پىلان بىراقلا ئاشكارلانمىغان ياخشى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-03 16:07:11

تۇيۇقسىز ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنى ئاپىرىن ئوقۇغۇزىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلالايدۇ، ئاشكارا ئىشنىڭ يېڭىلىق تۇيۇلمىقى مۈشكۈل، ئۇنداق ئىشقا ھېچكىم قىزىقمايدۇ،

     
     
    پىلان بىراقلا ئاشكارلانمىغان ياخشى
    يالتاسار گراسئان (ئىسپانىيە)
     
    تۇيۇقسىز ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنى ئاپىرىن ئوقۇغۇزىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلالايدۇ، ئاشكارا ئىشنىڭ يېڭىلىق تۇيۇلمىقى مۈشكۈل، ئۇنداق ئىشقا ھېچكىم قىزىقمايدۇ، پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە ئالدىرماسلىق كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ، ناۋادا مەرتىۋەڭ خەقنىڭ پىسخىكىسىنى غىدىقلىيالىغۇدەك دەرىجىدە بولسا، ئۇنداقتا نەتىجە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
    ھەقىقىي ئەھۋالنى تولۇق ئاشكارىلاش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ ياخشىسى ھەممە نەرسىنى تۈگەل ئوتتۇرغا تاشلاشتىن ساقلانغۇلۇق؛ ئىچكى-تاشقى سىرلارنى خەققە تولۇقى بىلەن بىلدۈرۈش ئەخمەقلىق؛ ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۈكۈت قىلىش ئاقىللارنىڭ تىلتۇمارى؛ كۆڭلۈڭگە پۈتكەن نىشانىڭ بىلەن ئىرادەڭ  ئاشكارلىنىپ قالسىلا، خەقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولمىقىڭ بەسى مۈشكۈل، ئەكسىچە خەقنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايسەن. ئىش پۈتكەندىن كېيىن ئاقىۋىتى ياخشى بولمىسا، دۈچ كېلىدىغان بەخىتسىزلىكىڭ تېخىمۇ زورىيىپ كېتىدۇ.
    ئەگەر سەن ھەقىقەتەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشمەكچى بولساڭ، دارۋاڭ سالماي ئىش پۈتتۈرىدىغان ئادەتكە قول بەر.
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پىلان سىر نەتىجە