نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى دۇنيانىڭ تىنچلىق ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-25 19:58:52

نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى دۇنيانىڭ تىنچلىق ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ دۇنيانىڭ تىنچلىق ئىشلىرى مۇقەددەس ئىش بولۇپ، توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئالدىن...

    نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى دۇنيانىڭ تىنچلىق ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

     

       دۇنيانىڭ تىنچلىق ئىشلىرى مۇقەددەس ئىش بولۇپ، توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دۇنيادا نۇرغۇن ئىرادىلىك كىشىلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئىزنى بېسىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلماقتا. نوبىل ئەپەندى دەل مۇشۇنداق «مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش، ھەربىي قىسقارتىش شۇنداقلا تىنچلىق يىغىنى ئېچىش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەر » نى مۇكاپاتلاش ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرغان. ئەپسۇسكى، بۇ ئىجرا قىلىش قىيىن بولغان بىر ۋەسىيەت، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئۆلچەمنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ قىيىنلىقىدىن ئىبارەت.

       دۇنيا مۇرەككەپ، زىددىيەت كۆپ بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان كۆرۈنۈشتىكى كىشىلەرنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇقىنى قانداق كۈچەيتىش، ھەربىي قىسقارتىش شەكلى ۋە يوللىرىغا قارىتامۇ چۈشەنچىلىرى ئوخشاش ئەمەس، مەنپەئەت ۋە مەيدان جەھەتتىكى بۇ خىل تۈپ پەرق تۆۋەندىكىلەرنى بەلگىلىگەن:

       1.تىنچلىققا تۇتىشىدىغان يول ئەگرى-توقاي بولىدۇ.

      2. تىنچلىقنى قوغداش مېخانىزىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ۋە ئوخشاش بولمىغان مەنپەئەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا ھەمدە شۇ ئاساستا ئەپۇ قىلىش، مۇرەسسە قىلىش، ئورتاق تونۇش ھەتتا تىنچلىق جەھەتلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

       3.تىنچلىق ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىق ئۆلچىمىدە ھەر خىل كۆز-قاراشلارنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك، ئەگەر پەقەت بىر تەرەپلىمىلىك پىكىرگىلا ۋەكىللىك قىلىپ، مەبلەغ جەھەتتىكى كۈچلۈكلۈكتىن پايدىلىنىپ، بىر خىل مەنپەئەت باشقا مەنپەئەتلەرنى بېسىپ كېتىدىغان، بىر خىل كۆز-قاراشنى باشقا كۆز-قاراشتىكىلەرگە زورمۇزور تاڭىدىغان ۋەزىيەت پەيدا قىلىنسا، بۇ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بولىدۇ.

       يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەھلىلگە ئاساسەن«نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى »نىڭ مۇكاپات باھالاش ئۆلچىمىگە، بولۇپمۇ باھالاش ھەيئىتىنىڭ تەركىبى ۋە خىزمەت شەكلىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ «تىنچلىق»نى باھالاشتىكى قانۇنىيلىققا زادىلا ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

       بىرىنچى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى غەرب چوقۇنىدىغان ھەر قانداق دېموكراتىيە تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نورۋىگىيەلىكلەر. نورۋىگىيە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇرۇشتا بىتەرەپلىكنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ ھەمدە توقۇنۇشلارنى مۇرەسسە قىلىش ۋە كېسىم قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللاپ كەلدى، لېكىن بۇ، نورۋىگىيەلىكلەرنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەققانىيلىقنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشنىڭ ھەققانىيلىقنىڭ چىن مەنىسىگە قارىتا باشقا دۆلەت كىشىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ نۇرغۇن ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

      ئىككىنچى، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتىنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئارقا كۆرۈنۈشى بار: تۆت كىشى ھۆكۈمەتتە مىنىستىر بولغان، بىرسى پارلامېنت باشلىقى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىنى نورۋىگىيەدىمۇ كەڭ دائىرىلىك دېيىش قىيىن؛ ئۆزلىرىنى «ھۆكۈمەتسىز » دەپ ئاتىۋالغان خەلق تەشكىلاتى پۈتۈنلەي نورۋىگىيەنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپقان، ئۇلارغا كىم دۇنيا تىنچلىقى ۋە ھەققانىيلىقتىن ئىبارەت مۇشۇنداق چوڭ مەسىلىنى باھالاش ھوقۇقىنى بەرگەندۇ؟

      ئۈچىنچى، دۇنيا ئىشلىرىنى باھالايدىغان بۇ بەش ئەزا دەرۋەقە ناھايىتى نۇرغۇن دۇنيا ئىشلىرىنى بىلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇلار بۇ ساھدىكى كەسىپ ئەھلىمۇ ئەمەس، باھالاش جەريانىدا، ئۇلار ھەر قايسى توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەردىن پىكىر ئېلىش پروگراممىسىنىمۇ تۈزمىگەن، پەقەت تۆت مىليونلا نوپۇسى بار، يۈكسەك تەرەققىي تاپقان دۆلەتنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپقان مۇشۇنداق بىر باھالاش ھەيئىتى پۈتۈن دۇنيادىكى 6 مىليارد نوپۇسقا ۋەكىللىك قىلىپ،«تىنچلىق ئۆلچىمى» نى تۈزۈش ئىقتىدارىغا، بىلىمىگە، چۈشەنچىسىگە ئىگىمىدۇ؟ شۇڭا، نورۋىگىيەنىڭ مەشھۇر قانۇنشۇناسى فېردېرك خافمېل «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» ئەمەس بەلكى، «نورۋىگىيە پارلامېنتىنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتى» دەپ تەبىر بەرگەن. بۇ مۇكاپات تۈرى نوبېل ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئارزۇسىغىمۇ قىلالمايدۇ، ھېچقانداق ئومۇمىي دۇنياۋىي ئەھمىيەتكە تېخىمۇ ئىگە ئەمەس.

       نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتىنىڭ تەركىبى ۋە باھالاش تەرتىپى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى قېتىملاردىكى باھالاش جەريانىدىكى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ھەتتا كۈلكىلىك قارارلارنى چىقىرىشنى بەلگىلىگەن. 1939-يىلى، تىنچلىق مۇكاپاتىنى مىللەتنى پارچىلاش ۋە قۇراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان دالاي لاماغا بەرگەن. 2009-يىلى ئۇ يەنە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بېسىمى بىلەن، قۇراللىق بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان رابىيەنى نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. دۇنيادىكى 1-ھەربىي كۈچلۈك دۆلەت ئامېرىكىغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن، ئۇ 2009-يىللىق تىنچلىق مۇكاپاتىنى ھازىر ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىۋاتقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباماغا بەردى. باھالاش ھەيئىتىنىڭ يەنە بىر ئارزۇلۇق بالىسى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى گور باچىۋ بولۇپ، ئۇ «تىنچ ۋاستە » ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنى نابۇت قىلپ ۋە پارچىلاپ، ئۆز خەلقىگە قالايمىقانچىلىق، چېكىنىش، قىسمەن ئۇرۇش ۋە خەتەرلەرنى ئېلىپ كەلگەن.

       ھىندىستان خەلقىنىڭ غەيرىي زورلۇق كۈچى شەكلى ئارقىلىق ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلغان ماخاتما گەندى، جۇڭگو خەلقىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە تىنچ شەكىل ئارقىلىق مۇستەملىكىچىلەر نۇرغۇن يىل ئىشغال قىلىۋالغان شياڭگاڭ، ئۋمېننى قايتۇرىۋېلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق ھەقىقىي تىنچلىقپەرۋەر ئىرادىلىك زاتلار نامزاتلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىدى. روشەنكى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى ئۆزىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك قارىشىنى باشقىلارغا زورمۇزور تېڭىشقا ئۇرۇنۇپلا قالماي، بەلكى ئېدىئولوگىيە ۋە قىممەت قارىشى قۇرالىدىن پايدىلىنىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ دۇنيادىكى ئابرۇيىدىن پايدىلىنىپ، تىنچلىقنى ھەقىقىي سۆيىدىغان، تىنچلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەرگە زەربە بەرگەن، ئۇلار نوبېل ئىلىم-پەن مۇكاپاتىنىڭ سىياسىي مەزمۇنىنى سېسىتىپ، تىخىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان مەقسەتكە يېتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ.

       «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى»نى باھالاش دەپ ئاتالغان بۇ خىل ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋىتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزى ھوزۇرلىنىپ، ئۆزى خۇش بولىدىغان ئويۇنىنى غەربتىكى بەزى سىياسىي بېدىكلەر ماختاپ كۆككە كۆتۈردى، بۇ، ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن خىجىل بولغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باروسولارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ،  «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى»نى سىياسىي قۇرال قىلىۋېلىشنىڭ رولىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشكارا بولدى، لېكىن ھازىر دۇنيادا بارغانسىرى كۆپلىگەن كىشىلەر  «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى»نىڭ ماھىيىتىنى ئېنىڭ تونۇشقا باشلاپ، ياكى پىسەنت قىلماسلىق، ياكى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىۋاستە پاش قىلىش پوزىتسىيەسىنى تۇتىۋاتىدۇ ۋە مەيدانىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

     

    (ئاپتور: جۇخۇڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ياۋرۇپا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى) 

        تەرجىمە قىلغۇچى: موسا ئاكا

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.