يۇقىرى»غا ئەرز قىلغاندىن كۆرە، قانۇننى «ئۆزگەرتكەن» تۈزۈك

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-23 19:01:29

يۇقىرى»غا ئەرز قىلغاندىن كۆرە، قانۇننى «ئۆزگەرتكەن» تۈزۈكھازىرقى تۈزۈمدىكى «ئەرز -شىكايەت»نىڭ تەسىس قىلىنىشىدا مەسىلە يوق. مەسىلە دەل «يۇقىرىغا ئەرز قىلىش»تا. خۇددى ئامېرىك...

     



     

    يۇقىرى»غا ئەرز قىلغاندىن كۆرە، قانۇننى

    «ئۆزگەرتكەن» تۈزۈك

     

        ھازىرقى تۈزۈمدىكى «ئەرز -شىكايەت»نىڭ تەسىس قىلىنىشىدا مەسىلە يوق. مەسىلە دەل «يۇقىرىغا ئەرز قىلىش»تا. خۇددى ئامېرىكا يازغۇچىسى ھېللېرنىڭ «يىگىرمە ئىككىنچى سەربىي نىزام» ناملىق كىتابىدا يېزىلغىنىدەك: ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى «يۇقىرىغا ئەرز قىلىش» تۆۋەندىكى ئەمەلدارلارغا «ئىشەنمەسلىك» تىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما بىزنىڭ ئەرزىيەت تۈزۈمىمىز بولسا ئەرز قىلغۇچىلارنى تۆۋەندىكى ئەمەلدارلارغا ئىشىنىشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەرز قىلغۇچىلار بىر -بىرىگە زىت بولغان مۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرايدۇ: يەنى ئەرز قىلىش ھوقۇقىڭىز بار، ئەمما «دەرىجە ئاتلاپ يۇقىرىغا ئەرز قىلىشىڭىز قاتتىق چەكلەنگەن.» ئەگەر يەنە داۋاملىق تۈرىدە «دەرىجە ئاتلاپ يۇقىرىغا ئەرز قىلىمەن» دەيدىكەنسىز، «ئەرزىيەت توسقۇنلۇقى» غا ئۇچرىشىڭىز تۇرغان گەپ.

        بېيجىڭدىكى «ئەرز -شىكايەتچىلەرنى توسۇش ئەترىتى» ۋە ئۇلارنى توسۇۋېلىشقا ئالاقىدار مىساللار ئېغىزغا چىقىپ قالغىلى خېلى يىللار بولدى. بىراق، ئەمەلىيەتتە پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى ئەرز -شىكايەتچىلەرلا بېيجىڭغا ئوقۇشلۇق بارالىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەڭدىن كۆپى يۇرتىدىن چىقمايلا «توسۇۋېلىنغان»، ھەتتا «مەجبۇرى تۇتۇپ كېتىلگەن.»

       خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرىدىكى ناھىيە -يېزىلاردا، مۇنداق لوزۇنكىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: «قانۇنسىز ھالدا يۇقىرىغا ئەرز قىلغۇچىلارغا قارىتا: بىر قېتىم ئەرز قىلغانلار تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ، ئىككى قېتىم ئەرز قىلغانلارغا ئەمگەك بىلەن تەربىيە بېرىلىدۇ، ئۈچ قېتىم ئەرز قىلغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.» كۆپلىگەن دېلولاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇنداق سوئاللار قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈنلا يېزىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلىي مىساللىرىمۇ خېلى كۆپ.

         شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئەرز -شىكايەتچىلەرنىڭ پايتەختكە بېرىشقەدىمى توختاپ قالغىنى يوق. يۇقىرىغا ئەرز قىلىشتىكى نېگىزلىك مەسىلە شۇ يەردىكى، ئەرزچى ئەمما بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، بۇنداق ئەمەلدارلار «يۇقىرىغىلا تەلمۈرۈپ، تۆۋەندىكى خەلق ساداسىغا قۇلاق سالمايدۇ، ھوقۇققىلا بېرىلىپ، قانۇنغا پەرۋا قىلمايدۇ،» ئەمەلدارلار ئۆزىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. شۇڭا مەسىلە ھەل قىلىشتا، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئىزدەش كېرەك. ھالبۇكى، يەرلىك ئەمەلدارلار بولسا يۇقىرىغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، شۇنداقلا بىر قانچە قېتىملىق ئەرز -شىكايەت تۈپەيلىدىن سىياسىي نەتىجىلىرىنىڭ يوققا چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەرزىيەتكە بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتپ توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

