كۆيگەن يامانمۇ ، كۆنگەنمۇ ؟

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-20 02:57:54

«كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسى ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق بىر قىزىقارلىق تەجرىبە ئىشلىگەن: بىر تال پاقىنى ئالدى بىلەن قازاندىكى قايناۋاتقان سۇغا سالغان...

    «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسى

     

           ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق بىر قىزىقارلىق تەجرىبە ئىشلىگەن: بىر تال پاقىنى ئالدى بىلەن قازاندىكى قايناۋاتقان سۇغا سالغان، پاقا دەرھال كۈچەپ بىر سەكرەپلا قازاندىن چىقىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان. ئاندىن يەنە شۇ پاقىنى سوغۇق سۇ ئېلىنغان قازانغا سالغان ھەم قازانغا سۇس ئوت قالاپ سۇنى ئاستا-ئاستا ئىسسىتقان، بۇ چاغدا باشقىچە بىر ئەھۋال كۆرۈلگەن، يەنى پاقا قازاندىكى سوغۇق سۇدا بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرگەن. بىراق بىردەمدىن كىيىن قازاندىكى سۇ تىمپۇراتۇرسى راسا ئۆرلىگەندە بولسا پاقا قىزىق سۇ ئىچىدە جىمجىتلا ئۆلۈپ قالغان. مانا بۇ دۇنياغا مەشھۇر «پاقىنىڭ ئىسسىقلىق ئېففېكتى» دېگەن تەجرىبە.

       نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇنى تەتقىقاتچىلار مۇنداق تەھلىل قىلغان:
    پاقىنىڭ بىرىنچى نۆۋەت ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالالىشىدىكى سەۋەب- پاقا دەسلەپتە قىزىق سۇنىڭ كۈچلۈك غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاچقا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، قازاندىن سەكرەپ چىقىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغان.

     ئىككىنچى قېتىمدا بولسا قازاندىكى سۇ سۇس ئوتتا ئاستا-ئاستا ئىسسىتىلىپ قىزىق سۇنىڭ كۈچلۈك غىدىقلىشىغا ئوچرىمىغاچقا پاقا سۇ تىمپۇراتورسىنىڭ ئۆرلىشىگە پەيدىن پەي ماسلىشىپ، بارا-بارا ئىسسىق سۇ تېمپېراتۇرسىغا كۆنۈپ قالغان، شۇڭا سۇ تېمپۇراتورسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەۋاتقانلىقىنى تۇيماي، ھوشيارلىقىنى يوقىتىپ، ئىسسىق سۇدا راھەتلىنىپ ئۈزگەن ھەم سەكرەپ قېچىشنى ئويلىمىغان. سۇ تېمپېراتۇرىسى بارغانسېرى ئۆرلەپ، پاقا خەتەرنى «ھېس» قىلىپ، قېچىشنى خىيال قىلغاندا بولسا ئاللىقاچان ھالسىزلىنىپ سەكرەپ قېچىشقا مادارى قالماي جېنىدىن ئايرىلغان.

        ئەجدادلىرىمىز ھەقىقەتەن بەكمۇ ئەقىللىق. ئۇلار ئامېرىكا ئالىملىرىدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا بۇ يەكۈننى چىقىرىپ بىزگە:«كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» دېگەن ماقالىنى قالدۇرغان. شۇڭا مەن بۇ تەجرىبىنى «كۆيگەن يامانمۇ،كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسى دەپ ئاتىساق تېخىمۇ ئوبرازلىق بۇلارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.

       خوش، ئۇنداقتا سىز بۇتەجرىبىدىن قانداق ھېسلارغا كەلدىڭىز؟ نېمىلا دېگەن بىلەن بىزمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەۋلادى، بىزگە ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى ئازراق بولسىمۇ ئىرسىيەت قالغان. بىز گەرچە ئۇلاردەك ئۆلمەس ھېكمەتلەرنى يەكۈنلەپ چىقالمىساقمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇلار بىزگە قالدۇرغان ھېكمەتلەرنى ئۆزىمىزگە، تۇرۇشىمىزغا توغرا تەدبىقلاشنى بىلمىسەك بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولماسمۇ؟

     

        ئالدى بىلەن مەن ئۆزەم ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ بېرەي، بەلكىم سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقىپ قالار.
    1. باشقىلار سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزغا ياكى  تەلىپىڭىز قوشۇلمىغاندا، ئورۇنلۇق تەكلىپىڭىزنى رەت قىلغاندا بەل قويۇۋەتمەك.  «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسىنى ئويلاپ، قارشى تەرەپكە مەقسىتىڭىزنى جاھىللىق بىلەن بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇنى قورقۇتۇپ قاچۇرىۋەتمەي، «سۇنى ئاستا-ئاستا ئىسسىتىپ»، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا ھەر تەرەپتىن تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ئاساستا قايىل قىلىڭ.

    2. يېڭىدىن تونۇشقان قىز (ئوغۇل) دوستىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىزدىمۇ يەنە شۇ «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسىنى ئويلاڭ. ھەرگىزمۇ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ياكى ئىچ ئاغرىتىش قاتارلىق ھېسياتلار بىلەن قارشى تەرەپنىمۇ ئۆزىڭىزنىمۇ ئالداپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان، كەينىگە يانغىلىمۇ  بولمايدىغان، ئالدىغا مېڭىشقا تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىپ ھەر ئىككەيلەنگە بىھۇدە كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ.

    3. كىچىك بالىلاردا بەزىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ چوڭلارنىڭ پايدىلىق، ئورۇنلۇق تەكلىپلىرىنى ۋە ياخشى كۆڭۈللىرىنى، گۈزەل ئارزۇلىرىنى چۈشەنمەي رەت قىلىدىغان، بىغەرەزلىك قىلىپ چوڭلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ھەرگىزمۇ ئالدىراپ بالىلارغا چېچىلماڭ ياكى بالىلارنىڭ خاھىشىغا شەرتسىز بويسۇنۇپ بالىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەڭ. «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسىنى يادىڭىزدا چىڭ تۇتۇپ، ئالدىراپ كەتمەي سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بالىنى تەربىيىلەش بالىنى كونترول قىلىۋېلىش بولماستىن ئۇنىڭغا ئۆزىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا بالىلار ئورۇنلۇق تەكلىپلىرىڭىزنى رەت قىلىپ قائىدىگە بوي سۇنۇشتىن باش تارتسا، ئالدى بىلەن سەۋرچانلىق بىلەن بالىڭىزغا قائىدىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى، قائىدىگە بويسۇنمىسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى كونكرېت چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئاستا-ئاستا بۇ قائىدىلەرنى قوبۇل قىلدۇرۇڭ.

    بالىڭىزغا قائىدە سۆزلىگەندە نېمىنى قىلماسلىقنى تاپىلىغان ۋاقىتتا نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقىنىمۇ دەپ بېرىڭ. بالىڭىزغا تاللاش ھوقۇقى بېرىڭ. مەسىلەن: ئۆيدە پۇتبول ئوينىسا بولمايدىغانغانلىقىنى ئەمما سىرتتىكى مەيداندا ئوينىسا بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار. ئاچچىقلىشىپ قالغاندا بالىنى جىمجىت قويۇپ كەيپىياتى ياخشىلانغاندا ئاندىن سۆزلىشىڭ. ھەرگىزمۇ مەن نېمە دېسەم سەن شەرتسىز بويسۇنۇشۇڭ كېرەك دەپ جاھىللارچە مەجبۇرلىماڭ.
    بالىڭىز زادى گەپ ئاڭلىمىغاندا بالىنى باشقا جايلارغا ئاپىرىپ ئاچچىقى كەلگەن ئورۇندىن بالىنى يۆتكىۋېتىپ كەيپىياتى ئەسلىگە كەلگەندە ئاندىن قايتىدىن چۈشەندۈرۈڭ.

    بالىغا بەزىدە مۇۋاپىق يول قويۇڭ. مەسىلەن: بالا ئويۇندىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەندە ئۇنىڭغا بەش-ئون مىنۇت ۋاقىت چېكى بەلگىلەپ ئوينىۋېلىشىغا يول قويۇڭ. گەرچە بالىلار كىچىك بولسىمۇ ئۇلارنى چوڭلار نېمە دىسە شۇنى شەرتسىز ئورۇنلايدىغان ماشىنا ئادەم دەپ قارىماڭ. ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.
    بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەي، بالىدا ئازراق ئىلگىرىلەش كۆرۈلسە ھەرخىل شەكىللەردە مۇكاپاتلاپ ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈڭ. مەسىلەن: ۋاقتىدا كارىۋاتقا چىقىپ يېتىشقا ئۇنىمايدىغان بالىغا ھەركۈنى ۋاقتىدا كارىۋاتقا چىقىپ يېتىشنى ھەپتە داۋاملاشتۇرسا بىرەر ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىشكە، بىر ئاي داۋاملاشتۇرسا باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلىشكە ۋەدە بىرىڭ. ۋاقتىدا كارىۋاتقا چىقىپ يېتىشقا ئۇنىمىغان ۋاقىتلاردا جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەي بىرەر قېتىم ۋاقتىدا چىقىپ ياتقان ۋاقىتلاردا ئوبدان مۇكاپاتلاپ ياكى ماختاپ قويۇڭ.

    بالىلارغا قائىدە چۈشەندۈرۈۋاتقاندا ئاچچىقلانماڭ، سەۋرچان بولۇڭ، ئۆزىڭىزنى بالىڭىزغا قارشى تەرەپتە قويىۋالماي، مەسىلىنى سىزنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭمۇ بالىڭىز بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىڭىزنى، بالىڭىز تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىڭىزنى لېكىن قائىدىگە سىزنىڭمۇ ئامالىڭىز يوقلىقىنى، قائىدىنى ھېچكىمنىڭ بۇزۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتىڭ. مەسىلەن: بالا سىرتتىكى ئويۇنغا قىزىقىپ، ئۆيگە قايتىپ تاماق يېيىشكە ئۇنىمىغاندا، ئۇنىڭغا: « سىنىڭ يەنە بىردەم ئوينىغىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، بولسىغۇ يەنە بىردەم ئوينىۋالساڭ بۇلاتتى، لېكىن تاماق پىشىپ قالدى، تاماقنى ۋاقتىدا يېمىسەڭ بولمايدۇ. تاماقنى يەۋېلىپ ئاندىن ئوينا!» دەپ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئەگرى ئۆسكەن كۆچەتنى ۋاقتىدا تۈزلىمىسىڭىز كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، لېكىن تۈزلەيمەن دەپ قوپاللىق بىلەن قايرىپ سۇندۇرۇپ قويسىڭىز تېخىمۇ بولمايدۇ. «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسى سىزنىڭ بۇ زىددىيەتلەرنى ئەپچىل ھەل قىلىشىڭىزنىڭ ئوبدان چارىسى.

    4. «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسى يەنە رەھبىرى كادىرلارغىمۇ بىر كۈچلۈك سىگنال. «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسىنى بۇرۇنلا بىلىۋالغان يامان غەرەزلىك كىشىلەر دەسلىپىدىلا ئۆز مۇددىئالىرىنى ئېيتىپ رەھبىرى كادىرلىرىمىزنى چۈچىتىۋەتمەستىن، رەھبىرى كادىرلار بىلەن دوستلىشىش، رەھمەت ئېيتىش، ھاردۇق سوراش، ھېيتلاش، بايرامنى مۇبارەكلەش قاتارلىق چىرايلىق ناملار بىلەن  ئۇلارنى ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش، يەپ- ئىچىش سورۇنلىرىغا باشلاپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يېقىنلىشىپ، سوۋغا سالاملار بىلەن يوقلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق رەھبىرى كادىرلىرىمىز بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ، ئاندىن بارا-بارا « سۇ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرىلىتىپ»، ئۇلارنى ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ھالدا پارىخورلۇق، چىرىكلىك،  خىيانەت پاتقىقىغا پاتقۇزۇپ، بەزى ھوشيارلىقى تۆۋەن رەھبىرى كادىرلىرىمىزنى كاردىن چىقارماقتا.
    شۇڭا ھەممىمىزدە بولۇپمۇ رەھبىرى كادىرلاردا ھەردائىم « خەتەر ئېڭى»، سەگەك كاللا بولىشى لازىم. «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسىنى ھەردائىم ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، « سۇ قىزىپ ھالىمىزدىن كەتكۈچە ۋاقتىدا بايقاپ»، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ دامىغا چۈشمەسلىكىمىز، «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسىدە مەغلۇب بولغۇچىلاردىن بولۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.

    5. ھەرقانداق نورمال ئىنسان توغرا خاتانى پەرق ئېتەلەيدۇ. ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ ئەسكى ئادەم بولىشىنى، ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ خەلقنىڭ نەپرىتىگە قېلىشنى ئارزۇ قىلمايدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈن ئارىمىزدا ناچار ئىللەت، ئازغان ئادەملەر تۈگىمەيدۇ؟
    مېنىڭچە بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئىچىملىك، قىمار، ئوغرىلىق، شەھۋانىيلىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر بىلەن دەسلەپ ئۇچرىشىپ قالغاندا، ئەسكى ئادەملەرنىڭ قىزىقتۇرۇش، قورقۇتۇش، ئالداش قاتارلىق ۋاستىلىرىغا تەسلىم بولۇپ، باشقىلارغا قېيىداش، ئۆچ ئېلىش، قىزىقىپ قېلىش قاتارلىق ھېسياتلار بىلەن بۇ ئىللەتلەر ۋە يامان ئادەملەردىن ۋاقتىدا ئۆزىنى تارتماي، بۇ ئىشلارغا بىر-ئىككى قېتىمدىن يولۇقۇپ، بارا-بارا بۇ ئىللەتلەر ۋە يامان ئادەملەر غەيرى، خەتەرلىك بىلىنمەي، ئادەتتىكى ئىشلاردەك بىلىنىپ، بىر-ئىككى قېتىم قىلغانغا ھېچنىمە بولماس دەپ پاتقاققا پېتىپ ئاخىرى قۇتۇلۇپ چىقالماي، پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىمۇ بىر ئانا ئوغلى قوشنىسىنىڭ بىر تال چامغۇرىنى ئوغرىلاپ كىرگەندە ئوغلىنى تەنقىدلەشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ماختىغانلىقى ئۈچۈن ئوغلى چوڭ بولغاندا چوڭ ئوغرى بۇلۇپ دارغا ئېسىلىش ئالدىدا ئانىسىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنى توغرا يولغا باشلىمىغانلىقىدىن ئاغرىنغانلىقىدەك بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ.
    شۇڭا يەنىلا «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسىنى ھەردائىم ئېسىڭىزدە ساقلاپ يامان ئادەم، يامان ئىشلارغا يولۇققاندا كاللىڭىزنى سەگەك تۇتۇپ، يامان ئادەم ۋە يامان ئىشلارنىڭ سىزگە ئادەتتىكى ئىشلار بولۇپ كۆرۈنۈشىدىن، كۆزىمىزگە سىغىپ قېلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە قەيسەرلىك بىلەن قەتئىي داۋاملاشتۇرسىلا  ئۈچ ھەپتە ئىچىدە بىر ناچار ئادەتنى تاشلىغىلى يەنە ئۈچ ھەپتە ئىچىدە بىر ياخشى ئادەتكە ئادەتلەنگىلى بولىدىكەن. شۇڭا يامان ئادەتلەرنى ۋاقتىدا تاشلاپ، ياخشى، ساغلام ئادەت يېتىلدۈرۈڭ. ئىلمان سۇنىڭ راھەتلىكىگە ئالدىنىپ، قايناق سۇدا جېنىدىن ئايرىلغان پاقىنىڭ ئاقىۋىتىگە قېلىشتىن ساقلىنىڭ.

    6. قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىز ياكى كەسپىڭىز ئۆزىڭىزگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىمۇ «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسىنى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش، كېيىن بىر گەپ بۇلار دەپ بىپەرۋالىق قىلىش  بۇلۇپ، ئۆزىڭىزگە ماس كەلمىگەن خىزمەت ۋە كەسىپكە ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ، كېيىن خىزمەتتە ياكى كەسپتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ پۇشايمانغا قېلىشتىن ساقلىنىڭ. ھاياتنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن ئىشلارنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئونۇتماڭ.

    7. ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز سىزنى رەت قىلغاندا ياكى ئالدىنقى 2- مەزمۇندا دېيىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا ھەرگىزمۇ مەيۈسلەنمەڭ، ئالدىراقسانلىق قىلماڭ ھەم ئاھ ئورۇپ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ. يەنە شۇ «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ. قارشى تەرەپكە جاھىللىق بىلەن چاپلىشىۋېلىپ ئۇنى بىزار قىلىۋەتمەي، سىز بىلەن ھېچ بولمىسا داۋاملىق ئادەتتىكى دوست بۇلۇپ ئۆتەشكە بولسىمۇ قايىل قىلىپ، مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاپ، ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىرىنى بىلىۋېلىپ، ئۆزىڭىزنى ئامال بار ئۇنىڭ ياخشى كۆرىشى بۇيىچە ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا ئاستا-ئاستا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈڭ، كۆيدۈرەلمىسىڭىزمۇ ئۇنى ئامال ئۆزىڭىزگە كۆندۈرىۋېلىڭ. ھامان بىر كۈنى ئۇ چوقۇم سىزگە كونىلار: «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟ دەپ بىكار دىمەپتىكەن، قانداق سېھىر ئىشلەتتىڭىزكىن مىنى ئۆزىڭىزگە كۆندۈرىۋاپسىز!» دىمەي قالمايدۇ.

     

    شۇنداق، ئەجدادلىرىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» تەجرىبىسىنى مەن تۇرمۇشىمىزغا مۇشۇنچىلىك تەدبىقلىيالىدىم. ئىشىنىمىزكى سىز تېخىمۇ ئەقىللىق، قېنى سىزمۇ تەپەككۈر يۈرگۈزۈپ بېقىڭ! سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەدبىقلىيالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز!

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر