ئىبرەتلىك ھېكايە 1. يەنە بىر تال ئالما بار

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-14 16:22:00

ئىبرەتلىك ھېكايە 1. يەنە بىر تال ئالما بار تۇيۇقسىز چىققان بىر قېتىملىق بوران چوڭ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقان يالغۇز يولۇچىنى نىشاندىن ئازدۇرۋەتتى. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى ، بۇ بوراندا ئوزۇق - ...

     ئىبرەتلىك ھېكايە 1. يەنە بىر تال ئالما بار

          تۇيۇقسىز چىققان بىر قېتىملىق بوران چوڭ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقان يالغۇز يولۇچىنى نىشاندىن ئازدۇرۋەتتى. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى ، بۇ بوراندا ئوزۇق - تۈلۈك ۋە سۇ قاچىلانغان بوخچىسمۇ يوقاپ كەتتى. ئۇ كىيىملىرىنىڭ ھەممە يانچۇقلىرىنى ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ ئاران تەستە سولىشىپ كەتكەن بىر تال ئالمىنى تاپتى.

       ئۇ ئالمىسىنى سىقىمداپ تۇرۇپ ، ئېگىز - پەس دەسسەپ مېڭىپ قۇملۇق ئىچىدە چىقىش يولى ئىزدەيتتى. توپتوغرا بىر كېچە - كۈندۈز ئۆتۈپ كەتتى. بۇ چەكسىز كەتكەن قۇملۇقتىن تېخىچە چىقىپ كېتەلمىدى . ئاچلىق ، ئۇسسۇزلۇق ھەم قاتتىق چارچاش ئۇنىڭغا توختىماي ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى. چەكسىز كەتكەن قۇم دېڭىزىغا قاراپ ئۇ قانچە قېتىملاپ ھازىرلا تۈگىشىپ كېتىدىغاندەك ھېسياتقا كېلەتتى. لېكىن قولىدىكى ئالمىغا بىر قاراپ ، يېرىلىپ چاك - چاك بولۇپ كەتكەن كالپۇكىنى ئالمىغا ئاستا تەگكۈزەتتى- دە ، بىردىنلا ماغدۇرغا كېلەتتى.

       تومۇز ئىسىققا قارىماي ئۇ قۇم دېڭىزىدا توختىماي ماڭدى . نۇرغۇن قېتىملاپ يىقىلىپ چۈشتى . لېكىن ھەر قېتىمىدا ئۇ تىركىشىپ - تىرمىشىپ ئورنىدىن تۇراتتى- دە پۇتىنى سۆرەپ ئاز - ئازدىن ئالغا قاراپ يۆتكەيتتى. كۆڭلىدە بولسا توختىماستىن : << مەندە تېخى يەنە بىر تال ئالما بار ، مەندە تېخى يەنە بىر تال ئالما بار .... >> دەپ تىنماي تەكرارلايتتى.

       ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ ئاخىر قۇملۇقتىن چىقتى . ئۇنىڭ قولىدىكى بىرەر قېتىممۇ ئېغىز تېگىلىمىگەن سولىشىپ كەتكەن ئالما ئاللىبۇرۇن مۇنەكشىپ قۇرۇپ ئالما دېگۈچىلىكى قالمىغان ئىدى. ئۇ ئالمىغا گۆھەرگە قارىغاندەك ئۇزاقتىن ئۇزاق تىكىلىپ قارىدى.

       بىز ھايات مۇساپىسىدە داۋاملىق ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز. ھەتتا خىيالىمىزغا كىرىپمۇ چىقمىغان ئېغىر ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن . بۇنداق ۋاقىتتا ھەر گىز ئالدىراپ - سالدىراپلا «مېنىڭ ھېچنىمەم قالمىدى» دېمەسلىكىمىز كېرەك . ئەمەلىيەتتە كىشلىك ھايات خۇددى قۇملۇققا ئوخشىسا ، ئۈمىد بولسا گويا ئاشۇ سولىشىپ قالغان ئالما .

    << كىروران ژورنىلى >> دىن ئېلىنغان .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق