قايتا نىكاھلىنىش نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-11 20:14:31

قايتا نىكاھلانغان ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن، ئىككىنچى مۇھىم مەسىلە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بۇ، جورىسىنىڭ قەلب قاتلىمىغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان مەسىلىگە چېتىلغاندا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ.

    قايتا نىكاھلىنىش نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك
    مەيج سكارف
    ئەركىن ئىسھاق تەرجىمىسى

       نۇرغۇن كىشىلەر قايتا نىكاھنى ئەسلىدە تاللاشقا تېگىشلىك جورىسىنى ئىزدەيدىغان ياخشى پۇرسەت، دەپ بىلىدۇ. بىراق، سانلىق مەلۇملارنىڭ دەلىللىشىچە، قايتا نىكاھلانغاندا ئاجرىشىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟
       بىر تەرەپتىن قايتا نىكاھلانغان ئەر-خوتۇنلار ھەمىشە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئارزۇ-ئۈمىدلەردە بولىدىكەن. ئۇلار قىزغىن مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىدا تۇرغاچقا، ئايرىلىپ قالغان (ئۆلۈپ كېتىش ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىش سەۋەبلىك) جورىسنىڭ ئورنىغا باشقا بىرىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئائىلىنى تۇنجى نىكاھلانغاندىكىدەك ھالەتكە ئەكىلەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىكەن. ھالبۇكى، قايتا نىكاھ ئۇلارغا ئويلاپمۇ باقمىغان تالاي دىشۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، پەرزەنتلەرنىڭ ساداقەتمەنلىك-ئىناقلىق مەسىلىسى، بېقىش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئادا بولماسلىقى ھەم ئوخشىمىغان ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشى قاتارلىقلار. مانا بۇلار پىسخولوگ پاترىسسا پاپىرنونىڭ مەشھۇر قايتا نىكاھ قۇرۇلمىسى مودېلىدا كۆرسىتىلگەن قايتا نىكاھقا ئائىت بەش ئاساسلىق مەسىلە ئىچىدىكى ئۈچى. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، قايتا نىكاھلانغان ئائىلىلەرنى تەمتىرىتىپ قويىدىغىنى «ھەقىقىي ئائىلە» توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى تەسەۋۋۇرنى تاشلىۋېتىشتىن ئىبارەت.
       قايتا نىكاھلانغان ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن، ئىككىنچى مۇھىم مەسىلە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بۇ، جورىسىنىڭ قەلب قاتلىمىغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان مەسىلىگە چېتىلغاندا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. مەسىلەن، پەرزەنتلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە چېتىلغان سەزگۈر مەسىلە. يەنى، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەنلا قارشى تەرەپنىڭ يېقىنلىرىدىن ئايرىلىشتەك ئازابنى ۋە ئۆتكۈنچى مەزگىلنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان پەرزەنتلىرىنى ھۆرمەتلەمدۇ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلەمدۇ-يوق، ئۆگەي ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئۆچمەنلىكىگە يولۇققاندا غەزەپ-نەپرىتى ۋە ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىنى ئىپادىلەمدۇ-يوق؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر.
       مەسىلەن، ئۆگەي ئانا مۇنداق دېسە ياخشى بولىدۇ:«قىزىڭىز قايتىپ كەلگەندە، ماڭا گەپ قىلمىدى، ھەتتا قاراپمۇ قويمىدى، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى.» بىراق مۇنداق دېسە بولمايدۇ :«بەڭباش، ۋاپاسىز بالىلىرىڭىز خۇددى مەن بۇ ئۆيدە يوقتەك يېنىمدىن بىپەرۋا ئۆتۈپ كېتىشتى! ئۇلار نېمىدېگەن قىلىقسىز، سىز ھەمىشە قول قۇۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشنىلا بىلىسىز، يا ئۇلارنى باشقۇرمايسىز!» بىرىنچى خىل ئىنكاس «مەن» توغرىسىدىكى بىر خىل ئۇچۇر بولۇپ، مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدىكى قىسقىغىنا مۇھاكىمىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ھالبۇكى، «سىز» مەزمۇن قىلىنغان ئىككىنچى خىل ئىنكاس ئەيىبلەش بولۇپ، بىر مەيدان جېدەل-ماجىرانى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
       قايتا نىكاھ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىيىنچىلىق پىرىنسىپ مەسىلىسىدۇر. كۆپلىگەن تەتقىقاتلار بىزنى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يېتەكچى بولالايدىغان پىرىنسىپ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۆگەي ئاتا-ئانا چوقۇم موما، ھەدە ياكى بالا باققۇچىلاردەك ئائىلە تۈزۈمىگە پىششىق كىشىلەرنىڭ (مەسىلەن، تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولمىسا، تېلېۋىزور كۆرۈشىگە يول قويمايدىغان دېگەندەك)رولىنى ئېلىشى كېرەك. ئۇلار پەرزەنتلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ ئۆزئار امەلۇم قىلىشىپ تۇرسا بولىدۇ، لېكىن پەقەت ئۆز ئاتا-ئانىسىلا ھەرقانداق جازالاش شەكلىنى قوللانسا (ياكى تۈزۈمنى قايرىپ قويسا) بولىدۇ. شۇغىنىسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆگەي ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى قانۇن ئىجراچىسى دەپ بىلىپ، بالىلارنى بويسۇنۇشقا قاتتىقلىق بىلەن مەجبۇرلايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
       قايتا نىكاھ يوشۇرۇنغىنىغا ئۇزۇن بولغان مەملىكەت خاراكتېرلىك مەسىلە. پەقەت ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە خىرىسىنى ئاممىغا ئاشكارىلىغاندىلا، قايتا نىكاھلانغانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولۇشى مۇمكىن.
    «تەرمىلەر»ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نىكاھ