دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ كەچۈرمىشى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-20 17:42:46

دوختۇرخانا باشلىقى لى چەتئەلدىن كەلگەن مۇھىم مېھمانلارنى كۈتۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ شەھەردىكى ئەڭ داڭلىق ساتىراشخانىغا بېرىپ چېچىنى ياساتماقچى بولدى.

     

    دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ كەچۈرمىشى
     
      دوختۇرخانا باشلىقى لى چەتئەلدىن كەلگەن مۇھىم مېھمانلارنى كۈتۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ شەھەردىكى ئەڭ داڭلىق ساتىراشخانىغا بېرىپ چېچىنى ياساتماقچى بولدى.
    -خانقىز، چاچ ياسىتىمەن.
    -ئاۋۋال نومۇر ئېلىپ كېلىڭ.
    -نېمە؟ نومۇر ئالامدىمەن؟
    -توغرا، ئۇدۇلدىكى ئوڭ قول تەرەپتە.
    -خانقىز، ماڭا نومۇر بېرىڭە.
    -ئەپەندىم، قايسى دەرىجىلىك نومۇرنى ئالىسىز؟
    -نومۇرمۇ دەرىجىگە ئايرىلامدۇ؟
    -نېمىشقا ئايرىلمىغۇدەك؟ شاگىرتلار بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك، ئوتتۇرا دەرىجىلىك، ئالىي دەرىجىلىك ئۇستىلارنىڭ پەرقى بار–دە!
    -ئۇنداقتا باھا جەھەتتىچۇ؟
    -شاگىرتلارنىڭ بەش يۈەن، تۆۋەن دەرىجىلىكلەرنىڭ ئون يۈەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەرنىڭ 15 يۈەن، ئالىي دەرىجىلىكلەرنىڭ 20 يۈەن، سىز قايسى دەرىجىلىك نومۇرنى ئالىسىز؟
    -ئالىي دەرىجىلىكنى ئالاي، سوراپ باقاي، چاچ ياساتسا قانچە پۇل ئالىسىلەر؟
    -50 يۈەن.
    -ئانچە قىممەت ئەمەسكەن.
    -ئەپەندىم، سىز كومپيۇتېردا ئاپتوماتىك چاچ لايىھىلىتەمسىز؟ شۇنداق قىلسىڭىز چېچىڭىزنىڭ ياسىلىشىنى ھازىرلا كۆرەلەيسىز.
    -شۇنداق مۇلازىمەتمۇ بارمۇ؟ بوپتۇ، ئۇنىمۇ كۆرۈپ باقاي.
    -ئەپەندىم، ئاۋۋال چاچ ۋە تېرە سۈپىتىڭىزنى تەكشۈرۈتىشىڭىز كېرەك، ئاۋۇ ياندىكىسى تەكشۈرتۈش ئۆيى.
    -تەكشۈرتۈشنىڭ ھاجىتى يوق، يېنىمدا دوختۇرخانىمىزنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى بار.
    -بىز باشقا ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى ئېتىراپ قىلمايمىز. ماۋۇ سۇغۇرتا توختامى بىلەن چاچ ياسىتىش كېلىشىمنامىسىگە قول قويۇڭ، ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا تۆلەمگە ئېرىشەلەيسىز.
    -ئەگەر چاچ ياساۋاتقاندا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلسە مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
    -ئۇنىڭغا كومىتېتىمىز مەسئۇل، كومىتېتىمىز چوڭ ساتىراشخانىلاردىكى داڭلىق ئۇستىلاردىن تەشكىللەنگەن.
    -ئەپەندىم، مۇشۇ ھېسابات تالونى بويىچە پۇل تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.
    -خانقىز، پۇل تاپشۇرماقچىمەن.
    -ئاۋۋال باھالىتىپ كېلىڭ.
    -بۇنىڭغىمۇ باھا قويدۇرۇش كېتەمدۇ؟
    -ئەلۋەتتە، سىلەرمۇ دوختۇرخاناڭلاردىن دورا ئېلىشتا ئاۋۋال باھالىتىسىلەرغۇ؟
    -جەمئىي 3485 يۈەن، نەق پۇل تاپشۇرامسىز ياكى كارتا ئىشلىتەمسىز؟
    -قانچە دېدىڭىز؟
