مەركىزىي ئاسىيا بىلەن شىمالىي ياۋروپانىڭ تارىخىي دىئالوگى

يوللىغۇچى : ehsan يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-24 01:09:49

مەركىزىي ئاسىيا بىلەن شىمالىي ياۋروپانىڭ تارىخىي دىئالوگىئەسئەت سۇلايماننىڭ 《ئۆزلۈك ۋە كىملىك》 ناملىق كىتابىدىن ئۈزۈندە يېڭى يىلنىڭ 3 - كۈنى دانىيىدىكى ئىككى ھەپتىلىك سەپىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇ...



     مەركىزىي ئاسىيا بىلەن شىمالىي ياۋروپانىڭ تارىخىي دىئالوگى

    ئەسئەت سۇلايماننىڭ 《ئۆزلۈك ۋە كىملىك》 ناملىق كىتابىدىن ئۈزۈندە

     

      يېڭى يىلنىڭ 3 - كۈنى دانىيىدىكى ئىككى ھەپتىلىك سەپىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ستوكھولمغا قايتىپ كەلدىم. شۋېتسىيىدە ھاۋا تېخىمۇ سوۋۇپ كەتكەنىدى. كۈندۈزلىرى ئالدىراش ئىشلىسەممۇ ھەر كەچقۇرۇن ھېنرىكسدال تېغىدىكى ئۆيۈمگە قايتىپ كەلگەندە ھامان بىر خىل قۇتۇلغىلى بولمايدىغان يالغۇزچىلىقنى ھېس قىلماقتا ئىدىم. يانۋارنىڭ 8 - كۈنى قىشلىق كانىكۇل ۋاقتى ئاخىرلىشىپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا رەسمىي ئوقۇش باشلاندى. مەنمۇ ئىلگىرىكىدەكلا نورمال خىزمىتىمنى باشلىدىم.

       گۇننار ياررىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا كۇتۇپخانىسىغا قالدۇرغان زور ھەجىمدىكى ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تۈركىي تىللىرىدىكى كىتاب - ماتېرىياللىرىنىڭ كاتولوگىنى ئىشلەپ تۈگەتكەن بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ رەتلەشكە تېگىشلىك باشقا ماتېرىياللىرى تېخى ئالدىمدا دۆۋىلىنىپ تۇراتتى. بىرگىت خانىم ماڭا مارت ئېيىدىن باشلاپ ئۆتۈلىدىغان «ئۆزبېك تىلىدا گەپىرىش (سۆزلىشىش)» دەرسىمنى باشلاشتىن بۇرۇن گۇننار ياررىڭنىڭ باشقا شەخسىي ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. شۇنداق قىلىپ بۇ كۆڭۈللۈك ھەم ئىنچىكە ئىشقا تۇتۇش قىلدىم.

    نەچچە ئون ساندۇققا قاچىلانغان بۇ شەخسىي ماتېرىياللار ئىچىدە، گۇننار ياررىڭنىڭ تۈرلۈك گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ماقالە ۋە ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىلىرى، باشقىلار بىلەن يېزىشقان خەت - چەكلىرى، نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنىڭ تېكىستلىرى، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ھەر خىل تىللاردا ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى، فوتو سۈرەتلەر، سىزما سۈرەتلەر ھەمدە بىر قىسىم يىغما بۇيۇملار بار ئىدى. مۇشۇ ماتېرىياللارنى رەتلەۋېتىپ قولۇمغا شۋېتسىيە بىلەن مەركىزي ئاسىيانىڭ    18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىغا دائىر بىرقانچە پارچە ماتېرىيال چىقىپ قالدى. مەن ئىش ئارىلىقىدا بۇ ماتېرىياللارنى زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. گۇننار ياررىڭنىڭمۇ بۇ ھەقتە يازغان بىرقانچە پارچە ماقالىسىنى كۆرۈپ چىقتىم. كېيىن پادىشاھلىق كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان 18 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى شۋېتسىيە تارىخىغا دائىر تارىخىي ھۆججەتلەر ئىچىدىن بۇنىڭغا دائىر بەزى بايانلارنى كۆرۈپ چىقىپ، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئېرىشتىم. شۇڭا بۇ يەردە ئۆزۈم ئېرىشكەن بۇ تارىخىي ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىم دەپ قارىدىم.

       مەشھۇر دىپلومات، دۇنياغا داڭلىق تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ شۋېتسىيىلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەت ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «شىمالىي ياۋروپادىكى بىر كىچىك دۆلەت بىلەن جۇڭگونىڭ يىراق غەربىي قىسمىدىكى ئۇزاققىچە بېكىك ھالەتتە تۇرغان ئەڭ چوڭ ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى كىشىلەرنى تەئەججۈپلەندۈرۈشى مۇمكىن. ۋەھالەنكى، بۇ بىر تارىخىي رېئاللىق. بۇ خىل مۇناسىۋەتلەر ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇشتىن خېلى مەزگىللەر ئىلگىرىلا باشلانغان.»[1]

    ياۋروپادا 18 - ئەسىردىن بۇيان يېزىلغان ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر بەزى كىتابلاردا شۋېتسىيە بىلەن تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمىي شەھەر قەشقەر ئوتتۇرىسىدا بىر خىل رىۋايەت تۈسىنى ئالغان سىرلىق مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە خاتىرىلەر ئۇچرايدۇ. بۇ خاتىرىلەرنىڭ قانچىلىكئىلمىي ئاساسى بارلىقىغا تېخى ھېچكىم ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمىسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدۇ، ئەلۋەتتە. 1710 - يىلى فرانسىيە شەرقشۇناسى پېتىس دېلا كروكس Petis dela Croix)) «چىڭگىزخاننىڭ تارىخى» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىدۇ. 1772 - يىلى مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنىدۇ. كىتابتا كروكس ماركو پولونىڭ ئۆز دەۋرىدە قەشقەرنى زىيارەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ھەمدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق بىر يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «شۋېتلارنىڭ ئەجداتلىرى يىراق مەركىزىي ئاسىيادىكى قەشقەرىيىدىن كەلگەن.»[2]مايور تود 19 -ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى ھىندىستاندىكى راجاستانلىقلار ھەققىدە بىر كىتاب نەشر قىلغان. ئۇ بۇ كىتابىدا قەدىمكى سكاندېناۋىيىلىكلەر بىلەن راجاستانلىقلارنىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى شەرھىلىگەن. لېكىن سىر ھېنرى يۇل  (Sir Henry Yule)ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدا يۇقىرىقى قاراشلارغارەددىيە بېرىپ، قەشقەرنى شۋېتلارنىڭ قەدىمكى يۇرتى دېيىش ئەمەلىيەتتە «جۆيلۈگەنلىك » دېگەن.[3]  بىز ئەگەر فرانسۇز ئالىمى كروكسنىڭ «چىڭگىزخاننىڭ تارىخى» ھەققىدىكى كىتابىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كۆرۈپ چىقساق، يۇقىرىقى قاراشنىڭ ئەمەلىيەتتە شۋېتسىيە شەرقشۇناسى يوھان گابرېل سپارۋېنفېلد(Johan Gabriel Sparwenfeldt)تىن كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. كروكسنىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا، ئۇ   1691 - يىلى پارىژدا سپارۋېنفېلد بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. دەل مۇشۇ كىشى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ شۋېتسىيىنىڭ بىر قەدىمكى تارىخنامىسىنى ئوقۇغانلىقى، ئۇنىڭدا يىراق قەدىمكى زاماندا مەركىزىي ئاسىيادا گوتلار دەپ ئاتالغان بىر قوۋمنىڭ قەشقەردىن يولغا چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمانى ئودېن  (Oden)نىڭ باشچىلىقىدا ئەڭ ئاخىرى سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىغا يېتىپ بارغانلىقى بايان قىلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. سپارۋېنفېلد يەنە سكاندىناۋىيىلىكلەرنىڭ ئىلاھىي قەھرىمانى ئودېننىڭ شەرقتىكى تۈركلەر يۇرتىدىن كەلگەنلىكى، يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى ترويا شەھىرىنىڭ تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. 1764 - يىلىغا بارغاندا شۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت شەھىرى لۇندتا پروفېسسور سۋېن لاگېربرىڭ  (Sven Lagerbring)بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، شۋېت تىلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىرى بىلەن مەلۇم باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، يەنى سكاندىناۋىيە رىۋايەتلەردىكى ئىلاھىي قەھرىمان ئودېننىڭ ئاسىيادىن ئۆزى بىلەن بىللە تۈركىي تىللىرىنىڭ بىر قىسىم قەدىمىي سۆزلىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ سۆزلەرنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە سكاندىناۋىيە تىللىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەلۇم تەسىرى بارلىقىنى بايان قىلغان.[4]ئەگەردە مۇشۇ قاراشلارنىڭ مەلۇم ئىلمىي ئاساسىي بار دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇ چاغدا تارىختا ئۇزاق مەزگىل شۋېتسىيىنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرۇپ كەلگەن شىمالىي ياۋروپادىكى فىنلاندىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرىنىڭ «تۈركو» (Turko)دېگەن نامىنىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمىز.

    ياۋروپانىڭ يېقىنقى زامان تارىخى خاتىرىلىرىدە ئۇچرايدىغان يۇقىرىقى كۆزقاراشلار كېيىنچە ئىلىم ساھەسىدە بىر مەزگىل تالاش - تارتىش قىلىنىپ، تەدرىجىي پەسكويغا چۈشۈپ قالغان. گۇننار ياررىڭمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بىزقەدىمكى سكاندىناۋىيىنىڭ ئېپوسلار دەۋرىدە تىلغا ئېلىنغان شۋېتسىيە بىلەن مەركىزىي ئاسىيانىڭ زىچ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى رىۋايەتلىرى قاينىمىدىن ئويغىنىپ رېئاللىققا قايتىپ كەلگىنىمىزدە، شۋېتسىيە بىلەن مەركىزي ئاسىيانىڭ رېئال تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شۋېتسىيە يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئاپەتلىك يىللاردا باشلانغانلىقىنى كۆرىمىز» دەيدۇ[5].

    دەرۋەقە، شۋىتسىيىلىكلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا 18 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا رېئال تارىخىي مۇناسىۋەتلەر باشلانغان. 1709 - يىلى شۋېتسىيە پادىشاھى چارلېسنىڭ ئارمىيىسى پولتاۋا ئۇرۇشىدا رۇسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ. شۇ ۋاقىتقا قەدەر شۋېتسىيە شىمالىي ياۋروپادىكى قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ، ھازىرقى نورۋېگىيە، فىنلاندىيە، دانىيىنىڭ بىر قىسمى، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا ۋە روسىيىنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرى شۋېتسىيىگە تەۋە بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۋېت ئارمىيىسىنىڭ ياۋروپادا بولغان جەڭلەردە «يېڭىلمەس ئارمىيە» دېگەن نامى بولۇپ، كېڭەيمىچىلىك دەۋرىگە كىرگەن رۇس ئارمىيىسى بىلەن شىمالىي ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلىرىنى تالىشىشتا تىركىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتاتتى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا شۋېت ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، ئاساسىي كۈچى پۈتۈن سەپ بويىچە يىمىرىلىدۇ. 14 مىڭدىن ئارتۇق شۋېتسىيە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى رۇسىيىلىكلەر تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رۇسىيىنىڭ يېڭىدىن ئېچىلىۋاتقان سىبىرىيە رايونىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىملىرى رۇسىيە ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ چېگرا رايونلاردا ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا جىددىي كېڭەيمىچىلىك دەۋرىگە كىرگەن چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئوردا مالىيىسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدىكى ئالتۇن كانلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخنىكا جەھەتتىن رۇسلاردىن كۆپ ئۈستۈن بولغان شۋېت ئۇرۇش ئەسىرلىرىدىن پايدىلانماقچى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم شۋېت ئوفىتسېرلىرى رۇسلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئېكىسپېدىتسىيە ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقىغا قۇم ئالتۇن كانى تاپقىلى ئەۋەتىلىدۇ.

    ۋەھالەنكى، بۇ ئېكىسپېدىتسىيە ئۆمىكى ئۆز دەۋرىدە شىمالىي شىنجاڭغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقان جۇڭغار قالماقلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. قالماقلار ئۇلارنى ئىلى ۋادىسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ مەركىزىي قارارگاھىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى شۋېتسىيە ئارمىيىسىدە توپچى قىسىملارنىڭ قوماندانى بولغان مايور يوھان گۇستاف رېنات , Johan Gustaf Renat)1682-1744)مۇ بار بولۇپ، ئۇ رۇسلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتىگە باش تېخنىك بولۇپ كەلگەنىدى. جۇڭغار قالماقلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە مايور رېناتنىڭ ئايالى، توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنى ياخشى بىلىدىغان برىگىتتا شېرزېنفېلت خانىم , Brigitta Scherzenfeldt)1684-1735)مۇ بار ئىدى. تۇتقۇنلار ئىلىدىكى جۇڭغار قالماقلىرىنىڭ باش قارارگاھىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، مايور رېنات ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ھەمدە تېخنىكا جەھەتتىكى قابىلىيىتى سەۋەبىدىن قالماق خاننىڭ نەزىرىگە چۈشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىلىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان يېڭى تۇتقۇنلۇق ھاياتى باشلىنىدۇ. مايور رېنات ئىلىدا تۇرۇپ قالماقلار ئۈچۈن شۋېتسىيىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىنى نامايىش قىلىدۇ ھەمدە زەمبىرەك ياساپ سىناق قىلىپ جۇڭغار قالماقلىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۆز دەۋرىدە شۇنچە كۆپ زېمىنلارنى بېسىۋالغان، يەركەننى مەركەز قىلغان سەئىدىيە خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغان جۇڭغار قالماقلىرىنىڭ ئۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان زەمبىرەكنى تېخى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشى ئىدى.

       رېناتنىڭ ئايالى برىگىتتا خانىم توقۇمىچىلىق ۋە تىكىمچىلىك جەھەتتىكى ئۇستا ماھارىتى بىلەن قالماق خاننىڭ قارارگاھىدىكى خاتۇن ۋە مەلىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. شۇ يىللىرى ئىلىدىكى جۇڭغار قالماقلىرىنىڭ شاھزادىسى يەركەن بېگىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالماقچى بولىدۇ. برىگىتتا خانىم قالماق خاننىڭ پەرمانى بىلەن شاھزادىنىڭ يەركەن بېگىنىڭ قىزى بىلەن بولىدىغان تويىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ ئىلىدىن يەركەنگە بارىدۇ. بۇ 1720 - يىللاردىكى ۋەقە بولۇپ، برىگىتتا خانىم تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ياۋروپالىق (جۈملىدىن شۋېتسىيىلىك)ئايال ھېسابلىنىدۇ[6].

    شۇ قېتىمقى يەركەن سەپىرى برىگىتتا خانىمدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىۋالىدۇ. بولۇپمۇ يەركەننىڭ يىپەك توقۇلما بۇيۇملىرى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. يەركەن بېگىنىڭ قىزىنى شاھزادىگە قوشۇپ ئىلىغا يولغا سالغاندىن كېيىن، برىگىتتا خانىم قالماق خاننىڭ رۇخسىتى بىلەن يەركەندە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ پىلە قۇرتىدىن مەشۈت يىپ چىقىرىش ھەمدە ئەتلەس ۋە باشقا يىپەك توقۇلمىلارنى توقۇش ئۇسۇلىنى پۇختا ئۆگىنىدۇ. ئاندىن يىپەك توقۇمىچىلىق تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان خوتەنگە بېرىپ بىر مەزگىل تۇرىدۇ. ئۈچ ئايدىن كېيىن برىگىتتا خانىم خوتەندىن يىپەك رەخت ۋە گىلەم توقۇيالايدىغان نەچچە ئون ئۇيغۇر قىز - يىگىتنى ئېلىپ ئىلىغا قايتىدۇ.

    رېنات ۋە ئۇنىڭ ئايالى برىگىتتا خانىم ئىلىدىكى 17 يىللىق تۇتقۇنلۇق ھاياتىدىن كېيىن، يەنى 1733 - يىلى  شۋېتسىيىگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.بۇ ۋاقىتتا قېرى خان ئۆلۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا شاھزادە جۇڭغار قالماقلىرىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغانىدى. يېڭىدىن تەختكە چىققان خان ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئۇزۇن يىللىق خىزمىتى ۋە ساداقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا ھۆرلۈك بېرىدۇ ھەمدە نۇرغۇن قىممەتلىك سوۋغا - سالاملار بىلەن يولغا سالىدۇ. قايتىش سەپىرىدە ئۇلار قالماق خاننىڭ رۇخسىتى بىلەن يىپەك توقۇيالايدىغان خوتەنلىك ئوننەچچە ئۇيغۇر خىزمەتكارنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە شۋېتسىيىگە ئېلىپ قايتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىك ۋەتىنىگە قايتىش سەپىرى باشلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇلار ئىلىدىن ئايرىلىپ رۇسىيە تەۋەسىگە يېتىپ بارغاندا يەنە رۇسلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ رۇسىيىدە بىرقانچە يىل تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇزۇن ۋە جاپالىق قايتىش سەپىرىدە بۇ خىزمەتكارلارنىڭ كۆپ قىسمى كېسەل بولۇپ ئۆلۇپ كېتىدۇ. 1737 - يىلى ئۇلار مىڭ بىر جاپا - مۇشەققەتلەر ئىچىدە ئاخىرى ھايات قالغان ئۈچ نەپەر خوتەنلىك خىزمەتكار قىزلارنى ئېلىپ ستوكھولمغا يېتىپ  بارىدۇ. ئۆز دەۋرىدىكى شۋېتسىيە تارىخ ماتېرىياللىرى ۋە ئارخىپلىرىدا بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر قىز Cottonske Esclavarدەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، گۇننار ياررىڭ بۇنى «خوتەنلىك دېدەك قىزلار» دەپ ئىزاھلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۈچ قىزنىڭ ئىسىملىرى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئۆز دەۋرىدىكى شۋېتچە ئارخىپلاردا «ئالتۇنقىز»(Altunkiz)، «يامانقىز»(Yamankiz)ۋە «سارە»(Sara)دەپ خاتىرىگە ئېلىنغان. ئۇلار ستوكھولمغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چېركاۋدا چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەممىسىگە شۋېتچە ئىسىم قويۇلىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە شۋېت ئارخىپلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتلار قالدۇرۇلمىغان.[7]  نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ئۈچ نەپەر قىز 18 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا تارىم ئويمانلىقىدىن  شۋېتسىيىگە يېتىپ بارغان تۇنجى ئۇيغۇرلار ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن 250 يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار شىمالىي ياۋروپادىكى بۇ دۆلەتتە پەيدا بولۇشقا باشلىغان.[8]

       تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، مايور رېنات قايتىشىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تۇنجى خەرىتىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە شۋېتسىيىگە ئېلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ھازىر بۇ خەرىتە ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. بۇ خەرىتە ھازىرغا قەدەر مۇھىم قىممەتكە ئىگە بولۇپ، شۋېتسىيىلىكلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ياۋروپالىقلارغا نىسبەتەنمۇ مەركىزىي ئاسىيا ھەققىدە ئېرىشكەن ئەڭ دەسلەپكى خەرىتىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

       شۇ دەۋرلەردىكى يەنە بىر شۋېتسىيىلىك ئۇرۇش ئەسىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىمۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. بۇ كىشىنىڭ ئىسمى فىلىپ يوھان فون ستراھلېنبېرگ (Filip Johan von Strahlenberg)بولۇپ، ئۇمۇ پولتاۋا ئۇرۇشىدا رۇسىيىلىكلەر تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سۈرگۈنلۈك ھاياتى داۋامىدا ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى جۇغراپىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىغا سەرپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ سىبىرىيىدىكى تۈركىي تىللىرى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلىرى كېيىنچە ياۋروپا شەرقشۇناسلىرىنىڭ تۈركولوگىيە جەھەتتىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ باشلىنىشىغا ئاساس يارىتىدۇ.   1730- يىلى ستوكھولمدا ئۇنىڭ بىر گېرمانىيىلىك جۇغراپىيىشۇناس بىلەن بىللە ئىشلىگەن «سىبىرىيە قامۇسى» نەشر قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا شىمالىي ئاسىيانىڭ تەپسىلىيي خەرىتىسى قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىمۇ بۇ خەرىتىگە كىرگۈزۈلگەن.[9]

    شۇنىڭدىن كېيىن خېلى ئۇزاق زامانلارغىچە شۋېتسىيە بىلەن مەركىزىي ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. ئارىدىن 150 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 19 - ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرىكى چارىكىگە بارغاندا ئاندىن بۇ خىل جىمجىتلىق ئاخىرى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ.

     

     [1]Gunnar Jarring, The Uyghurs of Xinjiang: Their Place in Swedish History and Research, Journal of Institute of Muslim Minority Affairs, Vol. 12: 1, Jan., 1991, pp. 105-113

    [2]Gunnar Jarring, Swedish relations with Central Asia and Swedish central Asian Research, Asian Affairs, No. 61, London, 1977; 贡纳尔·雅林:《瑞典与中亚的关系及瑞典的中亚研究》,《重返喀什噶尔》,新疆人民出版社,乌鲁木齐,1999

    [3]Gunnar Jarring, ibid.

    [4]Gunnar Jarring, ibid.

    [5]Gunnar Jarring, ibid.

    [6]Gunnar Jarring, ibid.

    [7]Gunnar Jarring, A Swedish lady at the southern Silk Road in the early 18thcentury, Türk Kültürü Araštirmalari, Ankara Üniversitesi Basimevi, Ankara, 1986

    [8]كۈزىتىشلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار 1990 - يىللاردىن باشلاپ شۋېتسىيىگە كۆچمەن سۈپىتىدە كېلىشكە باشلىغان، ھازىرغا قەدەر شۋېتسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 350 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ياشىماقتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستانقاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلار ئىكەن. شىنجاڭدىن كەلگەن ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىكەن.

     

    [9]Das nord – und ostliche Theil von Europa und Asia, Stockholm, 1730; (Reprint: Szeged, Hungary, 1975); English translation: An Historico-geographical Description of the North and Eastern Parts of Europe and Asia, London, 1738 (Reprint: New York. 1970) 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.