپ خاس ھاجپ) ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىش يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى (ئۇيغۇر خەلق ماقالە - تەمسىللىرى)
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق