دېھقانلاردىن كەچۈرۈم سورايلى(ئەدەبىي ئاخبارات)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-23 00:08:09

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} دېھقانلاردىن كەچۈرۈم سورايلى -بىر تەشكىلات بۆلۈم باشلىقىنىڭ كەنتكە چۈشۈپ تۇرغان چا

    دېھقانلاردىن كەچۈرۈم سورايلى

    - بىر تەشكىلات بۆلۈم باشلىقىنىڭ كەنتكە چۈشۈپ تۇرغان چاغدىكى ئەھۋاللاردىن يېزىپ قالدۇرغان خاتىرىسى
    (ئەدەبىي ئاخبارات)
    مايىڭلۇ
    ھەبىبۇللا مۇھەممەت تەرجىمىسى

     

    دېھقانلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇرتقىسى.
    دېھقانلار ھەققانىيەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپتۇ.
    ئۇلار قورسىقىغا تولۇپ كەتكەن دەرد-ئەلەم، خاپىلىق ۋە ئاغرىنىشلىرىنى ئېيتىپ، قورسىقىنى بوشىتىۋېلىشى كېرەك...
    بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىۋېدۇق، ئۇلار ھاياجانلانغىنىدىن كۆزلىرىگە ياش ئالدى، كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كېتىشتى، غەزەپلىك سوئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى...
    يۈرىكىم گويا پىچاق تىققاندەك ئېچىشىپ كەتتى، نەچچە قېتىم ئولتۇرغان يېرىمدىن قوپالماي قالدىم، نەچچە قېتىم چىشلىرىم كىرىشىپ، مۇشتلىرىم قاتتىق تۈرۈلدى، نەچچە قېتىم كۆزلىرىمگە ياش كېلىپ، ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىپ كەتتىم.
    مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلالماپتىمەن؛ مەن پارتىيىگە يۈز كېلەلمەيمەن، دېھقانلارغا يۈز كېلەلمەيمەن، مەن دېھقانلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.
    ـ ئاپتورنىڭ خاتىرە تىزىسىدىن پارچە

     

    چىشىيۇسۈن كەنتىنىڭ نامى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىچكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىغا چىقتى

     

    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىچكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ 2001-يىل 20-مارت سانى.
    شىگۇجىن بازىرىدا بۇلتۇر نويابىردا يۈز بەرگەن نەچچە يۈز دېھقاننىڭ بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانىنى ئۇرۇپ چېقىشىدەك ئېغىر ۋەقە مەركەز ۋە ئۆلكە كۆپ قېتىم تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان زور ۋەقەلەرنى سىياسىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن... مەسىلە تا بۈگۈنگىچە ھەل قىلىنمىغان، دېھقانلار بۇلىۋالغان كويزىلارنى ئېلىپ، ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بېرىۋېلىپ توختىماي ئەرز شىكايەت قىلغان، شۇڭا بۇ يەردە يەنىلا زور مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى مەۋجۇت.

     

    ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى ئادەملەرنى شەخسەن ئۆزى تاللىدى

    7-ئاپرىل چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى ۋۇ ماڭچىڭ مېنى ئىزدەپ كېلىپ:
     مەن جاڭ شۇجىغا تېلېفون بەردىم (ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەنجۇڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئۆگىنىشتە ئىدى)، لېي ھاكىم بىلەنمۇ مەسلىھەتلىشىپ، سىزنىڭ خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ چىشيۇسۈن كەنتىگە بېرىشىڭىزنى قارار قىلدۇق. سىز ئەترەت باشلىقى بولىسىز، ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇ چاڭشىڭ، يېزا ئىگىلىك خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋىن جۇپۇ، كۆمۈرچىلىك ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ شىنفالار مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولىدۇ، سىزنىڭچە بولارمۇ؟−دېدى.
    − مەن يېزا ئەھۋالىنى تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيمەن (مەن ھەربىيلىكتە 26 يىل ئىشلەپ، 1999-يىلى ئاۋغۇستتا بەيشۈي ناھىيىسىگە كەسىپ ئالماشتۇرۇپ كەلگەنىدىم)، ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمەسلىكتىن ئەنسىرەيمەن.
    − مەن تەھلىل قىلىپ كۆردۈم، سىز ياخشى قىلالايسىز.
    مەن ماقۇل بولغاندىن كېيىن، ۋۇ شۇجى ئېغىز ئاچتى:
    − سىز مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى بىلەن شىگۇجىن بازىرى پارتكوم شۇجىسى يۈەن پۇمىنلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىڭ، بىز يىغىن ئېچىپ يەنە بىر مۇزاكىرە قىلايلى.
    يېرىم سائەتتىن كېيىن، بىز بىرلىكتە چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتتۇق.

     


    چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى
    9-ئاپرېل ئەتىگەن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ناھىيىلىك پارتكوم 3- قەۋەت يىغىن زالى. شىگۇ بازىرى پارتكومىنىڭ شۇجىسى يۈەن پۇمىن ئالدى بىلەن سۆزلىدى:
    − چىشيۇسۈن كەنتىدە 443 تۈتۈن، 1743 نوپۇس، 2400 مو تېرىلغۇ يەر، 1700 مو ئالمىلىق باغ بار. پارتىيە ياچېيكىسىدا 42 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار، بۇنىڭ ئۈچ نەپىرى كاندىدات پارتىيە ئەزاسى، 40 ياشتىن يۇقىرىلىرى 40 ئادەم، 40 ياشتىن تۆۋىنى ئىككى ئادەم، 42 نەپەر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئىچىدە 34 نەپەر ئەر پارتىيە ئەزاسى، سەككىز نەپەر ئايال پارتىيە ئەزاسى بار؛ پارتىيە ياچېيكىسىدا تۆت نەپەر ياچېيكا ھەيئىتى بار، شۇجى يوق؛ بەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسىدە گۇرۇپپا باشلىقى بار.
    كەنت ھەيئىتىنىڭ بەش ئەزاسى بار. مۇدىرلىق ئورنى بوش، مۇئاۋىن مۇدىر سايلىمى رىقابىتىدە ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن ۋاڭ شاۋشاۋ خىزمەتلەرنى باشقۇرۇۋاتىدۇ. بەش كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككىسىدە گۇرۇپپا باشلىقى يوق.
    بۇ كەنتكە 1995-يىلى ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھاللىق كەنت دەپ نام بېرىلگەن. ھازىر كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەرز 6000 يۈەن بولۇپ، نۇرغۇن ئائىلىلەر قازانمۇ ئاسالمايدىغان ئەھۋالدا.
    چىشيۇسۈن كەنتىدە مەسىلىلەر يىغىلىپ قالغان، ئاساسلىق مەسىلە ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشىدا. بۇنى ۋۇ، داڭ، ۋاڭ فامىلىلىك ئۈچ چوڭ جەمەتنىڭ ئۆزئارا زىددىيەتلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن: بۇلتۇر كەنت مۇدىرىنى سايلاش ئېلىپ بارغاندا، سايلام يىغىنى ئارقا-ئارقىدىن سەككىز قېتىم پاچاقلاپ تاشلاندى. 9-قېتىمدا ئاندىن كەنت مۇدىرى سايلاپ چىقىلدى. يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مۇدىر بىرنەچچە كۈن ئىشلەپلا «بۇ ئىشنىڭ تايىنى يوق ئىكەن» دەپ خىزمەتتىن ئىستىپا بەردى. يەنە مالىيە مەسىلىلىرىمۇ بار. «تەخت»تىن چۈشكەن كادىرلارنىڭ ھەممىسى كەنتتىن ئېلىشىم بار دېيىشىدۇ، كەنت مالىيىسىدە بولسا پۇل يوق، مالىمانچىلىق دەستىدىن كىملا كەلمىسۇن ئىشلىشى مۇمكىن ئەمەس.

     

    «ھەممىسى ئىت ئەبلەخلەر»

    9-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، بىز بىر گۇرۇپپا 12 ئادەم، يوتقان-كۆرپە، تاماق خىراجىتى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىمىزنى كۆتۈرۈپ، شەھەردىن يېزىلارغا قاتنايدىغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، چىشيۇسۈن كەنتىگە قاراپ يولغا چىقتۇق.
    − ما بۇجاڭ، بۈگۈن ماۋۇ ھاۋانىڭ قىزىقلىقىغا قاراڭ، نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر ئوبدان تۇراتتى، بۈگۈن توساتتىنلا بوران چىقىپ، قۇم-تۇپا ياغقىلى تۇردى، قار-يامغۇر يېغىپ، سوغۇق دەستىدىن تۇرغىلى بولماي قالدى.
    − بۇ يىل ئالمىلار يەنە تۈگىشىدىغان بولدى، دېدى يېزا خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋىن جۇپۇ ئەنسىزلىككە چۈشۈپ.
    يېرىم سائەتتىن كېيىن بىز چىشيۇسۈن كەنتىگە يېتىپ كەلدۇق. ئەسلا ئويلىماپتىكەنمىزكى، بىز بۇ يەرگە كېلىشىمىز بىلەنلا كەينىمىزدىن: «بۇ بىر توپ ئادەم نېمە قىلغىلى كەپتۇ؟»، «ھەممىسى ئىت ئەبلەخلەر، كىم بىلىدۇ ئۇلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى؟» دېگەندەك پاراڭلار چىققىلى تۇردى.
    بەش كۈندىن كېيىن، گو شاۋشيا ئىسىملىك دېھقان مېنى ئۆزلۈكىدىن ئىزدەپ كېلىپ:
    − سىلەر كەلگەن كۈنى، مەن دۇڭ زىخۇەي بىلەن كەينىڭلاردىن سىلەرنى تىللىغانىدۇق، بىزنى كەچۈرۈڭلار،−دېدى.
    يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالدى، ئامما نېمە ئۈچۈن بىزگە بۇنچىۋالا ئۆچلۈك قىلىدۇ؟

     

    كەچلىك تاماق يوققا چىقتى

    9-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت 7 دە، خىزمەت ئەترىتىدىكى ئىككى يولداش مەن تۇرۇۋاتقان ۋاڭ جەنشاۋ ئىسىملىك دېھقاننىڭ ئۆيىگە كەلدى. مەن ئۇلاردىن:
    − تاماق يېدىڭلارمۇ؟−دەپ سورىدىم.
    − يېمىدۇق.
    − نېمە ئۈچۈن؟
    − خوجايىننىڭ قاپىقى ئېچىلمىغاچقا، بىزمۇ سوراشتىن خىجىل بولدۇق. بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن خىزمەت گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى كەلدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆي ئىگىلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئون كۈنگە 50 يۈەندىن تاماق پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرغانىدى.
    بەزى ئۆي ئىگىلىرى قىزغىن بوپتۇ، بەزىلىرى بولسا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ، «سىلەر يەنە ئادەم ئۇرغىلى ۋە تۇتقىلى كەلدىڭلارمۇ» دەپ سوراپتۇ.
    − ئاممىغا ئوچۇق دەڭلار، بىز ئادەم ئۇرغىلى، تۇتقىلى كەلمىدۇق. بەلكى ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولغىلى كەلدۇق،−مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم،−ئاممىنىڭ بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، سىلەر قىزغىنلىق بىلەن سالام بېرىشىڭلار، تازىلىق ۋە ئۆي ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىشىڭلار كېرەك. تاماق بولسا يەيمىز، تاماق بولمىسا تەييار چۆپ سېتىۋېلىپ يەيمىز.
    − ما بۇجاڭ، ۋاقىت توشتى، بىز بېرىپ پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئاچايلى.
    سائىتىمگە قارىسام، سائەت بەشتىن 40 مىنۇت ئۆتۈپتۇ. بىز ھەممىمىز ئىزغرىن قار-شىۋىرغانغا قارىماي، يىغىن مەيدانىغا قاراپ ئالدىراپ يۈرۈپ كەتتۇق.

    قانغا بويالغان كۆڭلەك

    11-ئاپرېل، ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇپ تۇرۇشىمىزغا، دۇڭ زىخۇەي ئىسىملىك بىر دېھقان كېلىپ ماڭا:
    − مەن بىرنەچچە قېتىم كېلىپ سىزگە دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. سىزنى بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ كۆرۈپ باقامدىكىن دېۋىدىم، بولارمۇ؟−دېدى.
    مەن ماقۇل بولدۇم ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئىككى خادىم بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.
    ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى غەربكە قارايدىكەن. ئۆينىڭ ئىشىكى تۈگۈل ھەتتا كېشىكىمۇ يوق ئىكەن. ئىشىك دېگىنىمىز−كېشەك ئورنىدىكى توم-ئىنچىكىلىكى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ تال ياغاچ ۋە بىر جازىغا سىم بىلەن چېتىپ قويۇلغان ئىككى پارچە ئەبجەق تاختايدىن ئىبارەت ئىدى.
    ئۇنىڭ ئۆيى ئۈستى ۋادەك بىلەن يېپىلغان تولىمۇ كىچىك ئۈچ ئېغىز ئۆيدىن ئىبارەت بولۇپ، بىر ئېغىزى ئاشخانا؛ ئۆيلەر تولىمۇ پاكار بولۇپ، ئىچىدە پۇلغا يارىغۇدەك ھېچنېمە يوق ئىدى.
    ئۆيدە ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن ئىككى بالىسى تاماق يەۋېتىپتۇ. تامىقى شوۋىگۈرۈچ، موما، تۇرۇپ سەي ئىدى.
    ئۇنىڭ خوتۇنى بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۆرۈپ، ئالمان-تالمان بىر ئۈستەلدىكى چىنە-چوكىلارنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ، بالىلىرىنى باشقا ئۆيدە تاماق يېيىشكە چىقىرىۋەتتى.
    − بۇ يىلقى ئاشلىقىڭىز يېيىشكە يېتەمدۇ؟
    − گېپىم ئاياغلىشا-ئاياغلاشمايلا ئۇنىڭ خوتۇنى دەرھال لوقما سالدى:
    − يېيىشكە يېتەمدۇ؟−قەرزگە ئالغان ئاشلىقنى يەۋاتقىلى خېلى بولدى.
    − ئۇنداقتا سىلەر ئاشلىق تېرىمىغانمۇ؟
    − تېرىمىغان. بىزنىڭ ئۈچ مو توققۇز پۇڭ ئۈچ لى يېرىمىز بار، ھەممىسىگە ئالما كۆچىتى تىككەن.
    − ئالمىنىڭ كىرىمى قانداقراق؟
    كىرىم ھەققىدە گەپ بولۇۋېدى، ئۇنىڭ خوتۇنى لېي يىڭشا (يەنە بىر ئىسمى ئۈزۈم)نىڭ كۆزلىرىدىن مۆلدۈردەك ياش تۆكۈلدى.
    دۇڭ زىخۇەي خوتۇنىغا بىر قارىۋېتىپ، تىترىگەن ئاۋازدا:
    − ئالما تۈپەيلىدىن ئۇ تاياقتا ئۆلگىلى تاس قالدى،−دېدى.
     بۇ قاچان بولغان ئىش؟
    − 1999-يىلى 23-نويابىر كەچتە،−دېدى ئۈزۈم ئۆكسۈپ تۇرۇپ،−شۇ كۈنى كەچتە مەن زىخۇەي ھەدەملەرنىڭ ئۆيىدىن قەرز ئېلىپ كەلگەن 50 يۈەن پۇلنى كۆتۈرۈپ، كەنت ئىشخانىسىغا دېھقانچىلىق ئالاھىدە بېجىنى تاپشۇرغىلى باردىم (زىخۇەي سۆز قىستۇردى: 5-نويابىر مەن 300 يۈەن تاپشۇرغانىدىم). بازارلىق باجخانىنىڭ خادىمى مەن ئەكەلگەن پۇلنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، «زىخۇەي نەگە كەتتى» دەپ سورىدى، مەن «ئۇ پۇل قەرز ئالغىلى كەتتى» دېۋىدىم، ئۇ: «ئاناڭنىڭ X يېرىدىن پۇل قەرز ئالغىلى كەتكەن ئوخشىمامدۇ» دېدى. شۇنداق قىلىپ بىز تىللىشىپ كەتتۇق. ئارقىدىن ئۇ يۈزۈمگە شاپىلاق سېلىپ، پۇتۇمغا تەپتى. مەن ئاغرىققا چىدىماي سىرتقا قاراپ قاچتىم. بازار ۋە كەنتنىڭ بىرنەچچە كادىرى ئارقامدىن قوغلاپ چىقتى ۋە مېنى تۇتۇۋېلىپ ئەكىرىپ كەتتى...
    زىخۇەي سىرتتىن قانغا مىلىنىپ كەتكەن بىر پارچە سۆرەت بىلەن قانغا بويالغان بىر يىرتىق كۆڭلەكنى كۆتۈرۈپ كىرىپ:
    − بۇنىڭغا قاراپ بېقىڭلار، ئۇلار ئادەمنى ئۇرۇپ قايسى ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان،−دېدى.
    ئۈزۈم گېپىنى داۋام قىلدى:
    − مەن ئاغرىق ئازابىدىن كارىۋاتتا قىمىرلىيالماي يېتىپ قالسام، ئۇلار «يالغان ئاغرىق بولىۋالدىڭ» دەپ مېنى «چاپسان قوپ، ئىشىكنى پېچەتلەيمىز» دېيىشتى. مەن ئۇلارغا «ئىشىكنى پېچەتلىمەڭلار، بالىلىرىم مەكتەپكە كەتكەن، ئۇلار قايتىپ كەلگەندە تاماق يېمىسە بولمايدۇ» دەپ يالۋۇردۇم، ئەمما ئۇلار گەپلىرىمنى قىرىغىمۇ ئېلىپ قويمىدى. مېنى زورلۇقچە ئورنۇمدىن قوپقۇزۇپ كەنت ئىشخانىسىغا ئېلىپ باردى. ئۆيىمىزنىمۇ پېچەتلىۋەتتى (ئىشىكتىكى پېچەت ئىزلىرىنى ھازىرمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى). ئۇ بىردەم بوقۇلداپ يىغلىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
    − شىگو كەنتىدىكى ئاتا-ئانام بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن ئادەملەردىن سوراپ يۈرۈپ مىڭ بىر تەسلىكتە 300 يۈەن پۇل جايلاپ ئەكېلىپ بەردى. مەن پۇلنى كەنت كادىرىغا بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئاندىن ئىشىكىمىزنى ئېچىپ بەردى. قايتىپ كېلىپ قارىسام ئىككى بالام يوق تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئىزدىگىلى تۇردۇم. بالىلىرىم مېنى كۆرۈپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. مەكتەپتە بالىلار: «ئاپاڭلار باج تاپشۇرۇشقا قارشى ئۇنسۇر بولغاچقا تۇتۇپ كەتتى، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ...» دېگەنىكەن.
    ئۇ يەنە يىغلىدى، مەنمۇ يىغلىدىم، ئەمما ئاۋازىمنى چىقارمىدىم. ئۇ بىرنەچچە مىنۇت توختىۋالغاندىن كېيىن يىغلاپ تۇرۇپ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى:
    − مەن باج تاپشۇرۇشقا قارشى ئۇنسۇر ئەمەس. بىز ئالما كۆچەتلىرىنى 1995-يىلى تىككەن، كۆچەتلەرنى قوشنىمىز يۈجۇڭشىن سېتىپ بەرگەن. 1996-يىلى 320 يۈەن سۇ پۇلى تاپشۇردۇق، 1997-يىلى 192 يۈەنلىك خىمىيىۋى ئوغۇت سېتىۋالدۇق، 1998−1999-يىللىرى دورا چېچىش ئۈچۈن 1100 يۈەن خەجلىدۇق. ئالمىلار 1999-يىلى مېۋىگە كىردى، لېكىن باج تاپشۇرىدىغان چاغدا بىز تېخى بىر تىيىنلىكمۇ ئالما ساتمىغان تۇرساق، باجغا قەيەردىكى پۇلنى تاپشۇرىمىز؟
    زىخۇەي سىرلانمىغان ياغاچ ساندۇقتىن بىر دەپتەرنى ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى، دەپتەرگە ئېنىق قىلىپ مۇنۇ قۇرلار يېزىلىپتۇ−سىرتقى قەرزلەر: تى مىندىن 192 يۈەن ئېلىپ، خىمىيىۋى ئوغۇت سېتىۋالدۇق؛ لىڭ خەيدىن 100 يۈەن ئېلىپ، بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇردۇق؛ ئامانەت قەرز پونكىتىدىن 2800 يۈەن ئېلىپ كۆچەت سېتىۋېلىش، باغقا قورۇق تام سېلىش، ئۇن سېتىۋېلىش، بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشلەرگە ئىشلەتتۇق؛ جىڭ يىجۈندىن 400 يۈەن ئېلىپ، يەر ھۆددىگە ئېلىشقا ئىشلەتتۇق؛ شۇاڭ لىدىن 3000 يۈەن ئېلىپ ئۆي سالدۇق؛ يۈڭ سەندىن 105 يۈەن ئېلىپ دوختۇرغا كۆرۈندۇق؛ باۋ خۇڭدىن 100 يۈەن ئېلىپ قوي سېتىۋالدۇق؛ گاۋ خۇەيدىن 100 يۈەن ئېلىپ، ئۇرۇقلۇق بۇغداي، سۇلياۋ خالتا سېتىۋالدۇق؛ خۇاڭ بىڭدىن ئالتە يۈەن، دورا سېتىۋالدۇق؛ لىڭ شادىن 8.5 يۈەن، دوختۇرغا كۆرۈندۇق؛ لى شۇئىندىن 500 يۈەن ئېلىپ، دوختۇرغا كۆرۈندۇق، بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇردۇق.
    بۇ ھېساباتلارنى كۆرۈپ، يۈرىكىم سىقىلىپ بىئارام بولۇپ كەتتىم.
    − ئۇنداقتا، سىلەر ئىككى يىلدىن بېرى ئالما سېتىپ كىرىم قىلالمىدىڭلارمۇ؟
    − ساتتۇق. 1999-يىلى 3600 يۈەنلىك ساتتۇق؛ بۇلتۇر 110 يۈەنلىك ساتتۇق. بۇ پۇللار بىلەن قەرزلەرنى قايتۇردۇق، باج تۆلىدۇق، دۇڭ زىخۇەي سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، بىرنەچچە يىلدىن بېرى تەلىيىمىز كاج كېلىپ، ئالمىلار پۇل بولمىدى.
    بىز سۆزلىشىۋاتقاندا ئۇنىڭ بالىلىرى كىرىپ كەلدى ۋە «مەكتەپتىن ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇڭلار دېدى، ئەمدى تاپشۇرمىساق ئوقۇغىلى قويمايدىكەن» دېيىشتى. مەن «مەكتەپتىن ئالىدىغىنى قانداق پۇل؟» دەپ سورىۋېدىم، بالىلار «ئوقۇش پۇلى بىلەن كىتاب پۇلى» دېيىشتى. مەن ئۇنىڭدىن «قانچە پۇل بولسا يېتىدۇ؟» دەپ سورىۋېدىم، ئۇ «ئىككى بالىغا 240 يۈەن كېتىدۇ» دېدى. مەن «بۇ پۇلنى تەييارلىيالىدىڭلارمۇ؟» دەپ سورىۋېدىم، ئۇ «بىرقانچە يەردىن قەرز سورىۋېدىم، لېكىن پۈتمىدى» دېدى. «ئەمدى قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىدىم. ئۇ «ئامال بولمىغاندىكىن بالىلار مەكتەپتىن توختايدۇ» دېدى.
    مەن يانچۇقۇمدىن 300 يۈەننى چىقىرىپ ئۇنىڭغا:
    − بالىلارنى ئامال قىلىپ مەكتەپتە ئوقۇتۇش كېرەك. بۇ پۇلنى ئېلىڭ، قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا، مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن،−دېدىم.
    مۆلدۈردەك ياش تامچىلىرى دۇڭ زىخۇەينىڭ كۆز چاناقلىرىدىن ئېتىلىپ چىقتى. ئەر-خوتۇن ئىككىسى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا:
     بىز سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئالساق بولمايدۇ، ئالساق بولمايدۇ...ـ دېدى.

     

    تۇنجى قېتىملىق كەنت ئاھالىلىرى چوڭ يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

    باش قوشۇش يىغىنىدىن كېيىن، بىز دەرھال كەنت ئاھالىلىرى چوڭ يىغىنى ئېچىپ، ئاممىنىڭ ئۆزىچە پەرەز ۋە غۇلغۇلا قىلىشى نەتىجىسىدە زۆرۈر بولمىغان ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاممىغا بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىز، نېمە قىلغىلى كەلگەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشنى قارار قىلدۇق.
    12-ئاپرېل سائەت 10 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، بىز كەنت ئىشخانا قورۇسىغا كەلدۇق. دەرۋازىنىڭ تۆمۈر ئىشىكىنى دات بېسىپ كەتكەنىدى، قورۇنىڭ ئوتتۇرىسى ھېلىلا سۈپۈرۈلگەن بولۇپ، ھاك بىلەن تۆت تارام سىزىق سىزىلىپ، ئايرىم-ئايرىم قىلىپ بىرلەشمە ئەترەت، دوڭتۇ ئەترىتى، نەنخۇەي ئەترىتى، چەنخۇەي ئەترىتى، خۇخۇەي ئەترىتى دەپ يېزىلغانىدى. تۆت ئەتراپنى ئوت-شىۋاقلار باسقان، خىش پارچىلىرى، توغرىسىغا ياتقۇزۇلغان ئېلېكتر سىتولبىلىرى تاشلاقلىق تۇراتتى. كەنت قورۇسىدىكى ئىشخانىلارنىڭ سىرتقى تاملىرى كونىراپ، مەينەت بېسىپ كەتكەن، ئىشخانىلاردىكى ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى توپا بېسىپ كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن بولۇپ، قارىغاندا ئىشخانىلارغا ئۇزۇندىن ئادەم كىرىپ باقمىغاندەك قىلاتتى.
    سائەت 11 دىن خېلى ئۆتكەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بىر-بىرلەپ كېلىشكە باشلىدى. بەزىلىرى كىچىك ئورۇندۇقلىرىنى كۆتەرگەن، بەزىلىرى كۇرسلىرىنى يەلكىسىگە قويۇۋالغانىدى؛ بەزى ئاياللار پوپايكا توقىغاچ، بەزىلىرى بولسا خەي چەمى تىكىۋاتاتتى؛ كۆپىنچىسى بولسا قۇرۇق قول ئىدى. لېكىن ئايرىم ئادەملەرلا ئۆزلىرىگە بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە ئولتۇردى ياكى زوڭزايدى، كۆپىنچىسى بولسا، تامنىڭ ئىككى يېقىدا، دەرۋازا تۈۋىدە، ئىشخانىلارنىڭ ئىشىك تۈۋىلىرىدە ئولتۇردى، زوڭزايدۇ، ياكى بولسا ئۆرە تۇردى.
    سائەت 11 يېرىمدا مەن مىكروفوننى قولۇمغا ئېلىپ (كەنتتە ئاۋاز چوڭايتقۇچ بار ئىدى) دەرۋازا تۈۋىدىكى ۋە سىرتتىكى ئادەملەرنى ئىچكىرىگە كىرىپ يىغىنغا قاتنىشىشقا چاقىردىم. شۇندىمۇ پەقەت ئايرىم ئادەملەرلا كىرىپ، كۆپىنچىسى ئورنىدىن قىمىرلاپمۇ قويمىدى. ئامال قانچە، مەن سۆزۈمنى باشلىدىم:
     ـ  دەرۋازا تۈۋىدىكى ۋە سىرتتىكى ئامما كىرمىسىمۇ مەيلى، چۈنكى بىزنىڭ ئاچىدىغىنىمىز ئاممىۋى يىغىن، قاتنىشىش، قاتناسماسلىق ئىختىيارى.
    بۈگۈنكى چوڭ يىغىن ئېچىش تېخى ھېلىلا قارار قىلىندى. يىغىننى باشلاشتىن ئىلگىرى بەزى يولداشلار «يىغىن ئاچقىلىق بولمايدۇ» دەپ مېنى توستى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بىزنىڭ كەنتىمىزنىڭ «يىغىن چاقىدىغان» تارىخى بار، ئىككى يىلدىن بېرى سەككىز قېتىم يىغىن «چاققان»، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قېتىملىقىدا تېخى ئادەم ئۆلۈش كۆرۈلگىلى تاس قالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تۆت ئۈستەل، سەككىز ئورۇندۇق چېقىپ كۇكۇم تالقان قىلىۋېتىلگەن، ئاندىن بىرسى كەنت كادىرىنى خىش بىلەن ئۇرۇپتۇ، گەرچە ئادەم يارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىش دېرىزىگە تېگىپ ئەينەكلەرنى چۇلچۇل قىلىۋەتكەن. شۇڭا ئۇلار مېنىڭمۇ بېشىمغا خىش تېگىشىدىن ئەنسىرىگەن گەپ. «مەن ھېچ ۋەقەسى يوق، بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋەت يوق تۇرسا، ئامما ماڭا خىش ئاتمايدۇ» دېدىم (مەن ئاممىغا بىرپەس قارىۋېتىپ سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم). قۇرۇق گەپنى قىلماي، نەق گەپكە كېلەي، ھازىر يىغىن باشلاندى. ئالدى بىلەن مۇنبەردە ئولتۇرغان تۆت يولداشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. مېنىڭ فامىلەم ما (ئات)، يەنى تۆت پۇتلاپ چاپىدىغان ئاتتىكى ما، ئىسمىم ما يىڭلۇ، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى؛ سول تەرىپىمدە ئولتۇرغان بۇ يولداشنىڭ فامىلىسى ۋۇ، بىزنىڭ كەنتىمىزدىكى ۋۇ فامىلىلىكلەر بىلەن بىر ئەجداددىن، ئىسمى ۋۇ چاڭشىڭ، ناھىيىلىك پارتكوم ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى؛ ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغان بۇ يولداشنىڭ فامىلىسى ۋىن، مەسىلەدىكى ۋىن، ئۇ مەسىلىلەرنى بايقاشقا، ھەل قىلىشقا ماھىر، ئىسمى ۋىن جۇپۇ، ناھىيىلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى؛ ۋىن بۇجاڭنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان يولداشنىڭ فامىلىسى جاڭ (ئالجوقىلىق قىلماقتىكى خەت بىلەن ئاھاڭداش)، ئۇ فامىلىسى جاڭ بولغىنى بىلەن ئالجوقا ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن كەمتەر، كەنت ياچېيكا شۇجىسى، بازار باشلىقى، يېزا-بازار پارتكوم شۇجىسى بولغان، ھازىر بولسا كۆمۈرچىلىك ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى. بۇلاردىن باشقا يەنە سەككىز يولداش بار، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرمىساممۇ بولار.
    تۈنۈگۈن ئەتىگەندە مەن تېخى ئورنۇمدىن تۇرماستىنلا بىرسى ماڭا تېلېفون بېرىپ، مېنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىمنى سورىدى. مەن «چىشيۇسۈن كەنتىدىكى ۋاڭ جەنشاۋنىڭ ئۆيىدە» دېدىم ۋە ئۇنىڭدىن كىم ئىكەنلىكىنى سورىسام، ئۇ ئۆزىنىڭ چىشيۇسۈن كەنتىدىكى بىر ئامما ئىكەنلىكىنى، تېلېفون بېرىپ مېنىڭ كەنتتە بار-يوق ئىكەنلىكىمنى، تېلېفون نومۇرىنىڭ راست-يالغانلىقىنى، بۇجاڭ ئىكەنلىكىمنىڭ راستيالغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. مەن كۆپچىلىككە ئېنىق ئېيتايكى، تېلېفون نومۇرۇم راست، مېنىڭ بۇجاڭ ئىكەنلىكىممۇ راست (بۇ چاغدا دەرۋازا تۈۋىدىكى ۋە سىرتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يىغىن مەيدانىغا ئارقائارقىدىن كىرىپ كېلىشتى).
    بۈگۈنكى يىغىندا مەن ئۈچ مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەيمەن:
    بىرىنچى، بىز كېلىپ نېمە ئىشلارنى قىلماقچى؟
    1. بىز ئادەم تۇتقىلى، ئادەم ئۇرغىلى كەلمىدۇق. ئىككى كۈندىن بېرى بەزىلەر بىزنى «ئادەم تۇتقىلى كەپتۇ» دەپ گەپ تارقىتىپتۇ. مەن كۆپچىلىككە شۇنى ئېنىق ئېيتىپ قويايكى، بىز ئادەم تۇتقىلى، ئادەم ئۇرغىلى كەلمىدۇق، لېكىن بىز ئادەم تۇتقان، ئادەم ئۇرغانلارنى باشقۇرالايمىز. كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز مەيلىچە ئادەم تۇتۇش، ئۇرۇشقا بولمايدۇ. ناۋادا كىمكى ئادەم تۇتسا ۋە ئۇرسا، سىلەر بىۋاسىتە مېنى ئىزلەڭلار. بىزنىڭ خىزمەت ئەترىتى بۇ يەردىكى چاغدا قېنى كىم ئادەم تۇتۇپ، ئادەم ئۇرىدىكەن، بىر كۆرۈپ باقاي!
    2. بىز «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» ئۆگىنىش تەربىيىسى ئېلىپ بارغىلى كەلدۇق. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» دېگەن نېمە؟ بۇ دېگەنلىك، باش شۇجى جياڭ زېمىن ئوتتۇرىغا قويغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلىش، جۇڭگونىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىش، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپكى مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىسىدۇر. بۇ دېيىلىۋاتقان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دېگىنىمىز، ئاممىغا ياردەملىشىپ ئۇلارنى بېيىتىش؛ ئىلغار مەدەنىيەت دېگىنىمىز بولسا، مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش؛ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپكى مەنپەئىتى دېگىنىمىز بولسا، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن سۆزلەش، خەلق ئاممىسىغا ياردەملىشىپ ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتۇر. مەركەز، ئۆلكىلىك پارتكوم، شەھەرلىك پارتكوم، ناھىيىلىك پارتكوملارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېزىلاردا «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى ئۆگىنىش تەربىيىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بىز بۇ قېتىم بۇ كەنتكە كېلىشىمىزدە، ئاساسلىقى ئۆگىنىش ۋە تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، كەنت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ مۇكەممەل ئەمەس، قائىدە-تۈزۈملەر ئەمەلىيلەشمەسلىك، ئىش يۈرگۈزۈشى قائىدىگە ئۇيغۇن بولماسلىق، مالىيە ئىشلىرى نائېنىق بولۇش، كەنت ئىستىلى ناتوغرا بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش.
    3. بىز بۇ يەرگە پىكىر ئالغىلى كەلدۇق. يەنى ناھىيىگە، يېزا-بازارغا، كەنت كادىرلىرىغا قارىتا پىكىرلەرنى ئاڭلايمىز.
    4. بىز ئاممىنىڭ غەم-ئەندىشە، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلغىلى كەلدۇق. سىلەرنىڭ قانداق غەم-ئەندىشەڭلار ۋە قىيىنچىلىقىڭلار بولسا، بىزگە ئېيتساڭلار بولىدۇ. بىز ھەل قىلالايدىغانلارنى دەرھال ھەل قىلىپ بېرىمىز، ھەل قىلالمايدىغانلارنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىمىز ياكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئورۇنلارنىڭ ھەل قىلىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىمىز.
    ئىككىنچى، بىز كېلىپ نېمە ئىشلارنى قىلدۇق؟
    1. پارتىيە ئەزالىرى چوڭ يىغىن ئېچىپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈردۇق.
    2. ئىككى پىكىر ئېلىش ساندۇقى ياساپ قويدۇق، بەش قارا دوسكا گېزىتى ئالماشتۇردۇق، ئالتە پىلاكات يازدۇق.
    3. 28 ئائىلىنى زىيارەت قىلدۇق.
    تۆۋەندە مەن دۇڭ زىخۇەي ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى سۆزلەپ ئۆتەي. كۆپچىلىككە مەلۇم، دۇڭ زىخۇەي ئائىلىسى كەنتنىڭ غەربىي چېتىدە ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئاشقازان كېسىلى بار، بېلىكى زەخىملەنگەن، ئېغىر ئەمگەككە يارىمايدۇ. ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ئىسمى «ئۈزۈم»، كىشىلەر ئۇنى «سانتانا» دەپ ئاتىشىدۇ (دۇڭ زىخۇەي ۋېلىسىپىت مىنەلمىگەچكە دائىم خوتۇنى ئۇنى كەينىگە مىنگەشتۈرۈۋالىدۇ). ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بار. بىرسى بەشىنچى يىللىقتا، بىرسى ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدۇ، تۈنۈگۈن چۈشتىن ئىلگىرى بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋاللارنى كۆرگەندىن كېيىن تولىمۇ بىئارام بولدۇم. قورۇسىنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئىككى قانات ئىشىكى تومئىنچىكىلىكى ئوخشىمايدىغان ئىككى بادرىغا سىم بىلەن باغلاپ قويۇلۇپتۇ. قورۇسى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئۆيلىرى ئىنتايىن كىچىك. يەۋاتقان تاماقلىرى تولىمۇ ئاددىي ئىكەن. ھازىر 7000 يۈەندىن كۆپرەك قەرزى بار ئىكەن، قەرزلىرى ئىنتايىن تەپسىلىي يېزىقلىق ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە باشقىلاردىن ئالغان بىر يۈەن ئىككى مو پۇلمۇ شۇنداق ئېنىق خاتىرىلەپ قويۇلۇپتۇ. ئوقۇش پۇلى، كىتاب پۇللىرىنى تاپشۇرالمىغاچقا، بالىلىرى بىرقانچە قېتىم سىنىپقا كىرگۈزۈلمەي ئوقۇيالماپتۇ. ئۇلار مانا مۇشۇنداق بىر كەمبەغەل ئائىلە ئىكەن. 1999-يىلى 23-نويابىر كەچتە، بىر دېھقانچىلىق باج كادىرى «ئۈزۈم» تاپشۇرغان باج پۇلىنى ئاز كۆرۈپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئاغزى-بۇرنىنى قان قىلىۋېتىپتۇ... ئۇ شۇندىمۇ بولدى قىلماي، يەنە بازاردىكى ئىككى يولداش بىلەن بېرىپ «ئۈزۈم»نىڭ ئۆيىنى پېچەتلىۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ بالىلىرى تاماق يەيدىغان يەرمۇ قالماپتۇ، تازىمۇ ۋىجدانسىزلىق-تە بۇ! ئەگەر تاياق يېگەن ئادەم بىزنىڭ ئادەم، بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز، ئاكا-سىڭلىمىز بولغان بولسا، پېچەتلەنگىنى بىزنىڭ ئۆيىمىز بولغان بولسا، بىز قانداق تەسىراتقا كېلەر بولغىيدۇق؟ بىز بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالىغان بولاتتۇقمۇ؟ شۇ چاغدا نەق مەيداندا بار بولغان، بازار ۋە كەنتنىڭ باشقا كادىرلىرى نېمە ئۈچۈن كارى بولمايدۇ؟ بەزىلىرى تېخى ياردەملىشىپ ئۇرۇپتۇ، بەزىلىرى بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ ھاقارەتلەپتۇ، بۇنداق كادىرلاردا پارتىيىۋىلىك ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئاز-تولا ئادىمىيلىكمۇ يوق ئىكەن! نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئېغىر مەسىلە يۈز بېرىدۇ؟ بۇنىڭدا ناھىيىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، بازارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. ئۇنداقتا بىزنىڭ كەنت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟ كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا، شۇ ئۈستىگە ئالىدۇ، كىمدە مەسىلە بولسا، شۇ ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ. ئۆيلىرىگە بېرىپ ئاممىغا ناماقۇل بولۇشى كېرەك. مەسىلىنى ئۈستىگە ئالمىغانلار، ئۆيىگە بېرىپ كەچۈرۈم سورىمىغانلار قاتتىق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ. مەن ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئاممىنى ئۇرغان بىرنەچچە ئادەمنى بىرتەرەپ قىلالماسلىقىغا ئىشەنمەيمەن.
    بىرنەچچە ئاممىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بەزىلەر بىزگە كەنتنىڭ «زەنجىرسىمان ھېسابات» مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلدى. ھەر نۆۋەتلىك كەنت مۇدىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى «بۆرە بالىسى» دېيىشتى. ئون يىلدىن بۇيانقى بەش نۆۋەتلىك كەنت مۇدىرلىرى ھەتتا «ئامما بىزگە 260 مىڭ يۈەن قەرز» دەيدىكەن. بۇ زادى قانداق ئىش؟ راستتىنلا ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، شۇنچىۋالا كۆپ پۇل خەجلەندىمۇ، ياكى قالايمىقان يەپ-ئىچىپ خەجلىنىپ كەتتىمۇ؟ مەن بۇ يەردە كەنت كادىرلىرىغا كەسكىن قىلىپ شۇنداق ئېيتايكى، ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى قايتۇرۇشۇڭلار، يېيىشكە تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى قۇسۇپ بېرىشىڭلار كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئاممىنىڭ غەزىپىنى پەسەيتكىلى، كۆڭلىنى ئالغىلى بولىدۇ.
     ئۈچىنچى، بىز ئاممىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؟
    1. ئاممىنىڭ بىزگە ئىشىنىشىنى، بىزنى نازارەت قىلىشىنى، بىزگە راست گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئېيتىشىنى ھەمدە بىز بىلەن بىرلىكتە بۇ كەنتتىكى ئاساسلىق مەسىلە ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
    2. مەسىلىسى بار كادىرلارنىڭمۇ بىزگە ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بۇ يەرگە ئادەملەرنىڭ ئەدىپىنى بەرگىلى كەلمىدۇق. پەقەت مەسىلىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغاننى، يېيىشكە تېگىشلىك بولمىغانلارنى قايتۇرسىلا، بىز چوقۇم كەڭچىلىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىمىز.
    بۈگۈن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي، توغرا بولمىغان يەرلىرى بولسا كۆپچىلىكنىڭ تەنقىد بېرىپ تۇرۇشىنى سورايمەن، يىغىن تۈگىدى.

     

    كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنىڭ قەلب ساداسى

    9-ئاپرېل، ئەتىگەن سائەت 9 دا، ۋاڭ جەنشاۋنىڭ ئۆيى.
    چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ۋاڭ يۈتيەن ماڭا كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ئېيتتى:
    − بىرنەچچە كۈندىن بېرى مەن ياخشى ئۇخلىيالمىدىم، يۈرىكىم سىقىلىپ بىئارام بولدۇم، ئىشلىمەي دېسەم يۈەن شۇجى كېلىپ مەن بىلەن سىردىشىپ، مەندىن كەچۈرۈم سورىدى؛ بىرمۇنچە پارتىيە ئەزالىرى ماڭا، «سىزنى بىز سايلىغان، ئىشلىمىسىڭىز بولمايدۇ» دېيىشتى. ماڭىمۇ مەلۇم، چىشيۇسۈن كەنتىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ. ئۇنى ھەل قىلماق قېيىن؛ ئەڭ مۇھىمى بازار ۋە ناھىيىدىكىلەر ئەمەلىيەتچان ئەمەس، خىزمەت ئىشلەش مۇمكىن ئەمەس. گەپنى سىز بىزنىڭ ناھىيىگە كەلگەن (1999-يىلى) چاغدىن باشلايلى، بىزنىڭ بازار پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى XX، ناھىيە بويىچە ئېچىلغان دېھقانچىلىق ئالاھىدە بېجىنى يىغىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، «باجنى ئۈچتە تۆمۈردەك بولۇش سىياسىتى بويىچە يىغىش كېرەك» دېگەنىدى. بۇ باجنى «تۆمۈردەك رەھىمسىز، تۆمۈردەك سۈرلۈك چىراي، تۆمۈردەك قاتتىق قول»لۇق بىلەن يىغىش كېرەك دېگەنلىك. شۇ چاغدا ناھىيە رەھبەرلىرى بۇنى ئاڭلاپ قانداق تەسىراتقا كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، لېكىن مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەكمۇ قورقۇپ كەتكەنىدىم. ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ «ئۈچ تۈگىتىش» سىياسىتى بار ئىدى. بىز نېمە ئۈچۈن «ئۈچتە تۆمۈردەك بولۇش» شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىمىز؟ بىرمۇنچە ئامما چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ:«شۇڭا ئۇلار بىزنى باج تاپشۇرۇشقا قارشى ئۇنسۇر، گەدەنكەش دېگىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن-دە» دېيىشتى. كېيىنكى ئىشلار راستتىنلا مېنىڭ ئەندىشە قىلىشىمنىڭ ئارتۇقچە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. كەنتلەرنى كۆتۈرە ئالغان كادىرلار ساقچى ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ كېلىپ، بىرسى كەنتنىڭ شەرق تەرىپىدە تىرۇۋگا سىگناللىرىنى چىقىراتسا، بىرسى كەنىتنىڭ غەرىب تەرىپىدە چىرقىرىتاتتى. ماشىنىلىرىنى ئادەملەرگە ئۇدۇللاپ ھەيدەپ، سىگناللىرىنى ھەدەپ چىقىراتقاچقا، ئامما قورقۇپ جېنى چىقتى. بالىلار ساقچى ماشىنىسىنى كۆرسە ياكى ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگنالىنى ئاڭلىسىلا ھازىرمۇ يىغلايدۇ. ئادەمنىڭ قورسىقىنى تېخىمۇ كۆپتۈرىدىغىنى، كەنتلەرنى كۆتۈرە ئالغان كادىرلار كېلىپ «يېرىم كېچىدە ئاممىنى يىغىڭلار، ئۆيدىن چىقمىسا دەرۋازىسىنى خىش بىلەن ئۇرۇپ چاقىرىڭلار» دەپ تۇرىۋېلىشى ئىدى. ئامما كەنت ئىشخانىسىغا كەلگەندە، كەنتلەرنى كۆتۈرە ئالغان كادىرلار ئۇلارنى ئولتۇرغىلى قويماي، «تىك تۇر، راۋرۇس تۇر» دەپ ۋارقىرىدى، ھەتتا ئۇرۇپ، تىللىدى. بىز «بۇنداق قىلساق بولماسمىكىن» دېسەك، ئۇلار بىزنى «باج تاپشۇرۇشقا قارشى ئۇنسۇرلارنى قانات ئاستىغا ئالدىڭلار، خىزمەتتە ئاكتىپ ئەمەسكەنسىلەر، يۇقىرىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنمىدىڭلار» دەپ تەنقىدلىدى. ئەھۋالنى چۈشەنمىگەن ئامما بىزنى «ناھىيە، بازاردىكىلەر باققان، خالىغانچە ئادەم چىشلەيدىغان ئىتلار» دەپ تىللىدى. شۇنداق قىلىپ بىز ئىككىلا تەرەپنىڭ دەشنىمىگە قالدۇق. بۇلتۇرقى ئەھۋالنى ئېلىپ ئېيتساق، ئالما مەھسۇلاتى راستتىنلا كېمىيىپ كەتتى. لېكىن ناھىيە، بازاردىن ۋەزىپىنى يەنىلا شۇنداق ئېغىر چۈشەردى. مەن «ئورۇنلىيالمايمىز» دېسەم، بازاردىكى رەھبەرلەر مېنى تەنقىد قىلىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۆرگەنلا يەردە ئاق-قارا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپتۇ. ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى. ئەينى چاغدا مەن «بازاردىن كەلگەن بۇ كادىر مېنى بىر-ئىككى تەستەك سالسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ كەنتىمىزنى مالىماتاڭ قىلىۋېتىشىنى كۆرگۈم يوق ئىدى» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدىم. لېكىن مېنىڭ ئامالىم يوق ئىدى، ئارقىدىن ئۇلار مېنى خىزمەتتىن توختىتىۋەتتى. ئەلۋەتتە، مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم بار، ئەگەر ئەينى چاغدا بىزنىڭ كەنتنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى مۇكەممەل بولغان بولسا، چوقۇم بۇلتۇرقى ساقچىخانا ۋە بازارلىق ھۆكۈمەتنى ئۇرۇپ-چېقىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولاتتى.
    ۋاڭ يۈتيەن بىر يۇتۇم چاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
    − تۈنۈگۈن مەنمۇ ئىپادە بىلدۈردۈم. مەن ئىشلەشنى خالايمەن، بەلكى ياخشى ئىشلەيمەن. لېكىن مېنىڭ بىر تەلىپىم بار. سىز كېتىپ قالماي، ماڭا ياردەملىشىپ كەنتنىڭ مالىيىسىنى ئېنىقلاپ بېرىڭ. چۈنكى مالىيە مەسىلىسى، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى نورمال قانات يايدۇرالماسلىقىمىزنىڭ ھالقىسى. مەن سىزگە بىر مىسال كەلتۈرۈپ بېرەي: بىزنىڭ كەنتتە ھەر بىرى يۈز مو كېلىدىغان ئىككى باغ بار بولۇپ، بىرى كونا باغ، بىرى يېڭى باغ ئىدى. ھازىر ئىككىلا باغدا مەسىلە بار، بولۇپمۇ يېڭى باغدا. 1995-يىلى ئۆلكىلىك دېھقانچىلىقچارۋىچىلىق نازارىتى بىزنىڭ يېڭى باغنى كۆتۈرە ئېلىپ 180 مىڭ يۈەن بەردى ۋە ئۇنى بىزنىڭ كەنتنىڭ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ھازىر بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل مۇئاۋىن بازار باشلىقى ۋاڭ سۇنفۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ھاۋالە قىلدى. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 1998-يىلى يۈز مولۇق يېڭى باغنىڭ يېرىمىنى كەنتكە ئايرىپ بەردى. ئۇنى ئەينى چاغدىكى پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ۋۇ جىنساڭ، ئۇنى بۆلۈپ بىرنەچچە ئائىلىگە كۆتۈرىگە بېرىپ، نەچچە ئون مىڭ يۈەن يىغدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى داڭ يىنساڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «باغنى كۆتۈرىگە بېرىشكە بولمايدۇ» دەپ توستى. سەۋەبى باغ ئاللىقاچان سوت تەرىپىدىن رەنىگە تۇتۇۋېلىنغانىكەن. چۈنكى كەنتنىڭ شۇگۇجىن بازارلىق ئامانەت قەرز كوپىراتىپىدىن ئالغان قەرزى بار ئىكەن. كەنت قەرزنى قايتۇرالمىغاچقا، ئامانەت قەرز كوپىراتىپى سوتقا ئەرز قىلىپتۇ. سوت باغنى كۆتۈرە بېرىشكە رۇخسەت قىلماپتۇ. شۇنداق قىلىپ باغ ئاق تاشلىنىپ قالدى. كېيىن كەنتنىڭ سابىق مۇدىرى «كەنت ماڭا 90 مىڭ يۈەن قەرز، قەرز ھېسابىغا باغ ئالىمەن» دەپ باغنىڭ ئون نەچچە مو قىسمىنى ئىگىلىۋالدى. قالغان قىسمىنى بولسا باشقىلار ئىگىلىۋالدى. بۇنىڭغا ئاممىنىڭ پىكرى كۆپ، زادى كىم كىمگە قەرزدار، بۇ پۇللار زادى قەيەرگە ئىشلىتىلدى؟ بۇ ئىشلارنى سىلەر ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بېرىڭلار.
    بۇنىڭدىن باشقا يەنە كەنت مۇدىرىنى سايلىغاندا، ئاۋاز سانى سايلىغۇچىلارنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەسلىك مەسىلىسى بار...
    بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ئېغىر بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە قالدىم، زادى قانداق قىلىش كېرەك؟

     

    مەن باغنى ئىگىلىۋالمىدىم

    13-ئاپرېل كەچ سائەت 11 دە، بۇرۇن كەنت مۇدىرى بولغان XX مېنى ئىزلەپ كەلدى.
    − ما بۇجاڭ، سىز بىلەن باغنىڭ ئىشى توغرۇلۇق سۆزلىشەي دېۋىدىم.
    − باغنىڭ نېمە ئىشى؟
    − تۈنۈگۈن سىز ئاممىۋى يىغىندا، «بەزىلەر باغنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان» دېۋىدىڭىز، «مېنى دەۋاتىدۇ» دەپ ئويلاپ قالدىم.
    − ئۇنداقتا سىز باغنى ئىگىلىۋالدىڭىزمۇ يوق؟
    − ئىگىلىۋالدىم، لېكىن قانۇنسىز ئىگىلىۋالغىنىم يوق. چۈنكى كەنت ماڭا قەرزدار.
    − سىزگە قانچە پۇل قارزدار؟
    − 90 نەچچە مىڭ يۈەن.
    − كەنت قانداق قىلىپ سىزگە شۇنچە كۆپ قەرز بولۇپ قالغان؟
    − بۇنى بىر-ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ كەتكىلى بولمايدۇ. مەن سىزگە يەنىلا باغ ھەققىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەي.
    − 1995-يىلى ۋۇ باۋرۇڭ پاتىيە ياچېيكا شۇجىسى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، پارتىيە ئەزالىرى چوڭ يىغىنى ئېچىپ، يۈز مولۇق باغنى ئۆلكىلىك دېھقانچىلىقچارۋىچىلىق نازارىتىگە ھۆددىگە بەردى. نازارەت 300 مىڭ يۈەن بېرىشكە ماقۇل بولۇپ، 180 مىڭ يۈەننى كەنتكە بېرىپ 120 مىڭ يۈەننى مەبلەغ سۈپىتىدە سالماقچى بولدى. 1998-يىلى ئاللىقانداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باغ ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، 40 مودىن كۆپرەك قىسمى كەنتكە ئايرىپ بېرىلدى. بۇ چاغدا كەنت مۇدىرى ۋۇ جۇڭشاۋ بىرسىدىن تاياق يەپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان بولغاچقا، ياچېيكا شۇجىسى ۋۇ جىنساڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باغنى سېتىشنى قارار قىلدى، ئون-نەچچە مونى سېتىپ بولغاندا بۇ ئىش ئامما تەرىپىدىن توسۇپ قېلىندى.
    − سىزمۇ بارغانسىز؟
    − باردىم، چۈنكى بۇ باغ مەن مۇدىر بولۇپ تۇرغاندا يېتىشتۈرۈلگەن.
    − قايسى يىلى؟
    − 1992−1993-يىللىرى. شۇ چاغدا بۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەن كەتكەن. ناھىيىدىن تېخى نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، بۇنى ئومۇملاشتۇرغان.
    − ھازىر باغ ئىگىلىۋالغانلاردىن كىملەر بار؟
    − مەن، ۋۇ سىشاۋ، ۋۇۋاڭشاۋ، ۋۇ لىڭسىڭلار بار.
    − سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىگىلىۋالىسىلەر؟
    − ھەي، سىز بىلمەيسىز. باغ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماي ئاق تاشلىنىپ قېلىپ، ئوت-شىۋاقلار ئالما دەرەخلىرىدىنمۇ ئىگىز ئۆسۈپ كېتىپتىكەن، ئەگەر بىز ئىگىلىۋالمىغان بولساق، بۇ باغ ئاللىقاچان ۋەيران بولۇپ كەتكەن بولاتتى.
    − ئۇنداقتا بۇ بىرنەچچىڭلارنىڭ تۆھپەڭلار بار ئىكەن-دە.
    ئۇ خىرىلداپ كۈلۈپ كېتىپ:
    − تۆھپە دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما شۇنداق دەپ ئېيتالايمەنكى، ئەينى چاغدا ئەگەر بىرەرسى ئوت يېقىۋەتكەن بولسا، پۈتۈن باغ كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى.
    − مۇنداق بولسۇن، ئەتە بىز بىرلىكتە بېرىپ باغنى كۆرۈپ باقايلى.
    − بولىدۇ،−دېدى ئۇ ۋە يانچۇقىدىن ئىككى پارچە ئەھۋال ئىنكاس قىلىش ماتېرىيالىنى چىقىرىپ ماڭا بەردى، سىز باشتا بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ، كېيىن يەنە بەزى ئەھۋاللارنى سىزگە مەلۇم قىلىمەن.
    مەن XX نىڭ يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان گەۋدىسىگە كەينىدىن قارىغىنىمچە، ئۇ ماڭا بەرگەن ماتېرىيالنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم:
    «ناھىيىمىزدىكى ئالتە يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى ھەرقايسى رەھبەرلەر، بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەر: ياخشىمۇسىلەر!
    چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ باج يىغىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيانقى ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىرتەرەپ قىلىنىشى تۆۋەندىكىچە:
    دېھقانچىلىق ئالاھىدە بېجىنى ئۇزۇندىن بېرى يىغىۋالماسلىقتىكى تۈپ سەۋەبنىڭ ھالقىسى مۇنۇلار:
    1. بىرنەچچە يىلدىن بېرى بىزنىڭ كەنتىمىزدە ئەزەلدىن باغۋەنلەرگە چۈشۈرۈلگەن باج ۋەزىپىسىنى ئېلان قىلىپ باققان ئەمەس. باغۋەنچىلىك ئائىلىلىرى كىم زادى قانچىلىك باج تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مەسىلە كەنت باجغا ھېساب قىلغان پۇل بىلەن باغۋەنچىلىك ئائىلىلىرىگە چۈشۈرۈلگەن باج پۇلى مىقدارى ئۆز-ئارا ماس ئەمەس. مەسىلەن، مېنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپامدىكى ۋاڭ رۇڭشىڭنىڭ كوللېكتىپ ھېساباتقا توغرىلانغان پۇلى 600 يۈەن (ھېساب كىتاب ئوچۇق بولۇپ كەتكەن)، ئەمما باج 850 يۈەن بېكىتىلگەن. مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساق، تەكشۈرۈپ كۆرسىلا بىلگىلى بولىدۇ. يېقىنقى بىرنەچچە كۈندىن بېرى بىزنىڭ ئەترەتنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەترەت باشلىقى ئۆيلەرنىڭ ئارىسىدا بوزچىنىڭ موكىسىدەك قاتىراپ باغۋەنچىلىك ئائىلىلىرى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج مىقدارىنى ئۆزگەرتىپ توغرىلاشقا كىرىشتى، تۈلكە قۇيرۇقىنى ئاخىر ئاشكارىلىدى.
    كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈتيەن كەنتتە يۈرەكلىك ھالدا ئەسلى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان بەزى باغۋەنلەرگە: «بىز باج ۋەزىپىسىنى ئائىلىلەرگە چۈشۈرگەن ۋاقتىمىزدا 1000 مو باغ كۆلىمىنى مەلۇم قىلماي يوشۇرۇۋېلىپ، بەزى ئائىلىلەرگە ئازراق، بەزىلەرگە كۆپرەك بەرگەنىدۇق. لېكىن بەزىلەر بۇنى يۇقىرىغا ئىنكاس قىلىپتۇ، بۇ غەۋغا تۇغدۇرغانلىق بولماي نېمە؟ سىلەر ئىچكى ئىشلارنى ئاشكارىلىۋەتسەڭلار، ئۇلار ئاز بولسا تولۇقلاپ تاپشۇرغۇزىدۇ، بۇنىڭدىن سىلەرگە نېمە پايدا؟» دېگەن. مېنىڭچە، مۇشۇنداق سەۋىيىدىكى كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى باغۋەنلەرگە ئاققارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ھەقناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، بىرمۇنچە ئادەمنى ئۆزىنىڭ دېگىنىگە قايىل قىلىپ، ئۆز مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. مەن يۈرەكلىك ھالدا ئۇنىڭغا «سېنىڭ دەۋاتقانلىرىڭ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟» دەپ ئېيتالايمەن.
    سوراپ كۆرەيلى، يۇقىرىدىن 590 مىڭ يۈەن ۋەزىپىنى يەنە ئۆستۈرۈشى مۇمكىنمۇ؟ مېنىڭچە، مۇمكىن ئەمەس.
    2. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى باج يىغقاندا سادىر بولغان چوڭ-كىچىك ئاتچوت بېلىتى مەسىلىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، بىزنىڭ ئەترەتنىڭ سابىق بوغالتىرى ۋاڭ خەينىڭ 1997-يىلى ئۆزى باج تاپشۇرغاندا دەل مۇشۇنداق ئەھۋالنى سادىر قىلغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مۇشۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان كەنتىمىزدە قانچىلىك باج يىغىلدى؟ يۇقىرىغا قانچىلىك تاپشۇرۇلدى؟ بۇنىڭ ئىچىدىكى يوچۇقنى قانداق ئامال بىلەن تەكشۈرۈپ دەلىللىگىلى بولىدۇ؟ يەنە 1998-يىلى باج تالونى كەسمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر ئىدى. بولۇپمۇ (بۇ يىل 1999-يىلى) مو سانى بىلەن ئالما دەرەخلىرىنىڭ يېشىنى زور كۆلەمدە تۆۋەنلىتىش، بۇرۇنقى باج يىغىشتىكى ساقلانغان مەسىلىلەرنى يېپىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ يىل باج يىغىۋېلىشتا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بەلگىلىمە بويىچە تالون كېسىش تەلىپى قاتتىق بولغاچقا، ساختىلىق قىلىشقا ئىمكان قالمىدى. بۇنداق قىلىشتا يەنە بىر ئېنىق مەقسەت بار، ئۇ بولسىمۇ كېيىنكى يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان كەنت رەھبەرلىرىنى سايلاشقا ئاساس تىكلەش، يەنى ئاشۇ نەپكە ئېرىشكەن دېھقانلارنى ئۆزلىرىگە بېلەت تاشلاتقۇزۇش.
    ۋۇ جياشىننىڭ دېيىشىچە، كەنت كادىرى ۋۇ باۋسەي، «كەنت باشلىقى قەلىمىنى بىرلا شىلتىسا، خالىغان ئادىمىنى نەپكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ» دەپتۇ. بۇنداقمۇ قاپ يۈرەك ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن بارمۇ. ئەترىتىمىزنىڭ بوغالتىرى دادامدىن ئاڭلىشىمچە، تەقسىم قىلىنغان يەرلەرنىڭ كۆلەم سانى، كىشى تاقەت قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىلگەنىكەن.
    3. دېھقانچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ زادى قانچىلىك باج تاپشۇرىدىغانلىقى زادى ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان. نەتىجىدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بىرقىسىم باج پۇلى باشقىلاردىن ئېلىنغان، كادىرلارنىڭ خىيانەت قىلىش ئەھۋالى ئېغىر.
    ئاخىرىدا مەن يۇقىرىنىڭ مېنىڭ باشلامچىلىقىمدا ئاممىنىڭ بىرقىسىم ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ رۇخسەت قىلىشنى ئۆتۈنىمەن. ناھىيىدىن بىرنەچچە ئادەم ئەۋەتىپ، كەنت ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلسا، كەنتتە بىر قېتىم چوڭ يىغىن چاقىرىلسا، بىزمۇ يوليورۇق بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرساق. مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيسام، ماڭا ھېچنەرسە كېرەك ئەمەس، مەن پەقەت ھېچبىر بەدەلسىز ھالدا كەنتىمىزدىكىلەر ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلىماقچىمەن، بۇنىڭدا ئامما ئۆزى تاپشۇرغان باجنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولسۇن. پەقەت شۇندىلا ئامما يۇقىرىنىڭ سىياسىتىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنەلەيدۇ. بىزنىڭ «چاكار»لىق ئوبرازىمىزنى ھېس قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 1997-يىلى كەنتىمىز باجنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كۆپىنچە كادىرلارنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى كەچۈرۈم قىلىۋېتىلگەنىكەن، بۇنىمۇ شۇ نۆۋەتلىك كەنت كادىرى ۋۇ ئېرشاۋ سۆزلەپ بەرگەن. 1996-يىلى بانكىدىن قەرز ئېلىنىپ، باج تاپشۇرۇش ۋەزىپىسى ئورۇنلاندى. ئېنىقلاپ كۆرەيلى، مەسىلە زادى قەيەردە؟ بۇ پۇللار بىلەن قايسى دېھقان ئائىلىسىنىڭ باج ۋەزىپىسى ئورۇنلاندى؟ نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ پۇل يەنە ئومۇمىي ۋەزىپە قاتارىدا قەرزگە ھېسابلىنىپ قايتۇرۇلىدىكەن؟
    بۇ مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ھەققىدىكى پىكرىم تۆۋەندىكىچە:
    1. ئەسلىدىكى ھېسابات بىلەن باغۋەنلەرنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ھېساۋاتنىڭ دەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
    2. ھۆكۈمەت مالىيە تارماقلىرى تالونلارنى تەكشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىشى كېرەك.
    3. پات ئارىدا ئاممىغا ھەربىر ئائىلىنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى ئېلان قىلغۇزۇش كېرەك.
    4. يەرلەرنى قايتىدىن ئۆلچەپ چىقىپ، ئالما دەرەخلىرىنىڭ يېشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك (بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپكى ئۇسۇلى).
    يۇقىرىقى بىرقانچە مەسىلىنى يۇقىرىنىڭ تەستىقلاپ، ئىجرا قىلىشىنى، بۇ ئارقىلىق ساقلانغان بارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى باج يىغىشقا ياخشى يول تېپىشنى ۋە مالىيە خىزمىتىگە ئاساس تېپىشنى ئىلتىماس قىلىمەن. مېنىڭچە، بۇ تەرەپلەر رەھبەرلەرگە نىسبەتەن ماڭا قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق بولۇشى تۇرغان گەپ.
    ئۇنىڭدىن باشقا، ئاممىغا ھەقىقىي بولغان باج ھېساباتىنى چىقىرىپ بېرىشنى، ھەمدە باج تاپشۇرۇشقا قارشى ھەقىقىي ئۇنسۇر ئۆز بېشىمچىلىق قىلىۋاتقان پارىخورلارنى ئېنىقلاپ چىقىشنى ئۆتۈنىمەن.
    ھۆرمەت بىلەن: چىشيۇسۈن كەنتىدىكى بىر دېھقان.
    1999-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى.
    ماتېرىيالنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن خېلى بىرھازاغىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى. XX زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ئۆزىدە مەسىلە بار تۇرۇقلۇق، تەكشۈرۈپ، ئۆزگەرتىشتىن ئېغىز ئاچماي، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپتۇ. بۇنى چوقۇم تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاش كېرەك، بولمىسا چىشيۇسۈن كەنتى مەڭگۈ تىنجىمىغۇدەك.

