مەنمۇ دەپ باقاي(ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان)

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-30 12:22:40

مەنمۇ دەپ باقاي(فىليەتۇن)ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئانئەگەر ئەگەر بىرسى ئاسمانغا قاراۋاتقان بولسا، بىزچە، ئۇ چوقۇم ئىشىق ئوتىدا ساراڭ بولغان ئاشىق ۋەياكى ھاكاۋۇر، چەت ئەللەردە بولسا، ئاسترونومى...

    مەنمۇ دەپ باقاي

     

    (فىليەتۇن)

    ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان

     

    ئەگەر

     

      ئەگەر بىرسى ئاسمانغا قاراۋاتقان بولسا، بىزچە، ئۇ چوقۇم ئىشىق ئوتىدا ساراڭ بولغان ئاشىق ۋەياكى ھاكاۋۇر، چەت ئەللەردە بولسا، ئاسترونومىيە خادىمى ياكى ھاۋادىكى مەلۇم ئۆزگىرىشنى ئۇزاقتىن بېرى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان دوكتۇر.

    ئەگەر بىرسى يەرگە قاراپ كېتىۋاتقان بولسا، بىزچە ئۇ سالام بېرىشنى ئۇقمايدىغان دۆت-مەتو، چەت ئەللەردە بولسا، بىر نەرسىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغۇچى.

    ئەگەر بىرسى كۆل بويىغا ياكى تاغ باغرىغا كەلگەن بولسا، بىزچە، ئۇ بىرەر قىز بىلەن خۇپىيانە كۆڭۈل ئېچىشنى پىلانلىغان بۇزۇق، چەت ئەللەردە بولسا، تەۋككۈلچىلىك روھىغا باي ساياھەتچى ياكى ئېكىسپېدىتسىيەچى.

    ئەگەر بىرسىنى توك سوقىۋەتكەن بولسا، بىزچە، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى چالا پۈتتۈرۈپلا تىرىكچىلىك ئۈچۈن سوكۇلداۋاتقان دېھقان، چەت ئەللەردە بولسا، مەلۇم بىر فىزىكىلىق ھادىسىنى ئۆز تېنىدە تەجرىبە قىلىپ سىناپ باققۇچى تىرىشچان ئاسپىرانت.

    ئەگەر بىرسى كىتابخانىغا كىرىپ ناھايىتى ئۇزاقتا بىر كىتابنى سېتىۋالغان بولسا، بىزچە، ئۇنىڭ قولىدىكى<مۇھەببەت ئۆزى سۆزلەيدۇ> ياكى <ئارمان>، چەت ئەللەردە بولسا <ئاي شارىغا سەپەر> ياكى <مارىستىكى بىر كۈن>

    مەنسەپدارلار دىققەت

     

       چالا-پۇلا ئاڭلاپ قالغان مۇنداق بىر يېڭىلىق دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتتى:

      قايسىدۇر بىر دۆلەتتە، يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەنسەپدارلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، شۇ ساننى ئالاھىدە خاتىرىلىۋالىدىكەن، بىر يىلدىن كېيىن ئۇنى يەنە قايتا ئۆلچەيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى ئەسلىدىكى سان بىلەن ئوخشاش بولسا، خىزمەتتە ئىلگىرىلىشى ئاستا، ئەمما پاك مەنسەپدار دەپ قارىلىدىكەن، شۇنداقلا يەنە شۇ خىزمىتىنى ئىشلەۋېرىدىكەن. ئەگەر ئېغىرلىقى ئەسلىدىكى ساندىنمۇ چۈشۈپ كەتسە، بۇنداق مەنسەپدارلار خەلقىنىڭ غېمىنى يەپ، كۆپ جاپا چەككەن، دەپ قارىلىپ، مەنسىپى يەنىمۇ ئۆسىدىكەن.

      بۇ خەۋەرنى ئانچە ئىشەنچلىك دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن مېنى خېلىلا ئويلاندۇرۇپ قويدى، ھازىر مېدىتسىنا ساھەسىدە سېمىزلىك بىر خىل كېسەللىك دەپ قارىلىدۇ، ئۇ ئومۇمەن، بەدەندە ھۆللۈك ۋە ئىسسىقلىقنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن پەيدا بولىدۇ، سېمىزلەرنىڭ قېنىدا ماي مىقدارى يۇقىرى، قان بېسىمى ئۆرلەپ تۇرىدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى نورمالسىز. بۇ بىر تەرەپتىن يەۋاتقان ئوزۇقلۇقنىڭ، ئىچىۋاتقان ئىچىملىكنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئازىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، يۇرتىمىزدا مەنسەپدارلار بىلەن باققاللار ئەڭ سېمىز، دېھقانلار ناھايىتى ئورۇق، لېكىن مەنسەپدارلار باي، باققاللار بىلەن دېھقانلار يەنىلا نامرات، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

      مەنسەپدارلار كۆپ يەيدۇ، كۆپ ئىچىدۇ، كۆپىنچە يولنى پىكاپتا باسىدۇ، شۇڭا سەمرىپ كەتكەن، باققاللار كۆپ يېمەيدۇ، ئەمما ئەتىدىن كەچكىچە ئورنىدىن قىمىرلىماي ئولتۇرىۋېلىپ، نەرسە ساتقانلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت ئاز، شۇڭا سېمىز، دېھقانلار ئاز يەيدۇ، ئاز ئىچىدۇ، ئەمما ئۇلاردا ھەرىكەت ناھايىتى كۆپ، ئۇلار ئەتىدىن-كەچكىچە تىنىم تاپماي ئېتز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۆرتۈپ چىققان سۆڭەكلىرى ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تېگىدۇ، شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ بىرەرىگە يان بېسىشقا ياكى بىرەرىنى چۆكۈرۈشكە ھەققىمىز يوق، چۈنكى مەنسەپدارلار سەمرىپ كەتكىنىگە قارىماي خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.. باققاللار بازارلارنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، يۇرتىمىزدا يوق نەرسىلەرنى پەيدا قىلماقتا...دېھقانلار بارلىق كۈچى بىلەن كەتمەن چېپىپ، دۆلەتنى باقماقتا...

      مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيۋاتقان مەسىلە بۇ ئەمەس، مەسىلە دەل دۆلەت رەئىسمىز خۇجىنتاۋ ئەپەندى، زۇڭلىيىمىز ۋېن جىياباۋ ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر قاتار رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئورۇقلۇقىدا، ئۇلار نېمىشقا سەمرىپ كەتمەيدۇ؟

     

    چوڭ بولغاندا

     

      چوڭ بولغاندا ئۇچقۇچى بولىمەن دېگەن بالىلارنىڭ بەزىلىرى قاۋاق بىلەن پالاق ئارىسىدا ئۇچالماي ئۆمىلەپ يۈرىدۇ.

      چوڭ بولغاندا، ئىنژىنېر بولىمەن دېگەن بالىلارنىڭ بەزىلىرى باشقىلارنىڭ يانچۇقىنى <پىلانلاپ>-ئۆلچەپ يۈرىدۇ.

      چوڭ بولغاندا ساقچى بولىمەن دېگەن بالىلارنىڭ بەزىلىرى ساقچىلارنىڭ ئالدىدا بېشىنى سېلىپ كېتىپ بارىدۇ.

      چوڭ بولغاندا دوختۇر بولىمەن دېگەن بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىگە قىممەت باھالىق زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ خۇمارىنى داۋالاۋاتىدۇ.

      چوڭ بولغاندا ئوقۇتقۇچى بولىمەن دېگەن قىزلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى كېچىلىك بەزمىخانىلاردا يولدىن چىققان بايۋەتچىلەرنى <ئوقۇتۇۋاتىدۇ>

      چوڭ بولغاندا سىزنى باقىمەن دېگەن بالىلىرىمىز ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە تېخى قايتىپ كەلمىدى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.