        بۇ، قارىماققا يېشىمى يوق تۈگۈنگە ئوخشايدۇ: يۇقىرىغا ئەرز قىلغۇچىلار بىلەن ئەرزىيەتكە توسقۇنلۇق قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ ئويۇنىدا، ئەرز -شىكايەتچىلەر ھەرخىل نىقابلار بىلەن يۇشۇرۇنۇپ، توسۇقتىن ئۆتۈۋېلىشقا تىرىشىدۇ؛ ئەرزىيەتكە توسقۇنلۇق قىلغۇچىلار بولسا، بەدەلنىڭ كۆزىگە قارىماي، كۈچلۈك قوشۇن بىلەن توسۇق قۇرۇپ ئۇلارنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ. بەزىدە، پايتەختكە يىراق جايلاردىن كېلىدىغان ئەرز -شىكايەتچىلەر كۆپىيىپ كەتسە، ئۇلار يېتىشىپ بولالماي نېمە قىلىشىنى بىلەلمەيلا قېلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، «ئەرزىيەتنى ۋاكالىتەن توسۇپ بەرگۈچى» شەخسىي شىركەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بېيجىڭ ئەنيۈەندىڭدىكى مەخسۇس ئەرز -شىكايەتلەرنى توسۇپ بېرىشنى ئاساسلىق تىجارىتى قىلغان بىر «ئامانلىق قوغداش شىركىتى» نىڭ 2008- يىلىدىكى يىللىق تىجارەت كىرىمى 21 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. مۇشۇنداق بىمەنە رېئاللىق، ئاشۇنداق «ئەرز -شىكايەتلەرنى توسۇپ بېرىش شىركەتلىرى» نى داۋاملىق روناق تېپىش بوشلۇقىغا ئىگە قىلغان.

        رېئاللىق شۇكى، جەمئىيەتتىكى تەبىقە ئايرىمىسى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، مەنپەئەت توقۇنۇشىنى ماسلاشتۇرۇش بارغانسىېرى قېيىنلىشىۋاتىدۇ.

         مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىغا كەلسەك، ئەرزىيەت تۈزۈمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكمۇ ياكى قانۇن -تۈزۈمنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەكمۇ؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، «يۇقىرىغا ئەرز قىلىش» كېرەكمۇ ياكى قانۇننى «ئۆزگەرتىش» كېرەكمۇ؟

        قانۇن تۈزۈم جەمئىيىتىدە، قانۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېسىمى سوتچىغا باغلىق؛ ماجىرالار ئەڭ ئاخىردا يەنىلائەدىلىيە تەرتىپلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئەرزىيەت تۈزۈمى بولسا، بىر ئەرزىيەت قىلمىشىغا قارىتا ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىشھوقۇقىنى يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ قانداق ئارىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا باغلاپ قويىدۇ. ئۇنى دەپ بۇنى دەپ كېلىپ، ئاخىرى يەنىلا ئادەمنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدۇ.

        نەزەرىيە جەھەتتىن، ئەرزىيەت تارماقلىرى پەقەت «ئوتتۇرا بېكەت» لىك رولىنىلا ئۆتەپ، ھېچقانداق ئەمەلىي بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولماسلىق كېرەك ئىدى. ئۇلارنى خىزمىتى بولسا، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا ياكى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا يوللاپ بېرىشلا ئىدى، خالاس.

         بىراق، دۆلەت ئەرزىيەت ۋە ئەرزىيەت تۈزۈمى تەشۋىقاتىدا، ئۇنىڭ «ئوتتۇرا بېكەت» لىك ئورنىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن توختاپ قالماي، ئەرزىيەت خىزمىتى خادىملىرى قانداق قىلىپ ئەرز - شىكايەتچىلەرنىڭ «قىيىنىنى ئاسان قىلىشى» ۋە ئەمەلدارلار ئەرزىيەت تارماقلىرىغا كېلىپ يىغىلىپ قالغان دېلولارنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دېگەندەك گەپلەر ئەرزىيەت خىزمىتى تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسلىق مېلودىيەسى بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، ئەرز -شىكايەتلەرنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان بىر كۆزنەك تەسىس قىلىنغان بولدى.

         ئاتالمىش «قانۇنغا ئىشەنگەندىن ئەرز قىلغان ياخشى» دېگەن گەپنىڭ چىقىشىدا، بۇنىڭغا بىر جەھەتتىن ئەرز -شىكايەتچى ئاممىنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى ۋە تەپەككۇرى سەۋەب بولغان. شۇڭا، ئەرز -شىكايەتچى ئاممىنىڭ «ئەرز» قىلىشى، ئۇنىڭ «ئەرزىيەت تۈزۈمى» گە ئىشەنگەنلىكى بولماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئاخىرىدا سۆزلەپ قايىل قىلغىلى بولىدىغان بىرەر رەھبەرگە ياكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىكىدەك  ئۈلگىلىك ئەمەلدارلارنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىدىن بولغان.

         ئەرز شىكايەتچى ئاممىنىڭ بۇنداق «ئوتتۇرا بېكەت» تىن ئۆتۈشى، ئالاقىدار تارماقلارنى تولىمۇ خۇشال قىلىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى: ئەرزىيەت «مۇقىملىقىنى قوغداش» خىزمىتىدە سۇسلاشتۇرۇش بەلۋېغى ھاسىل بولغان ئىدى. بىراق بۇ ھەرگىزمۇمەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولالمايدۇ.

         شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، رەھبەرلەردىن ئاممىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىش «ئەرزىيەت توسقۇنلۇقى» غا ئوخشاش بىمەنە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق. رەھبەرلەرنىڭ ئەرز -شىكايەتچى ئاممىنى قوبۇل قىلىشى كۈچەپ تەكىتلەنسە، ئۇلار «بىرىنچى قول باشلىق» لار بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشەلىسە، بۇ، ئەمەلدارلارنىڭ ئاۋامنىڭ قايغۇ -ھەسىرىتىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق، شۇنداقلا يۇقىرىغا ئەرز قىلىنماقچى بولغان ئەرزىيەت دەۋاسىمۇ يەرلىكتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قولىدىلا ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. شۇغىنىسى بۇنداق «ئەرزىيەتچىلەر يېشىل كارىدورى» نىڭ ھەمىشە ئوچۇق بولۇشى ئاسانغا توختىمايدۇ- «بىرىنچى قول» لار دائىملا شۇنداق ئالدىراش، ئەرزچىلەرنى كۈتۈۋېلىشنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.

         «رەھبىرىي كادىرلار» نىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى نامى بىلەن قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئەدلىيىگە ئارىلىشىۋېلىشى يەنە بىر قاتار يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. رەھبىرى كادىرلار ئېھتىمال ئاممىنىڭ ئەرزىنى ئايدا ئاران بىر قېتىم قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، ئەمما كۈندە دېگۈدەك زىياپەت ئۈستىلىدە «ھوقۇقدارلار ۋە بايۋەتچىلەر» نىڭ «زىيارىتى» نى قوبۇل قىلىشتىن خالىي بولالماسلىقى مۇمكىن. ئوخشاش بىر يازما ماتېرىيال، ئوخشاش بىر رەھبەرنىڭ تەستىقىغا دۇچ كەلگەندە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارۋە ئەدلىيە خادىملىرى بۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيىدە بولار؟شۇ تۈپەيلى كېلىپ چىققان قانۇن ئىجرا قىشتىكى ئادالەتسىزلىك، كېيىنكى نۆۋەتلىك يۇقىرىغا ئەرز -شىكايەت قىلىش بىلەن ئەرزىيەتكە «توسقۇنلۇق» قىلىشلارنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

        بۈگۈنكى ئنتېرنېت تورى دەۋرىدە، يۇقىرىغا ئەرز -  شىكايەت قىلغۇچىلار بىلەن ئەرزىيەتكە «توسقۇنلۇق» قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ «ئويۇن»، تورغىمۇ سىڭىپ كىردى. توردا ئەرز -شىكايەتنى توسۇش (ئاساسى ئالاھىدىلىكى ئۆچۈرۈش ۋە چاپلاشتىن ئىبارەت)، پايتەختتىكى «ئەرز -شىكايەتچىلەرنى ۋاكالىتەن توسۇپ بېرىش» قا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ بازارغا ئىگە بولدى. بۇنداق غەيرىي بازارنىڭ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئەرزىيەت تۈزۈمى ۋە ئەرزىيەت تەشۋىقاتى ئۈستىدە قايتىدىن مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، يەنە ئەمەلدارلار بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش، ھوقۇقنى مۇۋاپىق يۇسۇندا تەڭشەش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى كۆپ مەنبەلىك ئاساسىي قاتلام تالاش -تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش مىخانىزىمىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

        يەرلىك ئەمەلدارلار ئاۋام خەلقتىن ئەيمىنىدىغان قانۇننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان بولغاندا، ئاۋام يۇقىرىلاپ ئەرز قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ئۆزلۈكىدىنلا ھېس قىلىپ قالىدۇ.

         ----------------------

        ۋاڭ لىن ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما «فىليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ 2010- يىللىق 11- سانىدىن ئاسىمجان ئابلىمىت تەرجىمە قىلغان. تىلىماچ: خېجىڭ ناھىيەلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا.

      

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.