     

    بىزمۇ باش كۆتۈرىدىغان كۈنلەر كەلدى

    16-ئاپرېل. سائەت 7 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، مەن مېنى ئۆيىگە كېلىپ-كېتىشكە تەكلىپ قىلغان ۋاڭ چۇەنچىڭنىڭ ئۆيىنى ئىزدەپ تاپتىم. ئۇ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېچىۋالغان كىچىك دۇكاندا «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى ئۆگىنىش تەربىيىسى ئوقۇشلۇقى ئوقۇۋاتقانىكەن، مېنىڭ كىرىپ كەلگىنىمنى كۆرۈپ دەرھال قولىدىكى كىتابنى قويۇپ، ئەھۋال سوراپ تاماكا تۇتتى ۋە چاي قۇيۇپ، كەمپۈت يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.
     ئەتىگەن تۇرۇپ كىتاب كۆرۈۋېتىپسىز-دە؟−دەپ سورىدىم مەن.
    − ئاخشام بىز پارتىيە ئەزالىرىغا بىردىن كىتاب تارقىتىپ بېرىلدى، بۇ ئىنتايىن ياخشى تۈزۈلگەن كىتاب ئىكەن. مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئائىلىمىزدىكى 30 نەچچە ئادەمنى بىر يەرگە يىغىپ، ماۋ جۇشىنىڭ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»، جياڭ زېمىننىڭ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» ئىدىيىسىنى ئۆگەندۇق. ماۋ جۇشى، جياڭ زېمىننىڭ دېگەنلىرى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. لېكىن بىزنىڭ بازاردا ماۋ جۇشى، جياڭ زېمىن دېگەن بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىلمىدى، ھە دېسىلا ئامما بىلەن قارشىلىشىدىغان ئىشلار يۈز بەردى. بۇ قېتىم سىلەرنىڭ كېلىشىڭلار بىلەن بىزنىڭ كۆتۈرۈلىدىغان كۈنلىرىمىز كەلدى، بۇلۇتلار تارقاپ سۈزۈك ئاسماننى كۆردۈق.
    − بىز تېخى ياخشى قىلىپ كېتەلمىدۇق.
    − ما بۇجاڭ، سىز بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ. بازاردىكى كادىرلار بىلەن سىزنىڭ ئوتتۇرىڭىزدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. ئۇلاردىن كىم كەنتىمىزگە كېلىپ بېقىپتىكەن؟ كەلگەنلىرى ساپلا باج يىغقىلى كەلگەنلەر. بۇلتۇرقى ئىشتىن سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بار، گۇجىن بازارلىق دېھقانچىلىق بېجى ئورنىنىڭ مەسئۇلى بەك ئوسال نېمە، كىمنى ئۇرغۇسى كەلسە شۇنى ئۇرىدۇ، كىمنى تۇتقۇسى كەلسە شۇنى تۇتىدۇ. مېنىڭ نەۋرەم ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن، ھەتتا شۇنىمۇ قولىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ كەتتى. شۇ چاغدا مەن «نەۋرەمنىمۇ تۇتۇپ كېتىشتى، ئەمدى مەن نېمىدىن قورقىمەن» دەپ ئويلىدىم. نەۋرەمنىڭ ئاپىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ دەرھال كەنت ئىشخانىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، كەنت رادىئوسىدا «قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ ۋارقىراپ قويۇشى بىلەن ئاشۇنداق چوڭ بالاغا قالدى.
    بىز پاراڭلىشىۋاتقان ئەسنادا، ۋاڭ چۇەنچىڭنىڭ ئىككىنچى ئىنىسى ۋاڭ يۇمىن كېلىپ قالدى، ئۇ ئاكىسىنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا:
    − بۇلتۇر ئاشۇ ئاخشىمى يۈز بەرگەن ۋەقە ئەسلىدە چۈشتىكى باج يىغىش تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن. ئاشۇ كۈنى چۈشتە دېھقانچىلىق باج كادىرى ئوغلۇم جۈن سىڭنى ئىزدەپ كېلىپ «باجنى تاپشۇر» دېدى ۋە «يۈزدە يۈز تاپشۇرىسەن» دەپ قىستىدى. ئوغلۇم «ئالمىلار راستتىنلا ئوخشىمىدى، شۇڭا پۇل بولمىدى، باشتا 100 يۈەن بېرىپ تۇراي» دېدى. باج كادىرى ئۇنىمىدى ۋە ئوغلۇمنى «مۆھلەت ئۇقتۇرۇشىغا قول قويىسەن» دەپ تۇرۇۋالدى. ئوغلۇم قول قويۇشقا ئۇنىمىۋىدى، ئۇ ئوغلۇمنىڭ ئۆيىدىكى تېلېۋىزورنى ئېلىپ ماڭماڭچى بولدى، ئوغلۇم بەرگىلى ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن توقۇنۇچ كېلىپ چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ جېدەللىشىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، بېرىپ نەسىھەت قىلدىم. باج كادىرى مېنىڭدىن:
    − سەن نېمە ئادەم؟−دەپ سورىدى.
    − مەن ئۇنىڭ دادىسى،−دېدىم مەن.
    − سەن ئۇنىڭ بوۋىسى بولساڭمۇ بولمايدۇ،−دېدى باج كادىرى.
    مېنىڭ يەنە بىر ئوغلۇم ۋىن سىڭ باج كادىرىنىڭ گەپلىرىدىن جەھلى قېتىپ، بېرىپ ئۇنى بىر مۇشت سالدى. بۇ چاغدا كەنتتىكىلەر بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇردى. بەزىلىرى «ئۇرغىنى توغرا بولدى» دېسە، بەزىلىرى «ئەمدى چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدىغان بولدى» دېيىشتى. كەچ بولغاندا راستتىنلا چوڭ بالا-قازا تېرىلدى. ۋاڭ چۇەنچىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
    − سىلەرنىڭ كەلگىنىڭلار ياخشى، بەك ياخشى بولدى، ئەمدى بالىلارنىڭ ئانىسى، ئوغلۇم ئۆيگە قورقماي كېلەلەيدىغان بولدى.
    − ھازىر قايتىپ كەلدىمۇ؟
    − قايتىپ كەلدى.
    − قايتىپ كەلگەن بولسا، ئالدى بىلەن مەسىلىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك. بىز خاتا قىلغاندىكىن تۈزىتىشىمىز كېرەك؛ ناھىيىدىكىلەر، بازاردىكىلەر خاتا قىلىپتۇ، شۇڭا ناھىيە، بازاردىكىلەر تۈزىتىشى كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شۇنداقمۇ ئەمەس؟
    − ئەلۋەتتە شۇنداق.
    − ئەمدى ياخشى بولدى. خاتالىقنى بىز بىرلىكتە تۈزىتەيلى.
    ئۇلار بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا، ۋاڭ يۇمىن مېنىڭ قولۇمنى تارتىپ تۇرۇپ ئۆتۈندى:
    − مۇمكىن بولسا ئوغلۇمنىڭ تېلېۋىزورىنى سۈرۈشتۈرۈپ باققان بولسىڭىز. خەۋەر كۆرەيلى دېسەك تېلېۋىزور يوق.
    ـ بولىدۇ! ـ مەن دەرھال ماقۇل بولدۇم.

     

    بىر ئورۇندۇقنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كەتتىم

    مەن ۋاڭ چۇەنچىڭنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، تەكلىپ بويىچە ۋاڭ خۇڭبىننىڭ (ئەسلى ئىسمى ۋاڭ جاڭشاۋ) ئۆيىگە كەلدىم.
    سالام-سەھەتتىن كېيىن ئۇ ئېغىز ئاچتى:
    − تۈنۈگۈن مەن سىزنى ئىزدەپ بېرىپ XX بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. مەن ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن مەن قاراۋاتقان گەمىنىڭ قۇلۇپىنى ئالماشتۇرۇۋەتتىڭ؟ (مەن كەنت ئىشخانىسىغا قاراۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى) دېسەم، ئۇ ئاغزىغا كەلگەنچە بىرنېمىلەرنى دېدى. مەن ئۇنى تىللىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى ئۇردى. مەن ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىۋېلىپ، «قېنى ئۇرۇۋال» دېسەم، ئۇ ئۇرۇشتىن توختىدى. سىز بىلمەيسىز، بۇرۇنقى كادىرلار بەكمۇ ئەسكى بوپكەتكەنىدى. كىم باشلىق بولسا شۇ نەپ ئېلىشتىن باشقىنى بىلمەيتتى. بۇ ئىشلار كۆزۈمگە سىغماي قالغاچقا، مەنمۇ كەنتنىڭ بىر ئورۇندۇقىنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كەتتىم.
    − ئۇنداقتا سىز قورقمىدىڭىزما؟−دەپ سورىدىم مەن.
    − مەن نېمىدىن قورقاتتىم؟ ئۇلار نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلەپ ئېلىپ كېتىۋاتقان يەردە، مەن بىر ئورۇندۇقنى ئالسام نېمە بولماقچىدى! XX نى ئېلىپ ئېيتايلى، بىرنەچچە كۈن كەنت مۇدىر بولمايلا (ئۇ تېخى سايلىغۇچىلار سانىنىڭ يېرىمىنىڭمۇ ئاۋازىغا ئېىشەلمىگەن مۇدىر) كەنت مەسئۇللىرىنى ئۆز خاھىشى بىلەن سەپلەپ، بىر ئائىلىلىك ئادەم بولۇشىغىچە يېدى، كىمنىڭكىنى يەيدۇ دەيسىز؟ مۇدىر، مال سېتىۋالغۇچى، ئامبارچى، كاسسىر دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزى، ئۇنىڭ يېمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن قۇلۇپنى ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ؟ مەقسىتى نەرسە ئوغرىلىغاندا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىشىكنى ماڭا قاراتماسلىق...
    − بىز بىر قېتىملىق ئومۇمنىڭ نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش چوڭ يىغىنى ئاچماقچى، سىز ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كەتكەن ئورۇندۇقنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بېرەمسىز؟
    − ئەلۋەتتە ئەكېلىپ بېرىمەن.

     

    «چىشىڭىز ياخشى بولغان بىلەن بۇ لوقمىغا چىشىڭىز ئۆتمەيدۇ»

    17-ئاپرېل سائەت 16 لەر ئەتراپىدا، كەنت ئىشخانىسىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى تۆت كوچا ئېغىزىدا بىرنەچچە ئادەم بىر يەرگە ئولىشىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تاماكا چەكسە، بەزىسى تاماق يەۋاتاتتى. بەزىلىرى بولسا پاراڭلىشىۋاتاتتى...
    مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىدىم:
    − نېمە توغرۇلۇق پاراڭ قىلىشىۋاتىسىلەر؟
    − سىز توغرۇلۇق،−دېدى بىر مويسىپىت.
    − تاغا، نېمە گېپىمنى قىلىشىۋاتىسىلەر؟
    − كەنتىمىزنىڭ ئىشلىرىغا چىشى ئۆتمەسمىكىن دېيىشىۋاتىمىز.
    − نېمىشقا چىشىم ئۆتمەيدۇ.
    − بەك قاتتىق.
    − قاتتىق بولسا كارايىتى چاغلىق، مېنىڭ چىشىم خېلى مەزمۇت.
    − چىش مەزمۇت بولغان بىلەنمۇ بولمايدۇ.
    − نېمە ئۈچۈن؟
    − پۇتلىكاشاڭ بەك كۆپ.
    − كۆپ بولسىمۇ قورقمايمەن، ئۇلارنى مەن بىر-بىرلەپ ئېلىپ تاشلايمەن.
    ئۇ بېشىنى چايقاپ قايتۇرۇپ سورىدى:
    − بىر-بىرلەپ ئېلىپ تاشلايمەن.
    − مەن ئېلىپ تۈگىتەلمىسەم، ئىككىمىز ئالىمىز. ئىككىمىز ئېلىپ تۈگىتەلمىسەك مۇشۇ يەردىكى ھەممىمىز بىرلىكتە ئالىمىز. پۇتلىكاشاڭنى ئېلىۋەتمەي بولمايدۇ. ئۇنى ھېچكىم ئېلىۋەتمىسە، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
    − سىز يۇقىرىغا «بۇ يەردىكى ئىشلارغا چىشىم ئۆتمىدى» دەپ دوكلات قىلىڭ.
    − تېخى چايناپ كۆرمەيلا چىشىمنىڭ ئۆتمەيدىغانلىقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟
    − مەن بىكارچىلىقتىن مۇنداقلا دەپ قويدۇم، ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىك ئىختىيارىڭىز.
    ئەتراپتىكى قالغانلارمۇ كۈلۈشۈپ، «ئاقساقال سىزگە چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، راستقا ئېلىپ كەتمەڭ» دېيىشتى.
    − ئاقساقالنىڭ ئەندىشىسى، ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ ئەندىشىسى،−دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ، ئەگەر ماڭا ئىشەنسەڭلار، كۆپچىلىك خاتىرجەم بولسۇنكى، ئەگەر بۇ كەنتتىكى ئىشلارنى چايناپ يۇمشىتالمىسام، مەن بۇ يەردىن كەتمەيمەن.

     

    «قىزىل قەغەز»دىكى كادىر

    مەن داڭ شاۋچۇەن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئايال خوجايىن گو شاۋشيا سىرتتىن كىرىپ كەلدى.
    − مابۇجاڭ، بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەنلىكىڭىزنى ئاڭلاپ دەرھال يېنىپ كەلدىم. قورۇدا ئولتۇرۇۋالغىنىڭلار نېمىسى، بۇ يەر بەك شاماللىق.
    − سىزنىڭ بۇ قورۇيىڭىز ئازادە-پاكىز ئىكەن، باققان قىرغاۋۇل، توخۇلىرىڭىزنىڭ قۇقۇلداشلىرى بەك يېقىملىق ئاڭلىنىدىكەن.
    گو شاۋشيا بىر كىچىك ئورۇندۇقنى ئېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى:
    − ئاممىنىڭ پىكرى بولسىمۇ، ئەمما سىزنى ئىزدەشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ، سىز دەڭا، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
    − ئۇلار مېنى ياخشى تونۇمايدۇ، شۇڭلاشقا ماڭا ئىشەنمەيدۇ.
    − ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۇقۇپ قېلىپ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇۋاتىدۇ.
    − ئۇنداق بولسا مەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاي.
    − يەنىلا بولمايدۇ. چۈنكى سىز سۈرۈشتۈرىسىز، بىرتەرەپ قىلىسىز، سىز دېمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار پەرەز قىلىپ بىلىۋالالايدۇ.
    − ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
    − مەسىلىسى بار كادىرلارغا ئۆز مەسىلىسىگە قارىتا توغرا پوزىتسىيە تۇتۇش ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىش كېرەك.
    − سىزنىڭ بۇ تەكلىپىڭىز ياخشى ئىكەن. بىز شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالدىنقى نۆۋەتلىك كەنت گۇرۇپپا كادىرلىرىنىڭ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ ئامما ۋە پىكىرلەرگە توغرا پوزىتسىيە تۇتۇش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارماقچىمىز.
    − ما بۇجاڭ، مەن سىزگە بىر ئەھۋال ئىنكاس قىلاي.
    − قېنى سۆزلەڭ.
    − كەنت ھەيئىتى تەشكىلىي نىزامى ئېلان قىلىنغىلى بىرقانچە يىل بولدى، لېكىن بىزنىڭ كەنتتە يەنىلا كادىرلارنى تەيىنلەيدۇ. ھەممىدىن كۈلكىلىك يېرى، تەيىنلەشتىن ئىلگىرى ئاممىدىن پىكىر ئالمايلا تەيىنلىنىدىغان ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى بىر تاختا قىزىل قەغەزگە يېزىپ تامغا چاپلاپ قويىدۇ. ئامما چاقچاق قىلىپ، بىزنىڭ كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى «قىزىل قەغەزدىكى كادىرلار» دېيىشىدۇ.
    − مەن يەنە تېخى كېيىن قىزىل قەغەزگە يېزىشنى بولدى قىلىپ، رادىئودا ئېلان قىلىۋەتسىلا كادىر ھېسابلىنىدىغان بولغانلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم. ئامما ئۇلارنى «رادىئو كادىرى» دەيدىكەن.
    ھەممىمىز ئىختىيارسىز ھالدا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.

     

    شام يېقىپ كېلىۋاتقىلى 20 يىل بولدى

    20-ئاپرىل چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە، خىزمەت ئەترىتىدىكى شى خېۋىن، ليۇ خۇڭيىلارنى باشلاپ كەنتتىكى 20 يىلدىن بېرى بىردىنبىر شام يېقىپ كېلىۋاتقان ۋۇ لەيگۈينىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. ئۆينىڭ تاملىرى ئۇيۇپ تەكچە چىقىرىلغان، ئىشىكى سالاسۇنلۇق بولۇپ، يان تەرەپتىكى ئىككى قوشنىسىنىڭكىگە قارىغاندا ئون نەچچە مېتىر ئىچكىرى ئىدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇ يەردىن ئون نەچچە سانتىمېتىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئىككى كونا ئۆڭكۈر بولۇپ، بىر-بىرىدىن قاراڭغۇ ئىدى. بىر كامارغا ئۇششاق-چۈششەك دېھقانچىلىق سايمانلىرى تاشلاپ قويۇلۇپتۇ؛ بىر ئۆڭكۈردە ئىشىكتىن كىرىشىگىلا كاڭ بار بولۇپ، ئۈستىگە بورا سېلىنىپ ئىككى كىشىلىك يوتقان-كۆرپە تاشلاپ قويۇلۇپتۇ، نېرىسىدا ئوچاق بار بولۇپ، شۇ تاپتا ۋۇ لەيگۈي كەسمە چۆپ قاينىتىۋاتقانىكەن.
    − تاماق ئېتىۋاتقان ئوخشىمامسىز؟−دەپ سورىدىم مەن.
    − كىم بۇ؟−ۋۇ لەيگۈي سورىدى.
    − ما بۇجاڭ سىزنى كۆرگىلى كەلدى،−دېدى شى خېۋىن.
    − ئاپلا، سىلەر قانداقسىگە كېلىپ قالدىڭلار؟ كەسمە چۆپ پىشۇرۇۋاتقانىدىم.
    − ئۆيدە سىز يالغۇزما؟
    − بالام بار، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ بەرگىلى كەتتى، تامىقىنى شۇ يەردە يەيدۇ،−ئۇ گېپىنى يەنە داۋاملاشتۇردى،−سىرتقا چىقىپ ئولتۇرايلى، بۇ يەر بەك ئىس بولۇپ كەتتى.
    بىز سىرتقا چىقتۇق، ئەمما بۇ يەردە بىرلا ئورۇندۇق بار ئىكەن. شۇ ئەسنادا يېتىپ كەلگەن ئۇنىڭ قوشنىسى ۋاڭ ياڭشاۋ:
    − مەن ئۆيدىن ئاچىقاي،−دېدى.
    − چۆپ پىشىپ كەتتى، ئۇنى ئەمدى قاينىتىشقا بولمايدۇ،−دەپ بىز ئۇنى چۆپنى سۈزۈۋېلىپ تامىقىنى ئىسسىقىدا يەۋېلىشقا دەۋەت قىلدۇق.
    قوشنىسى تۆت كۇسا ئېلىپ كىردى، بىز ھەممىمىز ئولتۇردۇق. ئۇ تامىقىنى يېدى. قوشنىسى ئېغىز ئاچتى:
    − بۇ ۋۇ لەيگۈي تاغام بەكمۇ بىچارە ئادەم. 1997-يىلى ئۇنىڭ خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۆيىنى ئاقتۇرۇپ ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىپمۇ ئاران 30 يۈەن پۇل تاپالىغان. مەن پارتىيە ياچېيكىسىنى ئىزدەپ بېرىۋىدىم، بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەر پۇل، نەرسە-كېرەك ئىئانە قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈش بىلەن خوتۇنىنى يەرلىككە قويۇۋالدى.
    − قانچىلىك پۇل ئىئانە قىلىندى؟
    − بۇ ۋۇ لەيگۈي تاغامنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن.
    ۋۇ لەيگۈي ئۆڭكۈرگە كىرىپ كېتىپ، بىر تىترەت ئەچىقىپ ماڭا كۆرسەتتى. مېنىڭ كۆرگىنىم قاتار خاتىرىلەنگەن ئىئانە پۇللىرىلا ئەمەس، بەلكى ئاق كۆڭۈل قەلبلەرنىڭ خاتىرىسى ئىدى!
    − بىزنىڭ كەنتنىڭ ئادەملىرى ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن، دەۋەتتىم مەن ئىختىيارسىز ھالدا، ئاندىن سورىدىم، ھەممىسى بېيىشقا باشلاپتۇ، سىز نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا كەمبەغەل؟
    ئۇ قاتتىق بىر ئۇھسىنىۋېلىپ زەئىپ ئاۋازدا سۆزلىدى:
    − دادام بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەن، ئاپام ۋە خوتۇنۇم ئاغرىقچان، ئۇلار ھەر كۈنى دورا يېمىسە بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا كەمبەغەللەشمەي نېمە بولماقچىدۇق؟ 1983-يىلى تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن بۇيان، مەنمۇ ئاغرىقچان بولۇپ قالدىم.
    − نېمە كېسەل؟
    − بىرنەچچە قېتىم تەكشۈرتتۈم، نېمە كېسەللىكىنى بىلمىدىم. پۇت-قولۇمدا ماغدۇر يوق. ھېچقانداق ئىش قىلالمايمەن، ئازراقلا ئىش قىلسام قارا تەرگە چۆمۈپ بىئارام بولۇپ كېتىمەن. ئامالسىزلىقتىن ھەر كۈنى ماخۇاڭسۇ (ئېفېدرىن) ئىچىمەن. باقالمىغانلىقتىن ئىككى قىزىمنىمۇ باشقىلارغا بېرىۋەتتىم.
    − بۇ قاچانقى ئىش؟
    − بىرنەچچە يىل بولدى.
    − ئۇلار ھازىر قانچە ياشقا كىردى؟
    − 20 ياشتىن ئاشتى.
    − توي قىلدىمۇ؟
    − قىلىپ بولدى.
    − ھال كۈنى قانداقراق؟
    − خېلى يامان ئەمەس.
    − ئوغلىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟
    − 19 ياشقا.
    − مەكتەپتە ئوقۇمىدىما؟
    − پۇل بولمىغاچقا ئوقۇتالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ ئوقۇشقا قىزىقمايدۇ.
    − ھازىر نېمىش قىلىدۇ؟
    − باشقىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىدۇ.
    − سىلەر ئاتا-بالا ئالما دەرىخى تىكمىدىڭلارمۇ؟
    − تىككەن، باشقۇرۇشنى بىلمىگەنلىكتىن ئالمىلار ئوخشىمىدى.
    − بالىڭىز تېخنىكا بىلىدىغانلاردىن كۆپرەك سورىسۇن.
    − بولىدۇ.
    − ئاڭلىسام سىلەر ھازىر شام ياقىدىكەنسىلەر.
    − شۇنداق.
    − شام يېقىۋاتقىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟
    − 20 نەچچە يىلدىن بېرى شام يېقىپ كېلىۋاتىمىز.
    − نېمە ئۈچۈن توك ئىشلەتمەيسىلەر؟
    − توك ئىشلىتىشكە پۇل يوق.
    − ئۇنداقتا شام يېقىشقا بىر ئايدا قانچە پۇل كېتىدۇ؟
    − ئۈچ يۈەندىن كۆپرەك؟
    − بىر كىچىك لامپۇچكىغا بىر ئايدا قانچە پۇللۇق توك كېتىدۇ؟
    − بىلمەيمەن.
     ئۇنىڭ قوشنىسى ۋاڭ ياڭشاۋ سۆز قىستۇردى:
    − ئۈچ يۈەنغۇ توك پۇلىغا يېتىدۇ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ توك سائىتى بىلەن توك سىمى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىدى.
    − توك سائىتى بىلەن توك سىمىغا قانچە پۇل كېتىدۇ؟
    − تەخمىنەن 150 يۈەن ئەتراپىدا.
    − ئاڭلىسام سىز مانتيور ئىكەنسىز.
    − بۇرۇن شۇنداقتىم.
    − مۇنداق بولسۇن، مەن سۆزلىگەچ يېنىمدىن 150 يۈەن چىقىرىپ ۋاڭ ياڭشاۋغا بەردىم،−سىز ياردەملىشىپ ئۇنىڭغا توك تارتىپ بېرىڭ، ھەر ئايلىق شام پۇلى توك پۇلىغا يېتىدىكەن.
    − سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئالساق قانداق بولىدۇ؟−دېيىشتى ئىككىسى تەڭلا.
    − كەنتتىكىلەر سىزگە شۇنچىلىك كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان يەردە، بۇ ئازراق پۇل مېنىڭ سىزگە قىلغان ئىئانەم بولۇپ قالسۇن.
    ئىككى كۈندىن كېيىن ۋاڭ ياڭشاۋ ماڭا:
    − ۋۇ لەيگۈي تاغامغا توك چۈشۈرۈپ بەردىم،−دېدى.
    − رەھمەت، رەھمەت!−بىز مەھكەم قول سىقىشتۇق.

     

    «ئىچىم سىقىلىپ بىئارام بولۇپ كېتىۋاتىمەن»

    22-ئاپرېل سائەت 10 دا بىز ئالدى خۇەي گۇرۇپپىسى مەھەللىسىدىكى كوچىدا كېتىۋېتىپ ئاغزىغا تاماكا چىشلىۋالغان ياشانغان بىر ئايالنى ئۇچراتتۇق. ئۇ شۇ تاپتا جاۋۇردىكى سۇنى تۆكۈۋاتاتتى.
    − ما بۇجاڭ، لى سۇخۇا دېگەن ئاشۇ.
    − قېچىپ كەتكەن ھېلىقى لىسۇخۇامۇ؟
    − توغرا.
    ئۇ بىزنى كۆرۈپ ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپ قالدى.
    − ياخشىمۇسىز، بىز خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بولىمىز. سىزنى كۆرگىلى كەلدۇق (ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىش خىيالىمىز بولمىسىمۇ، ئۇچراپ قالغاندىكىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشكە توغرا كەلدى).
    − يۈرۈڭلار، ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرايلى.
     قورۇدا كېلىنى كىر يۇيۇۋاتقانىكەن، ئۇ قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ بىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.
    − بىز قورۇدىلا ئولتۇرايلى.
    − بولىدۇ،−ئۇ دەرھال ئورۇندۇقلارنى قويدى، ئاندىن چاي قۇيۇپ تاماكا تۇتتى.
    − سىز تاماكا چەككىلى قانچە يىل بولدى؟
    − ئون نەچچە يىل بولدى.
    − ھازىر كىشىلەر تاماكا تاشلاۋاتسا، سىز قانداقسىگە تاماكا چېكىپ قالدىڭىز؟
    − ھەي، ئامال يوق، دوختۇر چېكىشنى بۇيرۇدى. سىز بىلمەيسىز، مەن ماتكىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن بۇيان، ئاشقازىنىم كۆپۈۋالىدىغان بولۇپ قالدى. تاماكا چەكسەم سەل ياخشى بولۇپ قالىمەن؛ تاماكا چەكمىسەم بىئارام بولۇپ كېتىمەن.
    − ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىز بۇ يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئۆيدە بولماپسىز؟
    ئۇ ماڭا لەپپىدە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن بىردىنلا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى ۋە يىغلىغانسېرى ئەدەشكە باشلىدى. باشقا يولداشلار ئۇنىڭغا:
    − بولدى، يىغلىماڭ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ،−دەپ تەسەللى بەردى.
    − ئىچىم سىقىلىپ بىئارام بولۇپ كېتىۋاتىمەن، ئىچىم سىقىلىپ بىئارام بولۇپ كېتىۋاتىمەن...
    كېلىنى ئۇنىڭغا بىر لۆڭگە ئەكېلىپ بېرىپ دېدى:
    − ئاپام يىغلىۋالسىلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ.
    ئۇ بىرپەس يىغلىغاندىن كېيىن ھىقىلداپ تۇرۇپ يەنە ئېغىز ئاچتى.
    − مېنىڭ تارتمىغان كۈنلىرىم قالمىدى.
    − ئۇنداقتا سىز قەيەرگە كەتتىڭىز؟
    − بىر يەرگە بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، ئۇ يەربۇ يەردە بىرنېمە تىلەپ يەپ يۈردۈم. سىلەرنىڭ كەلگىنىڭلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن قايتىپ كېلىشكە جۈرئەت قىلالىدىم. ئەمدى سىز ماڭا ئىگىدارچىلىق قىلىپ قويۇڭ! ئاشۇ كۈنى ئاخشىمى، سىز بىلمەيسىز، ئۇلار راستتىنلا ئۆيىمىزدىكىلەرنى ئۇردى. كېلىنىمنى ئۇرۇپ، ئاغزى-بۇرنىنى قان قىلىپ قوپالماس قىلىپ قويدى... ئوغلۇم يەڭگىسىنى يۆلەپ كەنت ئىشخانىسىغا ئاپىرىۋېدى، ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. ساقچىخانىدىكىلەر يەنە تۆت ئادەمنى ئېلىپ كەتتى. ئاڭلاشقا قارىغاندا ئۇلارنىمۇ ئۇرۇپ ئاغزى-بۇرنىنى قان قىلىۋېتىپتۇ. بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئەرۋايىم ئۇچتىدە، كەنت رادىئو ئۇزىلىغا كىرىپ:
    «ۋاي، پارتىيە ئەزالىرى، خالايىقلار، ساقچىخانىدىكىلەر ئادەملەرنى ئۇرۇپ ناكا قىلدى، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان بولدى، چاپسان كېلىپ ئادەم قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ توۋلىدىم. كىم بىلسۇن، بىر توپ دېۋەڭ بالىلار ئويلىمىغان يەردىن ساقچىخانا بىلەن بازارلىق ھۆكۈمەتنى ئۇرۇپ-چېقىۋېتىپتۇ. مەن ئىش تېرىپ قويغىنىمنى بىلىپ دەرھال قېچىپ كەتتىم.
    − ئاڭلىسام سىز «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە دىكتور بوپتىكەنسىز.
    − ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىم ئىدى.
    − ئاشۇ چاغدا سىز يەنە سىنىپ مەسئۇلىنىڭ كانىيىدىن بوغۇپ، ياقىسىنى تارتىپتىكەنسىز؟
    − ئۇ سىنىپ مەسئۇلى ئىتتىپاق ئەزاسى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغلاردا «سولچىللىق» چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى.
    − بۇرۇن بىز خاتا قىلغان، ھازىر بىز يەنە رادىئودا توۋلىساق توغرىمۇ؟
    − توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن.
    − ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
    − مەن تەكشۈرۈش يېزىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن.
    − ئىككى كۈندىن كېيىن ئېرى (ناھىيىلىك «لەچۈن» كۆمۈر كېنىنىڭ ئىشتىن قالغان ئىشچىسى. ئىسمى تيەن يۇچۇەن، يەنە بىر ئىسمى ۋاڭ يۇچۇەن) ئۇنىڭ تەكشۈرۈشنامىسىنى ماڭا ئەكېلىپ بەردى.


    «تەكشۈرۈشنامە
    ناھىيىلىك خىزمەت ئەترىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر:
    مېنىڭ ئىسمىم لى سۇخۇا، چىمۇسۈن كەنتى ئالدى خۇەي گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان. بۇلتۇر ۋەقەنىڭ مەلۇم 11-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتى مەندە. ئەينى چاغدا مەن رادىئودا كەنتتىكىلەرنى كېلىپ ئادەم قۇتقۇزۇشقا چاقىرىپ، كېيىن كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتنى ئويلىماپتىمەن. مەن پەقەت ئېلىپ كېتىلگەن ئادەملەرنى قايتۇرۇپ كېلىشنىلا ئويلاپتىمەن. كىم بىلسۇن، ئادەملەر كەلگەندىن كېيىن بىردىنلا قېنى قىزىپ ساقچىخانا ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتنى ئۆرۈپ-چېقىپ، ماشىنىلىرىنى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىپتۇ. ئىككىنچى كۈنى كەنتتىكىلەردىن ئىشنىڭ يوغىناپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ‹بالانى تېرىپتىمەن، چاتاق بولىدىغان بولدى، ئەمدى قېچىپ كېتىش ئەڭ ئاقىلانە چارە› دېگەنلەرنى ئويلاپ، بىرەر يەرگە بېرىپ ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىپ، كېيىن ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلماقچى بولدۇم. سىرتتا يۈرگەن چاغلىرىمدا كۈن ئۆتكۈزمىكىم بەك تەس بولدى. جاننى ساقلاپ قېلىشمۇ بىرگەپ بولۇپ قالدى. مەن ئاخىر قايتىپ كېلىپ تەشكىلگە ئۆزۈمنى مەلۇم قىلىپ، جىنايىتىمنى تاپشۇردۇم. قانۇننى بىلمەيدىغان مەندەك بىر ئادەمنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇناھىمنى كەڭچىلىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدۇم. ئەينى چاغدا رادىئودا ‹ئادەم قۇتقۇزۇڭلار› دەپ ۋارقىرىغىنىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولماس، دەپ ئويلىدىم. ناھىيىدىن كەلگەن خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلار بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قويغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم. مەن تەشكىلنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىنى قوبۇل قىلىمەن. ئۆزۈمنى يۇقىرى رەھبەرلىك ۋە ئەلجامائەت ئالدىدا تەكشۈرىمەن. كەڭ ئاممىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن ئىبرەت ئېلىپ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلماي، قانۇن بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    تەكشۈرۈشنامە يازغۇچى: لى سۇخۇا.
    ۋاكالىتەن قەلەم تەۋرەتكۈچى: تيەن يۇچۇەن
    2001-يىل 19-ئاپرېل.»

     

    نېمىدېگەن يوغان قورۇ بۇ

    لى سۇخۇانىڭ ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن، بىزگە ئالدى خۇەي گۇرۇپپىسىدىكى ۋۇگۇڭپىڭ ئۇچرىدى، ئۇ قورۇسىدىن سىرتقا توپا چىقىرىۋاتاتتى.
    − ئىشلەۋېتىپسىز-دە!
    − ھەئە، قېنى ئۆيگە كىرەيلى.
    قىزىل سىردا سىرلانغان تۆمۈر دەرۋازدىن ماشىنىمۇ كىرەلەيتتى. 400 كۋادرات مېتىرلىق، ئۈستى بىتون تاختا بىلەن يېپىلغان ئۆيلەر بىر يىل ئىلگىرى سېلىنغانىدى. قورۇ ئىچىدىكى 30 نەچچە تۈپ ئالما ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، خۇشبۇي ھىد گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.
    − بۇ قورۇ خېلى چوڭكەن، بىر مودىن كۆپرەك ئوخشىمامدۇ؟
    − شۇنچىلىك كېلەر.
    − ئۆيىڭىزدە قانچە جان بار؟
    − ئوغلۇم، قىزىم، خوتۇنۇم، تۆت جان.
    − تۇرمۇشىڭىز يامان ئەمەستۇ؟
    − ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا فىڭلېي تەمىنات-سودا كوپىراتىپىدا ئىشلىگەن چېغىمدا تىجارەت قىلدىم، كان قۇدۇقنى كۆتۈرەمۇ ئالدىم، ئاندىن ئالما يۆتكەپ ساتتىم، ئازتولا پۇلمۇ تاپتىم. ھازىر ئىشلار يۈرۈشمەي نېمىلا قىلسىڭىز زىيان چىقىدىغان بولۇپ كەتتى.
    − سىلەرنىڭ كەنتتە سىزنىڭكىدىنمۇ يوغان قورۇلار بارمۇ؟
    − بار، بىرنەچچىسى بار.
    − كىملەرنىڭ؟
    − مەن ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، ئىشقىلىپ چوڭ قورۇلار ئاز ئەمەس. سىرلاقلىق يوغان دەرۋازىدىن چىققاندىن كېيىن، بىزگە يەنە بىرمۇنچە سالاسۇنلۇق ئىشىكلەر ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن «ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنى قاچانمۇ تۈگەتكىلى بولار» دېگەننى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.

    دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدىكى «پۇرۇخ پۇرىقى»

    23-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە، شۇ گۇجىن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ كىچىك يىغىن زالى. شۇ گۇجىن بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى 12 نەپەر يولداش ئىدىيىسىنى ئاشكارىلاپ، كۆڭلىدىكى گەپلەرنى كەڭ-كۇشادە قىلىشتى. زىددىيەتتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچماي، كۆزقارىشىنى يوشۇرمىدى. پىكىر بېرىپ، تەنقىد ئېلىپ باردى. يىغىن كەيپىياتىدا «پۇرۇخ پۇرىقى» خېلى قويۇق ئىدى. بۇنىڭغا ئىككى مىسال ئالساقلا بەزى ئىشلار ئېنىق ئايدىڭلىشىدۇ.
    بىرىنچى مىسال:
    − مەن يۈەن شۇجىغا ئىككى تۈرلۈك پىكرىمنى بېرەي، بىرى، «ھەۋەس بەك چوڭ، كۆپ ھاللاردا ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ؛ ئىككىنچىسى، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى پارتكوممۇ باشقۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن، قەرز مەسىلىسى دېگەندەك.
    − مەنمۇ ئىككى تۈرلۈك پىكىر بېرەي: بىرى، خىزمەتلەردە دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇشى يېتەرلىك ئەمەس. مەسىلەن، چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ بەنزىسىنى تەڭشەش مەسىلىسىدە مەن پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، لېكىن ھېچنېمىدىن خەۋىرىم يوق. ئىككىنچىسى...
    ئىككىنچى مىسال:
    − مەن لى بازار باشلىقىغا ئۈچ تۈرلۈك پىكىر بېرەي: بىرى، ئۆگىنىشنى تۇتۇش چىڭ ئەمەس؛ ئىككىنچىسى، خىزمەتتە ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بولۇشى، ئۆزىدە ئومۇمىي جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە بولغان يېتەكچىلىك ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئۈچىنچىسى، ئەمەلىيەتكە كۆپرەك چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىشى كېرەك.
    − مەن ئىككى تۈرلۈك پىكىر بېرەي، ھە دېسىلا كۈندىلىك ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئاممىغا چوڭقۇر چۆكۈش يېتەرلىك بولمىدى؛ ئىككىنچىسى، ياخشىچاق بولۇشقا ئامراق.
    − مەنمۇ ئىككى تۈرلۈك پىكىر بېرەي: بىرى، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە چارەتەدبىر تېپىشى يېتەرسىز، يولى كەڭ ئەمەس؛ ئىككىنچىسى، ئىجادىي خىزمەت قىلىش يېتەرسىز.

