ناۋادا ماڭا ئۈچ كۈن يورۇغلۇق ئاتا قىلسا

يوللىغۇچى : alipbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-05 13:29:07

ناۋادا ماڭا ئۈچ كۈن يورۇغلۇق ئاتا قىلساخەنزۇتىلى ئوقۇشلۇقى(3)دىن:ئاققار تەرجىمىسىھەممىمىزگە مەلۇم ئۆلۈمدىن ھىچكىم مۇستەسنا ئەمەس،بىراق بۇ كۈننىڭ كىلىشى خۇددى ئۇزاق مەزگىللىك ئىشتەك تۇيۇلىدۇ.ئ...

     ناۋادا ماڭا ئۈچ كۈن يورۇغلۇق ئاتا قىلسا

    خەنزۇتىلى ئوقۇشلۇقى(3)دىن:ئاققار تەرجىمىسى

     

    ھەممىمىزگە مەلۇم ئۆلۈمدىن ھىچكىم مۇستەسنا ئەمەس،بىراق بۇ كۈننىڭ كىلىشى خۇددى ئۇزاق مەزگىللىك ئىشتەك تۇيۇلىدۇ.ئەلۋەتتە تىنىمىز ساغلام قورسىقىمىز توق كىيىمىمىز پۈتۈن تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم بولسا ئۆلۈمنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمەيمىز.

    ئەگەر كىشىلەر ئۆتىۋاتقان كۈننىڭ ھەر بىرىنى ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى دەپ قارىغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى -ھە ! مۇشۇنداق بولغاندا ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھەقىقى تونۇپ يىتەلەيىتتۇق دەپ ئويلايمەن.ئەگەر كۈنلەر ئۇزۇن ئاخىرلاشمايدۇ دەپ قارىساق بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز مەنىلىك بولمايدۇ تۇرمۇشقىمۇ تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قارىيالمايمىز.

    ئەگەر بىز ھاياتقا ھارغىن ھالەتتە قارىساق ئۇنداقتا ئۆزىمىزدە بار بولغان تۇغما ئىقتىدارغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز.پەقەت كۆزى كۆرمەس كىشىلا يورۇغلۇقنى شۇنچە قەدىرلەيدۇ،تۇيۇقسىز قارغۇ گاس بولۇپ قالغان كىشىلەر تىخمۇ شۇنداق.ئەكسىچە قۇلىقى ئاڭلىيالايدىغان كۆزى كۆرەلەيدىغان نورمال كىشىلەر ئۆزىنىڭ بۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلانمايدۇ.كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسلىككە،ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاڭلىماسلىققا سالىدۇ ۋە قادىرلىمەيدۇ.ئىشلار ھەمىشە شۇنداق.كىشىلەر يوقاتقان نەرسىدىن مىھرىنى ئۈزەلمەيدۇ،ئادەم كىسەل بولغاندا ئاندىن ساغلاملىقنىڭ بەخەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ.

    مىنىڭ مۇنداق بىر ئويۇم بار ئادەم ياشلىق دەۋىرنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا بارغاندا بىر قانچە كۈن گاس،قارىغۇ بولۇپ قالسا  نىمەدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە.قاراڭغۇلۇق ئۇلارغا يورۇغلۇقنى قەدىرلەشنى ،جىمجىتلىق ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن بەھىر ئىلىشنى ئۈگىتەتتى.

    مەن دۇنيانى كۆرۈشكە شۇنچە تەشنا،مەن ئۆزۈمنىڭ تىگىش سىزىمى ئارقىلىق نۇرغۇن خوشاللىققا ئىرىشەلەيمەن.ئەگەر ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بولسام نىمەدىگەن ياخشى بولاتتى.غەلىتە يىرى شۇكى دۇنيانىڭ رەڭگارەڭ قىياپەتلىرى كۆزى ئوچۇق كىشىلەر ئۈچۈن شۇنچىلىك ئاددى.بەلكىم كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى ئۆزىدە بار نەرسىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەيدىغان يوق نەرسىنى قوغلىشىدىغان بولسا كىرەك.كۆزى ئوچۇق كىشىلەر ئۆز تۇرمۇشىدا كۆرۈش قۇۋىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى زور ئەمەستەك ھىس قىلىدۇ.

    ئەگەر مەن بىر ئالى مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغان بولسام «سىز كۆزىڭىزنى قانداق ئىشلىتىسىز»دىگەن تىمىدا دەرىس تەسىسى قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا كۆز ئالدىدىن غىلپال ئۆتۈپ كەتكەن نەرسىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا زور ىوشاللىق ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتىم.سىزمۇ ئويلىنىپ بىقىڭ سىز پەقەت ئۈچكۈنلا يورۇق دۇنيانى كۆرەلىسىڭىز ئۈچ كۈندىن كىيىن قۇياشنىڭ سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولمايدىغانلىقىنى ئويلىغىنىڭىزدا كۆزىڭىزنى قانداق ئىشلىتىسىز؟بۇ قىممەتلىك ئۈچ كۈننى قانداق ئۆتكۈزىسىز؟قايسى مەنزىرىدە كۆزىڭىزنى توختىتىسىز؟قايسى مەنزىرنى قەلبىڭىزدە ساقلايسىز؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۈچ كۈن يورۇغلۇق