مەسچىتلەرنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش ئەمەلىيىتى

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-01 19:41:08

مەسچىتلەرنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش ئەمەلىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىكى دۆلىتىمىزدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان رايونلارنى ئېلان قىلغان. بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپ...

     



     

    مەسچىتلەرنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش ئەمەلىيىتى
     

       سەھىيە مىنىستىرلىكى دۆلىتىمىزدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان رايونلارنى ئېلان قىلغان. بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا (مەسىلەن: يۈننەن، شىنجاڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلاردا) ئەيدىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى خېلىلا ئېغىر بولۇپ، شۇ جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ھاياتلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا غايەت زور خىرس ئېلىپ كەلگەن. ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەرىكىتىنى قاناتيايدۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇپ قالغان.
       ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتنىشىشقا پائال يېتەكلىشىگە ئەگىشىپ، سەھىيە تارماقلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش شەرتى ئاستىدا، دىنىي تەشكىلاتلارنى قاتناشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان. بەزى جايلاردا دىنىي تەشكىلاتلار ھەرىكەتكە كېلىپ، شۇ جايدىكى سەھىيە، كېسەللىك كونترول تارماقلىرى بىلەن بىرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالدىنقى سېپىگە ئۆتكەن. مەسىلەن، يۈننەن شىشۇاڭبەننادىكى «بۇددا نۇرى ئائىلىسى»، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيىسى، قورغاس ناھىيىسىنىڭ دىنىي ساھەدىكى ۋەكىللىرى، نىڭشىيا ۋۇجوڭ شەھىرىدىكى شەرقى چوڭ مەسچىتى «ھىلال ئاي مېھىر-شەپقەت ئۇيۇشمىسى»، يۈننەن شاديەن چوڭ مەسچىتى قاتارلىقلار.
       دىنىي تەشكىلاتلار ئىچىدە، مەسچىتلەرنىڭ قاتنىشىشى پەۋقۇلئاددە ئىجابىي ئەھمىيىتى ئىگە بولغان. مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا، مەسچىت مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەسچىت مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار مەسچىت ۋە ئۇنىڭ دىنىي مەدەنىيەت ئالامەتلىرىنى تەبىئىي ھالدا ھېس قىلىدۇ، مەسچىت مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنى ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش بوشلۇقى. مەسچىت دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق، ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە غايەت زور رول ئوينىغان. مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە ئىمامنىڭ ئالاھىدە تەسىر كۈچى بولغانلىقتىن، مەسچىتتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى دىنىي تەشكىلات ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىت قانۇن-سىياسەتلىرىدىن تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسى ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