     

    «مالىمانچى ئېيىق»نى يېتەكلىسە بولىدىكەن

    26-ئاپرېل سائەت 8 دىن ئاشقاندا مەن كىشىلەر تەرىپىدىن «مالىمانچى ئېيىق» دەپ ئاتالغان ۋۇ مىنجېنىڭ ئۆيىگە كەلدىم.
    − ما بۇجاڭ، سىزنىڭ مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن.
    − نېمە ئۈچۈن؟
    − چۈنكى مېنىڭ نامىم ياخشى ئەمەس.
    − مەن بىلىمەن، سەن كەنت ھەيئەت مۇدىرىنى سايلايدىغان چاغدا بېلەت ساندۇقىنى ئېلىپ قېچىپ، سايلامنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپتىكەنسەن.
    − بۇلارنى قانداق بىلىۋالدىڭىز؟
    − سەن گەرچە پارتىيە ئەزاسى بولمىساڭمۇ، ئەمما ئۆز خىراجىتىڭ بىلەن «پارتىيە تارىخى مەجمۇئەسى» ژۇرنىلىغا مۇشتىرى بولۇپ ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدىكەنسەن. يەنە تېخى ئوخشىمىغان دەۋردىكى پارتىيىگە كىرىشنىڭ بەش خىل قەسەمنامىسىنى دەپ بېرەلەيدىكەنسەن.
    − مەن پارتىيىنى قىزغىن سۆيىمەن ھەم ھىمايە قىلىمەن. لېكىن پارتىيىگە كىرەي دېسەم، ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى.
    − سەن راستتىنلا ئوخشىمىغان بەش دەۋردىكى پارتىيىگە كىرىش قەسەمنامىسىنى دەپ بېرەلەمسەن؟
    − دەپ بېرەلەيمەن.
    − قېنى دەپ باقە، بىز ئاڭلاپ باقايلى.
    ئۇ قوشۇمىسىنى بىر تۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيە دەۋرى، ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلى، ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلى، دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىل، 21-قۇرۇلتايدىن كېيىن بولۇپ، جەمئىي بەش دەۋردىكى پارتىيىگە كىرىش قەسەمنامىسىنى سۇدەك يادلاپ بەردى. ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مەن:
    − ئەستە تۇتۇشۇڭ بولىدىكەن، دېدىم.
    − مەن مۇشۇ ھەقتىكى كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن.
    − سەن پارتىيىگە كىرىش ئىلتىماسى يازغانمۇ؟
    − بىرنەچچە قېتىم يازسام، پارتىيە ياچېيكىسىدىن تاپشۇرۇۋالىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى.
    − ياچېيكىنىڭ ئىشىنى مەن ئۇلارغا ئېيتاي. سېنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، پاتراق پارتىيىگە كىرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.
    − بولىدۇ.
    ۋۇ مىنجېنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن، كۆڭلۈم خېلى ئۇزۇنغىچە جايىغا چۈشمىدى. مۇشۇنداق بىر ياخشى ياشنى نېمە ئۈچۈن كىشىلەر «مالىمانچى ئېيىق» دەۋالغاندۇ؟ ئۇنىڭ «مالىمانچى ئېيىق» بولۇپ قالغانلىقى ئاساسلىقى ئۇنىڭغا تەربىيە بېرىپ، يېتەكلەيدىغان ئادەم بولمىغانلىقتىن ئەمەسمۇ؟!...

     

    چىشيۇسۈن كەنتىدىكى داڭلىق ئادەم−ۋۇ دىڭكې

    28-ئاپرېل سائەت 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەمدىلا ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا سىرتتىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
    − ما بۇجاڭ بارمۇ؟
    − كىم؟!
    − سىز بىلەن پاراڭلىشاي دېۋىدىم.
     سەل توختاپ تۇرۇڭ،−مەن كىيىملىرىمنى كىيىپ سىرتقا چىقىشىمغا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال:
    − مەن سىزنى بىزنىڭ ئۆيگە بېرىشقا تەكلىپ قىلىپ كېلىۋىدىم، بولارمۇ؟−دېدى ماڭا قاراپ.
    بىز بىرلىكتە ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. ئۇنىڭ ئۆيلىرى ئۈستى بىتون تاختا بىلەن يېپىلغان، ئاليۇمىن قېتىشمىلىق پولات ئىشىك-دېرىزىلەر ئورنىتىلغان ئۆيلەر ئىدى. ئۈچ كىچىك بالا بىر تۆت قىرلىق كىچىك ئۈستەلدە تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇراتتى.
    − ما بۇجاڭ كەلدى،−دېدى ئۇ ئۆيگە كىرىپلا.
    ئاليۇمىن-پولات قېتىشمىلىق ئىشىكتىن كىرىپلا ئىچىنىڭ گەمە بولۇپ، ئالدىغا ياپما ئۆي سېلىنغانلىقىنى بىلدىم.
    بىز ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن، ئەر خوجايىن ۋۇ دىڭكې ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:
    − ما بۇجاڭ، مەن يېزا-بازار رەھبەرلىرى ھەققىدە ئەھۋال ئىنكاس قىلاي دەيمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قارىغۇ، گاس، چىرىكلەشكەن نېمىلەر. بىزنىڭ كەنتنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئۇلار كۆرمەمدۇ، بىلمەمدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېزا-بازار رەھبەرلىرىنىڭ چىرىكلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇرۇنقى پارتكوم شۇجىسى كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ سەيلە-ساياھەت قىلدى. خەجلىگىنى كىمنىڭ پۇلى؟ بازاردىكى تىياتىرخانىنىمۇ يەپ بولدى. بۇ يەردە كەنت باشلىقلىقىنى پۇلغا سېتىۋالىدۇ، ئۈچ پەرزەنتلىكلەر شۇنچە كۆپ، بۇنى كىم باشقۇرۇپتۇ؟ باشقۇرسا جەرىمانە قويىدۇ، بۇ پۇللار نېمىگە ئىشلىتىلدى، باشقۇرىدىغان ئادەم يوق. ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ. شۇڭا بەزىلەر: «يېزاكەنت گۇرۇپپىلىرى داشقايناق بۇتخانا، بۇتخانىدا ھاماقەت ئەمەلدارلار تۇرىدۇ، ھاماقەت ئەمەلدارلار ھاماقەتلەرنىڭ ئىشىنى باشقۇرىدۇ، شۇڭا ئىشلارنىڭ ھەممىسى داشقايناق» دېيىشىدۇ.
    − ئاڭلىسام، سىز ئەسلى كەنت بوغالتىرى بوپتىكەنسىز، كېيىن شىگۇ ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىدا ئىشلەپسىز؟
     بوغالتىر بولغىنىم ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرىكى ئىش، ئۇنىڭغا 30 يىل بولدى. كېيىن دۆلەت كادىرى بولۇپ، ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىدا بوغالتىر، مۇدىر بولۇپ ئىشلىدىم، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا پېنسىيىگە چىقتىم.
    − شىگۇدا قانچە يىل مۇدىر بولدىڭىز؟
    − سەككىز يىل.
    − ئاڭلىسام خىزمەت ئىپادىڭىز ئالاھىدە بولغاچقا، ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە تەرىپىدىن تەقدىرلىنىپتىكەنسىز؟
    − قىلغانلىرىم ئانچە كۆپ ئەمەس،−ئۇ سۆزلىگەچ يېزىق شىرەسىنىڭ يېنىغا بېرىپ «شەنشى پۇل مۇئامىلىسى» دېگەن ژۇرنالنى ئەكېلىپ ماڭا كۆرسەتتى،−بۇنىڭدا بىز توغرۇلۇق يېزىلغان ماقالە بار.
    مەن «شەنشى پۇل مۇئامىلىسى» ژۇرنىلىنىڭ 1999-يىل 9-ئايلىق سانىغا بېسىلغان «شىگۇ ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى تارقاتقان قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمى يۇقىرى بولۇشنىڭ سەۋەبى» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
    « شىگۇ ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى، كومپارتىيە ئەزاسى يولداش ۋۇ دىڭكې ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنى تارقىتىش ھەم بىخەتەر ھالدا قايتۇرۇشتا ئاساسلىقى ئىككى جەھەتكە تايانغان. بىرسى كەسىپنى قىزغىن سۆيگەن. 1992-يىلى 7-ئايدا ئۇ شىگۇ ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا، بۇ ئۈچ مىليون 700 مىڭ يۈەن ئامانەت سوممىسى ۋە بىر مىليون 300 مىڭ قەرز قالدۇقى بار، جۇلىقى چىقىپ كەتكەن ئەبجەق بىر ئورۇن ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇ تولىمۇ تەڭقىسلىقتا قالىدۇ، لېكىن ئۇ بۇ ئورۇننى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ پۇلى دېھقانلارنىڭ قانتەر پۇلى، بۇرۇن كىم تارقاتقانلىقىدىن قەتئىينەزەر بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى بىر تىيىننىمۇ كەم قىلماي قايتۇرۇۋېلىش كېرەك، دەپ ئويلايدۇ. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس كەسىپچانلىق روھىغا تايىنىپ، تارقىتىلغاندىن بۇيان چۆكۈندە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان پۇللارنى تۈرلەر بويىچە گىرافىلاشتۇرۇپ چىقىدۇ ۋە ھەممىسىنى بىرمۇ-بىر، ئائىلىمۇ-ئائىلە سۈيلەپ يىغىدۇ...»
    قولۇمدىكى ژۇرنالنى قويۇپ قويغاندىن كېيىن:
    − ۋۇ مۇدىر، سىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىڭىز، روھىڭىز كىشىنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرىدىكەن. ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىكەن،−دېدىم.
    − ياخشى ئىشلىيەلمىدىم، ياخشى ئىشلىيەلمىدىم.
    − بايا سىز يېزا-بازارلاردىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىدىڭىز، ئۇنداقتا چىشيۇسۈن كەنتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە زادى نېمە؟
    − سۇ بېشىدىن لاي. شۇڭا «ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم» دېگەندەك ئىش بولۇۋاتىدۇ.
    − سىز مۇشۇ كەنتنىڭ ئادىمى، شۇڭا كەنتىمىزنىڭ ئىشلىرىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز كېرەك.
    − مېنى زاڭلىق قىلسىڭىزمۇ مەيلى، بىزنىڭ كەنتنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقىلى بولمايدۇ.
    − نېمە ئۈچۈن؟
    − سۇ بېشىدىن لاي دېدىمغۇ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنىنى ئادەم قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ھە دېسىلا قۇسۇر تېپىپ ئادەمدىن ئۆچ ئالىدۇ.
    − قانداق ئۆچ ئالىدۇ؟
    − ئالما دەرەخلىرىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىدۇ، ئىشىك ئالدىڭىزغا چوڭ تەرەت قىلىدۇ، يېرىم كېچىدە چالماكېسەك ئاتىدۇ...
    − بۇنداق پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلار كىملەر؟
    − مانا مەن ئۇچرىغان. ئىككى يىل ئۇدا يىل ئاخىرىدا بەزىلەر مېنىڭ ئارقا تەرەپتىكى ئۆيۈمنىڭ دېرىزىسىنى خىش ئېتىپ چىقىۋەتتى.
    − تازىمۇ يولسىزلىق-تە، بۇ.
    − شۇڭا مەن سىزگىمۇ كەنتىمىزدە خىزمەت ئىشلىگەندە ئېھتىياتچان بولۇشىڭىزنى، ئاخشاملىرى بىر يەرگە چىققاندا يالغۇز چىقىپ بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا ئۇچراپ قېلىشتىن ئاگاھ بولۇشنى ئەسكەرتىپ قوياي دېۋىدىم.

    قەرز پۇل بېجىنى تۆلەيدىغان چاغدا، ئۆينىڭ ئىشىكىنى پېچەتلىدى

    چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دە، بىز يەنە ۋۇ فەنچىنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. چىتلاق ئىشىك، كىچىك قورۇ. ئۈچ ئېغىز كونا گەمە. ئوتتۇرىدىكى بىر ئېغىزدا ئادەم يېتىپ-قوپۇپ، تاماق ئېتىدىكەن، قاراشقا ئۆڭكۈردەكلا كۆرۈنىدۇ. ئىككى ياندىكى گەمىلەرگە چاك كەتكەن بولۇپ، بەكلا خەتەرلىك كۆرۈنەتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىگە ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەر تاشلاپ قويۇلغانىدى.
    − بىز كەلدۇق، سىزنىڭ 1999-يىلى باج تاپشۇرغان چاغدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى ئۇقۇپ باقايلى دېۋىدۇق، بولامدۇ؟
    سورىشىمىز بىلەنلا ئۇ يىغلاپ كەتتى. سەل توختىۋالغاندىن كېيىن يەنىلا ئۆزىنى باسالماي يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:
     1999-يىلى مەن ئاغرىپ قالدىم (B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانىدىم)، ئالمىلارمۇ پۇل بولمىدى. ئۇلار مېنى «باجنى تاپشۇرىسەن» دەپ قىستىدى. «باج تاپشۇرغۇدەك پۇلۇم يوق» دېۋىدىم، ئۆيدىكى نەرسىلەرنى باجغا ھېسابلاپ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇشتى. ئۇنىمىسام ئۇلار مېنى مەجبۇرىي ھالدا بازارلىق دېھقانچىلىق باج پونكىتىنىڭ بىر گەمىسىگە ئېلىپ باردى ۋە بىرنەچچە ئادەم ئۇرۇپ-تەپتى. مەن تاياققا چىدىماي ۋارقىراپ كەتتىم. XX مېنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئاچىقىپ، «نېمىگە ۋارقىرايسەن، يەنە ۋارقىرايدىغان بولساڭ تاياقنىڭ يوغىنىنى يەيسەن» دېگىنىچە بىر تەستەك سالدى، ئاندىن يەنە ھۆل لۆڭگە بىلەن يۈزۈمگە ساۋىدى. ئارقىدىن «ئالغان قەرز پۇلىغىمۇ باج تۆلەيسەن، بۇنىڭغا كاپالەتنامە ياز» دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىزلىقتىن كاپالەتنامە يېزىپ بەردىم. كەنتكە قايتىپ كەلسەم ئامانەت-قەرز خادىمى قەرز پۇل گرافىسىنى تولدۇرۇپ تەييارلاپ قويۇپتۇ. مەن قول قويدۇم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۇلنى ئېلىپ كەتتى. ئۆيگە قايتىپ كېلىپ تۇرۇشۇمغا رادىئو كانىيىدىن مېنى كەنت ئىشخانىسىغا كېلىشكە چاقىردى. دەرھال باردىم، ئىشىكتىن كىرىشىمگە بىرسى كانىيىمنى سىقىۋالدى، يەنە بىرسى ئۇرۇشقا باشلىدى.
    − كىم؟
    − بازارلىق ھۆكۈمەت كادىر XX، دېھقانچىلىق باج كادىرى XX.
    − سىزنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىدۇ؟
    − ئىشىكتىكى پېچەتنى ئۆز مەيلىڭچە ئېلىۋېتىپسەن، دەپ.
    − قايسى ئىشىكتىكى پېچەتنى ئېلىۋەتكەنتىڭىز؟
    − ئۆز ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىدىكى.
    − كىم پېچەتلىگەن؟
    − ئەينى چاغدا مەن بۇ ئىشنى راستتىنلا بىلەلمىگەنىدىم، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن باشقىلاردىن ئىشىكىمنى دېھقانچىلىق باج كادىرى پېچەتلىگەنلىكىنى ئۇقتۇم.
    − ئۇ پېچەتنى كىم ئېلىۋەتكەنىدى؟
    − ئاپام. ئۇ قورۇدىكى چوشقا، قويلارنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكتىن چىرقىراپ-مەرەپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا يەم-خەشەك بېرىش ئۈچۈن پېچەتنى ئېلىۋېتىپتىكەن.
    − خوتۇنىڭىز بىلەن بالىلىرىڭىزچۇ؟
    − ھەممىسى ئاپامنىڭ ئۆيىدە ئىدى (بىز ئايرىم ئولتۇرىمىز).
    − ئۇلار سىزنى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە قانداق قىلماقچى بولۇشتى؟
    − ماڭا تەكشۈرۈشنامە يازغۇزۇۋالغاندىن كېيىن رادىئو ئۇزىلىدا ئوقۇتتى. ئاندىن ماڭا بىر پارچە پېچەت بېرىپ يۈگۈرتكەنچە ئاپىرىپ ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى قايتىدىن پېچەتلىگۈزدى. ما بۇجاڭ، سىز دەپ بېقىڭا، بۇ ئادەمنى بوزەك قىلغانلىق بولماي نېمە؟
    كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، سەل كېكەچلەپ سۆزلەۋاتقان ۋۇ فەنچىگە قاراپ، يۈرىكىم پىچاق تىققاندەك ئېچىشىپ كەتتى. تاياق يەپ قورقۇپ كەتكەن بۇ ئاق كۆڭۈل دېھقان قاچانمۇ قورقمايدىغان بولار!

    50 پارچە سايلام بېلىتى تېپىشىپ بەردىم

    كەچقۇرۇن سائەت 8 دە، كەينى خۇەي گۇرۇپپىسىدىكى ۋۇ لىنسىڭ مېنى ئىزدەپ كېلىپ:
    − ما بۇجاڭ، نەچچە كۈندىن بېرى سىزنى پەقەتلا ئۇچرىتالمىدىم. سىزگە كونا توك ئۆيىنى سېتىۋالغان ئىشىمنى ئېيتاي دېۋىدىم،−دېدى ۋە يانچۇقىدىن ئۈچ قاتلانغان بىر پارچە قەغەزنى چىقىرىپ ماڭا بەردى، قېنى، سىز باشتا كۆرۈپ بېقىڭ.
    مەن قەغەزنى ئاچتىم، بۇ «چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ كونا توك ئۆيىنى تالاشتۇرۇپ سېتىشنىڭ تەپسىلىي مىزانى» ئىكەن.
    «كەنتىمىزنىڭ توك يوللىرىنى ئۆزگەرتىش تۈپەيلىدىن، توك ئۆيىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. مەبلەغ جەھەتتە قىيىنچىلىق بولغاچقا، كەنت ھەيئىتى بىلەن شىگۇ توك باشقۇرۇش ئورنى كېڭىشىش ئارقىلىق جەنۇبىي خۇەي توك ئۆيىنى تېرىلغۇ يەر ھېسابىدا تالاشتۇرۇپ سېتىش قارار قىلىندى.
    1. مۇشۇ كەنتكە قاراشلىق ھەرقانداق دېھقان 1000 يۈەن خېيىم-خەتەر رەنە پۇلى تاپشۇرسىلا ئادىل رىقابەتكە قاتنىشالايدۇ.
    2. تالاشتۇرۇپ سېتىشنىڭ تۇرغۇن باھاسى 10 مىڭ يۈەن، رىقابەت باھاسى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك؛ قويغان باھاسى تۇرغۇن باھادىن تۆۋەن بولۇپ قالغانلارنىڭ رىقابەتكە قاتنىشىش ھوقۇقى بىلەن تاپشۇرغان خېيىم-خەتەر رەنە پۇلى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.
    3. تالاشتۇرۇپ سېتىلىدىغان يەرنىڭ كەڭلىكى دەل 11 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى شەرق پاسىلى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ (ئارتۇق ئىگىلىۋېلىشقا بولمايدۇ).
    4. توك ئۆيىنىڭ باشقا قوشۇمچە ئېلىپ كەتكىلى بولىدىغان نەرسىلىرىنى كەنت ئېلىپ كېتىدۇ، ئۆي چېقىۋېتىلمەيدۇ.
    5. رىقابەت يېپىق رىقابەت شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. رىقابەتكە قاتناشقانلار كەنتتىن تارقاتقان قەغەزگە ئىسىم فامىلىسى، قويغان باھاسىنى يازىدۇ.
    6.ئاخىرىدا قويۇلغان ئەڭ يۇقىرى باھا تاللىنىدۇ. پۇلنى 20 سائەت ئىچىدە بىر قېتىملا تاپشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر دېگەن ۋاقىتتا تاپشۇرمىسا خېيىم-خەتەر رەنە پۇلى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ھەمدە ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم پۇل تاپشۇرىدۇ. كېيىن يەنە مۇشۇ تەرتىپ بويىچە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
    7. كەنتنىڭ توك يوللىرى ئۆزگەرتىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەنت ئادەم ئەۋەتىپ ئورۇننى بېكىتىپ بېرىدۇ.
    چىشيۇسۈن كەنت ھەيئىتى (تامغا)
    1999-يىل 8-ئىيۇن.
    «تەپسىلىي مىزان»نىڭ كەينىگە يەنە تۆۋەندىكىلەر يېزىلىپتۇ:
    سېتىلىدىغان بۇ يەر كۆلىمى دائىرىسىدە يەنە ئىككى تال تېلېفون ستولبىسى بار، بۇ كەنت چوقۇم ئىككى ئاي ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ئەگەر دېگەن مۆھلەتتە ھەل قىلىپ بېرەلمىسە، ۋاقىتنىڭ قانچە ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە قاراپ شەخسكە مۇۋاپىق ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىدۇ.
    چىشيۇسۈن كەنت ھەيئىتى (تامغا).
    1999-يىل 10-ئىيۇل.
    − باھا تالىشىشتا سىزنىڭ رەت تەرتىپىڭىز قانچىنچى ئىدى؟
    − ئىككىنچى.
    − بىرىنچىسىچۇ؟
    − بىرىنچى بولغان تالاشقۇچى قويغان 24 مىڭ يۈەن. 20 سائەتكىچە پۇل تۆلەيدىغان ئادەم چىقمىغاچقا، مەن كەنت كادىرلىرىنى ئىزدەپ باردىم. ئۇلار ماڭا يەنە ئىككى سائەت يول قويۇشنى ئېيتتى، مەن ماقۇل بولدۇم، ئىككى سائەتتىن كېيىن مەن پۇلنى تاپشۇردۇم.
    − قانچە پۇل تاپشۇردىڭىز؟
    − 18.200 يۈەن.
    − ھازىر قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقتىڭىز؟
    − ئىككى يىل بولۇپ قالاي دېدى، يەر تېخى قولۇمغا تەگمىدى، پۇلۇمنىمۇ قايتۇرمايۋاتىدۇ.
    − سىز كەنت كادىرلىرىنى ئىزدىمىدىڭىزمۇ؟
    − ھەي، ئېيتمايلا قوياي. ئادەم ئەمەس نېمىلەركەن ئۇ، دېگەن گېپىدە تۇرمىدى.
    − قانداق تۇرمىدى؟
    − مەن پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كەنت كادىرلىرىنى ئىزدەپ باردىم، ئۇلار ماڭا «يەرنى بىر ئايدىن كېيىن كېسىپ بېرىمىز» دېدى. بىر ئايدىن كېيىن ئۇلارنى يەنە ئىزدەپ بارسام «تەپسىلىي مىزاننىڭ كەينىدە ئىككى ئايدىن كېيىن ھەل قىلىپ بېرىلىدۇ» دەپ يېزىلغان دېيىشتى. ئىككى ئايدىن كېيىن يەنە ھەل بولمىدى، بۇ ئىش ئاخىر بۇلتۇرقى نۆۋەت سايلام بولغانغا قەدەر سۆرىلىپ كەلدى. مەن ئىمكانىيىتىمنىڭ بارىچە XX نىڭ سايلام بېلىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇدىر بولۇشى ئۈچۈن چېپىشىپ بەردىم.
    − قانداق چاپتىڭىز؟
    − ئۆيمۇ-ئۆي چاپتىم.
    − بېلەتتىن قانچىنى ھەل قىلدىڭىز؟
    − 50 نەچچە بېلەت.
    − نېمە ئۈچۈن XX ئۈچۈن سايلام بېلىتى يىغىشىپ بېرىسىز؟
    − ئۇنى كەنت مۇدىرى بولغاندىن كېيىن، ئىشىمنى ھەل قىلىپ بېرەرمىكىن دەپ.
    − ئۇنداق بولسا يەنە نېمە ئۈچۈن ئىشىڭىزنى ھەل قىلىپ بەرمىدى؟
    − XX مۇدىر بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستىپا بەردى.
    − نېمە ئۈچۈن؟
    − ئۇ باشقىلارنىڭ تايىقىدا ئۆلگىلى تاسلا قالدى.
    − ئۇنى نېە ئۈچۈن ئۇرىدۇ؟
    − ئاشۇ كونا توك ئۆيىنىڭ ئىشى بولمامدۇ؟
    − نېمە ئۈچۈن كونا توك ئۆيىنى سېتىۋالماقچى بولدىڭىز؟
    − ھەي، سىز بىلمەيسىز. مېنىڭ ھازىرقى قورۇ-جايىم بەكمۇ كىچىك، گەمىلەر بولسا بەكلا كونىراپ كەتتى، رېمونت قىلماق تەس، يەنە تېخى ئىككى ئوغلۇم بار، باشقا قورۇ سالاي دېۋىدىم، كىم بىلسۇن ئاخىر مۇشۇنداق ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويدۇم.
    − سىزنىڭ ئىشىڭىزنى ئېسىمدە تۇتىمەن. بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان نۇرغۇن ئادەم بىزگە يەر-زېمىن ھەققىدىكى ئىشلارنى ئىنكاس قىلدى. بۇ قېتىم يېڭىدىن كەنت مۇدىرىنى سايلاپ چىققاندىن كېيىن، مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلىپ بېرەيلى، بولامدۇ؟
    − ماقۇل.

    «تۆت سەككىزلىك» ئادەم

    كەچقۇرۇن سائەت 8 دە، بىرلەشمە گۇرۇپپىدىكى ۋاڭ مەييۇۋ مېنى ئىزدەپ كېلىپ:
    − ما بۇجاڭ، بۈگۈن كەچ ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ سىزگە مېنىڭ ئىشلىرىم ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي دېۋىدىم،−دېدى.
    − نېمە ئىش؟
    − مەن سەككىز ياشتا مەكتەپكە كىرىپ سەككىز يىل ئوقۇدۇم، سەككىز يىل كادىر بولدۇم، سەككىز يىل تۈرمىدە ياتتىم.
    − تۆت سەككىزلىك ئىش؟
    − مۇنداقلا پاراڭلىشاي دەيمەن،−دېدى ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ،−بىزنىڭ كەنتىمىز ئەرز-شىكايەت قىلىشتا داڭلىق كەنت. بۇنىڭدىن باشقا بۇ كەنتنىڭ سىرتقا قىز بەرمەيدىغان ئادىتى بار. شۇڭا ئادەملەرنىڭ مۇناسىۋىتى بەكمۇ مۇرەككەپ. بىر بولسا تۇغقان، ياكى بولمىسا بىر جەمەتتىن دېگەندەك. خىزمەت ئىشلىمەك تولىمۇ مۈشكۈل.
    ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەك، 1954-يىلى مەكتەپكە كىردىم، 1962-يىلى كەنتنىڭ بوغالتىرى بولدۇم، 1965-يىلى كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدۇم، 1967-يىلى كەنت چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولدۇم، 1968-يىلى كەنت ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گۇڭشې ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى بولدۇم. 1970-يىلى يۆجىنچۇ خەلق ئەسكەرلىرى ليەنىدە ليەنجاڭ بولدۇم. مانا بۇ مېنىڭ سەككىز ياشتا مەكتەپكە كىرىپ، سەككىز يىل ئوقۇپ، سەككىز يىل كادىر بولۇش جەريانىم.
    سىزگە يەنە بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي. 1968-يىلى 4-ئاينىڭ بىر كۈنى، ئەينى چاغدىكى ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى ۋۇ شۈيمىن، ھاكىم يۈ دۇ، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ جىنسەنلەر كەچتە مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ، «ناھىيىدە پىپەن-كۈرەش قىلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ، ئۇلار بىزنى تۇتماقچى، ئامالسىزلىقتىن ئۆيۈڭگە بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ تۇرغىلى كەلدۇق» دېدى. ئۇلار يېرىم ئاي يوشۇرۇنۇپ تۇردى، بىر كۈنى كېچىدە ئۇلارنى ئىنس-جىنغا تۇيدۇرماي ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ قويدۇم. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ناھىيىدە ئىنقىلابىي كومىتېت قۇرۇلغاندا ئۇلار بىرلىشىش ئوبيېكتى بولدى.
    ئەمدى مەن سەككىز يىل تۈرمىدە ياتقان ئىشىمنى سۆزلەپ بېرەي.
    1970-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى (بۇ كۈن بەكمۇ ئېنىق ئېسىمدە) ساقچىلار مېنى تۇتۇپ كەتتى، «باشقىلارنى قىستاپ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدۇڭ» دېيىشتى. «مەن ئۇنداق قىلمىدىم» دېدىم. ئەسلى ئىش مۇنداق بولغان: 1968-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كەنتتە پومېشچىكلارنى كۈرەش قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، مەن پومېشچىك ۋاڭ ۋىنسەينى باغلىدىم، كۈرەش قىلىش يىغىنىدىن كېيىن ئۇ زەھەر ئېچىپ ئۆلۈۋاپتۇ. مەن ئەرز قىلدىم، لېكىن ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىدى، ئاخىر مېنى سەككىز يىل كەستى. 1978-يىلى كەنتكە قايتىپ كەلدىم. يەنە نۇرغۇن ئىشلار كۆزۈمگە سىغمىدى. سىلەرنىڭ كەنتىمىزنى ئوبدانراق تەرتىپكە سېلىپ، پۇقرالارغا نىجاتلىق ئاتا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا كېتىپ قالدى. مەن بولسام خىيال ئىلكىدە قالدىم...

     

    «كېلىنىم تاماققا ئۇستا»

    پارتىيە ئەزالىرى، ئاكتىپلار يىغىنىدىن كېيىن ئەمدىلا سىرتقا ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا، ياشانغان بىر دېھقان ئالدىمنى توسۇپ، ئۆزىنىڭ ماڭا ئىككى ئېغىز گېپى بارلىقىنى ئېيتتى. بىز بىر چەتكە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ گەپ باشلىدى:
    − كېلىنىم تاماققا ئۇستا، شۇڭا ئۆيىمىزگە تاماققا تەكلىپ قىلىپ كېلىۋېدىم.
    − رەھمەت سىزگە،−بىردىنلا قەلبىمنى ھاياجان قاپلىدى.
    − تەن سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ. چىش ئاغرىسا بىرنېمە چاينىغىلى بولمايدۇ. كېلىنىم سىزگە تاماقنى يۇمشاقراق ئېتىپ بەرسۇن. تەييار چۆپنى يەۋەرگەن بىلەن بولمايدۇ. نېمە تاماق يېگۈڭىز كەلسە، قانداق چاغدا يەيمەن دېسىڭىز مەن كېلىنىمگە ئەتكۈزۈپ بېرەي. بىزنىڭ چى شيۇسۈندە بىر ئىش قىلماق مۈشكۈل، ئالدىرىغان بىلەن بولمايدۇ.
    بۇ چاغدا بوغۇزۇمغا بىرنېمە قاپلاشقاندەك بولدى.
    − رەھمەت سىزگە تاغا، ھېچ ۋەقەسى يوق.
    مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ:
    − سىزنىڭ بۇ سەمىمىي كۆڭلىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمەيمەن،−دېدىم.
    كېيىن مەن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ۋاڭ شۇەنيۇ، 1957-يىلى پارتىيىگە كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم.

    بىر پارچە نامسىز خەت

    مەن كەنت ئىشخانىسى قورۇسىدىن چىقىشىمغا، بىرەيلەن ماڭا بىر پارچە خەتنى بەردى. كونۋېرتقا «ما بۇجاڭغا تەگسۇن» دېگەن خەتلەر يېزىلىپتۇ. بۇ خەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
    ئىككى ئادەمنىڭ سېلىشتۇرمىسى:
    ۋاڭ سۈنفۇ، ئۇ ھەممىگە تونۇشلۇق مۇئاۋىن بازار باشلىقى، 60-يىللاردىن تارتىپ تا ھازىرغىچە پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشتا ھەقىقەتەنمۇ باشلامچى بولۇپ كەلدى. ھەربىر قۇرۇلۇش مەزگىلىدە ئەلا نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ ئىشئىزلىرى ۋە ئەمەلىيىتى بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. لېكىن ئۇ ھازىرغىچە رەسمىي كادىرلىققا ئۆستۈرۈلمىگەچكە مائاشى تېخىچە ئەمەلىيلەشمىدى.
    XX (خەتتە ھەقىقىي ئىسمى يېزىلغان) نىمۇ ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئۇ بوغالتىرلىقتىن كېلىپ چىققان ۋە جەمئىيەتتىن تەكلىپ قىلىنغان ئادەم.
    1995-يىلىغىچە يېزا ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ئىدى. كېيىن ئۇ ئاللىقانداق مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىپ رەسمىي دۆلەت كادىرى بولدى، مائاشىمۇ 600 يۈەندىن ئاشتى. تەشكىل شىگۇ دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، ئۇنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ، يىل ئاخىرى ئۇ يەنە بىر يېڭى ۋېلىسىپىتلىك بولۇپ قالدى. پارتىيە سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى مۇشۇنداق قارا نىيەتلەر كۆرۈۋاتىدۇ.
    ۋىجدان قېنى، ھەققانىيەت قەيەردە، پارتىيىۋىلىك نەگە كەتتى؟
    2000-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى.
    XX، XX لارنىڭ ھەممىسى چىل بۆرىلەر، شىگۇ خەلقى ئۇلارغا ئاللىقاچان چىش-تىرنىقىدىن ئۆچ بولۇپ كەتكەن، ئۇلار گەرچە تەختتىن چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىرقىسىم قارا كۈچلىرىنى يوشۇرۇن ساقلاپ قالغان. تەشكىلنىڭ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە ھەر جەھەتتىن دىققەت قىلىشىنى سورايمەن. ئالدىدىكى ئىككى ئادەمنىڭ بىرسى كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىپمۇ ئاقىۋەت ئۆزى ياخشىلىققا ئېرىشەلمىدى، يەنە بىرسى ئەسكىلىكتە ئۇچىغا چىقتى. ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ باي بولدى. مۇناسىۋەت باغلاپ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈردى. دېگەنلىرىمنىڭ راست ياكى يالغان ئىكەنلىكى، تەشكىل ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ ئىگىلەپ باقسىلا ھەممىسى ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ قېتىمقى شىگۇدىكى قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى چوقۇم غەلىبىگە ئېرىشىدۇ. شىگۇدىكى پۇقرالار بۇنىڭغا ھەمدۇ-سانا ئوقۇيدۇ، ھەممە ئادەم «ناھىيىلىك پارتكوم بىزگە باۋ ئادىلنى ئەۋەتىپتۇ» دەپ ئالقىش ياڭرىتىدۇ.
    ياخشىلارنىڭ دەردىنى چىقىرىپ، قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەممە ئادەمنى خۇش قىلىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چوقۇم غەلىبىگە ئېرىشىدۇ.
    2001-يىل 28-ئاپرېل.

     

    قايتىلانماس كېچە

    بىز «قارا نوپۇس» مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن مەن:
    − ۋىسىڭ، ئاڭلىسام بۇلتۇر يۈز بەرگەن «25-نويابىر» ۋەقەسى سېنىڭ دېھقانچىلىق باج كادىرىنى ئۇرغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانىكەنغۇ؟−دېدىم.
    ئۇنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ، ئاۋازى تىترەپ چىقتى:
    − ما بۇجاڭ، ئادەمگە ئۇۋال قىلماڭچۇ.
    − ئۇنداقتا سەن ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگىن،−بولامدۇ؟
    − بولىدۇ. بۇ ئىش ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە. بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈش ۋاقتى ئىدى. سائەت قانچىلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ. مەن باشقىلاردىن بىر توپ ئادەم ئاكاڭ ۋاڭ جۈنسىڭنى باج تۆلەشكە قىستاۋاتىدۇ، دەپ ئاڭلاپ دەرھال ئاكامنىڭ ئۆيىگە باردىم (ئىككىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى 300 مېتىر كېلىدۇ). شۇ چاغدا ھويلىغا شىگۇ ساقچىخانىسى، دېھقانچىلىق باج پونكىتىنىڭ ئادەملىرى، كەنتنى كۆتۈرە ئالغان كادىرلار، كەنت كادىرلىرى، ئامما بولۇپ بىر توپ ئادەم يىغىلىۋالغانىكەن. مەن دېھقانچىلىق باج كادىرىنىڭ جېدەللىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قىستىلىپ ئالدىغا ئۆتتۈم. بۇ چاغدا دېھقانچىلىق باج كادىرى دادامنى:«سەن كىم؟» دەپ سوراققا تارتتى. دادام:« مەن ئۇنىڭ دادىسى» دېۋىدى، دېھقانچىلىق باج كادىرى:«ھېلىغۇ دادىسى ئىكەنسەن، بوۋىسى بولساڭمۇ بولمايدۇ» دېدى. ما بۇجاڭ، سىز دەپ بېقىڭ، بۇ، ئادەمنى بوزەك قىلغانلىق بولماي نېمە؟ مەن ئاچچىقىمغا پايلىماي دېھقانچىلىق باج كادىرىنى بىر مۇشت قويدۇم. بۇ چاغدا ئەمدى تۈگەشتىم دەپلا ئويلىدىم، ئۇلار بىزنى بىرەر مۇشت ئۇرسا سورىقى بولمىغىنى بىلەن، بىز ئۇلارنى بىرەر مۇشت ئۇرۇپ قويساق بالاغا قالىدىغان گەپتە. مەن بەك قورقۇپ كەتتىم، باشقىلار يول كۆرسىتىپ:«ئەمدى بىر بولسا دەرھال ناماقۇل بولۇپ پۇلنى ئاپىرىپ بېرىڭلار ياكى بولمىسا قېچىپ كېتىپ ئۆزۈڭنى چەتكە ئال» دېيىشتى. پۇلۇم بولمىغاچقا مەن قېچىپ كەتتىم. كەچتە ساقچىخانا، بازارلىق ھۆكۈمەتنى ئۇرۇپ-چاققان ئىشتىن ئازراقمۇ خەۋىرىم يوق.
    لياڭ چيۇشيا (ۋاڭ ۋىنسىڭنىڭ خوتۇنى) سۆز قىستۇردى:
     ئاشۇ كۈنى چۈشتە ئۇ يۈگۈرگەنچە كېلىپ ماڭا: «ئابايا خۇشاۋخۇينى ئۇرۇپ چوڭ چاتاقتىن بىرنى تېرىپ قويدۇم، ئۆزۈمنى بىرنەچچە كۈن چەتكە ئالمىسام بولمىدى. بالا بىلەن ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول» دېدى ۋە سۆزىنى تۈگىتىپلا بىرنەچچە سۇغاق مومىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
    ئۇ ئېرىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
    − ئاشۇ كۈنى ئۇ ھېلىمۇ قېچىپ كېتىپتىكەن،بولمىسا چوقۇم تاياق يەپ، قولىغا كويزا سىلىنارىكەن.
    − ئاشۇ كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن ئىشتىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
    − خەۋىرىم بار.
    − ئۇنداقتا سۆزلەپ بېرەمسىز؟
    − ھىم، ئاشۇ كۈنكى كېچىدە بەك قورقۇپ كەتتىم. شۇ چاغدا بىز بىلەن قوشنا ئولتۇرىدىغان يەڭگەم، جىيەنىم لى لى بىلەن بىزنىڭ ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈۋاتاتتۇق. ۋىنيەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايى پروگراممىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن (كەچ سائەت 11 لەر بولغان چاغ) ئۇلار ئۆيلىرىگە چىقىپ كېتىشتى. مەن ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرۇشۇمغا، بىركىمنىڭ مېنى چاقىرىۋاتقانلىقى ئاڭلاندى ۋە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇپ كەتتى. دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئەمما ئىشىكنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئارقىدىن جىيەن قىزىم لى لىنىڭ يىغا ئارىلاش: «ئاپا، ئاپا» دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن دەرھال سىرتقا چىقتىم، لى لى ماڭا «بىر ئادەم كېلىپ دادامنى تۇتۇپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، چاپسان بېرىپ قاراپ بېقىڭ» دېدى. مەن بارسام لى لىلارنىڭ قورۇسى ئالدىدا تۇرغان بىر ئادەم مېنى توسۇۋالدى ۋە: «بۇ يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىپ نېمە قىلاي دەيسەن؟ تاياق يېگۈڭ كەلدىمۇ يا؟!» دېدى. ئاشۇ كۈنى ئاخشىمى بەك قاراڭغۇ بولۇپ ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئادەمنىڭ كىملىكىنى تونۇيالمىدىم. مەن ئۇلارغا: «نېمە ئۈچۈن كېچىدەئادەم تۇتىسىلەر؟» دېدىم. ھېلىقى ئادەم: «دۈمبەڭ قىچىشىپ بۇ ئىشلارغا ئارىلىشاي دەمسەن، دەرھال كەتمەيدىغان بولساڭ سېنىمۇ تۇتىمىز» دېدى. مەن قورۇغا كىرەلمىدىم، ئىچكىرىدە قالايمىقانچىلىق ئەۋجىگە چىققانىدى. يەڭگەم ۋە بالىلىرى يىغلاۋاتاتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇلار ئۇكامنى (ۋاڭ يۈۋىن)، جىيەنىمنى (ۋاڭ شاۋخۇا 16 ياش) قوللىرىغا كويزا سالغانچە ئېلىپ چىقىشتى. يەڭگەم ئۇلارغا ئېسىلىشىپ چىققانچە ماشىنىنىڭ ئاستىدا يېتىۋېلىپ ئۇلارنىڭ يولىنى توستى. ئۇلار يەڭگەمنى تېپىپ، تاسما بىلەن ئۇردى ۋە: «باستۇرۇۋېتىپ مېڭىۋەر، ئۆلسە ئاپىرىپ كۆمۈۋېتىمىز» دېدى. قورقۇپ جېنىم چىقىپ كېتەيلا دېدى، لى لى بىلەن ئىككىمىز يۈگۈرۈپ بېرىپ يەڭگەمنى چەتكە تارتتۇق. ئۇلار بىزنىمۇ بىرنەچچىنى تېپىۋەتتى. ئاخىر ئاكام بىلەن جىيەنىمنى ماشىنىغا مەجبۇرىي ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ كەتتى. يەڭگەم يەردە يېتىۋېلىپ قوپقىلى ئۇنىمىدى، بىز ئۇنى قول ھارۋىسىغا يۆلەپ چىقىرىپ، كەنت كادىرلىرىنى ئىزدەپ ماڭدۇق. يولدا بىزگە ھاممام (لى سۇخۇا) ۋە بىر توپ ئادەم ئۇچرىدى. بىز كەنت باشلىقىنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. لېكىن بۇ ئىش بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھاممام رادىئو ئۇزىلىدا خالايىقنى بازارغا بېرىپ ئادەم قۇتقۇزۇشقا چاقىردى. بىرسىنىڭ بازارلىق ھۆكۈمەتكە بارغان چاغدىكى ئىشلارنى مەن ئۇقمۇدۇم، كېيىن باشقىلاردىن «بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن ساقچىخانىنى ئۇرۇپچېقىۋېتىپتۇ» دەپ ئاڭلىدىم.
    شۇنىڭدىن كېيىن مەن ۋاڭ يۈۋىننىڭ ئۆيىگە بىرنەچچە قېتىم بارسام، ئۆيدە قىزى لى لى بار ئىكەن، ئۇ: «دادام، ئاپام، ئىنىم شىئەندە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتىدۇ. قايتىپ كەلمىدى» دېدى.

     

    8000 يۈەنگە توختىغان بىر كالتەك

    بىز «25-نويابىر» ۋەقەسى ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتقاندا ئىنچىكە بۇرۇت قويغان بىر يىگىت يېنىمدا ئولتۇرغانىدى. گېپىمىز ئەمدىلا تۈگىشىلا ئۇ ئۇلاپلا ئېغىز ئاچتى:
    − مېنىڭمۇ سىزگە گېپىم بار ئىدى، سۆزلىسەم بولارمۇ؟
    − بولىدۇ.
    − ماڭىمۇ بەك ئۇۋال بولدى. بۇ ئۇۋالچىلىقنى كەنت كادىرلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    − ئۇ قايسى كەنت كادىرى.
    − بۇرۇنقى كەنت مۇدىرى. بۇ 1999-يىلى 6-ئايدا بولغان ئىش. كەنتنىڭ مەركىزىي يولىنى ئۆزگەرتكەندە توك ئۆيى دادۈي ئىشخانىسىغا كۆچۈرۈلدى. توك ئۆيى بىكار قالغاندىن كېيىن دادۈي ئۇنى تالاشتۇرۇپ ساتتى. مەن توك ئۆيىنىڭ يەر ئورنى بىزنىڭ جەنۇبىي خۇەي گۇرۇپپىسىغا تەئەللۇق، شۇڭا ئالدى بىلەن جەنۇبىي خۇەي گۇرۇپپىسىدىكى ئادەملەرنى ئويلىشىش كېرەك دەپ ئويلىدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇنى مېنىڭ ئىنىمگە ئېلىپ بېرىش ئويۇم بار ئىدى. كەنت مۇدىرى ئۇنىماي: «ئاشكارا تالاشتۇرۇپ ساتىمىز» دېدى. تالاشتۇرۇپ سېتىشتا مەن 24 مىڭ يۈەن باھا قويدۇم، لىن سىڭ 18 مىڭ 200 يۈەن باھا قويدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ توك ئۆيى ئۇنچىلىك پۇلغا يارىمايتتى. ئۇنچىلىك كۆپ پۇل چىقارغۇم يوق ئىدى. يۇقىرى باھا قويۇشۇم، توك ئۆيىنى قولدىن چىقارماسلىق ئىدى. پۇل تاپشۇرىدىغان چاغدا 5000 يۈەن نەق پۇل، 20مىڭ يۈەنلىك چەكنى ئېلىپ كەنت مۇدىرىنىڭ ئۆيىگە باردىم. كەنت مۇدىرى: «ھەممىسىگە نەق پۇل بېرىسەن» دېدى. مەن ئۇنىڭغا 5000 يۈەننى بەردىم، ئۇ: «بۇ پۇل يەتمەيدۇ» دېدى، ئارقىدىن چەكنى بەرسەم «بولمايدۇ، نەق پۇل بولۇشى كېرەك» دېدى. مەن ئۇنىڭغا قايتا-قايتا يالۋۇرغاندىن كېيىن ئۇ ئاندىن ماقۇل بولدى. ئىككىنچى كۈنى ئۇ سۆزىدىن يېنىۋېلىپ، يەنە «پۇل چېكى بولمايدۇ» دەپ تۇرۇۋالدى. ئاقىۋەت ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ قالدىم. ئۇ: «مەن بولمايدۇ دېدىم بولمايدۇ، قېنى قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل» دېدى ۋە چۈشتىن كېيىن توك ئۆيىنى كەينى خۇەي گۇرۇپپىسىدىكى ۋۇلىنسىڭغا بەردى. مەن ئاچچىقىمنى سىغدۇرالماي پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم. بىرلەشمە گۇرۇپپىدىكى شۇاڭ لىننىڭ ئاپىسى تۈگەپ كەتكەن ئاشۇ ئاخشىمى، ئالاھەزەل سائەت 10لەدىن ئاشقاندا، مەن بىر چى ئۇزۇنلۇقتىكى كۇلۇچنى ئېلىپ تىمىسقىلاپ كەنت مۇدىرىنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. قورۇنىڭ ئىشىكى ئوچۇق، ئۆينىڭ ئىشىكى يېپىق ئىكەن. ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قارىسام، ئۇ خوتۇنى ۋە XX، XX لار بىلەن قارتا ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئالما ساقلايدىغان ئامبىرى ئىچىگە كىرىپ كۈتۈپ ئولتۇردۇم. مەن تاكى تاڭ سەھەر ئىككىگىچە ساقلىدىم. ئۇلارنىڭ ئويۇنى شۇ چاغدا ئاياغلاشتى. كەنت مۇدىرى XX لەرنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ ھاجەتخانىدىن ئىشتىنىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىغىلا كالتەك بىلەن بىرنى سالدىم.
    − ئەسلى كۇلۇچ كۆتۈرۈۋالغانىدىڭغۇ؟
    − سىز بىلمەيسىز، كەنت مۇدىرى مېنىڭدىن ئېگىز ھەم سېمىز بولغاچقا، كۇلۇچ بىلەن قاملاشتۇرۇپ ئۇرالماي قېلىشىمدىن قورقۇپ ئۇنىڭ قورۇسىدىكى بىر كالتەكنى ئېلىۋالغانىدىم.
    − قېنى گېپىڭنى داۋاملاشتۇرغىن.
    − شۇ چاغدا مەن ھېچنېمىنى خىيالىمغا كەلتۈرمەي ئۇنى ئۇرۇشنىلا ئويلىغانىدىم. ئۇ «ۋاي» دېگىنىچە يەرگە يىقىلدى. مەنمۇ گاڭگىرىغانچە تۇرۇپ قالدىم. ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ خوتۇنى يۈگۈرۈپ چىقتى ۋە ئېرىنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى كۆرۈپ «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى. مەن ماڭاي دېيىشىمگە ئۇ توساتتىن ئېتىلىپ كېلىپ ماڭا ئېسىلىۋالدى. مەن قېچىپ كېتەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ، كۇلۇچ بىلەن كاللىسىغا بىرنى سالدىم. دەرۋازىدىن XX بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى يۈگۈرۈشۈپ كىردى. قارىسام، بىردەمدىلا ئادەملەر كۆپىيىشكە باشلىدى. زىيان تارتىپ قېلىشىمدىن قورقۇپ قېچىپ كەتتىم. مەن سىرتلاردا يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قېچىپ يۈرۈپ كۆرمىگەننى كۆردۈم. ئۆيۈمدىكىلەر باشقىلارنى ئارىغا سېلىپ كەنت مۇدىرىغا ئۆزرە ئېيتىپ ناماقۇل بولدى، ئاخىر ئۇنىڭغا 8000 يۈەن بېرىپ بۇ ئىشنى بېسىقتۇرغان بولدى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بازارلىق جىنايى ئىشلار ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتى مېنى ئىككى كۈن سولىدى.
    ئۇ گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن مەن داڭ قېتىپ قالدىم. ئۇ ماڭا گويا ئۆزى توغرۇلۇق سۆزلىگەن ئەمەس، بەلكى ھېكايە ئېيتىۋاتقاندەكلا تەسىر بەرگەنىدى. مەن ئۇنىڭدىن:
    − سەن سۆزلىگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى راستمۇ؟−دەپ سورىدىم. ئۇ جاۋاب بەرگۈچە ئەتراپتىكى ئون نەچچە ئادەم «راست» دەپ گۇۋاھلىق بېرىشتى.

     

    «يىغىندىن قاچقان ئادەم»نىڭ خېتى
    2-ماي سائەت 7دە ئۆي خوجايىنى ماڭا بىر كونۋېرتنى بېرىپ خەتنى بەرگۈچىنىڭ مېنى ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. مەن خەتنى ئاچتىم:
    مەن ئۆزۈم بىر ئاددىي دېھقان، ئائىلەم تولىمۇ نامرات، شۇڭا مېنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ. مەن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن. مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن، ھېلىقى كۈنى دادۈيدىن ئاممىۋى چوڭ يىغىن ئېچىلىدۇ دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى. كۆپ يىللاردىن بېرى يۇقىرىدىن رەھبەرلەر دادۈيىمىزگە كېلىپ تۇراتتى. لېكىن مەندە ئۇلار ئىشنى ئەپلەپ-سەپلەپ تۈگەتكىلى كېلىدۇ، دېگەن تەسىرات بار ئىدى. دېمىسىمۇ ئاغزىدا ئامما ئارىسىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز دېگىنى بىلەن ئاخىرىدا ھەممىسى يوققا چىقاتتى. مەسىلىلەر ھەل قىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئامما ئاممىنى كۈرەش قىلىپ كېتەتتى، تېخى بەزى لاياقەتسىز كادىرلار ئۆچ ئېلىپ، پۇقرالارنى كۈن ئالالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. شۇڭا ئاشۇ كۈنى ئەسلىدە ئۆيدە بولساممۇ يىغىندىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئېلىش نىيىتىدە خوتۇنۇم بىلەن يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن قايتىپ چىقىش ئۈچۈن ئالمىلىق بېغىمىزغا كېلىۋالغانىدۇق. كېيىن يىغىنغا قاتناشقانلار سىزنىڭ يىغىندا سۆزلىگەن سۆزلىرىڭىزنى ئېيتىپ بەردى. ئاڭلاپ تەسىرلەنگىنىمدىن كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. مەن يىغىنغا بارمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. لېكىن پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق ئىدى. شۇتاپتا سىز ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ سىزنىڭ قولىڭىزنى بىر سىقىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ مېنىڭ يۈرەك قېتىمدىن چىققان چىن سۆزۈم.
    مېنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەم بەك تۆۋەن. بىرنەچچە تۈرلۈك كۆز قارىشىمنى دېمەكچىمەن. ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ئازراق ئىشىمنى سۆزلىمەكچى، ماڭا تەشكىلنىڭ ئېتىبار بېرىشى ھاجەتسىز.
    بىرىنچى مەسىلە: دادۈينىڭ مالىيە مەسىلىسى ۋە كادىرلار رەسمىيىتىنىڭ نائېنىقسىزلىق مەسىلىسى.
    ئىككىنچى مەسىلە: دېھقانچىلىق ئالاھىدە بېجى. تۇرالغۇ ئۆي يەر ئورنى مەسىلىسى ۋە ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش مەسىلىسى.
    ئۈچىنچى مەسىلە: يەر ئىشلىتىشتىكى قالايمىقانچىلىق ۋە كۆمۈر كان قۇدۇقىنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش مەسىلىسى.
    تۆتىنچى مەسىلە: مېنىڭ شەخسىي تۇرمۇشۇمدىكى ئازراق ئىش.

    «يىغىندىن قاچقان ئادەم»نىڭ دەردى

    ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇپلا دەرھال «يىغىندىن قاچقان ئادەم»نىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ ئېگىز بويلۇق، ئورۇق ئادەم بولۇپ، ئۈستىگە كونىراپ كەتكەن ھەربىيچە كىيىم كىيىۋالغان بۇ ئادەم شۇ تاپتا رادىئو ئاڭلاۋاتقانىكەن.
    − ئەتىگەندە خەت ئەۋەتكەن ئادەم سىز شۇمۇ؟
    − ھەئە.
    − ئىسمىڭىز ۋاڭ جىژشاۋمۇ؟
    − شۇنداق.
    − قېنى، خېتىڭىزدە يېزىلغان بىرقانچە ئىشنى سۆزلەپ باقامسىز؟
    − مەن ئالدى بىلەن بۇلتۇرقى باج يىغىش ئىشىنى سۆزلەي. «25-نويابىر» ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتە، باج يىغقۇچىلار ۋاڭ يۇمىنغا ھەقىقەتەنمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلمىدى. مەن بىرنەچچە ئېغىز لىللا گەپ قىلىپ قويۇۋىدىم ئۇلار كېچىدە مېنى تۇتقىلى كەپتۇ. شۇ كۈنى كېچىدە قىزىق ئىش بولدى. ئادەتتە مەن گەمىنىڭ سىرتىدىكى كارىۋاتتا ئۇخلايتتىم. نېمىشقىدۇر شۇ كۈنى ئىچكىرىدە يېتىپ قالغانىدىم. ئۇلار قورۇغا كىرىپ مېنى ئىزدىدى. مەن قورققىنىدىمدىن سىرتقا چىقىشقا پېتىنالمىدىم. ھېلىمۇ ياخشى خوتۇنۇم ئىشنى ئەپلەشتۈردى، ئۇ كەلگەنلەرگە: «ئۇ ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگنال ئاۋازىنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن ئايىغىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي يۈگۈرگەنچە چىقىپ كەتتى» دېدى. كارىۋات يېنىدا راستتىنلا مېنىڭ ئايىغىم قويۇقلۇق تۇراتتى. ئۇلار بۇنىڭغا ئىشىنىپ چىقىپ كېتىشتى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن مەن كىيىملىرىمنى كىيىپ دالېيگوڭ كەنتىدىكى توغقىنىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بەش كۈن يوشۇرۇنۇپ ياتتىم.
    − ئاشۇ كۈنى ئاخشىمى سىز بازارلىق ھۆكۈمەتكە بارمىدىڭىزمۇ؟
    − ئۇلار مېنى تۇتىمىز دەۋاتسا، قورقماي بازارلىق ھۆكۈمەتكە بارالامتىم.
    − قانچە بالىڭىز بار؟
    بالىلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىسام بوپتىكەن، بالىنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن ئۇ يىغلاپ كەتتى.
     − ھەي، مەن بالىلىرىمغا يۈز كېلەلمەيمەن. چوڭ قىزىم مېنى مەكتەپتە ئوقۇغىلى قويمىدىڭ دەپ مېنى كۈن بويى ئەيىبلەيدۇ؛ ئىككىنچى قىزىم كۈن بويى سوغۇق موما يەپ بەيشۈي ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ؛ ئوغلۇم شىگۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قەرز ئالدۇق.
    − ئۇنداقتا سىزنىڭ ئالمىلىق بېغىڭىز يوقمۇ؟
    − بار، 8000 يۈەن كىرىم قىلىۋىدۇق، ئۇنى باشقىلار ئالداپ كەتتى.
    − كىم ئالداپ كەتتى؟
    − فۇمىڭلىقلار.
    − سىز ئۇلارنى ئىزدىمىدىڭىزمۇ؟
    − ئىزدىدىم، لېكىن ئۇلار بەرمىدى. ئامالسىزلىقتىن سوتقا ئەرز قىلدىم.
    − بۇ ئۇسۇل ياخشى، قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك.
    − لېكىن مەن ئەرز-شىكايەت ھەققىنى تاپشۇرالمىدىم.
    − سىزنىڭ يەنە قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بار؟
    ئۇ كۆڭلىكىنى يېشىۋىدى، بىر ئۆسمە (مونەك) كۆرۈندى. ئۇ:
    − بۇنىڭ ئاغرىقى تۈپەيلىدىن كېچىسى ئۇخلىيالمايمەن. دوختۇرغا كۆرۈنەي دېسەم پۇل يوق،−دېدى.
    مەن يېنىمدىن 003 يۈەن چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردىم ۋە:
    − 100 يۈەننى دەۋالىشىش خىراجىتىگە تاپشۇرۇڭ، 200 يۈەنگە دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ، يەتمىسە يەنە ئامال قىلىمىز. ئىككىنچى قىزىڭىز قايتىپ كەلگەندە مېنى ئىزدىسۇن، بولامدۇ؟−دېدىم.
     ئۇ پۇلنى ئالغىلى ئۇنىماي، سىزنىڭ مېنى يوقلاپ كەلگىنىڭىزدىن كۆڭلۈمدە تولىمۇ خۇشال بولدۇم، دېدى. ئاخىر ئۇ 100 يۈەننى ئالدى. ئىككى كۈندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ ئىككىنچى قىزى ئارقىلىق ئۇ ئالغىلى ئۇنىمىغان 200 يۈەننى ئەۋەتىپ بەردىم.

    «قارىۋاي كەنت باشلىقى»نىڭ پال سالدۇرۇشى

    شۇ كۈنى سائەت 9دا، ۋاڭ جەنشاۋنىڭ ئۆيىدە ئىدىم.
    − ما بۇجاڭ بارمۇ؟
    ئاۋازنى ئاڭلاپلا سىرتقا چىقتىم، ئېگىز بويلۇق، كۆزەينەكلىك، ئورۇق يۈزلۈك، قارىمۇتۇق، ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى.
    − سىزنى نەچچە قېتىم ئىزدەپ بېرىپمۇ ئۇچرىتالمىغانىدىم. ياخشى كەپسىز، بىز پاراڭلىشايلى،−دېدىم ئۇنىڭغا.
    − ما بۇجاڭ، قورسىقىم دەرد بىلەن توشۇپ كەتتى، ئامالسىزلىقتىن ئۆتكەندە پالچىغا پالمۇ سالدۇرۇپ باقتىم.
    − پالچى نېمە دېدى؟
    − بەك غەلىتە ئىش بولدى دەڭا. بىز يۈز كۆرۈشۈشىمىز بىلەنلا ئۇ، سىز مەلۇم بىر ئىش توغرۇلۇق كەپسىز، لېكىن بۇ ئائىلىڭىزدىكى ئىش بولماستىن، بەلكى كەنت توغرىسىدىكى ئىش ئىكەن،−دېدى. ئۇنداقتا قېنى، مېنىڭ ئىشىم ھەققىدە پال ئېچىپ بېقىڭ دېۋىدىم، ئۇ بېشىنى چايقىغانچە كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ بىرەر چاقىرىمچە ماڭغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن كوچىلاپ سورىدىم: «سىز نېمە ئۈچۈن كېتىپ قالىسىز؟» ئۇ: «راستتىنلا پال سالدۇرۇش نىيىتىڭىز بولسا بەيشۈي ناھىيىلىك مېھمانخانىنىڭ 108-نومۇرلۇق ئۆيىگە بېرىڭ، مەن شۇ يەردە تۇرىمەن» دېدى. مېنىڭ ئۇ يەرگە بارغۇم كەلمەي، يېنىمدىن 20يۈەن چىقىرىپ: «سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بىر پال سېلىپ باقسىڭىز» دېدىم. ئۇ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بېشىنى چايقىغىنىچە بىر نېمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىدى، بىرھازا زەڭ قويۇپ ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭقىرالىدىم. «ئەسلىدە كەنتىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا سىلەرگە ئامەت ۋە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر كۆل بار ئىكەن. كېيىن ئادەملەر ئۇنى تىندۇرۇۋەتكەچكە، كەنتتە توختىماي ۋەقە يۈز بېرىدىغان بولۇپ قالغان.»
    − سىز ئىشەندىڭىزمۇ؟
    − مەنغۇ ئىشەنمىدىم، لېكىن كەنتىمىزدە بىرنەچچە يىلدىن بېرى توختىماي يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم.
    − بايا ئۇۋالچىلىقتا قالدىم، دېگەندەك قىلىۋىدىڭىز، قېنى دەڭا. قانداق ئۇۋالچىلىق ئۇ؟
    − ماڭا راستتىنلا ئۇۋال بولدى. كەنتىمىزنىڭ سابىق مۇدىرى ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، مېنى مۇۋەققەت كەنت مۇدىرى قىلىشتى. مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن چىن كۆڭلۈمدىن كەنتتە بىرنەچچە تۈرلۈك ئىش قىلىشنى ئويلىدىم. لېكىن زادىلا باشقا ئېلىپ چىقالمىدىم. باشقىلار تېخى مېنى مەسخىرە قىلىپ «قارىۋاي كەنت باشلىقى» دېيىشتى.
    − نېمە ئۈچۈن؟
    − مېنى سايلىغاندا بېلەت سانى سايلىغۇچىلارنىڭ يېرىمىغا يەتمىگەنلىكى، مەندە كەنتنىڭ تامغىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن «قارىۋاي كەنت باشلىقى» ئىكەنمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىرايىم قارىمۇتۇق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ «قارىۋاي كەنت باشلىقى» ئىكەنمەن، ئىشقىلىپ، ھەر نېمە دېگەنلەر بار، راستتىنلا ئىشلەش ئىمكانىيىتى بولمىدى.
    − سىزنى سايلىغاندا يېرىمىدىن ئېشىشقا قانچە بېلەت كەملىدى؟
    − 27 بېلەت.
    − تامغىسى يوق دېگىنى قانداق گەپ؟
    − ھەي، سىز تېخى بىلمەيسىز. بۇلتۇر مۇۋەققەت كەنت مۇدىرى بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تېخى مەندە كەنت تامغىسى يوق. بازار باشلىقىنى ئىزدەپ بارسام، ئۇ: «بىرنى ئويدۇرۇۋالساڭلا بولمىدىمۇ» دەيدۇ. ئىش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، يەنىلا مۇھىم بولۇۋاتقىنى كەنتتىكى ئىلگىرى ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش.
    − ئىلگىرىكى تامغىچۇ؟
    − XX (سابىق پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى)دە ئىككىسى بار، XX دە بىرسى، XX دە يەنە بىرسى بار.
    − قانداقسىگە تۆت تامغا بولىدۇ؟
    − ئىككىسى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ تامغىسى، ئىككىسى كەنت ھەيئىتىنىڭ تامغىسى.
    − ئۇلار نېمە ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ؟
    − كەنت ئۇلارغا قەرزدار بولغاچقا، كىم تامغىنى ئالىمەن دېسە قەرزنى قايتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. مەندە پۇل بولمىغاچقا تامغىنى سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، سورىساممۇ ئۇلار بەرمەيدۇ.
    − پۇل بولمىسا، تامغا بولمىسا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھېچكىم ياردەم قىلمىسا، سىز راستتىنلا تەس كۈنگە قاپسىز.
    − ما بۇجاڭ، ھېلىمۇ بەختىمىزگە سىز كېلىپ قاپسىز. سىز كەلمىگەن بولسىڭىز كەنتىمىز نېمە بولۇپ كېتەر بولغىيدى.
    − بىز ئۆز ئارا ماسلىشىپ، چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلايلى.− ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قوشۇلدى.

    «قارىۋاي كەنت باشلىقى» پار قازان ئۆيىگە يۇشۇرۇنۇۋالدى

    «قارىۋاي كەنت باشلىقى» XX 43 ياش، 1988-يىلى 4-ئايدا كەنتنىڭ كاتىپى، كاسسىرى بولغان، 2000-يىلى 6-ئايدا مۇۋەققەت كەنت مۇدىرى بولغان. «25-نويابىر» ۋەقەسى تىلغا ئېلىنىشى بىلەن ئۇ ئىختىيارسىز ئەندىكىپ كەتتى. ئۇ سەل توختىۋالغاندىن كېيىن سۆزلەشكە باشلىدى:
    − شۇ كۈنى ئاخشىمى بەك قورقۇپ كەتتىم. ئەمدى يېتىپ تۇرۇشۇمغا ئىشىك سىرتىدىن «چاپسان ئىشىكنى ئاچ، ئادەمنى ئۇرۇپ قايسى ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى كۆرگىن»، «ئادەمنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆتۈرۈپ ئاپىرايلى» دېگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى. مەن دەرھال ئىشىكنى ئاچتىم، سىرتتا بىر توپ ئادەم تۇرۇپتۇ. ئادەم كۆپ، ھەممىسى تەڭلا سۆزلىگەچكە كىمنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدىم: «بازاردىن نۇرغۇن ئادەمنى تۇتۇپ كەتتى، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قوياي دېدى، چاپسان بېرىپ قۇتقۇزۇۋالايلى» مەن قورقۇنچاق بولغاچقا بىرەر ئىش چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، XX (ئارقا خۇەي گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى)نى بىرگە ئېلىپ يۈگۈرگىنىمچە بازارلىق ھۆكۈمەتكە باردىم ۋە XX نى تېپىپ: «ئادەملەرنى چاپسان قويۇۋېتىڭلار، بولمىسا كەنتتە ۋەقە چىقىدۇ» دېدىم. XX بولسا: «سىلەر يان ئۆيگە كىرىپ ساقلاپ تۇرۇڭلار، بىز مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن بىرنېمە دەيلى» دېدى. بىردەمدىن كېيىن بىر توپ ئادەمنىڭ گۈلدۈرلەپ كىرىپ كەلگەنلىكى ئاڭلاندى. ئۇلار چىراغنى ياندۇرۇپ ئۈچىنچى قەۋەتكە (ئەسلىدە ئىككىنچى قەۋەت) يۈگۈرۈشۈپ چىقتى. ئارقىدىن گۈلدۈر-قاراس قىلىپ ساقچىخانىنى چاققان ئاۋازلار ئاڭلاندى. ئۇلارنىڭ قايتىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن بىنادىن چۈشتۇق. بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ تۇرۇشىمىزغا كەتكەن ئادەملەر يەنە كەينىگە يېنىپ كېلىپ، ساقچى ماشىنىسىنى پاچاقلاپ، بازارلىق ھۆكۈمەتنى چاققىلى تۇردى. مەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قاچتىم. بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ پارقازان ئۆيىنىڭ قېشىغا قېچىپ بېرىشىمغا پارغا ئوت ياقىدىغان تونۇش بوۋاي ئۇچراپ قالدى. ئۇ مېنى پار قازان ئۆيىگە ئەكىرگەندىن كېيىن ئىشىكنى كالتەك بىلەن تىرەپ قويۇپ ماڭا تەسەللى بەردى ۋە چاي قۇيۇپ بېرىپ ئۆزىنىڭ كارىۋىتىدا ياتقۇزۇپ قويدى. تاڭ تېخى يورۇماستا شاۋجۈن بىلەن فىڭ ۋا (چىشيۇسۈن كەنتىدىكىلەر) بازارغا مېنى ئىزدەپ كەلگەنىكەن. شۇندىلا ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆيگە قايتىۋالدىم. قايتىپ كېلىپلا ئاغرىپ قېلىپ بىرنەچچە كۈنگىچە ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم. كېيىن ئاستا-ئاستا ياخشى بولۇپ قالدىم.
    ئۇ گېپىنى تۈگەتتى. مەن بۇ چاغدا «ئۇ ئەگەر مەسئۇلىيەتتىن قاچمايدىغان، خەتەردىن قورقماس (پەقەت كەنت مۇدىرى بىرلا ئادەم بولماستىن)، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرالايدىغان، مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشتا كەسكىن كادىر بولغان بولسا، «25-نويابىر» ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولاتتىمۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم.

     

    ئۇ «زەھەر» ئىچىۋاپتۇ

    3-مارت سائەت 8 دە، بىز ئالدى خۇەي گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان ۋۇدېجاۋنىڭ ئۆيىگە يەنە بىر قېتىم كەلدۇق. يېشى 60 قا يېقىنلاپ قالغان بۇ بوۋاي بىزنى كۆرۈپ بىر ئېغىز سۆز قىلمايلا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى:
    − تېخى سىلەرنى مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلمەسمىكىن، دەپتىمەن.
    − بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى قېتىم كېلىشىم، ئالدىنقى ئىككى قېتىم كەلگەندە سىزنى ئۇچرىتالمىغانىدىم. سىزنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقىڭىزدىن خەۋىرىم بار، قېنى بۇ ئىش ھەققىدە سۆزلەپ بىرەمسىز؟
    ئۇ بىر ياقتىن كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ ئۆكسۈپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:
    − مەن 1986-يىلى ئالما كۆچىتى تىكتىم، 50 تۈپ خۇڭفۇشى، 30 تۈپ چىنگۇەن، 20 تۈپ خۇاڭيۇەنشۇەي. 1991-يىلى 15000 يۈەنلىك ئالما ساتتىم ۋە 1200 يۈەن باج تاپشۇردۇم؛ 1992-يىلى يەنە 15000 يۈەنلىك ساتتىم ۋە يەنە 1200 يۈەن باج تاپشۇردۇم. 1993-يىلى ئەھۋال ئۆزگەردى. باج ساتقان پۇلى بويىچە ئەمەس، بەلكى مۆلچەر مەھسۇلات مىقدارى بويىچە ئېلىنىدىغان بولدى. مېنىڭ بېغىمنىڭ مەھسۇلاتىنى بېكىتىدىغان كۈنى كەنتىمىزدە بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتتى، ئەسلىدىكى مەھسۇلات مۆلچەرلىگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇپراق بېشىغا چىقىپ كېتىپ، پەقەت بىرنەچچىلا ئادەم قېپقالدى. ئۇلار مۇنداقلا مۆلچەرلەپ، ماڭا كېلىدىغان باجنى 2800 يۈەن دەپ بېكىتتى. مەن بۇنىڭغا قايىل بولماي كەنت كادىرلىرىنى ئىزدىدىم. لېكىن ئۇلارنىڭ كارى بولمىدى؛ بازارلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئىزدىسەم بازار باشلىقى: «سەن ئالمىلارنى ياخشى پەرۋىش قىلىپسەن، شۇڭا كۆپرەك تاپشۇرۇشۇڭ كېرەك» دېدى. مەن ئامالسىز باشتا 2000 يۈەن تاپشۇردۇم. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن XX(شۇ چاغدىكى كەنت مۇدىرى) مەن ئۆيدە يوق چاغدا كەلگەنىكەن. (باشقىلارغا ئالما شاخلىرىنى چاتىشىپ بېرىۋاتقانىدىم)، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇنۇمغا: «باج پۇلىنى تاپشۇرۇڭلار» دەپتۇ. خوتۇنۇم ئىلگىرى قانچىلىك باج پۇلى تاپشۇرغانلىقىمنى بىلمىگەچكە ئۇنىڭغا 1800 يۈەنلىك ئالما ساتقانلىق ھېساۋات تالونى بېرىپتۇ. باج يىغىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەن خوتۇنۇم بىلەن XX نى ئىزدەپ بېرىپ، ئارتۇق ئېلىۋېلىنغان 1200 يۈەننى قايتۇرۇۋالماقچى بولدۇق. باشتا ئۇ: «قايتۇرىمەن» دېدى، كېيىن بولسا «پۇلنى بازارلىق ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈۋەتكەن» دەپ قايتۇرۇپ بەرگىلى ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز بازارلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى ئىزدىدۇق. بازارلىق پارتكوم شۇجىسى، بازار باشلىقى: «پۇل خەزىنىگە تاپشۇرۇۋېتىلدى، بۇ پۇلنى كېلەر يىللىق باج پۇلىغا ھېسابلايمىز» دېدى. بىز بۇنىڭغا قوشۇلمىدۇق، لېكىن ئۇلارنىڭ بىز بىلەن قايتا كارى بولمىدى. خوتۇنۇم ئاچچىق يۇتۇۋالغاچقا روھىي كېسەل بولۇپ قالدى. خۇا ناھىيىسىگە بېرىپ بىرنەچچە ئاي دوختۇرخانىدا ياتتى. 1994-يىللىق باجنى يىغىدىغان چاغدا كەنت باشلىقى ئالماشتى. بىز بېرىپ يېڭى كەنت باشلىقىنى ئىزدىدۇق. لېكىن ئۇ بۇرۇنقى ئىشلار بىلەن كارى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز يەنە بازارغا بېرىپ شۇجىنى ئىزدىسەك، ئۇ ھېلىقى پۇلنى باجغا ھېسابلاشقا قوشۇلمىدى ۋە مىنى: «باج تاپشۇرۇشقا قارشى ئۇنسۇر» دېدى. 1994-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى بىر مۇئاۋىن بازار باشلىقى ئادەم باشلاپ كېلىپ ئۆيۈمدىكى تېلېۋىزورنى، موتسىكلىتنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ كەتتى. تېخى يەنە ئوتتۇرانچى قىزىمنى ئۇردى. 11-ئاينىڭ قايسى كۈنى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ، خوتۇنۇم بىر ئىش بىلەن شەھەرگە كىرگەندە بازاردىكى ھېلىقى كادىر بىزنىڭ موتسىكلىتنى مىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. خوتۇنۇم ئۇنى توسۇپ : «نېمىشقا بىزنىڭ موتسىكلىتنى مىنىۋالدىڭ دېسە، ئۇ تەن ئېلىشنىڭ ئورنىغا خوتۇنۇمنى «ساراڭ» دەپ تىللاپتۇ. خوتۇنۇم: «بۇ ياپقۇچنى ئۆزۈم تىككەن، ئۇنى تونۇۋالدىم» دەپتۇ. ئۇ ئىشنىڭ يوغىناپ كېتىشىدىن قورقۇپ، خوتۇنۇم دىققەت قىلمىغان پەيتتىن پايدىلىنىپ موتسىكلىتنى مىنگىنىچە قېچىپ كېتىپتۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خوتۇنۇم بۇ دەردنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، مېنى ناھىيىدىكى رەھبەرلەرنى ئىزدەشكە ئەۋەتتى. مەن بىر نەچچە قېتىم قاتراپ ئاندىن لىڭ شۇجىنى تاپتىم (ئەينى چاغدىكى ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى لىڭ سۇڭيۇەن)، لىڭ شۇجى ھەل قىلىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى. 1994-يىلىنىڭ ئاخىرى ئوغلۇم (ۋۇشىنچۇەن) قىسىمدىن قايتىپ (بېيجىڭ قوراللىق قىسىم ئوتتۇرا ئەترىتىدىن) كەلدى. ئۇ خىزمىتى توغرۇلۇق بازاردىكى شۇجى، بازار باشلىقلىرىنى ئىزدىدى. ئۇلار ھەل قىلىپ بېرىمىز دەپ ۋەدىلەرنى بېرىشتى. لېكىن ئۇلار ماقۇللا دەپ ئىشنى ھەل قىلمىدى. ئامالسىزلىقتىن ئۆزۈم ھەر كۈنى بازارلىق ھۆكۈمەتكە چاپتىم، توختىماي 40 كۈن ماڭدىم، تېخى بىر كۈنى مۇئاۋىن بازار باشلىقى بىلەن سوقۇشۇپ قېلىشقا تاس قالدىم.
    − نېمە سەۋەبتىن؟−مەن سۆز قىستۇردۇم.
    −ئۇ مېنىڭ كۈندە كېلىۋېرىشىمدىن بىزار بولۇپ كېتىپتۇ. مەن ئۇنىڭغا: «ئۆيۈمگە ئادەم باشلاپ كېلىپ، تېلېۋىزور، موتسىكلىتلىرىمنى ئېلىپ كەتكەنىدىڭ، ئۇلارنى نېمىشقا قايتۇرۇپ بەرمەيسەن؟» دېدىم. ئۇ يولسىزلارچە مېنى تىللىدى، مەنمۇ تىل قايتۇردۇم. شۇ كۈنى مېنىڭمۇ ئەرۋاھىم تازىمۇ ئۇچقان بولغاچقا، ئۇنىڭغا جېنىمنى تىكىپ قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلۈپ تۈگەشمەكچى بولدۇم. ئەھۋالنى كۆرگەن بازار باشلىقى ساراسىمىگە چۈشۈپ دەرھال كېلىپ بىزنى ئاجراتتى ۋە ھەل قىلىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى. مەن: «بازارلىق ھۆكۈمەت مېنى يەنە مايمۇن ئوينىتىۋەرمىسۇن» دېدىم. ئۇلار: «بۇ قېتىم چوقۇم ھەل قىلىپ بېرىمىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەتتىم، ئىككىنچى كۈنى ئۇلار بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى نەپەر ئەدلىيە كادىرىنى بۇ ئىشنى بىرتەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىپتۇ. مەن ئۇلارغا: «نەدىمۇ كېلىن قېينانىسىنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىدىغان ئىش بولسۇن» دېدىم. خوتۇنۇم بۇ ئىشنىڭ ھەل بولۇشىدىن ئۈمىد يوقلۇقىنى كۆرۈپ «د د ۋ» ئىچىۋاپتۇ.
    − ئۇ قايسى چاغ ئىدى؟
    − 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى.
    ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋالغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭدىن سورىدىم:
    − ئۇنى قۇرتقۇزۇۋالمىدىڭلارمۇ؟
    − شىگۇ دوختۇرخانىسىغا ئاپاردۇق... قۇتقۇزۇۋېلىشقا ئۈلگۈرمىدى...
    مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم. كۆز چاناقلىرىمدىن سىرغىپ چىققان ياش مەڭزىلىرىمنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى.
    بىرپەستىن كېيىن ئۇ سۆزىنى يەنە داۋام قىلدى:
    − خوتۇنۇم ئۆلۈپ كەتكەن، مەن بولسام ئاغرىقچان، ئوغلۇم بولسا قىسىمدا بولغاچقا، ئاخىر قىزىم بازارلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ غوۋغا كۆتۈردى. پەقەت شۇ چاغدىلا بازارلىق ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى بىرتەرەپ قىلىشقا ئادەم ئەۋەتتى.
    − قانداق بىرتەرەپ قىلدى؟
    ئۇ ئۈستەل تارتمىسىدىن «بىرتەرەپ قىلىش پىكرى»نى ئېلىپ ماڭا بەردى ۋە:
    − بۇنىڭغا ھەممىسى يېزىلغان،−دېدى.
    ۋۇدېجاۋنىڭ ئەرز-شىكايىتى مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش پىكرى
    ۋۇدېجاۋ بۇ يىل ئەتىيازدىن بۇيان يېزىلىق ھۆكۈمەت، ئەدلىيە ئىشخانىسىغا كۆپ قېتىم كېلىپ، چىشيۇسۈن كەنت ھەيئىتى ۋە يېزىلىق دېھقانچىلىق بېجى يىغىش ئورنىنىڭ 1994-يىللىق «دېھقانچىلىق ئالاھىدە بېجى»نى يىغىش مەزگىلىدە مەزكۇرنىڭ بىر دانە موتسىكلىت (كونا)، بىر دانە تېلېۋىزورنى (كونا) ئېلىپ كەتكەنلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەدلىيە ئىشخانىسى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال ئەنزە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋۇ دېجاۋنىڭ 1933-يىلى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك «دېھقانچىلىق ئالاھىدە بېجى» جەمئىي 2824 يۈەن بولۇپ، مەزكۇر بىرقىسىم پۇلنى تاپشۇرغان بولسىمۇ، نەق پۇل يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىمىغان. كەنت ھەيئىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مەزكۇر ئالما سېتىپ تاپشۇرۇپ ئالغان 1800 يۈەنلىك پۇل تالونىنى ۋاقتىنچە باج پۇلىغا ھېسابلاپ ئالغان، لېكىن ئارتۇق ئېلىنغان پۇلنى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بېرىلمىگەن.
    1994-يىلى چىشيۇسۈن كەنت ھەيئىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى كەنت مۇدىرى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن تاكى ھازىرغىچە ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەن. 1994-يىلىدىكى «دېھقانچىلىق ئالاھىدە بېجى»نى يىغىش مەزگىلىدە ۋۇ دېجاۋنىڭ 1993-يىلى ئارتۇق تاپشۇرۇۋەتكەن پۇلىنى−يەنە باج پۇلىغا ھېسابلاتقۇزۇۋەتمەكچى بولغىنى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باج يىغىشقا ئالاقىدار بولغان «تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجنى ھەرقانداق بىر قەرز پۇلى ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇنىڭغا كەنت ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى باج يىغقۇچى يولداشلار ۋۇ دېجاۋغا نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىگەن. كەنت ئىشخانىسىدا ۋۇ دېجاۋ باشتا باجنى تاپشۇرۇشقا ماقۇل بولغان، لېكىن ئۆيىگە پۇل ئالغىلى كېتىپ قېچىپ كەتكەن. كەنتتىكى باج يىغقۇچى خادىملار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۇنىڭ بىر تېلېۋىزورىنى تۇتۇپ قالغان، بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۇ داۋاملىق تۈردە باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەچكە، يەنە ئۇنىڭ بىر موتسىكلىتىنى (كونا) تۇتۇپ قالغان. ۋۇ دېجاۋ تېلېۋىزور ۋە موتسىكلىتى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن رەھبەرلەرنى كۆپ قېتىپ ئىزدەپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. كەنت ياچېيكىسى، كەنت ھەيئىتى بىرتەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ۋۇ دېجاۋ قايىل بولماي يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلغان.
    تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى دەلىللەندى. قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، باج تاپشۇرۇشقا قارشىلىق قىلغانلارغا ئىقتىسادىي جەرىمانە قويۇلۇشى كېرەك، ئەمما ۋۇ دېجاۋنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە بىرتەرەپ قىلىندى.
    1. 1993-يىلىنىڭ ئاخىرى ئارتۇق ئېلىنغان ئالما پۇلىنى كەنت ھەيئىتى مەسئۇل بولۇپ تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ھەمدە ۋۇ دېجاۋ 1994-يىلى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك «دېھقانچىلىق ئالاھىدە بېجى» ھېساب قىلىنىدۇ، كەنت ھەيئىتى رەسمىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەندە ئارتۇق بولسا قايتۇرىدۇ، كەم بولسا تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ.
    2. ۋۇ دېجاۋنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان تېلېۋىزور، موتسىكلىتىنى كەنت ھەيئىتىدىن قايتۇرۇۋالىدۇ، تالاش-تارتىش يۈز بەرسە بىرتەرەپ قىلىشقا كەنت ھەيئىتى مەسئۇل بولىدۇ.
    3. ۋۇ دېجاۋغا باج تاپشۇرۇشقا قارشىلىق قىلدى دەپ قويۇلغان جەرىمانە پۇلى بىكار قىلىنىدۇ.
    4. باشقا مەسىلىلەرنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئايرىم بىرتەرەپ قىلىدۇ.
    5. بۇ بىرتەرەپ قىلىش پىكرىنى كەنت ھەيئىتى، ئەدلىيە ئىشخانىسى ئىجرا ھەيدەكچىلىكىدە ئىجرا قىلىنىدۇ.
    شىگۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەدلىيە ئىشخانىسى (تامغا)
    1995-يىل 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
    مەن بىرتەرەپ قىلىش پىكرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇ مەندىن سورىدى:
    − ما بۇجاڭ، سىز دەڭا، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قىلغىنى يوللۇقمۇ؟ 1993-يىلى مەن ئارتۇق تاپشۇرغان باجنىڭ ئارتۇق قىسمىنى قايتۇرماي، تېخى مېنى بېرىپ ئېلىۋالمىىدى دېگىنى نېمىسى؟ 1993-يىلىدىكى ئارتۇق تاپشۇرۇلغان باجنى نېمە ئۈچۈن 1994-يىلدىكى باجغا ھېسابلىغىلى بولمايدىكەن؟ 1994-يىلى تۇتۇپ قىلىنغان تېلېۋىزور ۋە موتسىكلىت ئۈچۈن نېمىشقا تۇتۇپ قېلىش ھۆججىتىنى بەرمەيدۇ؟ ئۇلار نېمىگە ئاساسەن مېنىڭ موتسىكلىتىمنى مىنىدۇ؟ نېمىشقا ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئاندىن موتسىكلىت ۋە تېلېۋىزورنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؟ ماڭا بەك ئۇۋال بولدى!−ئۇ يەنە باشقىدىن ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.
    مېنىڭمۇ كاللامدىن ئۆتمىدى. ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇۋال بولدى دەپ دادلىغىنى بىكار ئەمەسكەن-دە!

     

    ساقچىلار كىيىملىرىنى سېلىۋەتتى

    بىز خوڭ شاۋ بىلەن «ئۈچ تەرەپ يىغىنى» ھەققىدە سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭدىن يەنە سورىدىم:
    − ئاڭلىسام، سەن بۇلتۇر يۈز بەرگەن «25-نويابىر» ۋەقەسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى بىلىدىكەنسەن؟
    − بەزى ئەھۋاللارنى بىلىمەن، بەزىلىرىنى بولسا بىلمەيمەن،−ئۇ بىر ئوتلام چاي ئىچىۋېلىپ جىددىي قىياپەتتە سۆزلەشكە باشلىدى،−ئاشۇ كۈنى ئاخشىمى ئەمدىلا يېتىپ تۇرۇشۇمغا كەنت رادىئو كانىيىدىن «ساقچىخانا ئادەم ئۇردى، ئادەم ئۆلتۈرىدىغان بولدى» دەپ ۋاقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈگۈرگىنىمچە شاۋ شاۋنىڭ ئۆيىگە كەلدىم (ئەينى چاغدىكى مۇۋەققەت كەنت مۇدىرىنىڭ ئۆيى كەنت ئىشخانىسىنىڭ قارشىسىدا ئىدى)، مەن بېرىپ قارىسام، ۋاڭ يۈۋىننىڭ (قولىغا كويزا سېلىنغان ئادەم) خوتۇنى شاۋشاۋنىڭ كارىۋىتىدا يېتىپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن: «بەك ئۇرۇۋەتتىمۇ» دەپ سورىسام، ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ: «ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قالدى» دېدى. مەن دەرھال شىگۇ ساقچىخانا باشلىقى (ئۇنىڭ بىلەن تونۇشىمەن)غا تېلېفون بېرىپ: «كەنت بەك قالايمىقانلىشىپ كەتتى، ۋەقە يۈز بېرىپ قىلىشى مۇمكىن» دېدىم. ساقچىخانا باشلىقى مېنى: «ساقچىخانىغا كەلگىن» دېدى. مەن موتسىكلىتقا مىنىدىغان چاغدا بەي لېسا (8-مارت»نىڭ پەيجاڭى) بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم-دە، ساقچىخانىغا ئىككىمىز بىللە كەلدۇق. مەن ئىشىكتىن كىرىپلا: «سوجاڭ، مېنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ ئادەملەرنى قويۇۋېتىڭ، بولمىسا چوڭ چاتاق چىقىدۇ» دېدىم. ساقچىخانا باشلىقى: «بازارلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆرەيلى» دېدى. بىز بازارلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى ئىزدەپ باردۇق. ئۇلار: «ج خ ئىدارىسىدىن يوليورۇق سورايمىز» دېدى. مەسلىھەت تېخى پىشمايلا ئادەملەر گۈلدۈرلەپ يېتىپ كەلدى. مەن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، موتسىكلىتىمنى جىنايى ئىشلار ساقچىسى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئىتتىرىپ ئاپاردىم، چۈنكى ئىشىك ئالدىدا يول چىرىغى بار بولۇپ، ئادەملەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ بىر ساقچىسى مېنى «ئۆيگە كىرگىن» دەپ چاقىردى، ئاندىن ئادەملەرنىڭ ساقچىخانىنى ئۇرۇپ-چاققانلىقىنى ئاڭلاپ، باشقا ساقچىلارغا: «كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىڭلار» دېدى.
    − نېمىشقا كىيىمىنى سېلىۋېتىدۇ؟−مەن گەپ ئارىلىدىم.
    − بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇپ كېتىشىدىن قورقۇپچۇ.
    − سەن توسىمىدىڭمۇ؟
    − كادىر، ساقچىلاردىن توسۇيدىغان ئادەم چىقمىسا، مەن توسالايتتىممۇ؟− ئاشۇ كۈنى ئاخشىمى ئادەملەر ئەقلىدىن ئازغان بولغاچقا غەلۋىنى توسۇشقا ئامال بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر ئادەتتىكى پۇقرا تۇرسام.
    − سەن ئىلگىرى كادىر بولغان، كەنتتىكى نۇرغۇن ئادەمنى تونۇيسەن ئەمەسمۇ.
    − مەن دەل كادىر بولغاننىڭ بالاسىغا قالدىم. ئامما كەنتتىكى كادىرلار بىلەن بازاردىكى كادىرلارنىڭ ھەممىسى بىر بۇرۇندىن نەپەس ئالىدىغانلار دەپ قارىغاچقا، قىلغان گېپىڭىزنى ھېچكىم ئىلىك ئالمىدى.
    قارىغاندا، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق ئىكەن-دە!

     

    «مەن مەكتەپتە ئوقۇيمەن»
    9-ماي. سائەت 8دە، بىر سېمىزغىنا قىزچاق مېنىڭ تۇرار جايىمغا كىرىپ كەلدى.
    − ما تاغام بارمۇ؟
    ئاۋازنى ئاڭلاپ سىرتقا چىقتىم. ئەسلىدە شاۋجۇەن كەلگەنىكەن. ئۇنىڭ فامىلىسى سۇ، ئالدى خۇەي گۇرۇپپىسىدىكى ۋۇ تۇڭيىننىڭ ئىككىنچى قىزى ئىدى.
    ۋۇ تۇڭيىننىڭ ئوڭ كۆزى كۆرمەس، سول كۆزى تۇتۇلۇپ قالاي دېگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان مەجرۇھ ئادەم ئىدى. ئۈچ بالىسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، تۇرمۇشى بىرقەدەر قىيىن ئىدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەچكە ئالما باغلىرىدىن زىيان چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىزلىقتىن شاۋجۇەننى ئوقۇشتىن توختىتىۋالدى (ئۇ تولۇقسىز 3يىللىقتا ئوقۇيتتى). شاۋجۇەن:«ئوقۇشتىن چېكىنمەيمەن، مەكتەپتە ئوقۇيمەن» دەپ ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى. بالا ئاتىنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنماي ئامال قانچە، ئاخىر ئۇ ئوقۇشتىن چېكىنىپ، دەرسلەرنى ئۆيىدە تەكرارلىدى.
    مەن بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ۋۇ تۇڭيىن، يۇەن شۇجى، ۋۇ چاڭشىڭ قاتارلىق يولداشلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بالىنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغۇزماقچى بولدۇق ھەمدە ۋۇ تۇڭيىنغا: «بالىنىڭ ئوقۇش پۇلى، تۇرمۇش خىراجىتىنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن» دەپ ۋەدە بەردىم.
    مەكتەپ بىلەن سۆزلىشىپ ئىشنى تەييار قىلغاندا ۋۇ تۇڭيىن گېپىدىن يېنىۋېلىپ، قىزىنى مەكتەپكە بارغۇزمىغانىدى. مەن شاۋجۇەندىن سورىدىم:
    − دادىڭىز سىزنى نېمە ئۈچۈن مەكتەپكە بارغۇزمىدى؟
    − ئۇ ما بۇجاڭ بۇ يەردىكى چاغدىغۇ سېنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئالار، ئۇ كەتسە ھالىڭدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ،−دەيدۇ.
    − شاۋجۇەن، سىزدىن سورايچۇ، زادى مەكتەپتە ئوقۇغۇڭىز بارمۇ؟
    − ئوقۇشنى خالايمەن، ئوقۇشنى خالايمەن.
    − مۇنداق بولسۇن، مەن دادىڭىز ۋە ئاپىڭىز بىلەن سۆزلىشەي، سىز ئوقۇيمەنلا دېسىڭىز، قانچە ۋاقىت ئوقۇسىڭىز، قانچە پۇل كەتسۇن، تاغىڭىز سىزگە ئىگە بولىدۇ، بولامدۇ؟
    − رەھمەت تاغا، رەھمەت تاغا، ئۇ گېپىنى تۈگەتمەيلا «گوپ» قىلىپ يەردە تىزلاندى-دە، «پاڭ»ڭىدە يىغلاپ كەتتى.
    يېنىمىزدا تۇرغان ۋۇچاڭشىڭ، خې ۋىنلار دەرھال كېلىپ ئۇنى يۆلىدى، مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي، كۆز ياشلىرىم قۇيۇلدى...
    چۈشتىن كېيىن بىز ۋۇ تۇڭيىننى ئىزدەپ باردۇق، ئۇ:
    − مېنىڭ بالىنى مەكتەپكە بارغۇزغۇم يوق ئەمەس، سىلەر كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، ئالمىلارغا ئاپەت تېگىپ، چېچەكلىرى پۈتۈنلەي تۆكۈلۈپ كەتتى، ئازراق ئۈمىدىممۇ يوق، بالىنى نېمەم بىلەن ئوقۇتىمەن؟−دېدى.
    − مۇنداق بولسۇن، بالىنىڭ ئوقۇش پۇلى، تۇرمۇش پۇلىدىن سىز غەم قىلماڭ، مەن تاكى ئۇ ئوقۇمايمەن دېگۈچە ھەممىنى ئۈستۈمگە ئالاي، بولامدۇ؟
    − قىزىم قايتىپ كېلىپ ماڭا دېدى، مەن خوش بولدۇم ھەم ئازابلاندىم. ئۆزۈمنىڭ بالىسىنى ئۆزۈم باقالماي، باشقىلارغا يۆلىنىۋالسام خىجىل بولىدىكەنمەن.

     

    ئانىسىنى كۆرۈپ باقمىغان بوۋاي

    ۋۇ تۇڭيىننىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، بىز ۋاڭ جەنچۇەننىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. ئۇ سوغۇق مومىنى يەپ ئولتۇرغانىكەن.
    − سوغۇق موما يەۋېتىپسىزغۇ؟
    − دېھقان خەق دېگەن قورسىقى ئاچسىلا يەۋېرىدۇ، موما سوغاق بولسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق.
    − ئاڭلىسام، سىز سىرتتىن كەلگەنىكەنسىزغۇ؟
    − توغرا، مەن سەنمىنشا سۇ ئامبىرى رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن.
    − ئائىلە ئەھۋالىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز، بولامدۇ؟
    − مەن بىر بىچارە ئادەم. ئانام مېنى تۇغۇپلا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن، مەن بىر ئىشلارنى ئاڭقىرىغۇدەك بولغاندا داداممۇ ئۆلۈپ كەتتى. مېنى ئاكام بېقىپ قاتارغا قوشقان. مەن 19 ياشقا كىرگەن يىلى بىزنىڭ يۇرتتا سۇ ئامبىرى ياسالدى، شۇنىڭ بىلەن چىشيۇسۈن كەنتىگە كەلدۇق.
    − سىز دەپ بېقىڭا، چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ يىللاردىن بېرى قانداقراق بولدى؟
    − ئەسلىدە بۇ ياخشى كەنت ئىدى. ھازىر بولسا ھەقىقەتەنمۇ بىرنېمىگە ئوخشىماي قالدى. ئاساسلىقى كادىرلارنىڭ كاشاللىقى، مەنمۇ كادىر بولۇپ ئىشلەپ باققان. ئۇ چاغدىكى كادىرلارنى كادىر دېگەن ئىش قىلغاندا باشلامچى بولۇپ ئالدىدا ماڭىدۇ، دېيىشەتتى. ھازىرقى كادىرلار باشقىچە بىر خىل بولۇپ كەتتى، ئۇلار باشلامچى بولۇپ ئالدىدا مېڭىش ئەمەس، نەپ ئېلىشتا باشلامچى بولۇپ كەتتى، ئۇلار يۇلۇۋېرىپ كوللېكتىپنى قاق سەنەم قىلىۋەتتى.
    − بىز ئەمدى مۇشۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قول سېلىپ ئىشلەيمىز، بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلار چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
    − پۇقرالار بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

    مەن نېمە ئۈچۈن بوغالتىر بولىمەن

    بوغالتىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشتا رىقابەتكە چۈشكەن ئۈچ يولداش ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇنبەرگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بوغالتىر بولماقچى بولغانلىقى ۋە بوغالتىرلىقنى قانداق ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىدى.
    ۋۇرۇنشاۋ مۇنداق دېدى:
    − مەن نېمە ئۈچۈن بوغالتىر بولىمەن؟ مېنىڭچە، بىزنىڭ چىشيۇ ئادەملىرىنىڭ ئىدىيىسى يېڭى، كاللىسى جانلىق، ئىقتىسادىي شارائىتى بىرقەدەر ياخشى، ئەمما باشقۇرۇش ياخشى بولمىدى. سىملىق تېلېۋىزىيە، تۇرۇبا سۈيى، ئېتىز-ئېرىق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرىدا ھەدېسىلا ئاممىدىن پۇل يىغدۇق. كەنت ئۇزۇندىن بېرى مۇقىم بولمىدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، مالىيە ياخشى باشقۇرۇلمىدى، مېنىڭ ئىلگىرىكى كۆپ يىللىق مالىيە خىزمىتى بىلىمى ئاساسىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاممىغا ياردەملىشىپ كۈچ چىقىرىپ، كەنتنىڭ ھېساباتىنى ياخشى باشقۇرماقچىمەن. بۇنىڭدا بىرىنچى، بوغالتىرلىق بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمەن، ئىككىنچى، كەنتتىكى ئومۇمنىڭ پۇل ۋە مۈلۈكلىرىنى ئىگىلىۋالغانلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، قەتئىي تۈردە مالىيە بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش قىلىمەن. ئۈچىنچى، كەنتكە ياخشى مەسلىھەتچى ۋە ياردەمچى بولۇپ، چىشيۇ كىشىلىرى ئۈچۈن بىر ياخشى بوغالتىر بولىمەن.
    لېي چاۋپياۋ مۇنداق دېدى:
    − مەن ئالدى بىلەن بىرىنچى مەسىلىگە جاۋاب بېرەي. مەن نېمە ئۈچۈن بۇ بوغالتىرلىق ۋەزىپىسىنى تالىشىش رىقابىتىگە چۈشتۈم؟ مەن ئۆزۈمنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەم ۋە ئون نەچچە يىل بوغالتىر بولغان خىزمەت ئاساسىمغا ئاساسلاندىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىزىمغا ئالدۇرىدىغان چاغدا بىرمۇنچە ئامما مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ: «دادۈيدە بوغالتىر تەكلىپ قىلىشنى باشلىدى. سەن چاپسان بارغىن! كۆپچىلىك سېنى خېلى بولىدۇ دەۋاتىدۇ» دېيىشتى. ئەينى چاغدا ئاممىنىڭ دېگەن گەپلىرىدىن مەن بەك تەسىرلەندىم. مەنمۇ بىر پۇقرا، چىشيۇسۈن كەنتى كۆپ يىللاردىن بېرى قالايمىقان بولۇپ كەلدى، مەن كۆپچىلىككە خىزمەت قىلىشنى خالايمەن. مۇشۇ تەكلىپ قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيىنىڭ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگىنىگە جاۋاب قايتۇرماقچىمەن. مەن نۇرغۇن يىل جاپالىق ئىزدىنىپ توپلىغان بىلىمىم بىلەن كۆپچىلىككە خىزمەت قىلىشنى خالايمەن.
    بوغالتىرلىقنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن بوغالتىرلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى قىزغىن سۆيۈش كېرەك؛ ئاندىن قالسا ساپ ئالىيجاناب ئەخلاق-پەزىلەتلىك بولۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، چاكار بولۇش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇش، يەنى گوشيۇمىڭغا ئوخشاش ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەخسىي مەنپەئەتنى ئۇنتۇغان، پاك-ئادىل بولغان ئۆزىنى ئاتا قىلىش روھى بولۇش كېرەك؛ تۆتىنچى، كەسىپكە پىششىق بولۇش كېرەك، ئاتچوت قىلىشقا بولمايدىغان ھېساباتلارنى قەتئىي ئاتچوت قىلماي، بوغالتىرلىق تەكشۈرۈپ-بېكىتىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىككى ھەيئەتنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى ۋە ياخشى ياردەمچىسى بولۇش كېرەك.
    ۋۇ چۇەنيىن مۇنداق دېدى:
    − مەن 1969-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە كەنتتە ئىزچىل كادىر بولدۇم، كەنتتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ. مەن كادىر بولۇشتىن بىزار بولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنتىمىز بىرنەچچە يىلدىن بېرى بەكلا قالايمىقان بولۇپ كەتكەچكە، مەن كەنتتىكى ئىشلارغا ئەمدى زىنھار ئارىلاشمايمەن، دېگەن يەرگە كەلگەنىدىم. بىراق خىزمەت ئەترىتى چىشيۇسۈن كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن مېنىڭ ئويۇمدا ئۆزگىرىش بولدى، ئاندىن يەنە كەنتىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەندەك بىر كونا پارتىيە ئەزاسىدا يەنە بىر قېتىم خىزمەت ئىشلەش ئىرادىسى تۇغۇلدى. بۈگۈن مەن سەھنىگە چىقىپ مۇشۇ بوغالتىرلىق ۋەزىپىسىنى تالىشىشقا بەل باغلىدىم، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ بوغالتىرلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىيەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

     