    -3485 يۈەن!
    -نېمانچە قىممەت!
    -تالونغا قاراپ بېقىڭ، خاتالىق بارمۇ–يوق.
    -چاچ لايىھىلەشكە 545 يۈەن ئاپسىلەرغۇ؟
    -بۇ ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنە. بۇمۇ دوختۇرخاناڭلاردا ماگنىتلىق رېزونانستا بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشكە 1000 يۈەن ئالغىنىڭلارغا ئوخشاشلا بىر ئىش.
    -خىمىيىلىك تەكشۈرۈشنىڭ ھەر بىر تۈرى 200 يۈەن ئىكەن، بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟
    -ئۇنداق ئەمەس، بىز ئاران ئىككى تۈردىلا تەكشۈرۈش قىلىمىز، سىلەر دوختۇرخاناڭلاردا ياتقان ئاغرىقلارنى نەچچە مىڭ يۈەنلىك تەكشۈرۈسىلەرغۇ؟
    -ماۋۇ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، چاچ يۇيۇش مەلھەملىرىگە نېمىشقا پۇل تۆلىگۈدەكمەن؟
    -بۇ نورمال ئىش؟ ئاغرىقلارمۇ دوختۇرخاناڭلاردىن دورىنى سېتىۋالىدىغۇ؟
    -مەن بۇلارنى بىراقلا ئىشلىتىپ بولالمايمەن – دە!
    -قالغىنىنى ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ؟
    -ئالغاچ كەتسەممۇ كېتەي، كېيىنكى قېتىمدا مۇشۇنى ئەكەلسەم بولار؟
    -بولمايدۇ، بىز ئەزەلدىن خېرىدارلار ئۆزلىرى ئېلىپ كىرگەن بۇيۇملارنى ئىشلەتمەيمىز.
    -ئۇنىڭغىمۇ بوپتۇ، لېكىن ماۋۇ ئۇستىرا، قايچا، تارغاقلارغا نېمىشقا پۇل تۆلەيمەن؟ باھاسىمۇ بازار باھاسىدىن ئۆرە ئىكەن؟
    -بۇلار بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار، پاكىز. يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    -بوپتۇ! باشقا گەپنى دېيىشمەيلى، چاچ ياساش ھەققى 50 يۈەن دېگەنتىڭلار، نېمىشقا 250 يۈەن بولۇپ قالدى؟
    -شاگىرتلار ياسىسا 50 يۈەن، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكىلەر ياسىسا 100 يۈەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار ياسىسا 150 يۈەن، ئالىي دەرىجىلىكلەر ياسىسا 200 يۈەن، سىز ئالىي دەرىجىلىك ئۇستىنى تاللاپسىز، ئەلۋەتتە 250 يۈەن بولىدۇ – دە.
    -چاچ ياسىتىش ئورۇندۇقىدا مۇنداقلا ئولتۇرۇپ قويغانغىمۇ پۇل تۆلەمدىمەن؟
    -دوختۇرخاناڭلاردىكى كارىۋاتلارغىمۇ پۇل ئالىسىلەرغۇ؟
    -چاچ ياساشنىڭ ئۆلچىمى چاچنى يۇيۇش، ئۇۋىلاش، ساقال قىرىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، سىلەر نېمىشقا ئايرىم ھەق ئالىسىلەر؟
    -بۇلارنىمۇ سىلەردىن ئۆگەندۇق، ئاغرىقلار دوختۇرخانىغا كىرگەن ھامان ھەق ئېلىش تۈرۈڭلارمۇ كۆپىيىپ كېتىدىغۇ؟
    -مەن باھا ئىدارىسىگە ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلىمەن.
    -ئەرز قىلىڭ، بىزنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىمىزنى باھا ئىدارىسى تەستىقلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە باھا ئىدارىسىدىكىلەر چېچىنى ياساتماي قالاتتىمۇ؟
    -قېنى كۆرەرمىز!
    -ماڭامسىز؟ ئۇنداقتا ئاۋۋال پۇلنى تاپشۇرۇۋېتىپ مېڭىڭ!
    مەنبە-ساغلاملىق ژۇرنىلى
    توردىكى مەنبەسى: ئانا دىيار مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.