        ئابروي-ئىناۋىتى يۇقۇرى دىنىي داھىيلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ھەرىكىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، دىنىي داھىي ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق ئىلمىي ساۋاتلارنى دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشسا، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىدىغان، ئۇنى قوللايدىغان قىلغىلى بولىدۇ.
        1999-يىلى جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى شىنجاڭنىڭ قورغاس ناھىيىسى ۋە يەكەن ناھىيىسىدە دىنىي زاتلار ئارقىلىق مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈرىنى قاناتيايدۇرغان. 2006-يىلىدىن بۇيان، فورد فوند جەمئىيىتىنىڭ ياردەم مەبلىغى بىلەن جۇڭگو پىلانلىق جەمئىيىتى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدە «دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىق سەۋىيىسى ۋە جىنسىي كېسەللىك، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» تۈرىنى يولغا قويغان. قەشقەر ۋىلايىتىدىن ئابدۇقادىر خەتىب داموللامنىڭ دىنىي زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئارىسىدىكى ئابرويى ۋە تەسىرى چوڭ بولۇپ، تۈر باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۇنى تۈر پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا پائال سەپەرۋەر قىلغان. ئۇنىڭ تەسىرى ۋە يېتەكلىشى بىلەن، تۈر ئاپپاراتى ۋە شۇ جايدىكى دىنىي تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىپ، «دىنىي زاتلار كۆپىيىش ساغلاملىقى تەشۋىقات قوللانمىسى»نى تۈزۈپ چىقىپ، دىنىي زاتلار كۇرسى ئاچقان. ستاتستىكا قىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بەش قېتىم دىنىي زاتلار كۇرسى ئېچىلغان،دىنىي زاتلار ۋە ئاممىدىن 406 ئادەم(قېتىم) تەربىيلەنگەن، يېزا بويىچە ٪95 تىن ئارتۇق دىنىي زات تەربىيەلەشكە قاتناشقان.
    مۇسۇلمانلار ئاممىسى دەسلەپتە چۈشەنمىگەن، نومۇس قىلغان بولسا، دىنىي زاتلارنىڭ تەشۋىق قىلىشى نەتىجىسىدە تۈر پائالىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلغان، قاتناشقان. تۈر باھا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈر نۇقتىسىدا دىنىي زاتلارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقى ساۋاتلىرىنى بىلىش نىسبىتى ٪20 تىن ٪90 كە، مۇسۇلمانلار ئامىسىنىڭ بىلىش نىسبىتى ٪10 تىن ٪ 85 كە يەتكەن.
       نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىمۇ «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى مەسچىتلەرگە يەتكۈزۈش»، «بىمارلارغا مېھرىبان بولۇپ، كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش— دىنىي تەشكىلات ھەرىكەتتە» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قاناتيايدۇرغان. مەسچىتلەرنىڭ خەتىبلىرى ئۆزىنىڭ تەسىرى ۋە چاقىرىق كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەۋلۇت ۋە جۈمە نامىزى قاتارلىق دىنىي پائالىيەت كۈنلىرىدە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى دىنىي ئەقىدىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ياش-ئۆسمۈرلەرگە يۈز-تۇرانە تەشۋىق قىلغان. گۇيۈەن شەھەرلىك كېسەللىك كونترول مەركىزى شەھەرلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لىك ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن ب د ت بالىلار فوند جەمئىيىتى تۈرىدىن پايدىلىنىپ، 2009-يىلى 8-ئايدا گۇيۈەن شەھىرى بالىلار فوندى جەمئىيىتى دىنىي زاتلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى تەشۋىقات كۇرسى ئاچقان، ناھىيە-شەھەر مەسچىتلىرىنىڭ ئاخۇنلىرىدىن 127 ئادەم كۇرسقا قاتناشقان.
       گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭخې ناھىيىسى مەملىكەت بويىچە 2- تۈركۈمدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەن. تۈر 2004-يىلى 6-ئايدا رەسمى باشلانغان. تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سەھىيە تارماقلىرى ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەر پەسىلدە بىر قېتىم قەرەللىك ئالاقىلىشىش يىغىن تۈزۈمى ئورنىتىپ، دىنىي زاتلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قاناتيايدۇرۇش جەھەتتە ساقلانغان قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلغان، شۇ ناھىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان دىنىي زاتلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى خىزمىتىنىڭ چارە-ئۇسۇللىرىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلغان. مەسچىتنىڭ ئاخۇنلىرى ئامما جۈمە ۋە نامازغا يىغىلغان چاغلاردا ۋەز ئېيتقاندا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئاممىغا چۈشەندۈرگەن.
        پاكىتلاردىن ئايان بولدىكى، مەسچىتلەر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرىگە قاتناشتۇرۇلغاندا، بۇ تۈرنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يولغا قويۇش تېخىمۇ ئوڭاي بولغان. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرلىرىنى تەشۋىق قىلىش، تەشكىللەش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدا مەسچىتلەر سەھىيە تارماقلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.

    مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 15-نويابىر سانى.

    ئاپتور: جاڭ نىڭ (لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى غەربىي شىمال ئاز سانلىق مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى)

    تەرجىمىدە: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.