دادامنىڭ كۆزى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-29 00:00:00

دادامنىڭ كۆزىبىر بالا بولۇپ ، كىچىكىدىن تارتىپ دادىسى بىلەن ئۆزئارا بىر_بىرسىگە يار_يۆلەك بولۇپ ياشاپ كەلگەن ئىكەن،ئاتا_بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت شۇنچىلىك چوڭقۇر ئىكەن.بالا زەيتۇن توپنى يا...



    دادامنىڭ كۆزى
     

     


    بىر بالا بولۇپ ، كىچىكىدىن تارتىپ  دادىسى بىلەن  ئۆزئارا بىر_بىرسىگە  يار_يۆلەك بولۇپ  ياشاپ كەلگەن ئىكەن،ئاتا_بالا  ئوتتۇرىسىدىكى  مۇھەببەت  شۇنچىلىك چوڭقۇر ئىكەن.
    بالا زەيتۇن توپنى ياخشى كۆرىدىكەن.گەرچە ئۇ پەقەت مۇسابىقىگە چۈشمەي ئورۇندۇقتىلا ئولتۇردىغان كوماندا  ئەزاسى بولسىمۇ، ئەمما ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە دادىسى يەنىلا  ئەڭ  ئالدىنقى قاتاردا  ئولتۇرۇپ كۆرىدىكەن ۋە مۇسابىقە مەيدانىغا  قاراپ ئوغلى ئۈچۈن  مەدەت تىلەيدىكەن. پۈتۈن مەۋسۈم جەريانىدا بالا بىر قېتىممۇ مەشىق ۋە مۇسابىقىنى  قولدىن بېرىپ قويمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ يەنىلا  ئورۇندۇق ئەزاسى بوپتۇ. دادىسى بولسا  يەنىلا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا  بالىغا  مەدەت  بېرىدىكەن.

     

     


    بالا ئالىي مەكتەپكە  ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ زەيتۇن توپ  كوماندا  ئەزالىرىنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپتۇ. كوماندىغا كىرىش ئۈچۈن ئۇ   قىيىنچىلىققا  يولۇققاندىمۇ بەرداشلىق بېرىپ داۋاملىق تىرىشىپتۇ . باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا ئۈمىد يوق دېيىشىپتۇ. ئەمما بالا  بۇقېتىم مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپتۇ. لېكىن تېرىنىرنىڭ بالىنى تاللاشتىكى سەۋەبى بولسا بالىنىڭ مەڭگۈ شۇنداق توختىماي مەشىق قىلىدىغانلىقى شۇنداقلا   باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئىكەن. ئەمما بالا ئالىي مەكتەپتىكى كوماندىسىدىمۇ  يەنىلا  مەيدانغا  چۈشىدىغان پۇرسەتكە  ئېرىشەلمەپتۇ.



    ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋاقتىمۇ  يېقىنلاپ  قاپتۇ. پات ئارىدا  بىر مەيدان چوڭ كۆلەملىك مۇسابىقە  ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇپ،   بۇ بالىنىڭ مەكتەپ كوماندىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى  قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشى  ئىكەن.!  
    بالا كىچىك قەدەملەر بىلەن يۇگرەپ مەشىق مەيدانىغا  يېتىپ كەلگەندە تېرىنىر  ئۇنىڭغا بىر پارچە  تېلگىرامما بېرىپتۇ. بالا تېلگىراممىنى  كۆرگەندىن كېيىن  جىمىپلا كېتىپتۇ. ئۇ  يىغىدىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇرۇپ تېرىنىرغا دەپتۇ:
    _ دادام بۈگۈن ئەتىگەن ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ، مەن بۈگۈن مەشىققە قاتناشمىسام  بولامدۇ؟
    _ بۇ بىر ھەپتە  سەن كەلمىسەڭمۇ بولىدۇ، بالام، شەنبە كۈنىدىكى مۇسابىقىگە كەلمىسەڭمۇ ھېچقىسى يوق،_دەپتۇ تېرىنىر مۇلايىملىق بىلەن بالىنىڭ مۈرىسىنى  تۇتۇپ تۇرۇپ.


    شەنبە كۈنىمۇ يېتىپ كەپتۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقە ناھايتى تەسكە چۈشۈپتۇ.مۇسابىقە داۋاملىشىپ 4:3  بولغاندا بالا ئەزا كوماندا ئاللىبۇرۇن 10 نومۇر ئۇتتۇرۋېتىپتۇ.دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بالا ئادەم قالمىغان كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە ئاستا ئاستا يۈگۈرۈپ كىرىپ مۇسابىقە كىيىمىنى  كىيىپتۇ. بالا  يۈگۈرۈپ چىقىپ  سەبداشلىرىغا يېقىنلاشقاندا تېرىنىر ۋە مەيدان سىرتىدىكى ئەزالار  چىرايىدىن  قاتتىق  ئىشەنچ چىقىپ تۇرغان بۇ  سەبدىشىغا ھەيرانلىق بىلەن  قاراپ قاپتۇ.
    _تېرىنىر ، مېنىڭ مەيدانغا  چۈشۈشۈمگە رۇخسەت قىلىڭ ، پەقەت بۈگۈنلا ، _ بالا ئۆتۈنۈش نەزىرىدە تېرىنىرغا قاراپتۇ. تېرىنىر  ئاڭلىمىغانغا  سېلىۋاپتۇ.بۈگۈنكى مۇسابىقە بەك مۇھىم بولۇپ غەلىبە قىلىش، مەغلۇب بولۇش ئاساسەن  بەلگىلىنىپ بولاي دېگەن ئەھۋال ئاسىتىدا ئەڭ  ناچار ئەزانى مەيدانغا  چۈشۈرۈشكە تېرىنىرنىڭ كۆڭلى ئۇنىماپتۇ.ئەمما بالا توختىماي يالۋۇرىۋېرىپتۇ.  تېرىنىر ئۇنى يەنىلا مەيدانغا چۈشكىلى قويمىسا بالىغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى  ھېس قىلىپ  مەيدانغا چۈشۈشىگە يول قۇيۇپتۇ."بولىدۇ ، سەن چۈشكىن "دەپتۇ تېرىنىر بالىغا.  


    ئورۇققىنە كەلگەن ، نامىمۇ چىقمىغان، ھەتتا ئەزەلدىن مەيدانغا چۈشۈپ باقمىغان بالىنىڭ تېز يۈگرەشلىرى، قارشى تەرەپتىكى توپ باشلاپ ماڭغان ئەزالارنى چاققانلىق بىلەن توسۇشلىرى بەئەينى چولپانلارغىلا  ئوخشايدىكەن،بالا ئەزا كوماندا مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇپ ناھايتى تېزلا نومۇردا قارشى تەرەپ بىلەن تەڭلىشىپتۇ.مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا بىر نەچچە سېكۇنىت قالغاندا بالا بار كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ نومۇرغا ئېرىشپ مۇسابىقىدە  يېڭىپ چىقىپتۇ.كوماندىدىكى ئەزالار خۇشاللىقتىن بالىنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپتۇ، پۈتۈن مەيداندا ئالقىش سادالىرى ياڭراپتۇ.


    تاماشىبىنلارمۇ ئاستا ئاستا تارقىلىپ ، ئەزالار كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ.ئەمما تېرىنىر بالىنىڭ  ئۆزى يالغۇز مەيداننىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ قاپتۇ. تېرىنىر بالىغا ئاستا يېقىنلاپ كېلىپ دەپتۇ:
    _بالام،مېنىڭ پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ،سەن  بىر  مۆجىزە  ياراتتىڭ ! سەن قانداق قىلىپ بۈگۈنكى نەتىجىنى يارىتالىغىنىڭنى ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟


    بالا  ياشقا لىق تولغان كۆزلىرىنى تېرىنىرغا تىكىپ تۇرۇپ دەپتۇ:
    -سىز دادامنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىنى بىلىسىز، ئەمما سىز بىلەمسىز؟ مېنىڭ دادام ئەزەلدىن  كۆرەلمەيدۇ،
    ئۇنىڭ كۆزى قارىغۇ!  دادام  جەننەتتە  تۇرۇپ تۇنجى  قېتىم  ئۆز كۆزى بىلەن مېنىڭ مۇسابىقە  ئوينىغىنىمنى كۆرەلەيدۇ ! شۇڭا مەن دادامغا مېنىڭ قىلالايدىغىنىمنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولدۇم!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دادامنىڭ كۆزى