    دېھقانچىلىق بېجىنى مەخسۇس باشقۇرغۇچى خادىمنىڭ تەكشۈرۈشى

    17-ماي، شىگوجىن بازارلىق دېھقانچىلىق بېجىنى مەخسۇس باشقۇرغۇچى خادىم XX مېنى ئىزدەپ كەلدى.
    − ما بۇجاڭ، مەن ياش بولغانلىقىم ئۈچۈن خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلمىدىم، يوليورۇق بەرسىڭىز، ئۇ سۆزلىگەچ يېنىدىن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى چىقىرىپ ماڭا ئۇزاتتى، بۇ مېنىڭ ئۆزۈمنى تەكشۈرۈش ماتېرىيالىم.
    ئىسمىم XX، بۇيىل 27 ياشقا كىردىم، شىگۇجىن بازىرى شىگۇسۈن كەنتىدىن. 1992-يىلى 10-ئايدا ھەربىيلىككە كىرگەن. 1995-يىلى 4-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1996-يىلى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن، 1997-يىلى 8-ئايدا دېھقانچىلىق باج خىزمىتىگە قاتنىشىپ ھازىرغىچە ئىشلەۋاتىمەن.
    تۆت يىللىق ھەربىي خىزمەت تۇرمۇشىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەچكە مەندە بىرقەدەر ياخشى بولغان روھىي ھالەت بار، ئەڭ مۇھىمى مېنىڭ ئىرادەم تاۋلانغان، ئۇنىڭدىن ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ ئادەم بولۇشنىڭ نۇرغۇن داۋلىلىرىنى ئۆگەندىم. بولۇپمۇ بەزى ناتوغرا ئىستىللارغا چىش-تىرنىقىمدىن ئۆچلۈكۈم كېلىدۇ. بىراق بىر ئىش قەلبىمدە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغاچقا بۇنىڭدىن بىرمۇنچە تەجرىبە-ساۋاق ئالدىم. ھەر قېتىم ئاشۇ ئىش ئېسىمگە كەلسە قەلبىم لەرزىگە كېلىپ ئازابلىنىمەن. ئۇ ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق:
    1999-يىلى 9-ئايدا بازارلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مەن پارتكوم ئىشخانىسىدىكى بارلىق يولداشلار بىلەن بىرلىكتە بازار رەھبەرلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىشيۇسۈن كەنتىگە كېلىپ دېھقانچىلىق بېجىنى يىغىش خىزمىتىگە بىۋاسىتە قاتناشتۇق. ئەينى چاغدا ئومۇمى گەۋدە خىزمەتلەر قېپقالغان، تېخى تاپشۇرۇلمىغان پۇللارنى ئېنىقلاش باسقۇچىغا كىرگەنىدى. 12-ئاينىڭ باشلىرى بىر ئاخشىمى باج يىغىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قىلغان قارارىغا ئاساسەن، باج تاپشۇرۇش ۋەزىپىسىنى تېخى ئورۇنلىمىغان، پۇل سانى كۆپرەك بولغان بىرنەچچە ئائىلىگە كەنت رادىئو ئۇزىلى ئارقىلىق كەنت ئىشخانىسىغا كېلىپ باجنى تاپشۇرماسلىقنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى. باشتا كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى نەق مەيداندىلا تېخى تاپشۇرمىغان باجنى تولۇقلاپ تاپشۇردى، بەزىلىرى بىرقىسمىنى تاپشۇرۇپ، قالغان قىسمىنى مەلۇم مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پەقەت دۇڭ زىخۇەي ئىسىملىك بىر باج تاپشۇرغۇچى ئائىلە قانچە چاقىرغىنىمىز بىلەنمۇ كەلمىدى، كېيىن رادىئودا قايتا-قايتا سۈيلەۋەرگەندىن كېيىن خوتۇنى كەلدى، سورىغان سوئاللارغا بىلمەيمەندىن باشقا گەپ قىلمىدى، بەزىدە تېخى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەرنىمۇ قىلدى. مەن ئەگەر پۈتۈن كەنتتىكى ئاممىنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق بولسا بىزنىڭ باج يىغىش ۋەزىپىمىزنى قانداقمۇ ئورۇنلىغىلى بولار، باج يىغىشتىكى «ئۈچتە خاراكتېرلىك بولۇش»نى قانداقمۇ گەۋدىلەندۈرگىلى بولار؟ دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئەگەر بىز ئۇنىڭغا «يول قويساق»، بىز باج ئىشلىرى كادىرلىرىنىڭ «ئىنتىزامدا تۆمۈردەك قاتتىق بولۇش»تەك «تۆتتە تۆمۈردەك» بولۇش روھىنى قانداق گەۋدىلەندۈرۈش مۇمكىن؟ مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ بۇ ئايالغا يەنە بىر قېتىم مۇلايىملىق بىلەن:
    − قانداق سەۋەب بولۇشىدىن ۋە قىيىنچىلىقىڭىزنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باج ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىشىڭىز كېرەك، دېدىم. ئۇ بولسا: «قولۇڭلاردىن كەلگىنىنى قىلىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئەرۋاھىم ئۇچۇپ تەلەپپۇزۇم ئۆزگەردى ۋە دېيىش زۆرۈرىيىتى بولمىغان گەپلەرنى قىلىپ تاشلاپتىمەن. ئۇ ئايال مېنى تىللىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى ئۇردۇم.
    كېيىن مەن ئىزچىل تۈردە مۇشۇنداق كۆكەمە يېزا خوتۇنلىرىغا مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك دەپ قاراپ كەلگەنىدىم. چۈنكى بىز دېگەن پارتىيىنىڭ باج كادىرى، بىز ھەرگىز «رەھىمسىز» ئەمەس، مەنمۇ دېھقاننىڭ ئوغلى، دېھقاننىڭ قولىدىكى ھەر تىيىن پۇلنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. لېكىن بىز دېھقانچىلىق باج كادىرى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، باج يىغىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ۋەزىپىمىز. بىز بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىۋاتقان چېغىمىزدا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى تەسىرگە ئۇچرىتىشىمىز تەبىئىي. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈ تەڭشىگىلى بولمايدىغان زىددىيەت مەۋجۇت. ھالبۇكى ھەرقانداق بىر ھەققانىي ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن بەدەل بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
    «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، مەن ئۆزۈمنىڭ قىلمىشىمغا قارىتا بىر خىل سەگەك تونۇشقا ئىگە بولدۇم. بىر پارتىيە ئەزاسى، بىر دېھقانچىلىق باج كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەيلى قانداق شارائىت ئاستىدا بولسۇن، تىل-ھاقارەتكە ياكى تاياق ئاستىدا قالغان ھالەتتىمۇ بىر ئادەتتىكى پۇقرانى ئۇرماسلىقىم كېرەك. بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشى دەۋاگەرگە مەلۇم روھىي ۋە جىسمانىي بېسىم ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىزنىڭ خىزمىتىمىزگىمۇ نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. مەن بۇ يەردە دەۋاگەردىن چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
    بۇندىن كېيىن خىزمەت جەريانىدا مەن سىياسىي ، ئىدىيىۋى ۋە كەسپىي ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، تەربىيىلىنىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىشلەشتىكى شەكىل ۋە ئۇسۇللارغا دىققەت قىلىمەن، سەمىمىي خىزمەت ئىشلەپ، لاياقەتلىك دېھقانچىلىق بېجىنى مەخسۇس باشقۇرۇش خادىمى بولىمەن.

     

    XX تىن كەلگەن خەت
    18-ماي سائەت يەتتىدە، XX نىڭ خوتۇنى ماڭا بىر پارچە خەت ئەكېلىپ بەردى:
    «ما بۇجاڭ:
    سىز خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ كەنتىمىزگە كېلىپ تۇنجى قېتىم ئاچقان كەنت ئەزالىرى چوڭ يىغىنى بەك تەسىرلىك ئېچىلدى. ھەقىقەتەنمۇ ئاممىنىڭ قەلب ساداسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇ يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن دېھقانلار يىغلاپ كەتتى، مەنمۇ شۇنداق بولدۇم. يىغىندىن كېيىن بىز تولىمۇ ھاياجان ئىلكىدە قالدۇق ۋە كېيىن سىزنى ئىزدەپ بېرىپ چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. ئەمدى مەن گەپنى بەك ئۇدۇللا قىلىۋېتىدىغان ئوخشايمەن، بەلكىم رەنجىتىپ قويۇشۇم مۇمكىن، مەن سىزنىڭ كەڭ قورساق بولۇپ، مەندەك بىر ساۋاتسىز ئاددىي پۇقرانىڭ گەپلىرىنى كۆڭلىڭىزگە ئالماسلىقىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.
    مەن ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ كەتكىلى يەتتە كۈن بولدى، نۇرغۇن ئويلىدىم، راستتىنلا سىزگە ئۇنداق گەپلەرنى قىلمىسام بوپتىكەن. بۇمۇ مېنىڭ ساپاسىز، ساۋاتسىز ۋە گەپنى ئەپلەشتۈرۈپ قىلالمىغانلىقىمنىڭ كاساپىتى، شۇنداقتىمۇ كەنتتىكى بىرنەچچە ئىشقا مېنىڭ پىكرىم بار. بۇنىڭدا سىزنى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، كەنتىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، كەنتىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى تەرەققىياتقا ئىگە قىلىشىڭىزنى، كەنتىمىزنىڭ كادىرلار قوشۇنىنى ياخشى تەڭشەپ، كەنتىمىز ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، كەنتىمىزنى بېيىشقا يېتەكلىسىكەن دەيمەن. لېكىن ئويلىماپتىمەنكى كەنتىمىزدە ھەققانىيەت تېخى ئۈستۈنلۈككە چىقماپتۇ. بۈگۈنكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھەق گەپنى قىلغىلى بولمىغۇدەك، ھەق گەپنى قىلسىڭىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلار بار ئىكەن، بۈگۈن راستتىنلا مەن قايىل بولدۇم. ئاشۇنداق قىلغىنىمغا بەكمۇ پۇشايماندا قالدىم.
    ما بۇجاڭ، مەن سىزگە يەنە ئازراق يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتاي، مەن بىرنەچچە يىل ئىش باشقۇردۇم، ئاز-تولا مەسىلىمۇ يوق ئەمەس، بىراق مەن نەتىجەم كەمچىلىكىمدىن كۆپرەك دەپ قارايمەن. چۈنكى مەن بىرنەچچە تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش قىلدىم، كەنتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دۆلەتتىن ئاز بولمىغان مەبلەغ ھەل قىلدىم. لېكىن كېيىن ئىشلار قانداق بولدى؟ قەدىمكىلەر «ئىگىلىك تىكلىمەك قىيىن، ئىگىلىكنى تۇتۇپ تۇرماق ئۇنىڭدىنمۇ قىيىن» دەپتىكەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا بىزنىڭ كەنت قانداق ھالغا چۈشۈپ قالدى؟ ھەق گەپنى قىلسام، بەزى كۆڭلى قارا ئادەملەر مېنى ئاغدۇرماقچى ۋە مېنى تۈرمىگە كىرگۈزمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ. بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قېلىشىم تەڭرىنىڭ كۆزى كور بولۇپ قالغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتتە ھەققانىيەت يوق بولغانلىقىدىن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
    مەن كەنتتىكى 92 ئۆيلۈك دېھقاننىڭ ئارتۇق يىغىۋېلىنغان 5000 يۈەندىن كۆپرەك باج پۇلىغا قەرزدار. 1992-يىلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن قەرز ئېلىنغان 4000 يۈەنگە قەرزدار. 1993-يىلى 13 مىڭ يۈەن باج پۇلىنى يىغىۋالالمىدىم. بۇنىڭ 10000 يۈەنى ۋاڭ جىنباۋنىڭ گەدىنىدە، قالغان 3000 يۈەن بىرقانچە ئادەمنىڭ گەدىنىدە. ناھىيىلىك دېھقانچىلىق باج ئىدارىسىنىڭ رىۋىزىيە ئىشخانىسى بۇ پۇلنى ئالغىلى كەلگەندە مېنىڭ ۋەزىپەمنى ئۆتكۈزۈۋالغان ۋۇباۋرۇڭ بۇ ئىشقا ئىگە بولدى، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۇ پۇللارنى يىغىۋالالىغان-يىغىۋالالمىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بۇنىڭ بۇ قېتىم ھەل بولۇشىنى، كەنت كىشىلىرىنىڭ يەنە ماڭا قارشى چىقىپ يۈرمەسلىكىنى، پۇقرالارغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئالما سېتىۋېلىش مەركىزىدىن قەرز ئالغان مائاش پۇلى جەمئىي 10مىڭ يۈەنگە يەتمەيدۇ، كاسسىر ھېساباتى تەكشۈرۈلسە، يەنە پۇل بولۇشى مۇمكىن. ھازىرچە مەن قايتىپ كېلەلمەيمەن، قارىغاندا، ھازىر راكلارنى تۇتۇپ، بېلىقلار تۇتۇلمىغاندەك قىلىدۇ، مېنىڭ باشقا ئامالىم يوق، كەچۈرۈشۈڭلارنى سورايمەن. كەنتنىڭ ماڭا بېرىشكە تېگىشلىك پۇلىنىڭ ھەممىسىنى كۆپچىلىككە بېرىۋەتتىم، مەن ئالمايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھىمنى ئۆزۈم تارتىمەن، ما بۇجاڭنىڭ ماڭا بىر ھاياتلىق يولى بېرىشىنى سورايمەن، چۈنكى بالىلىرىم كىچىك، ئۇلارغا مەن بولمىسام بولمايدۇ، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى يۈرەك سۆزلىرىم، راست گەپلەر.
    ئاددىي پۇقرا XX
    2001-يىلى 18-ماي.

     

    خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قىسقىچە خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

    19-ماي سائەت 20 دە، ۋاڭ جەنشاۋنىڭ ئۆيى. مەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق خادىملىرى قاتناشقان قىسقىچە خۇلاسىلەش يىغىنىدا تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك مەسىلىنى سۆزلىدىم:
    1. خىزمەت نەتىجىسى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر.
    40 كۈندىن بۇيان، بىز بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشلاردىن ۋاز كەچتۇق. «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدۇق. ھەممەيلەن ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت ئىشلىدى. بولۇپمۇ بەزى يولداشلارنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بار، ئالمىلىق باغلىرىنى پەرۋىش قىلىش زۆرۈر بولسىمۇ، رۇخسەت سورىمىدى. بۇنداق «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى ئۆگىنىش «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتەك خوجايىنلىق روھ ھەممىنى خىزمەت ئۈچۈن، ھەممىنى ئامما ئۈچۈن ئاتا قىلىشتەك روھ مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. بۇمۇ بىزنىڭ خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتالىغانلىقىمىزنىڭ مۇھىم سەۋەبى.
    بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە نەتىجە يارىتىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىكنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدۇق. لېكىن يۇقىرى رەھبەرلىكنىڭ تەلىپى ۋە ئاممىنىڭ ئۈمىد قىلغىنى بىلەن ئوتتۇرىدا زور پەرق مەۋجۇت. بولۇپمۇ ئۆزىمىزدە ساقلانغان مەسىلىلەر چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك ھەم بۇنى ۋاقتىدا تۈزىتىشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىغان بولساق، بىزنىڭ ھەممە ئىشىمىز يوققا چىقىشى مۇمكىن.
    بىزدە ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتە مەسىلىلەر ساقلانماقتا: بىرىنچى، ناتوغرا كەيپىيات باش كۆتۈرۈپ قالدى. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىش، جەڭدىن بىزار بولۇش ۋە قىيىنچىلىقتىن قورقۇش كەيپىياتى. ئىككىنچى، يامان خاھىشلار باش كۆتۈرۈپ قالدى. مەسىلەن: ئەتىگەن تۇرماسلىق، سىنئالغۇ كۆرۈش، تەنھا ھالدا ئىقتىسادىي مەسىلىسى بار كادىرلار بىلەن ئۇچرىشىش، ھەتتا ئۇلار بىلەن ئاكا-ئۇكا دېيىشىپ ھاراق ئىچىشىش دېگەندەك. ئۈچىنچى، خىزمەت ئۇسۇلىغا دىققەت قىلماسلىق. سۆز قىلغاندا كەلگەن چاغدىكىدەك مۇلايىم بولماسلىق، تەكشۈرگەندە باشتىكىدەك ئەستايىدىل بولماسلىق.
    2. تۆۋەندىكىدەك خىزمەت ئىنتىزامىنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتەي.
    بىرىنچى، ۋاقتىدا دەم ئېلىپ، تاماق پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، قارتا ئويناشقا، ھاراق ئىچىشكە، سىنئالغۇ كۆرۈشكە ۋە تەنھا ھالدا ئىقتىسادىي مەسىلىسى بار كادىرلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ. بىز مۇزاكىرە قىلغان بەزى ئەھۋاللارنى ئۆز مەيلىچە تارقىتىشقا بولمايدۇ. ئۈچىنچى، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، ئۆزۈمنىڭكى راست دەپ ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا تۈزىتىش، كىمدە مەسىلە بولسا شۇ تۈزىتىش كېرەك.
    3. كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى (قىسقارتىلدى)
     ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۇسى باشلىقىنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى ۋە سۆھبەت يىغىنى.
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10 دىن ئۆتكەندە، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى، تەشكىلات بۇسىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ، ئۆلكىلىك پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى ئۆلكىلىك يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ جۇشۇ، ئۆلكىلىك پارتكوم ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جاۋجى قاتارلىق ئادەملەرنىڭ ھەمراھلىقىدا، شىئەندىن بىۋاسىتە شىگۇجىنغا كېلىپ شىگۇجىن بازارلىق پارتكوم شۇجىسى يۇەن پۇمىن بىلەن مېنىڭ قىلغان دوكلاتىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:
    − بۇ قېتىم كېلىشىم ئاساسلىقى چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنغانلىقى ۋە قايسى دەرىجىدە ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلىش، بۇ ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئۈچۈندۇر. ۋېنيەن دېگەن بۇ جايدا، يېزا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى بىرقەدەر تېز بولدى، ئەمما يېزىلاردا ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلەردىكى تىپلارمۇ بىرقەدەر كۆپرەك. بەزى نەرسىلەر ياخشىراق تەتقىق قىلىنىدىغان بولسا، ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم قوزغىتىشقا ئىگە بولالايمىز. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان مەن ۋېنيەنگە كۆپرەك كەلدىم. بىرىنچى قېتىم كەلگىنىمدە يەرلەرنى كۆتۈرە ئېلىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنى تەكشۈردۈم. باشتا ناھىيە، يېزا ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەممىسى زاپاس قالدۇرۇلغان يەر %5 بولسا بەك ئاز بولۇپ قالىدۇ دەپ نۇرغۇن ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. لېكىن كېيىن پۇقرالارنىڭ گېپىنى ئاڭلىسام ئۇلار %5 قالدۇرۇلسا بەك كۆپ بولۇپ كېتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى زاپاس يەر قالدۇرۇلماي ھەممىسىنى ئائىلىلەرگە كۆتۈرە بېرىۋەتسە تېخى ياخشىراق بولىدۇ، دېيىشتى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشتىن بىر خۇلاسىگە ئىگە بولدۇم. يېزا خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، پۇت دەسسەپ تۇرۇش نۇقتىسى، چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاساسىي ئەمەلىيلىشىش نۇقتىسىنى زادى قەيەرگە قويۇش كېرەك؟ ئەگەر سەن پەقەت كادىرلارنىلا كۆزدە تۇتساڭ، يەنە %5 قالدۇرغىنىڭ بىلەنمۇ يەتمەيدۇ، قالدۇرغىنىڭ قانچە كۆپ بولسا، كىرىم شۇنچە جىق بولىدۇ، پۇل خەجلىگەندە شۇنچە كەڭ قول بولىدىغان گەپ؛ ئەگەر پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتى كۆزدە تۇتۇلسا، ئۇ ھالدا %5 تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. بەزى جايلاردا كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت-بەش مو، يەتتە-سەككىز مودىن يەر توغرا كېلىدۇ، شۇڭا %3 قالدۇرۇلسىلا كۇپايە قىلىدۇ، چوقۇم %5 قالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىرى چوڭقۇر بولدى. يەرلەرنى كۆتۈرىگە بېرىش مۆھلىتىنى 30 يىلغا ئۇزارتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بۇنى زادى قانداق ئىگىلەش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
    ئىككىنچى ئىش، بۇلتۇر خەنچىڭ، يۇچىڭ قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا بەزىلەر «ھازىر كەنت ھەيئىتى كۈچلۈك، پارتىيە ياچېيكىسى ئاجىز» دېدى. بۇ كەنت ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى بەك چوڭ بولۇپ كېتىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى بۇرنىدىن يېتىلەيدۇ، دېگەنلىك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەن كەنت ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى بەك چوڭ بولۇپ كەتكەن ئەمەس، بەلكى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خىزمىتى كەنتلەردە ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشتەك يېڭى ۋەزىيەت تەلىپىگە ماسلىشالمىغان، دېگەن تەسىراتقا كەلدىم. دەرۋەقە، بەزى كەنت كادىرلىرى قائىدىلەرنى چۈشەنمەي، پارتىيە ياچېيكىسىنى ھۆرمەت قىلمىغان، بۇ خىل ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت. كەنت ھەيئەتلەر يىغىنى كەنت ھەيئىتىنىڭ ئالتە تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى بېكىتكەن. يەنە قانداق ئىشنى كەنت ئەزالىرى ۋەكىللىرىدىن ئۆتكۈزۈش، قانداق ئىشنى بارلىق كەنت ئەزالىرىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش دېگەندەك، بۇ قائىدىلەر بەكمۇ مۇكەممەل بولۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇق ئىنتايىن ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. چۈنكى ئۇنىڭ ئاممىۋى ئاساسى بىرقەدەر ياخشى. بەزىلىرىنى كەنت ئەزالىرى بىۋاسىتە سايلايدۇ، ئۇنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنى پۇقرالار، ھالبۇكى پارتىيە ياچېيكىسىنى بولسا ئاشۇ ئون نەچچە ياكى نەچچە ئون پارتىيە ئەزاسى سايلايدۇ. كەنت ئەزالىرىنى ئاپتونومىيىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خىزمىتى بۇ خىل ۋەزىيەتكە قانداق لايىقلىشىش، تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك بىر تەخىرسىز مەسىلە. كەنت ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى بەك چوڭ بولۇپ كەتتى دەپ ئۇنىڭ بىرقىسمىنى ئېلىۋەتسەك بولمايدۇ. ھالقىنىڭ ھالقىسى، پارتىيە خىزمىتى كەنت ئەزالىرى ئاپتونومىيىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى خىزمەت ئېھتىياجىغا ماسلىشالمىغان گەپ.
    ئۈچىنچى ئىش، چىشيۇسۈن مەسىلىسى. دەسلەپ مەنمۇ بىلمەپتىمەن. شىنخۇاشېنىڭ ئىچكى پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا بېسىلىپتۇ. سىلەر باج يىغقاندا پۇقرالار بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى دەپتۇ. پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىمۇ ئېغىر بولۇپ كەتتى دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ياچېيكا شۇجىسىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىپسىلەر. كېيىن پۇقرالار تەشكىللىنىپ يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ساقچىخانىنى ئۇرۇپ-چېقىپتۇ. زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كېتىپ، پارتىيە ياچېيكىسى تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ. بۇ ئەھۋاللار شىنخۇاشېنىڭ ئىچكى پايدىلىنىش ماتېرىيالىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەركەزدىكى ما جۇڭچىن تەستىق ساپتۇ. ئۆلكىلىك پارتكومدىكى ئەي پىيشەنمۇ تەستىق سالدى، ئەينى چاغدا ئۆلكىنىڭ پىكرى خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ ئالدى بىلەن «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى ئۆگىنىپ، ئىدىيەتونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىدى. ما بۇجاڭنىڭ خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلامچىلىقىدا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە كەنتتە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بارلىققا كېلىپ ۋەزىيەت كۆپ ياخشىلىنىپتۇ. بايا يۈەن شۇجىنىڭ دېگىنىگە قارىغاندا، سىلەر بازاردا «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى ئۆگىنىپ سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ، ئويلىنىپ، خۇلاسىلەپ، پىكىر ئاپسىلەر، ئاندىن كەنتكە بېرىپ پۇقرالاردىن پىكىر ئاپسىلەر. ئامما ئالدىدا ناماقۇل بولۇپ، كەنت ئەزالىرى چوڭ يىغىنىدا ئۆزۈڭلارنى تەكشۈرۈپسىلەر. يەنە ياچېيكا شۇجىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپسىلەر. رادىئو ئۇزىلىدا ۋارقىراپ ئاممىنى جېدەل تېرىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان ھېلىقى لى سۇخۇا قېچىپ كەتكەن يېرىدىن قايتىپ كېلىپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈشنى تەلەپ قىپتۇ. بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىكى تۈپكى سەۋەب ئېلىنىۋاتقان باج زادى ئېغىرمۇ، ئەمەسمۇ؟ ئۇنى پۇقرالار كۆتۈرەلەمدۇ، يوق. باج يىغىش دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ قىلىدىغان ئىشى، بۇنىڭدا يېنىكلىك بىلەن ساقچىخانىدىن بېرىپ ئادەم تۇتۇشقا بولمايدۇ-دە. سىلەر ھازىر ياخشى بىرنەرسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇڭلار. مېنىڭچە، يېزىلاردا زىددىيەت بەك كۆپ، بولۇپمۇ پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر بولۇپ، بەزى جايلاردا تولىمۇ كۆرۈنەرلىك. ئۇنداقتا بۇ كۆرۈنەرلىك زىددىيەتلەرنى قانداق ئامال بىلەن ھەل قىلىش كېرەك؟ دىكتاتورا يولى، مەمۇرىي بۇيرۇق شەكىللىرى ئەمدى ئاقمايدۇ، ئۇنداق قىلساق زىددىيەتلەرنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ قويىمىز. لېيبىينىڭ مەسىلىسى، ۋۇلىپۇنىڭ مەسىلىسى، چىشيۇنىڭ مەسىلىلىرى مەمۇرىي بۇيرۇق، دىكتاتورا ئۇسۇللىرىنىڭ زىددىيەتلەرنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. سىلەر چىشيۇسۈن كەنتى «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» ئىدىيىسىنى ئۆگىنىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، كادىرلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىپسىلەر. ئۈنۈم تېز، ئۆزگىرىش ئىنتايىن زور ئىكەن. ناھىيە، بازار، كەنتتىكى كادىرلار «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى ئۆگىنىپ، سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ، ئاممىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، ئىشلارنى ئامما بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كەنتتە يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە ناماقۇل بولۇپ مەسىلىلەرنى ھەل قىپتۇ. ئامما ئۈچۈن ئىش قىلىپ بەرسەڭلار ئەلۋەتتە ئامما ياخشى دەيدۇ. ما بۇجاڭ يازغان خاتىرە ئىنتايىن ياخشى ھەم تولىمۇ چىن يېزىلىپتۇ. كادىرلار بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىشىنى، بەزى جايلاردا نەچچە ئون يىل خىزمەت ئىشلەپمۇ ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. دېمەك، سىز خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالمىدىڭىز دېگەن گەپ. دېھقانلارنىڭ قورسىقى دەردكە تولۇپ، ئۇۋالچىلىق ۋە غەزىپى تېشىپ كەتكەن، بۇنداق قىسمەت كادىرلاردىمۇ بار. ئۇسۇل قاتتىق بولۇپ كەتسە پۇقرالار غوۋغا تېرىيدۇ، ۋەزىپە ئورۇنلانمىسا تەنقىد ئاڭلايدىغان گەپ. لېكىن ئالدى بىلەن كىمنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك؟ ئەلۋەتتە يەنىلا پۇقرالارنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. ما بۇجاڭ يازغان خاتىرە ئىنتايىن ياخشى ئىكەن، ئۇنى ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن ئۇنى تارقىتىش ھەققىدە مەن تېخى بىر قارارغا كەلمىدىم.
    زىيارەت قىلىش، سائەت 15 تىن ئۆتكەندە لى بۇجاڭ قاتارلىق بىر يۈرۈش ئادەم چىشيۇسۈن كەنتىگە كېلىپ تاملارغا چاپلىۋېتىلگەن كادىرلارنىڭ ھېسابات جەدۋەللىرىنى كۆردى. ۋاڭ جىشاۋ، ۋاڭ جاڭشاۋ، داڭ يىنساڭ، ۋىن يۆيىڭ قاتارلىق ئون نەچچە ئائىلە ئاممىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلار دەرد-ئەھۋاللىرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى ۋە كەنت خىزمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇزۇندىن كېسەل تارتىپ ئائىلىسى قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاڭ جژشاۋنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە لى بۇجاڭ يېنىدىن 100 يۈەن چىقىرىپ ئۇنى يوقلىدى.
    سۆھبەت يىغىنى. سائەت 17 دىن ئۆتكەندە لى بۇجاڭ قاتارلىق ئادەملەر خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. كۆپچىلىك بەس-بەستە پىكىر بايان قىلدى.

     

    كەنت مۇدىرىنى تولۇقلاپ سايلاش چوڭ يىغىنىدىن ئىلگىرى قىلىنغان سۆز

    23-ماي سائەت 5 ئەتراپىدا، مەن تېخى ئۇخلاۋاتقانىدىم. رادىئو ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. ئورنۇمدىن تۇرغاندىن كېيىن يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇپ كەنت ئىشخانىسىغا كەلدىم.
    ۋۇمىخې، ۋۇلىڭشىن قاتارلىق ئاكتىپلار ئىشخانىغا پىلاكات ئېسىۋاتقانىكەن، كەنت ئىشخانىسى يېڭىچە بىر قىياپەتكە كىرگەن بولۇپ، رەڭدار بايراقلار ئېسىلىپ كەتكەنىدى. تۆرىگە ئېسىلغان «چىشيۇسۈن كەنت ھەيئىتىنىڭ تولۇقلاپ سايلاش چوڭ يىغىنى» كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى. سائەت ئالتىدىن سەل ئۆتكەندە ئامما يىغىن مەيدانىغا ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. سائەت ئالتىدىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە رەسمىي سايلام ئېلىپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى مەن ئۈچ مەسىلە ھەققىدە سۆزلىدىم:
    1. تەشەككۈر ۋە ئۈمىد
    ئاممىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. بىز 4-ئاينىڭ 9-كۈنى كەلگەندىن بۇيان، ئامما بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى ناھايىتى ياخشى قوللىدى. گۇرۇپپا كادىرلىرىنى، كەنت كادىرلىرىنى سايلاشقا كۆپچىلىك ئاكتىپ قاتناشتى. مانا بۈگۈن مۇشۇنچىۋالا نۇرغۇن ئادەم ئەتىگەن تۇرۇپ يىغىنغا كەپتۇ، بۇ مۇشۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن ئاممىنىڭ ئىلگىرىكىدەك «قىزىل قەغەز»دىكى «رادىئودىكى» كادىرلارنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
    ئاكتىپلارغا رەھمەت. بۇ ئاكتىپلارنىڭ ئەڭ چوڭى 71 ياش، ئەڭ كىچىكى 20 ياش. ئۇلار كەنت ئىشخانىسىنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ، يىغىن مەيدانىنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە يىغىن تەرتىپىگە مەسئۇل بولدى.
    مەن كۆپچىلىكنىڭ ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزلىرى ئىشىنىدىغان كادىرنى سايلاپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرمۇنچە ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بەزىلەر سايلام بېلىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇياق-بۇياققا قاتراپ يۈرگۈدەك، لېكىن مەن ئاممىنىڭ كۆزى روشەن، كۆڭلى يورۇق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق نىيىتى دۇرۇس ئەمەس ئادەملەرنى سايلىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
    مەن سايلىغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس بىر بېلىتىنى ئەستايىدىل ئويلاپ ياخشى تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    بۈگۈن يىغىنغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ھەممە ئىشتا قوماندانلىققا بويسۇنۇشىنى، 1999-يىلى يۈز بەرگەن «يىغىن چېقىش» تەك ھۆكۈمەتسىزلىك ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر پىكرى بولسا تەشكىلىي تەرتىپ بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.
    2. تەبرىك ۋە ئۈمىد
    بۈگۈن مەيلى كىملا مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ سايلانسۇن، ھەممىسىنى تەبرىكلەيمەن.
    يېڭىدىن سايلانغان كەنت مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ئاممىنىڭ ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى كەنتىمىزدىكى 1743 جۈپ كۆز سىلەرگە تىكىلمەكتە. مەن تۆۋەندىكىدەك ئۈمىدىمنى دەپ ئۆتەي:
     بىرىنچى، بەدەن ساغلام ھەم قاۋۇل بولۇش كېرەك. يېزا خىزمىتى جاپالىق، بۇنىڭغا ساغلام بەدەن بولمىسا بولمايدۇ. خوتۇنلىرىڭلار سىلەرگە ئوبدان تاماقلارنى ئېتىپ بەرسۇن. لېكىن كۆپ يەۋېلىشقا، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە چاڭ سېلىشقا بولمايدۇ. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئاممىنى بېيىتىش يولىغا يېتەكلەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
    ئىككىنچى، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش. پۈتۈن كەنتنى يېزىلىق ھۆكۈمەت چۈشۈرگەن ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا تەشكىللەشكە مەسئۇل بولۇش ھەمدە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش كېرەك؛ دائىم ئامما ئارىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، يۇقىرىغا دېھقانلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ تۇرۇش كېرەك؛ مەزكۇر كەنتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ھەمدە پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەشكىللىشى كېرەك؛ كەنت ئەزالىرىنى ئۇچۇر، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ھاللىق سەۋىيىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
    ئۈچىنچى، ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش. ئىتتىپاقلىق كۈچ دېمەكتۇر، ئىتتىپاقلاشساق بىيىغىلى بولىدۇ. يۇقىرىتۆۋەن، كونىلار بىلەن يېڭىلار، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىش كېرەك.
    3. بىزنىڭ ۋەدىمىز.
    بىز كەتمەيمىز. بەزىلەر بىزنى ئىككى ھەيئەت بەنزىسىنى سايلاپ بولغاندىن كېيىن كېتىدىكەن، دەپتۇ. بۇ يەردە مەن كۆپچىلىككە ۋەدە بېرىمەنكى، بىز كەتمەيمىز. بۇنىڭ سەۋەبى تۆت. بىرىنچى، مالىيە ئىشلىرى تېخى تولۇق ئېنىقلىنىپ بولمىدى؛ ئىككىنچى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى ئۆگىنىش پائالىيىتى تېخى ئاياغلاشمىدى؛ ئۈچىنچى، يېڭى بەنزە قۇرۇلغاندىن كېيىن بىز ئۇنى ئاتقا مىنگۈزۈپ بىر مەنزىل ئۇزىتىپ بارىمىز؛ تۆتىنچى، بەزى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بار، ئۇنى بىز ياردەملىشىپ ھەل قىلىمىز.

     

    مېنىڭ سۆز تېكىستىم
    14- ئىيۇن. ۋېنيەن شەھىرىنىڭ گوشيۇمىڭدىن ئۆگىنىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك سۆز تېكىستىنى يازدىم:
    ئاممىنى كۆزدە تۇتۇشنى ئاساس قىلىپ، ياخشى چاكار بولىمىز.
    ئىسمىم مايىڭلۇ، خېياڭدىن، 1956-يىلى تۇغۇلغان، 1974-يىلى ھەربىيلىككە كىرگەن، 1976-يىلى پارتىيىگە كىرگەن، 1991-يىلى تۇەندە كادىر بولغان، 1999-يىلى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ بەيشۈي ناھىيىسىگە ئورۇنلاشقان ۋە ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى-تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
    كەسىپ ئالماشتۇرۇشتىن ئىلگىرى مائاشىم يۇقىرى، پاراۋانلىق تەمىنات ياخشى، خىزمەت مۇھىتىم ياخشى ئىدى. كەسىپ ئالماشقاندىن كېيىن مائاشىم تۆۋەنلىدى، پاراۋانلىق تەمىناتىممۇ بۇرۇنقىغا يەتمىدى، خىزمەت بەك ئالدىراش، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئىشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. بولۇپمۇ بەزى ئەرز-شىكايەت قىلغۇچىلارنىڭ ماشىنىنى توسۇۋېلىپ قىلغان زەھەرخەندە گەپلىرى يۈرىكىمگە نەشتەردەك سانجىلدى. يەرلىكتە خىزمەت ئىشلىمەك ھەقىقەتەن تەس ئىكەن!
    بۇلتۇر «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» بويىچە ئۆگىنىش تەربىيە ھەرىكىتىگە قاتناشقاندىن كېيىنلا مەن تەدرىجىي ھالدا ئاممىنى چۈشەندىم، بولۇپمۇ بۇ يىل 4-ئايدىن بۇيان، مەن گوشيۇمىڭنى ئۈلگە قىلىپ، خىزمەت ئەترىتىنى يېتەكلەپ، بۇرۇن ساقچىخانا ۋە بازارلىق ھۆكۈمەتنى ئۇرۇپ-چاققان شىگوجىن بازىرىغا قاراشلىق چىشىيۇسۈن كەنتىگە چۈشۈپ تۇرغان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى، ئاممىغا بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى ھەم چۈشەندىم، شۇنداقلا ئاممىغا يېقىنلاشتىم.
    ئۇلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ پاك، ئەڭ ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئىكەن.
    ئۇلارنىڭ قورسىقى دەرد-ئەلەم، ئاغرىنىش ۋە غەزەپ بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ... ئۇنى ئېيتىپ قورسىقىنى بوشىتىۋالغۇدەك ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن...
    ئۇلارنىڭ پارتىيىگە بولغان ئىشەنچىسى قالماپتۇ، ئۇلارنىڭ كادىرلارغا ئاداۋىتى بار بولۇپ، كادىر بولغانلارنىڭ ئىچىدە ياخشى ئادەم يوق،دەپ قارايدىكەن. بىز بارغاندىن كېيىن ئۇلار: «يەنە بىر توپ ئىت بىرنېمىلەر كەلدى» دەپ تىللىدى.
    بىز ھەر بىرىمىز بەش يۈەندىن كۈنلۈك تاماق خىراجىتى تاپشۇردۇق، پەقەت بىر ئائىلە تاماق ئېتىپ بەرگىلى ئۇنمىغاچقا، ئىككى نەپەر خىزمەت ئەترىتى خادىمى تەييارچۆپ يېيىشكە مەجبۇر بولدى.
    بىز يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تۈزۈم بېكىتتۇق؛ ئامما بىزنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشىمىزنى خالىمىسا بىز مەكتەپتە ياتتۇق؛ كەچتە پارتىلارنى جۈپلەپ كارىۋات ئورنىدا ئىشلەتتۇق؛ ئامما بىزگە تاماق ئېتىپ بەرگىلى ئۇنىمىسا، بىز تەييارچۆپ سېتىۋېلىپ چىلاپ ئىچتۇق؛ ئامما تىللىسا بىز جاۋاب ياندۇرمىدۇق؛ ئامما غەزەپلەنسە، بىز خاپا بولمىدۇق. قارتا ئوينىماي، ھاراق ئىچمەي، ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ ئاممىنىڭ ساداسىنى تىڭشىدۇق.
    ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئامما بىزنىڭ ھەقىقىي پارتىيە ئەزالىرى ئىكەنلىكىمىزنى، بىزنىڭ يەپ-ئىچكىلى كەلگەن ئەترەت، ئادەم كولدۇرلاتقىلى كەلگەن ئەترەت، دىكتاتورا يۈرگۈزگىلى كەلگەن ئەترەت ئەمەسلىكىمىزنى كۆرۈپ، ئۇلار ھاياجانلىنىپ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلدى، كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاپ كەتتى ۋە غەزەپلىك سوئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى...
    چىشىيوسۈن كەنتىدە بەش گۇرۇپپا، 1743 نەپەر ئادەم، 443 ئۆيلۈك ئادەم ۋە 42 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار، 2400 مو تېرىلغۇ يەر، 1700 مو باغ بار بولۇپ، كەنت دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ %90 ى ئالمىدىن كىرىدۇ، %98 دېھقان ئائىلىسى ئالما ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق تېرىمايدۇ، ئاشلىقنى پۇلغا سېتىۋېلىپ يەيدۇ، بۇ ئالمىغا تايىنىپ بېيىغان كەنت، شۇنداقلا بەيشۈي ناھىيىسىدىكى دېھقانچىلىق ئالاھىدە بېجى كۆپرەك 10 كەنتنىڭ بىرى. ئالمىنىڭ پايدىسى ياخشى بولغان چاغلاردا، پۈتۈن كەنتنىڭ 700 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك باج ۋەزىپىسى 10 نەچچە كۈندىلا تولۇق يىغىلىپ بولغان. بىراق 1997-يىلىدىن بېرى ئالما بازىرىدا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەچكە باھا بارغانسېرى چۈشۈپ كەتكەن، بۇنىڭغا نەچچە يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق، قۇم-بوران، ئۈششۈك، مۆلدۈر قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئالمىنىڭ مەھسۇلاتى زور دەرىجىدە كېمىيىپ، كىرىم ئازلىغان، نەتىجىدە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلەپ كەتكەن. بەزى ئائىلىلەر بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا قۇربى يەتمىگەن، بەزىلىرى تېخى باجنى بانكىدىن قەرز ئېلىپ تۆلەشكە مەجبۇر بولغان، بەزىلىرى ئەتىيازدا قازانمۇ ئاسالماي قالغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بەزى كادىرلار خىزمەت ئۇسۇلىغا دىققەت قىلماي، خىزمەت ئىستىلىدا زوراۋانلىق قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى بارغانسېرى چوڭايتىۋەتكەن.
    بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بازارلىق دېھقانچىلىق باج كادىرى ۋاڭ يۈمىننىڭ ئۆيىگە باج يىغقىلى بارغاندا پوزىتسىيىسى ياخشى بولماي، قوپال گەپلەرنى قىلغان. ۋاڭيۈمىننىڭ ئوغلى ۋاڭ جۈنسىڭ بۇنىڭغا چىدىماي قول سېلىپ باج كادىرىنى ئۇرغان. باج كادىرى بۇ خاپىلىقنى ئىچىگە سىغدۇرلماي، ساقچىخانا ۋە بازار رەھبەرلىرىنى ئىزدىگەن، شۇنىڭ بىلەن كەچتە «ئادەم تۇتۇشنى» قارار قىلغان.
    26-چېسلا سەھەردە ساقچىخانا ئىككى ساقچى ماشىنىسى چىقىرىپ، ۋاڭ ئائىلىسىدىكى تۆت ئادەمنى قولىغا كويزا سېلىپ (بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋاڭشاۋخۇا 16 ياشقا كىرگەن) ساقچىخانىغا ئېلىپ كەلگەن. چىشيۇسۈن كەنتى ۋە قوشنا كەنتتىكىلەر بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزىپى كەلگەن، نەچچە يۈز ئادەم بىردىنلا بازارغا دەۋرەپ كەلگەن، كاللىسى قىزىپ، ئەقلىنى يوقاتقان ئامما غەزىپىگە پايلىماي ساقچىخانا ۋە بازارلىق ھۆكۈمەتكە بېسىپ كىرىپ، دېرىزە ئەينەكلىرى، قائىدە-تۈزۈملەر يېزىلغان تاختىلارنى چېقىۋەتكەن، ئىشخانىلارنىڭ بىرقىسىم ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ، ساقچىخانىنىڭ ساقچى ماشىنىسىنى ئۆرۈپ ۋە چېقىۋېتىپ، قولىغا كويزا سېلىنىغان ۋاڭ ئائىلىسىدىكى «تۆت ئادەمنى» قۇتقۇزۇۋالغانلىقىدەك، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان ئېغىر ۋەقە كېلىپ چىققان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ناھىيىلىك پارتكوم جىددىي يىغىن ئېچىپ، بىر تەرەپتىن مۇقىملىق خىزمىتى ئىشلىدى، يەنە بىر ياقتىن ئەينى چاغدا رادىئو ئۇزىلىدا «ئادەم قۇتقۇزۇڭلار» دەپ توۋلىغان لىسۇخۇانىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى. شۇ سەۋەبتىن لىسۇخۇا قاتارلىق ئادەملەر سىرتلاردا تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت يوشۇرۇنۇپ يۈردى. ۋاڭ يۇۋىن كويزىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەرز قىلدى. چىشيۇسۈن كەنتىدىكى ئامما بىلەن بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانا «رەقىبلەر»گە ئايلىنىپ، ئىنتايىن زور يوشۇرۇن ئاپەت ساقلىنىپ قالدى.
    چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ مەسىلىسى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنخۇاشېنىڭ ئىچكى پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا بېسىلغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك يېزىلاردا «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى ئۆگىنىش تەربىيە ھەرىكىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ۋاڭ جۇڭچىن، ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى چىشيۇسۈن كەنتىىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە مۇھىم تەستىق سالدى. ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى ۋۇماڭچىڭ ئومۇمىي مەسئۇل بولۇش، مەن گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش، يېزا خىزمىتىدە تەجرىبىلىك، قابىل يولداشلارنى يۆتكەپ خىزمەت ئەترىتى تەشكىل قىلىپ، چىشيۇسۈن كەنتىگە چۈشۈپ، شىگۇجىن بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشنى قارار قىلدى.
    بىز كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، دېھقان ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈش، ئاممىنى زىيارەت قىلىش، پىكىر ئېلىش جەدۋىلى تارقىتىشتەك شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدۇق، نەتىجىدە گەرچە مەسىلە كەنتتە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يىلتىزى بازاردا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. بازاردىكى رەھبەرلەر ۋە كادىرلار ئەينى چاغدا بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن، ئۇلار بىزنى كەنت كادىرلىرى ۋە «غوۋغا چىقارغان» دېھقانلارغا تەربىيە-تەنقىد بەرگىلى كەلگەن، دەپ ئويلاپ قالغان. تونۇشتىكى بۇنداق «تەتۈر پەرق»كە قارىتا، ناھىيىلىك پارتكوم شىگۇجىن بازىرىدا ھازىرچە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» بويىچە ئۆگىنىش تەربىيىسى ھەرىكىتىنىڭ تەرتىپكە سېلىپ ئۆزگەرتىش باسقۇچىنى ئېلىپ بارماي، قايتىدىن «ئىدىيە» بويىچە دەرس تولۇقلاش ئېلىپ بېرىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» ئىدىيىسى بويىچە چىشيۇسۈن كەنتىدە يۈز بەرگەن مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدا تونۇشنى ئۆزگەرتىپ، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشلارنى چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ مەسىلىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنى قەدەممۇ قەدەم پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ؛ ئالمىنىڭ پايدا ئۈنۈمى ياخشى بولغان چاغلاردا چىشيۇسۈن كەنتىدە 700 مىڭ يۈەنلىك باج تاپشۇرۇش ۋەزىپىسى 10 كۈندىلا ئوڭۇشلۇق ئورۇنلانغان، شۇنداق ئىكەن ئاممىنى باج تاپشۇرۇشنى خالىمايدۇ، باج تاپشۇرۇشقا قارشى دېسەك بولامدۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئالمىنىڭ بازاردىكى سېتىلىشى ياخشى بولمىدى، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىپ، ئاممىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكىنى پاكىت ئەمەسمۇ؟ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىز ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنىلا تەكىتلەپ، باجنى يىغالمىساق قاتتىق ئۇسۇللار بىلەن ئاممىنى «ئەدەپلىسەك» ئاممىنىڭ پىكرى چىقماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ ئامما ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان، ھەتتا جىسمانىي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولماي قېلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، تاپتىن چىققان ئىشلارنى قىلىپ قويسا، بىز يەنىلا ئاممىنى ئەيىبلىيەلىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ بىزنىڭ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلماي، ئامما بىلەن «قارىمۇ-قارشى ئىش قىلىش»تەك ھەرىكىتىمىزنى كۆپ ساندىكى ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىش دېگىلى بولامدۇ؟ مۇشۇ مەسىلىلەرنى تۇتۇپ كۆپچىلىك «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى.
    بىرىنچى، مەيدانىنى تەكشۈرۈش، يەنى كۆڭلۈمدە ئامما بارمۇ-يوق؟ مەسىلىلەرنى ئويلىغاندا، ئىش بېجىرگەندە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلدىمۇ-يوق؟ ئىككىنچى، ھېسسىياتىنى تەكشۈرۈش، خىزمەت ئۇسۇلى، پوزىتسىيىسىدە ئاممىغا بولغان ھېسسىياتىدا مەسىلە بارمۇ-يوق؟ باج يىغقاندا قىلغانلىرى ئاممىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار يەتكۈزدىمۇ-يوق؟ ئۈچىنچى، خىزمەت ئىستىلىنى تەكشۈرۈش، ئۆزىنىڭ ئاممىدىن ئايرىلىپ قالغان-قالمىغانلىقىغا قاراپ «چاكار» بىلەن «خوجايىن» مۇناسىۋىتى دەل جايىدا جارى قىلدۇرۇلدىمۇ-يوق؟ بۇنداق سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆگىنىش «قۇرۇقتىن-قۇرۇق بولۇش»تىن «دەلمۇ-دەللىك»كە ئىگە بولدى. بازار رەھبەرلىرى ۋە كادىرلار ئىلگىرىكى «بىزنىڭ توغرا، ئاممىدا مەسىلە بار» دېگەن خاتا تونۇشتىن خالىي بولۇپ، كۆپچىلىك تەدرىجىي ھالدا مەسىلە گەرچە كەنتتە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يىلتىزى بازاردا، تۈپكى سەۋەب يېزابازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە كادىرلار خىزمەت جەريانىدا «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نىڭ تەلىپىگە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە ئاساسىي مەقسەت كۆزقارىشى، ئاممىغا بولغان كۆزقارىشى، چاكار كۆزقارىشى مۈجمەللىشىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن ھەمدە ئاممىنىڭ ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلمىغان.
    خاتالىقنى تونۇغانىكەن، ئۆزگەرتىش كېرەك. شىگۇجىن بازارلىق پارتكوم خاتالىقىنى تۈزىتىشنى ئۆزلىرىنىڭ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» ئىدىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى. بازارلىق پارتكوم شۇجىسى يۈەن پۇمىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم خىزمىتىدىن توختىتىپ قويۇلغان كەنت ياچېيكا شۇجىسى بىلەن كۆڭۈل-كۆكسىدىن چىقىرىپ سىرداشتى، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى چىن كۆڭلىدىن تەكشۈرۈپ، ئۆزئارا كەچۈرۈۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. كەنت بويىچە ئېچىلغان پارتىيە ئەزالىرى چوڭ يىغىنىدا، يۈەن پۇمىن چىشيۇسۈن كەنتىدىكى بارلىق دېھقانلار، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ۋاڭ يۈتيەندىن كەچۈرۈم سورىدى ھەمدە بازارلىق پارتكومنىڭ ۋاڭ يۈتيەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خىزمىتى نورمال ئىزىغا چۈشتى.
    يۈەن پۇمىن تۇرمۇشى قېيىنچىلىقتا قالغان ۋاڭ چۇەنچىڭ بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سورىدى ھەمدە يېنىدىن 100 يۈەن چىقىرىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى، بوۋاي تەسىرلىنىپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى ۋە ھاياجانلانغان ھالدا:
    − يۈەن شۇجىنىڭ ئۆيۈمگە كېلىشىنى ئەسلا ئويلىمىغانىدىم. ئۆتكەنكى ئىشلاردا بىزنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىمىز بار. بۈگۈن قىلغان گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم يورۇپ يېپيىنىكلا بولۇپ قالدىم،−دېدى.
     يۈەن پۇمىن يەنە كەنتنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار ۋە ئۆتكەندە باج يىغقاندا ئامما بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان باج كادىرلىرىنى باشلاپ ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باج يىغىشتا ئازار يەپ قالغان لېي جەنپىڭ قاتارلىق توققۇز ئائىلە دېھقاننىڭ ئالدىغا بېرىپ سەمىمىي كەچۈرۈم سورىدى. ۋاڭ چۇەنچېڭ بوۋاي بازار رەھبەرلىرى ۋە كادىرلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆيىگە كېلىپ كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى كۆرۈپ، قىزغىنلىق بىلەن مېۋە-چېۋە، گازىر-پۇرچاقلارنى چىقىرىپ كۈتۈۋالدى ھەمدە ئوغلى ۋاڭ يۈۋىن ئىلگىرى ئەرز قىلغاندا ئىشلەتكەن ئۈچ كويزىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
    «كويزا» مەسىلىسى ھەل بولدى، لېكىن مالىيە مەسىلىسى گەۋدىلىنىپ چىقتى.
    چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ 1991-يىلىدىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتىگەن بەش نۆۋەتلىك كەنت مۇدىرلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئامما ئۇلارغا 269 مىڭ يۈەن قەرز ئىكەن، بانكىنىڭ 165 مىڭ يۈەن ئۈسۈمى تېخى بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن. ئامما بىزدىن: «كادىرلارنىڭ ئائىلىسى بانكا بولمىسا، بىزدە قانداقسىگە شۇنچە كۆپ پۇل بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار كەنتكە ھېچقانداق ئىش قىلىپ بەرمىگەن تۇرسا، قانداقسىگە شۇنچە جىق پۇل خەجلىنىپ كېتىدۇ؟» دەپ سوراشتى. پۇلنىڭ ئىشى كىچىك ئىش، ئەڭ مۇھىمى، بۇ كەنت كادىرلىرى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ھەيئىتىنىڭ تامغىسىنى بەرمەي باستۇرۇۋېلىپ: «تامغىنى ئالىمەن دېسەڭلار، پۇلنى ئەكېلىڭلار» دەپ جار سېلىپ، كوللېكتىپنىڭ باغلىرىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىپ، كەنتنى ئېلىشتۇرۇپ تىنچ قويمىغانىدى. بىز كەنتكە چۈشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بەزىلەر تېخى: «مېنىڭ ھېساباتىمدا مەسىلە يوق» دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ، باشقىلارنى مەسىلىسى بار دەپ پاش قىلغانىدى. يەنە بىزگە تەھدىت سېلىپ: «سىلەر بىزنىڭ كەنتنىڭ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلالمىساڭلار كېتىشنى خىيال ئەيلىمەڭلار» دېگەنىدى. بەزى ئامما بىزگە: «سىلەر ئېھتىيات قىلىڭلار، ئۇ ئادەملەرنىڭ قولىدىن ھەر قانداق بالا كېلىدۇ» دەپ ئەسكەرتىپ، بەزىلەرنىڭ كادىرلارنى خىش-كالتەك بىلەن ئۇرغانلىقىنى ۋە بەزى كادىرلارنىڭ ئاممىغا پىچاق سالغانلىقىدەك ئىشلارنى مىسال كەلتۈرۈپ بەردى. مەن بىزنى ئەسكەرتكەن ئادەملەرگىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تېخى ئاممىۋى چوڭ يىغىندا سۆزلىدىم. بىز مەسىلىلەرنى بايقىغىلى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى كەلدۇق، بۇ ھەم مالىيە مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىمكى بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىمەن دېسە، ئۇ ھەرگىز مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ؟ كىمكى ئۆچ ئالماقچى بولسا، مەن قورقۇپ قالمايمەن. مەن قىسىمدا 26 يىل ئىشلەپ، مىلتىق ئاتقان، گرانات تاشلىغان، لېكىن ھەقىقىي رەقىب بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىدىم. ناۋادا قۇربان بولۇپ كەتسەم، مەن ئىنقىلابىي قۇربان بولىمەن، ئۆچ ئالغان ئادەمچۇ؟ ئۇ بىر جىنايەتچى، خالاس.
    خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلار، «ناۋادا 10 يىللىق ھېسابات تەكشۈرۈلسە چوقۇم نۇرغۇن ئادەملەرگە چېتىلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە يىغىشتۇرغىلى بولماي قېلىپ سىزگە ياخشى بولماسمىكىن» دەپ ئەنسىرەشتى. خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى يىغىنىدا مەن «بىز ئاممىغا ئىش قىلىپ بەرگىلى كەلگەن، رەھبەرلەرنىڭ چىرايىغا قارىغىلى كەلگەن ئەمەس. ناۋادا قانداقتۇر قۇلايسىز ئەھۋال يۈز بەرسە، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تەقدىردىمۇ ئۆزۈم تىرىۋالىمەن. كەسىپ ئالماشتۇرغان چېغىمدا بۇجاڭ بولۇشنى ئەسلا خىيالىمغا كەلتۈرگەن ئەمەسمەن، ‹ئەمەل تەلپىكى› بېشىمغا مۇنداقلا كىيىلىپ قالغان، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام كارايىتى چاغلىق» دېدىم. گەپلىرىمدىن خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بەك تەسىرلىنىپ ماڭا: «بۇجاڭ، سىز خاتىرجەم بولۇڭ، قانداق دېسىڭىز شۇنداق قىلىمىز. ئەگەر سىز تۈرمىگە كىرىپ قالسىڭىز سىزگە تاماق ئاپىرىپ بېرىمىز؛ ۋەزىپىڭىزدىن قالدۇرۇلسىڭىز، سىز بىلەن بىللە ئىشلەمچى بولىمىز» دەپ تەسەللى بېرىشتى.
    شىگۇجىن بازىرىدىكى كادىرلارنىڭ ئۆزگىرىشى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ قوللىشى، بولۇپمۇ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ناھىيىلىك پارتكوم جاڭ جەنجۇڭنىڭ تېلېفون بېرىپ غەمخورلۇق قىلىشى، ھاكىم لېي چاۋۋۇنىڭ مېنىڭ چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان دوكلاتىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دېگەن بىر جۈملە سۆزى تا ھازىرغىچە قەلبىمنى لەرزىگە سالىدۇ. ئۇ ناھىيە، يېزىدىكى بىرمۇنچە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالدىدا: «چىشيۇسۈن كەنتىنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدا ھاكىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم بار» دېدى.
    ئامما بىزنى چۈشەنگەندىن كېيىن بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى تېخىمۇ قوللايدىغان بولدى. 4-ئاينىڭ 30-كۈنى مەن چىشيۇسۈن كەنتىدە پارتىيە ئەزالىرى، ئاكتىپلار يىغىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن سىرتقا ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا بىر قېرى دېھقان مېنى توسۇۋېلىپ:
    − سەل توختاپ تۇرۇڭا، سىزگە ئىككى ئېغىز گېپىم بار ئىدى،−دېدى. بىز بىر چەتكە ئۆتتۇق، ئۇ:
    − مېنىڭ كېلىنىم تاماققا ئۇستا، سىزنى بىزنىڭ ئۆيگە تاماققا تەكلىپ قىلاي دېۋىدىم،−دېدى.
    بۇ بىر ئاددىي تەكلىپمۇ؟ ياق، بۇ بىر قەلبنىڭ چاقىرىشى ئىدى.
    مەن كۆزۈمگە ياش ئالغان ھالدا:
    − تاغا، تەكلىپ قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت،−دېدىم.
    ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
    − سىز تەن سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئاڭلىسام، سىزنىڭ چىشىڭىز ئاغرىيدىكەن، مەن كېلىنىمگە تاماقنى يۇمشاقراق ئەتكۈزەي، تەييار چۆپنى يەۋەرگەن بىلەن بولمايدۇ. نېمىگە كۆڭلىڭىز تارتسا، قانداق چاغدا يېگۈڭىز كەلسە، مەن كېلىنىمگە ئەتكۈزۈپ بېرەي. بىزنىڭ چىشيۇسۈن كەنتىدە ئىش قىلماق تەس، ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ.
    مەن كۆز ياشلىرىمنى تەستە بېسىۋېلىپ، بۇ بوۋايغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتىم.
    − سىز يەنە سەمەرقەنت تەكلىپى دەپ قالماڭ، مەن چىن كۆڭلۈمدىن دەۋاتىمەن،−دەپ بوۋاي يەنە بىر قېتىم تاپىلىدى. مەن بوۋاينىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ:
    − مەن سىزنىڭ بۇ ساپ كۆڭلىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن،−دېدىم.
    بوۋاينىڭ ئىسمى داڭ شۈەنيۈ بولۇپ، 1957-يىلى پارتىيىگە كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىدى.
    84 ياشلىق ياشانغان دېھقان ۋاڭ دۇڭسەي ماڭا:
    − ھازىرقى ئادەملەر بۇرۇنقى ئادەملەرگە ئوخشىمايدۇ، گېپىنىڭ تۇتامى يوق. مېنىڭ گېپىم ئېسىڭىزدە تۇرسۇن، ئەمەلدارلار ئەزەلدىن پاكىتلىرى دەل كەلمىگەن ئەنزىلەرنى قوبۇل قىلغان ئەمەس. سىزنىڭ باشقۇرمايدىغان ئىشىڭىز يوق، ھېرىپ-چارچاپ جاندىنمۇ ئايرىلىپ قالماڭ.
     مەن ھېرىشتىن قورقمايمەن. ئىككى ئايدىن بۇيان، مەن ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ دېگەندە بەش سائەت ئۇخلىدىم، 100 دىن ئارتۇق ئائىلىنى زىيارەت قىلدىم، 200 دىن ئارتۇق ئامما بىلەن سىرداشتىم، كەنتكە چۈشكەندىن بېرى 200 مىڭ خەتلىك خىزمەت خاتىرىسى يازدىم، يېنىمدىن 1050 يۈەن چىقىرىپ، تۆت نامرات ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش، تۇرمۇشىدا توك ئىشلىتىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدىم.
    خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلارمۇ ھېرىشتىن قورقمايدۇ. ئۇلار بىر ياقتىن ئىككى ھەيئەت، پارتىيە ئەزالىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 1991-يىلىدىن بۇيانقى ھەر بىر نۆۋەتلىك كەنت گۇرۇپپىلىرىدىكى كادىر ۋە ئامما ئاكتىپلىرىنىڭ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» ئۆگىنىش كۇرسلىرىنى ئاچتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ جاپالىق ئىشلەپ، 1991-يىلىدىن بۇيان كەنت گۇرۇپپا كادىرلىرىدىن 20 ئادەمنىڭ مالىيە ھېساباتىنى پۈتۈنلەي گىراپىلاشتۇرۇپ ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىگە تاپشۇردى. جەمئىي 175 خىل نامۇۋاپىق ئاتچوت قىلغان تۈرنى (بۇنىڭدىكى نامۇۋاپىق چىقىم 183 مىڭ يۈەن)، ھېساباتتىن سىرتقا ئېقىپ كەتكەن 162 مىڭ يۈەننى، تۇتۇپ قېلىنغان ۋە تاپشۇرۇلمىغان 95 مىڭ يۈەن باج پۇلىنى مۇپەتتىش قىلىپ ئېنىقلاپ چىقىپ، دۆلەت ۋە كەنت كوللېكتىپى ئۈچۈن 340 مىڭ يۈەننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالدى. 11 نەپەر كەنت گۇرۇپپا كادىرى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان 16 مو باغ ۋە قىممىتى 81 مىڭ يۈەنلىك كوللېكتىپنىڭ مۈلكىنى ئۆزلۈكىدىن قايتۇردى. ئامما بۇنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى، كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى، قوشاق ۋە خەتلەر يېزىپ بىزنى مەدھىيىلىدى.
    دېھقانلار ياخشى، ئۇلار ئەڭ قانائەتچان خەق. بىز ئەمدىلا ئازراق خىزمەت ئىشلەپ قويۇۋىدۇق، ئۇلار يۇقىرى باھا بېرىپ، قىزغىن مەدھىيىلەپ كەتتى. بۇنىڭدىن ئاممىنىڭ پارتىيىمىزگە ئىنتايىن چوڭقۇر ھېسسىياتى بار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىزگە كېرىكى ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى ئاسراش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارغا پايدا يەتكۈزۈشنى كادىرلار مۇئەللەق ئېگىزگە چېقىۋېلىپ، ئۇلارغا بۇيرۇقۋازلىق قىلساق، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ-تىرىلىشى بىلەن كارىمىز بولماي، ئاشلىق پۇل تاپشۇرىسەن دەپ ئۇلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋالساق، بىزگە ھاجىتى چۈشكەندە ئەھۋالىنى سورىماي كارىمىز بولمىسا، ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ھە دەپ كەينىگە سۆرىسەك، دېھقان قېرىنداشلىرىمىزغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمىز!
    دېھقانلار ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز چوڭ مەسلە
    1. بىز «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى ئۆگىنىۋاتىمىز، يۇقىرىدىكى ئادەملەرمۇ ئۆگىنەمدۇ؟ ئەگەر ئۆگەنسە نېمە ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، بىزدىكى باج-سېلىق ھەددىدىن ئارتۇق ئېغىر بولۇپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلمايدۇ؟
    2. سىلەر كادىرلارنىڭ مائاشى كەينى-كەينىدىن ئۆسۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدا باج تاپشۇرامسىلەر-يوق؟ بىزنىڭ كىرىمىمىز بارغانسېرى كېمىيىپ كېتىۋاتىدۇ، باجنى بولسا تاپشۇرۇۋېرىۋاتىمىز، بۇ ئادىللىقمۇ؟ بىز ئالغان قەرز پۇلغا باج تاپشۇرۇش قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟
    3. سىلەر شەھەرلىكلەرمۇ يول ماڭساڭلار، بالىلىرىڭلار مەكتەپتە ئوقۇسا، يول ياساش ھەققى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى تاپشۇرامسىلەر-يوق؟
    4. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تۈز سىزىق بويلاپ تۆۋەنلەۋاتىدۇ، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت، يېز ئىگىلىك ماشىنا سايمانلىرى قاتارلىق دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى ئەكسىچە ئۆرلەۋاتىدۇ، بۇنداق بولۇشىنى كىم كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە سېلىۋاتقان مەبلىغى قەيەرگە كېتىۋاتىدۇ؟ ئوتتۇرىدىكى پايدىنى كىم يۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ؟
    5. يېزا بىر تۇتاش پىلانلاش، كەنتكە قالدۇرۇق ئايرىش دېگەنلەرنى ئېلىش قاچان توختايدۇ؟ دېھقانچىلىق ئالاھىدە بېجى قاچان ئازايتىلىدۇ؟ بىز ئازراق دېمىمىزنى ئېلىۋېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى راۋاجلاندۇرساق بولمامدۇ؟
    6. كەنت گۇرۇپپا كادىرلىرىغا مائاش بېرىلمەيدۇ، يېزا-بازار كادىرلىرىنىڭ مائاشى تۇتۇپ قېلىنىدۇ ياكى كەم بېرىلىدۇ. بۇنداق كېتىۋەرسە كىم يەنە ھۆكۈمەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ؟ مەركەزدە «ھاكىمىيەت فوندى» تەشكىل قىلىپ، مەخسۇس ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مائاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بولامدۇ؟
    7. باش شۇجى جىياڭ زېمىن: «ئاساس پۇختا بولمىسا، يەر تەۋرىسە تاغ مىدىرلايدۇ» دېگەن. لېكىن بۇ ئاساسنى كىم پۇختىلايدۇ. قانداق پۇختىلايدۇ، بۇنى بىز قىلچە بىلمەيمىز...
    8. يۇقىرىنىڭ سىياسىتى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى، نېمە ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا كەلگەندە ھە دېسىلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؟ ھازىر قانچىلىك ئادەم دېھقانلار ئۈچۈن سۆز قىلىپ، دېھقانلار ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىۋاتىدۇ؟

    كۆزلىرىمىز ياش يۇقى ھالدا خوشلاشتۇق
    14-ئىيۇل چۈشتە بىزنىڭ خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ئۆزلىرى تۇرغان ئۆي ئىگىلىرىگە تاماق ۋە سۇ توك ھەققى ھەمدە چېقىپ قويغان چايدانلارنىڭ پۇللىرىنى تولۇق تاپشۇردى ھەم سوۋغا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، نەرسە-كېرەك سومكىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئاپتوبۇسقا بېسىپ كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئويلىمىغان يەردىن كەنت كادىرلىرى ۋە ئامما داقا-دۇمباقلارنى چېلىپ، پىلاكاتلارنى كۆتۈرگىنىچە، قوللىرىغا يەل-يېمىش، تۇخۇم، كارىۋات ياپقۇچ قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشكىنىچە بىزنى ئۇزاتقىلى كەلدى. بىز بۇنداق تەنتەنىلىك كۆرۈنۈش ئالدىدا چەكسىز ھاياجانغا چۆمۈپ كۆزلىرىمىزدىن ھاياجانلىق ياشلىرى قۇيۇلدى...
     بىز يىغلاپ كەتتۇق، پۇقرالارمۇ يىغلىشىپ كەتتى...
    بىز: «بولدى ئۇزاتماڭلار» دېسەك، ئامما قوللىرىمىزنى تۇتۇۋېلىپ بىزنى ماڭغىلى قويمىدى. بىز ئاخىر ئاممىغا يەنە بىر قېتىم ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ: «كۆپچىلىكنىڭ بىزنى قىزغىن ئۇزاتقىنىغا رەھمەت» دېدۇق...
    بىز يەنە قايتىپ كېلىمىز.
     خەير-خوش، قېرىنداشلار!
    خەير-خوش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇرتقىلىرى!

     

    (خەنزۇچە «شىنخۇا تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىل 4-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)

    تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.