بىر مېتىر

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-29 10:10:54

بىر مېتىر بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ،گولىف توپ ئويناشقا بەكمۇ ئامراق بىر يىگىت گولىف توپ مەيدانىدا ئەمدىلا توپنى ئۇرماقچى بولۇپ تۇرۇۋىدى، بىر بوۋاي ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ،مەن بىلەن بىرگە ئ...



     

    بىر مېتىر

     

        بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ،گولىف توپ ئويناشقا بەكمۇ ئامراق بىر يىگىت گولىف توپ مەيدانىدا ئەمدىلا توپنى ئۇرماقچى بولۇپ تۇرۇۋىدى، بىر بوۋاي ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ،مەن بىلەن بىرگە ئويناشنى خالامسىز ،دەپ سورىدى،يىگىت ماقۇل بولدى.     

       ئۇلار 9-توپ يولىغا كەلگەندە ،يىگىت ئۆزىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا يۇللۇققانلىقىنى ھېس قىلدى،يىگىت بىلەن توپ يۇلى ئوتتۇرسىدا يوغان بىر تۈپ قارغاي دەرىخى بار ئىدى.توپنى قانداق ئۇرۇش كېرەك؟يىگىت ئارىسالدىلىقتا قارىغاندا،بوۋاي ئۇنىڭغا:

       -مەن سەندەك چېغىمدا توپنى دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىرۋېتەلەيتتىم،-دېدى.

      يىگىت ئۇنىڭ سۆزىدىن تەسىرلىنىپ،بەدىننى رۇسلىۋالغاندىن كېيىن،كۈچەپ تۇرۇپ ئۇرىۋىدى،توپ دەرەخكە تېگىپ قايتىو كەلدى.

       -ئەلۋەتتە،-دېدى بوۋاي،-مەن سەندەك چېغىمدا بۇ دەرەخ ئاران بىر مېتىر ئېگىزلىكتە ئىدى.

     

    مەنبە:تەرمىلەر 2005-يىللىق 7-سان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر