ھەجۋىي پاراڭلار

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-16 23:48:23

ھەجۋىي پاراڭلار پەرق مۇخبىر داڭلىق پروفېسسوردىن سورىدى: جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايسى جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغانلىقىنى دەپ باقسىڭىز. پروفېسسور: ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك ...



     

    ھەجۋىي پاراڭلار

     

    پەرق

     

    مۇخبىر داڭلىق پروفېسسوردىن سورىدى: جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايسى جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغانلىقىنى دەپ باقسىڭىز.

    پروفېسسور: ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن دېسەم، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن دەيدۇ، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار خاتىرىسىنى ئېلىپ يېزىشقا باشلايدۇ.

     

     



     

    مەدىكارلىق دەۋرى




     

     

     

    دوختۇر دورا ھايانكىشىگە مەدىكار،

    باشلىق خوجايىنغا مەدىكار،

    مۇتەخەسسىس ئەمەلدارغا مەدىكار،

    ئامانلىق ساقلىغۇچى ساقچىغا مەدىكار،

    شوپۇر قاتناش ساقچىسىغا مەدىكار...

     

     



     

    يالغانچىلىق



     


     

     

    پالچى: يېقىندا ئامىتىڭىز كېلىپ بېيىپ كېتىسىز.

    ئوتياش ساتقۇچى: زەھەرسىز، يېشىل مەھسۇلات.

    دوختۇر: بۇ دورىنىڭ قىلچىمۇ ئەكس تەسىرى يوق.

    سۈت پاراشۇكى ۋاكالەتچىسى: بوۋاقلارغا مەخسۇس ئىشلەنگەن، زەھەرسىز.

    چولپان: ئۇزخېنىمنى ئىچسىڭىز ماڭا ئوخشاش جەلپكار بولىسىز.

    مەكتەپ مۇدىرى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋامى  ٪ 100، دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىمۇ  ٪ 100.

    ئەمەلدار: رايونىمىز(ۋىلايىتىمىز، شەھىرىمىز، ناھىيىمىز، يېزىمىز، كەنتىمىز)نىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى چوڭ ياخشى، ھەممە ئائىلە ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى.

     

     


     

    500 يۈەن




     

    ئۇ ئانىسىنى يوقلاپ بېرىپ قايتىدىغان چاغدا ئانىسىغا 500 يۈەننى تەڭلەپ:

    -بۇنى خەج-خىراجەت قىلارسەن، مەن قايتاي، باشلىق بەك ساقلاپ كەتمىسۇن،- دېدى-دە، ئۇدۇل ئۆيىگە قايتتى. 
    ئايالى ئۆينىڭ ئىچىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتكەن بولۇپ، چىرايى تۇتۇلۇپ كەتكەن ئىدى. 
    -گۇناھىمنى بوينۇمغا ئالىمەن، تارتمىدىكى 500 يۈەننى مەن ئالغان. ئۇ ئۆينىڭ قەرزىنى قايتۇرىدىغان پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن، بۈگۈن مۇھىم بىر باشلىقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. قۇرۇق قول بارسام بولماس،-دېدى ئۇ.

     

     

    تەييارلىغۇچى: ئابلاجان تۇردى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.