ياشاش مۇھەببەت ئۈچۈندۇر

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-03 17:18:22

يېقىندا ئوغلۇم بىلەن پەنپۇۋېرغا ئوۋغا باردۇق. ئۇ قەھرىتان قىش كۈنلىرى ئىدى. بىز ئەسلى ئىسىنغىلى بولىدىغان ھەرىكەتچان چېدىردا باشقا ئوۋچىلار بىلەن بىللە قونساقمۇ بولاتتى.


    ياشاش مۇھەببەت ئۈچۈندۇر

    مىلان كۇندېرا [چېخ]
    سۇلايمان قەييۇم تەرجىمىسى

     
    يېقىندا ئوغلۇم بىلەن پەنپۇۋېرغا ئوۋغا باردۇق. ئۇ قەھرىتان قىش كۈنلىرى ئىدى. بىز ئەسلى ئىسىنغىلى بولىدىغان ھەرىكەتچان چېدىردا باشقا ئوۋچىلار بىلەن بىللە قونساقمۇ بولاتتى. لېكىن، ئوغلۇم: «ياق، دادا، ئۆزىمىزنىڭ چېدىرىدا يېتىپ قىيىنچىلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ باقايلى» دەپ تۇرۇۋالدى.
    باشتا ئوت قالىدۇق، كېيىن ئاستا-ئاستا ئوت ئۆچتى. بىز چېدىرغا كىرىپ ئۇخلىدۇق. يېرىم كېچە بولغاندا ئوغلۇم ئويغىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇخلاش خالتىسى ھۆل بولۇپ، نەپەستىن چىققان ھور يۈزىدە مۇزلاپ قاپتۇ. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چېدىردىن چىقىپ كەتتى. ئۇ: «دادا، چاققان چىقىڭە، قاراڭ، نېمىدىگەن چىرايلىق! شۇنداق جىق يۇلتۇزلارنى كۆردۈم» دەپ خوشاللىقتا توۋلىدى.
    مەن بېشىمنى ئۇخلاش خالتىسىدىن چىقاردىم. ئاسماندىكى يۇلتۇزلار شۇنداق پارقىراق بولۇپ، بىزگە يېقىنلىشىپ قالغاندەكلا كۆرۈنەتتى. يەردىكى كۆل پارقىراپ تۇراتتى، چۆرىسىگە ھاك تېشى تىزىلغانىدى. بۇ تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنۈش ئىدى.
    مېنىڭ قارىشىمچە تۇرمۇش دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ. شۇ كېچىدە تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي خوشاللىقنى ھېس قىلدىم. گەرچە شارائىتىمىز شۇنداق ناچار بولسىمۇ، گۈزەللىك يېنىمىزدا، ئىللىقلىق ۋە مۇھەببەت بىزگە ھەمرا بولغاچقا، ھەممە نەرسە شۇ قەدەر يېقىملىق ئىدى. ياۋايى ھايۋاناتشۇناس شىرۋېست سورۇللانىڭ قارىشىچە، تۇرمۇشتىكى ھەربىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى كىشىلەرگە مۇھەببەتنى تاللاپ، قورقۇنچنى يېڭىدىغان پۇرسەت بېرىدىكەن. تۇرمۇشتىكى بارلىق گۈزەل ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەتنى تاللىغانلىقنىڭ نەتىجىسى. مۇھەببەت بىزدە تۇغما بولغان خوشاللىق، ئۈمىد ۋە مەنىۋىي ئىزدىنىشكە تۇتقان مۇئەييەنلەشتۈرۈش پوزىتسىيەسىدۇر. بەلكىم ئۆزىڭىزنى تازا ياخشى ئەمەس، تۆھپەممۇ چوڭ ئەمەس دەپ ئويلارسىز، چۈنكى جەمئىيەت سىزگە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ماددىي نەرسىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بولغان. لېكىن قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا تۇرمۇشنىڭ مەنسى بۇلا ئەمەسلىكىنى، سىزدىكى ئىستەكنىڭ دەل مۇھەببەت تەشنالىقى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىز.
    ياشاش مۇھەببەت ئۈچۈندۇر. قىيىنچىلىق ھەتتا ئۆلۈمدىن مۇھەببەتنى، مۇھەببەتنى قانداق قەدىرلەشنى بىلىۋالىسىز. بىز بۇلارنى باشتىن كەچۈرگەندە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئېچىنىش تۇيغۇسىدا ئۆزى ياشاۋاتقان بۇ دۇنياغا نەزەر تاشلايدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر دەل مۇشۇ مۇھەببەت سەۋەبىدىن ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-ساندىن ئېلىندى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
    \

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.