مۇھەببەت مۆجىزىسى《تۈرۈكچىدىن 》

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-09 17:36:44

ياپونىيەدە بولغان ھەقىقى ۋەقە:ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق:ئادەتتە كۆپىنچە ياپونىيە ئۆيلىرىنىڭ تاملىرى ئىككى ياغاچ تاختىنىڭ ئارىسىغا بىر كەڭ بوشلۇق قالدۇرۇلۇپ ياسىلىدىكەن ،ئۆيىنى يېڭىدىن زىننەتلە...



     

    ياپونىيەدە بولغان ھەقىقى ۋەقە:

    ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق:

    ئادەتتە كۆپىنچە  ياپونىيە ئۆيلىرىنىڭ تاملىرى ئىككى ياغاچ تاختىنىڭ ئارىسىغا بىر كەڭ  بوشلۇق قالدۇرۇلۇپ ياسىلىدىكەن  ،ئۆيىنى يېڭىدىن زىننەتلەتمەكچى بولغان  ياپونىيەلىك ئۆي تېمىنىڭ بىر تەرىپىنى  ئۆرۈگۈزۈپتۇ.تامنى ئۆرۈۋاتقاندا ,سىرتتىن قېقىلغان بىر مىخقا پۇتى مىخلىنىپ قېلىنغان ھايات  كەسلەنچۈكنى كۈرۈپ بىئارام بۇلۇشقا باشلاپتۇ ،شۇنداقلا  بۇ كەسلەنچۈكنىڭ پۇتىنىڭ قانداق بۇلۇپ مىخلىنىپ قېلىنغىنىغا ھەيران بوپتۇ.

    بۇ مىق تەخمىنەن 10 يىل بۇرۇن ئۆي ياسىلىۋاتقاندا قېقىلغان ئىكەن.ئۇنداقتا بۇ كەسلەنچۈك قانداق  قىلىپ بۇ يەردە مىدىرلىماستىن  10 يىل ھايات  ياشىيالىغاندۇ؟قاراڭغۇ بىر تام ئىچىدە ھىچ قىمىرلىماستىن 10 يىل  ياشىلىماق ناھايىتى قىيىنغۇ؟

    بۇ  كىشى بۇ خىيال بىلەن ئىشىنى تاشلاپ  كەسلەنچۈكنى كۈزىتىشكە باشلاپتۇ.بىرازدىن كىيىن قەيەردىندۇر  ئاغزىدا ئۇزۇقلۇق ئېلىپ كەلگەن بىر  كەسلەنچۈك پەيدابوپتۇ ،بۇ كىشى بۇ ھالەتىنى كۈرۈپ چۈچۈپ كىتىپتۇ ۋە ئويلاپتۇ:بۇ قانداق بىر مۇھەببەتتۇر؟پۇتى مىخلىنىپ قېلىنغان كەسلەنچۈكنىڭ  10 مابەينىدە باشقا بىر كەسلەنچۈك تەرىپىدىن بېقىلىشىنى تۇتۇپ تۇرالىغۇدەك

    قەلبىڭىزدىكى سۆيگۈنى ئەسلا يوقاتماڭ،سىزنى سۆيگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ! 

     

     

    تۈرۈكچىدىن ئاغدۇرغۇچى :زەيتۇن شېخى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.