يۈز مەشھۇر شەخس

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-16 18:18:00

بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنياغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن بۇ شەخسلەرگە ئۇمۇمى يۈزلۈك باھا بېرىش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋە ئۇنىۋارسال نەزەر دائىرە تەلەپ قىلىدىغان ئىش. ئالدى بىلەن بىز ئۇلارنىڭ كۆپ ق...

    بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنياغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن بۇ شەخسلەرگە ئۇمۇمى يۈزلۈك باھا بېرىش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋە ئۇنىۋارسال نەزەر دائىرە تەلەپ قىلىدىغان ئىش.

       ئالدى بىلەن بىز ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ياۋروپالىق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۈز مەشھۇر شەخس ئىچىدە 11  دىنى داھى ئىچىدە بىرىمۇ بولمىغان  18 نەپەر ئەنگىلىيىلىك بارلىقىنى بايقايمىز. ئارانلا 50مىلىيۇن نوپۇسى بار بىر مىللەتنىڭ دۇنيادا ياشاپ ئۆتكەن نەچچە ئون مىلىيارت ئادەملەر ئىچىدە بۇنچە كۆپ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگەللىشى بىزنى ياۋروپا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئىنسانىيەت تۇرمۇشى كۆرسەتكەن تەسىرىگە قايىل قىلماي قالمايدۇ.

       يەنە شۇنىمۇ ئېيتماي بولمايدۇكى بۇ كىشىلەر تارىختىكى ھەر قايسى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن ئەمەس بەلكى يېرىمىنىڭ دىگۈدەك بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ياشاپ بولغانلار ئىكەنلىكىنى، مىلادىدىن كېيىنكى خېلى ئۇزۇن مەزگىلدە بۇ كىشىلەرنىڭ توختاپ قالغانلىقى ياكى بەكلا ئاز چىققانلىقىنى كۆرىمىز. بولۇپمۇ 18-ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە ياشىغانلار بۇلارنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. ئىنسانلار تۇرمۇشىغا سىياسىدىنمۇ بەكرەك ئىلىم پەننىڭ بىۋاستە تەسىرى بولىدىغان ۋە بۇ تەسىر تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان بولغاچقا تىزىملىكنىڭ تەڭ يېرىمىنى دىگۈدەك كەشپىياتچى-ئالىملار ئىگەللىگەن.

         يەنە بىر قىزىقارلىق بولغىنى يۈز مەشھۇر شەخس ئىچىدە 19كىشى توي قىلمىغان، 26 كىشىنىڭ پەرزەنتى بولمىغان. يەنە باشقا نۇرغۇنلىرىنىڭ پەرزەنتى بولغان بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ ياكى ئىككى ئەۋلادتا نەسلى تۈگەپ كەتكەن. يەنە ئاز دىگەندە ئون كىشى يەللىك بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ بۇ ئادەتتىكى ئونمىڭ كىشىدىن بىرى گىرىپتار بولىدىغان نىسبەتتىن بەكلا يۇقىرى.

      شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى بۇ يۈز كىشىنىڭ ئىچىدە يەتتە ساۋاتسىز بولسىمۇ ئەمما ھەممىسى ئالاھىدە پاراسەتلىك، تالانتلىق ۋە تاللانغان كىشىلەر بولۇپ ھەرگىز ئامىتى بىلەن بۇ قاتارغا كىرىپ قالغان ئەمەس، ئۆتكەن نەچچە مىڭ يىلنى بۇلارسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس، شۇنداق ئىكەن بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە ۋە چۈشىنىپ بېقىشقا ئۇرۇنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق