چەشمىلەر

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-03 16:34:37

ناۋادا ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ مەجبورلىمىساڭ، ئۇنداقتا ئۆزۈڭنىڭ سەرخىللىقىنى مەڭگۈ بىلمەي ئۆتۈپ كېتىسەن؛ ناۋادا ھاياتتىكى سەرخىللاردىن بولماقچى بولساڭ، ئۇنداقتا چوقۇم رىقابەتكە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىل؛ ناۋادا سەن تېزلىكتە سەرخىلغا ئايلانماقچى بولساڭ، ئۇنداقتا رىقا

     
    چەشمىلەر
     
    1
    15 يېشىڭدا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىش تەس كېلىپ ئۆگىنىشنى خالىمىساڭ، 18 يېشىڭدا ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادەم سېنى سۇ ئۈزۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلسا، ئۇنداقتا سەن: «سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيتتىم» دېيىشتىن باشقا جاۋاب تاپالمايسەن؛ 18 يېشىڭدا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش تەس كەلسە، 28 يېشىڭدا ئىنگلىز تىلى بىلىدىغانلارنى ئالىدىغان خىزمەت ئورنىغا دۈچ كەلسەڭ: «ئىنگلىز تىلى بىلمەيتتىم» دەپ بارماق چىشلەيسەن...ھاياتتا ئەنە شۇنداق جاپادىن قاچساڭ، ئۆگىنىشكە ھورۇنلۇق قىلساڭ، ئۇنداقتا ساڭا قەلبىڭنى ھاياجانغا سالغان ئادەم بىلەن كۆڭۈلگە ئوت سالغان خىزمەت ئورنىغا «خوش» دېمەكتىن باشقا يول يوق!
     
    2
    ناۋادا ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ مەجبورلىمىساڭ، ئۇنداقتا ئۆزۈڭنىڭ سەرخىللىقىنى مەڭگۈ بىلمەي ئۆتۈپ كېتىسەن؛ ناۋادا ھاياتتىكى سەرخىللاردىن بولماقچى بولساڭ، ئۇنداقتا چوقۇم رىقابەتكە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىل؛ ناۋادا سەن تېزلىكتە سەرخىلغا ئايلانماقچى بولساڭ، ئۇنداقتا رىقابەتنى ئىزدەپ تاپ؛ ئەگەر راست گەپ قىلماقچى بولساڭ ئۇنداقتا غەيرەت-شىجائىتىڭ ئۇرغۇسۇن؛ ئەگەر راست گەپ قىلماقچى بولساڭ، ئاۋۋال جاسارەتلىك بولۇشقا تىرىش. ئادەم بىلىمنى ئۆگىنىش ئارقىلىق جۇغلىيالايدۇ، سەرخىل ئەركەك بولۇش ئۈچۈن، ئادەم مۈشكۈلات بىلىيىدە بىلەنمىسە تېخىمۇ بولمايدۇ.
     
    3
    ناۋادا ئۆزۈڭ جۈرئەتلىك بولمىساڭ، ئۇنداقتا باشقىلاردىن قەيسەر بولۇشنى تەلەپ قىلما؛ ئۆزۈڭ تاللىغان يول قانچە مۈشكۈل بولسىمۇ، ئۆمىلەپ بولسىمۇ پەللىگە يەت؛ يۈگۈرۈشكە بەل باغلىساڭ، سانسىز قېتىملاپ يىقىلىشتىن خالىي بولالمايدىغانلىقىڭنى، ئەمما ھامان يىقىلىپلا يۈرمەستىن ھامان نىشانىڭغا يېتەلەيدىغانلىقىڭنى، ناۋادا يىقىلىپ چۈشسەڭمۇ كۈلۈپ ئورنىڭدىن تۇرالايدىغانلىقىڭنى چوقۇم بىل!
    پەرھات مەمەت تەرجىمىسى
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.